بېيجىڭدا نەۋرۇز، مېنىڭ مىللىتىم...
-
بېيجىڭدا نەۋرۇز، مېنىڭ مىللىتىم...
ۋاقتى: 2012-03-26 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىمتۈنۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان "نەۋرۇز شادلىقى" سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، تۈمەن مىڭ ھىسلارغا چۆمۈلدۈم، باھار گۈزەل، قىزلار گۈزەل، ناخشىمىز گۈزەل، چولپانلىرىمىز پارلاق، ئاۋازىمىز ياڭراق... سەھنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ 10 نەچچە يىل ئاۋۋال ھاياجانلىنىپ، تەمتىرەپ ئولتۇرۇپ تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالىتىمنى ئەسلىدىم. قېرىپتۇق، شۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلار مانا ھازىر سەھنىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يۈرمەكتە. تەمبۇرنى مەندىن ياخشى چالماقتا، ئاۋازى مەندىن يۇقىرى چىقماقتا. شۇ يىللاردا نومۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان رەھبەرلەردىن سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار تۈگەپ كەتتى، تۇرسۇن ئايۇپ، غوپۇرجان ئابدۇرەھىم قاتارلىق ئۇستالىرىمىز خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىدا ياتماقتا. مانا ئالدىمدا ئەتە ياكى ئۆگۈن كېتىپ قالىدىغان پېشقەدەملەر سەھنىدىكى ياشلارغا ھەۋەسلىنىپ، ياشلىقىنى ئەسلەپ، گۈزەل ھاياتىغا قانماي، ئىچىدىكى ئېغىر ھەسرىتىنى ھېچكىمگە تىنالماي جىممىدە ئولتۇرماقتا. سەھنىدە بىر سادا ئۇلارنى چاقىرماقتا: ئەي قېرىلار، ھاياتلىق بۇ يەردە!يانفوندا كۆرۈش
ئوڭ-سولۇمغا قاراپ قالدىم، ئورۇن تەگمىگەن ئوقۇغۇچىلارزالدىكى ئۆتۈشمە يولدىلا قىستىلىشىپ ئولتۇرۇۋالغان، ئامال يوق، بېيجىدىڭى جىمى ئادەم بىر-بىرىنىڭ دىدارىغا قېنىۋالغىلى، سەنئەتتىن ھوزۇرلانغىلى كەلگەندىكىن بىچارە بالىلارغا ئورۇن تەگمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەممىسىنىڭ چېھرىدە كۈلكە، رازىمەنلىك، قىزغىنلىق... چىمەن دوپپا كىيىپ، چاچلىرىنى تال-تال ئۆرۈۋالغان قىزلار، كانۋاي كۆينەك، بادام دوپپا كىيىۋالغان يىگىتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. سەھنە بىلەن نورۇز ئەھلىنىڭ تەشنالىقى باغلىنىپ كەتكەن، نەگىلا قارسا شادلىق ۋە ھاياجان، نومۇرلار ئېسىل بولسۇن، بولمىسۇن، چاۋاك، قىقاس-چوقانلارئۈزلمەيۋاتقان، ھەممىسىنىڭ قولىدا دېگۈدەك يانفون، ئاپپارات، سەھنىگە توغرىلانغان، بىر يەردە ئۇششاق بالىلار يىغلاۋاتقان، ئەمما تەنتەنە داۋام قىلىۋاتقان... بىر چاغدا بادام دوپپا، كانۋاي كۆينەك كىيىپ گويا ئۇيغۇرغىلا ئوخشاپ قالغان گېرمانىيىلىك يوھان سەھنىگە چىقىپ، راۋان ئۇيغۇر تىلىدا نەۋرۇز ئەھلىنى تەبرىكلىۋىدى، مەيداندىن قىقاس چوقان چىقىپ كەتتى، ئارقىدىن ئۇ "ئەسسالام" دېگەن ناخشىسىنى باشلىدى، بىر قىز سەھنىگە چىقتى، يوھان گويا شۇ قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىۋاتقاندەك، ناخشىسىنى باشلىدى:
ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىرسەم،
ئۆيدە مېھمان ئولتۇرۇر،
قاشلىرى بەرگى قىياقتەك،
كۆزلىرى ئويناپ تۇرۇر...
ناخشا ئارىلىقىدا ئۇ شوخلۇق بىلەن مۈرىسىنى لىكىلدىتىپ، دولانلىق ئۇسسۇلچىدەك ماھارەت بىلەن قىزغا ماسلىشىپ ئۇسسۇل ئوينىۋىدى، ھەممەيلەن چاۋاك ئۇرۇپ قىزغىن ئالقىشلىدى. بىر ئەجنەبىينىڭ بۇ قەدەر ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشى بىزنى ھەيرانلىققا چۆمدۈردى ھەم ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى.
چولپانلاردىن ئەركىن ئابدۇللا "ئىزلىرىڭغا گۈللەر تېرىپ كەل" دېگەن يېڭى ناخشىسىنى تەقدىم قىلدى، "مەن ئۆلەي" دېگەن ناخشىسىنى ئوقۇغاندا، ياسىن جېكسوننىڭ بۇ ناخشىنى چاشقان بىلەن مۈشۈكنىڭ ھېكايىسىگە قىستۇرۇپ دورىغىنى ئېسىمگە كېلىپ، بۇنداق دوراش لاۋزىلىقمۇ ياكى باشقا بىر ئاممىباپ سەنئەتمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بالا چولپان ئەرافات سەھنىگە شەپكە كىيىپ چىقىپ، قىلىق-ھەرىكەتتە گاھ جېكسون، گاھ باشقا دېسكو چولپانلىرىنى دوراپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىككى ناخشا ئېيتتى، كانادالىق چولپان جاستىننىڭ "بېيبى، بېيبي، ئووو بېيبى" دېگەن ناخشىسىنى ئوقۇغاندا سەھنىدىن چۈشۈپ، قىزلارنىڭ چىقىراشلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ سەھنىدىكى تەمكىنلىكى، ھەييارلىقى، ئۇسسۇلغا چەبدەسلىكى، ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشلىرىدىن ئۇنىڭ بارغانچە پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەگەر ئۇ مۇشۇ زېرەكلىكى، مۇشۇ ئاۋازى بىلەن قۇرئان ئوقۇيدىغان بولسا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مۇمكىنكەن دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قالدىم، ئەمما بۇ پەقەت خىيال. يەنە مۇرادىل دېگەن بىر بالىمۇ ناخشا ئېيتتى، بۇ بالىنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر جاراڭلىق، مۇڭلۇق بولۇپ، تۈركىيە ناخشىچىسى ئىمراخنىڭ ئاۋازىدىكى مۇڭلۇق تىترەشنى ئەسلىتىپ قويدى. ئىككى بالىنىڭ داڭقى چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن باشقا ھەر قانداق بالىلارغا ئوخشايتتى، شۇندىمۇ ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ چۇقىرىشىپ كەتكەن بالىلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، چولپانلار بۇتقا، چوقۇنغۇچىلار ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدىغان بۇ ئىللەت زامانىدا ئۆزىنى قەدىرلەش تولىمۇ مۇھىم، تالانتقا ئادەتتىكى سەنئەت بۇيۇمىغا قارىغاندەك قاراپ قويۇش كۇپايە.
مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى بالىلار ئوينىغان "سەن نەلىك" ناملىق ئېتوت تولىمۇ ئاددىي، ئورۇنداش ماھارىتى تازا دېگەندەك بولمىسىمۇ، كۆتۈرۈپ چىققان ئاكتىۋال تېمىسى ھەممەيلەنگە ياقتى، ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر دېگەن كونا، ئەمما تەخىرسىز شوئار ھەممەيلەننىڭ قۇلاق تۈۋىدە قايتا ياڭرىدى، لېكىن قەلبىگە قانچىلىك تەسىر قىلالىشى نامەلۇم.
ئۇستاز ئابدۇرئوپ پولات تەكلىماكانى بۇ قېتىم نەۋرۇزنامە ئوقۇمىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ غىجىكىنى چالالايدىغان بىر چەتئەللىك يىگىت موڭغۇللارنىڭ تۆت خىل كاكىراشلىرىنى دوراپ ناخشا ئېيتىۋاتقاندا ئىچىم پۇشۇپ چىقىپ كەتتى. شادلىق، قىزغىنلىقلىرىممۇ شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. يىللار ئاۋۋال نەۋرۇز پائالىيىتىدىن تارقىغاندا 8-بىناغا ماڭغاچ نېمىگىدۇر مەيۈسلىنەتتىم، ۋاي، ئەتە يەنە دەرس... دەپ غەمگە چۆمەتتىم. ئەمدى بالامنى يېتىلەپ ئۆيگە ماڭدىم، ئوخشاش زال، ئوخشاش ئىشىك، ئوخشاش يول، سەينا ۋە دەرەخلەر... باھارنىڭ كەينىدىن باھار، شامالنىڭ كەينىدىن شامال... قوغلىشىپ، ئۆمرىمىزنى غازاڭدەك ئۇچۇرتۇپ، كۈز پەسلىگە ئاپىرىپ تاشلىماقتا. بىللە ئوقۇغان بالىلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، قىزلار سىلەرچۇ... تالاي ھېس-تۇيغۇلىرىم، ئەسلىمىلىرىم يولبويى ئۆركەش ياساپ ئاقتى، سەھنە گويا ھاياتلىق سەھنىسى، سەنئەت نومۇرلىرى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنىڭ، قەلبىمىزدىكى جىمى نەرسىنىڭ بايانى؛ بەزىدە ئۇنىڭدا ئەسەبىيلىكمۇ، خۇنۇك تەرەپلەرمۇ ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، ئەمما ھەددىدىن ئاشمىغان بولسىلا، تەستىقتىن ئۆتسىلا قوبۇل قىلىپ كۆرىۋېرىمىز. مۇقام، مەشرەپ ناۋاسى، شوخ ناخشا، مۇڭ ناخشا، ئۇيغۇر، قازاق ئۇسسۇلى ، ئانا تىل زارى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسى، مۇساپىرلىق مۇڭلىرى، خىپ خوپ دېسكولىرى، دۇمباق ۋە چاۋاكلار، تەننازلىق جىلۋىسى... رەڭگارەڭ سۈرەت، ئاۋاز، ھەرىكەت، ماھارەتلەر جۇشقۇن ئاڭ ئېقىمىغا ئايلىنىپ، ساق ئۈچ سائەت ئەگىز سۈيىدەك ئاقتى.
مانا شۇ ھېسلىرىمدىن دەمال ئېسىمگە كەلگەنلىرىنى خاتىرە قىلىپ تىركەپ قويدۇم.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسەسىگە نەزەر
2013-02-17 09:20:38550تىل دېگەن نەرسە
2015-08-07 20:09:301418ئادەم بولماق تەس
2016-06-06 09:26:55667جالالىدىن رۇمى مەسنىۋى ھېكايىلىرى
2009-03-28 15:47:581525كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (3)
2011-10-14 07:25:48967دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق
2010-08-03 10:58:06938بىر قىزغا مىڭ كۆز
2012-07-10 18:56:35911تەقۋالىق ۋە ئاجىزلىق
2016-07-29 15:52:29521
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-