ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

ۋاقتى: 2010-08-03 ئاۋاتلىقى: 867 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەلەك شاھىنىڭ قەھرىمانلىقى


 


دارۋازلىق ماھارىتىنى كىچىكىمدە يېزا بازىرىدىكى كىنوخانىدا كۆرۈپ تاڭ قالغانىدىم. ئۇ قايسى دارۋازچى بولغىيدى ئېسىمدە يوق. يىللار ئۆتۈپ، 1997-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسى سەنشىيا بوغۇزىدىن 13مىنۇت 48 سىكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكران 95-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ياراتقان 53مىنۇت 10 سىكونتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغاندا، ئادىل ھوشۇرنى جۇڭگولۇقلار تونۇغاندا، ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتقاندا جامائەت ئۇنى قەھرىمان سۈپىتىدە قارشى ئېلىپ، دەستە-دەستە گۈللەرگە كۆمۈپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەندە، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا بىزمۇ تەڭ ھاياجانلانغان،  دارۋازلىقنىڭ بىزنىڭ قەددىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى كۆتۈرىدىغان، ئوبرازىمىزنى باشقىلارغا تونۇتىدىغان قالتىس تەنتەربىيە ھەم سەنئەت ئىكەنلىكىنى تونۇغانىدۇق،  دارۋازلىق بىلەن قەلبىمىزنىڭ رىشتىمۇ باغلىنىپ كەتكەنىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن قەھرىمانىمىز پۇرسەت ۋە شارائىتنى غەنىمەت بىلىپ، غەيرەت-شىجائەت بىلەن يېڭى-يېڭى جېنس دۇنيا رېكورتلىرىنى يارىتىشقا باشلىدى، 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن تېغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسىغا تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 1399.6 مېتىر، ئىگىزلىكى 436 مېتىر كېلىدىغان پولات سىمدىن 52مىنۇت 10 سىكونتتا مېڭىپ يەنە بىر قېتىم  رېكورت ياراتتى،  شۇ كۈنى نەق مەيداندىن بېرىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدىكى كەيپىيات ناھايىتى جىددىي، ئەنسىز بولۇپ، قۇيۇق تۇمان ۋە سىم-سىم يامغۇر ئىچىدە ”پەلەك شاھى“نى پەقەت كۆرگىلى بولمايتتى، ئاندا-ساندا ئۇنىڭ ئاللاھنى ئەسلەپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ مېڭىۋاتقان ئاۋازىنىلا ئاڭلغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى تۇمان قاپلىۋالغان، پولات ئارغامچا  يانتۇ، ھۆل، تېيىلغاق بولۇپ، مېڭىش ئىنتايىن قىيىن، خەتەرلىك ئىدى.  بۇ پەيتتە ئۇ ھەقىقەتەن جېنى بىلەن ئوينىشىۋاتاتتى،  ھەر بىر قەدىمى شۇنچە ئېغىر، شۇنچە ئېھتىياتچان ئىدى، پاچاقلىرى تىترەيتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدى گويا ئۆلۈمدىن قېچىپ ھاياتلىققا سىلجىيتتى. نىھايەت، ئاللاھ ئۇنى ئەجىلىدىن بۇرۇن ئېلىپ كەتمىدى، ئۇ  ھاڭغا چۈشۈپ كەتمەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قارشى قىرغاققا يېتىپ كەلدى. گۈلچەمبىرەكلەر بوينىغا ئېسىلدى، ئايالى ھاياجاندىن يىغلاپ كەتتى.  مۇخبىرلار ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ئاۋۋال ئۇ پارتىيەگە، خەلققە رەھمەت ئېيتتى.


2002-يىلى ئۇ 16-ئاپرېلدىن 11-مايغىچە جىنخەي كۆلى ئۈستىدە 25 كۈن تۇرۇپ جېنس  رېكورتى ياراتتى، بىزمۇ  ئۇ يەرگە كۆرگىلى باردۇق، ساياھەتچىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، ”پەلەك شاھى“نىڭ بۇ يەردىكى ماھارەتلىرى ئۆتكەنكى خەتەرلىك كەچمىشلىرىدىن كېيىنكى تەنتەنە ئىدى، كۆل ئۈستىدە تارتىلغان پولات سىمدا يۈگۈرۈپ يۈرەتتى، كەينىچىلەپ ماڭاتتى، ئۆزىنى قويۇۋېتەتتى، ئوڭدا ياتاتتى، گاھىدا ئۇسسۇلمۇ ئويناپ قوياتتى.


ۋاقتى ئۆتكەن نام-شۆھرەت


 


ئۇنىڭدىن كېيىن ”پەلەك شاھى“نىڭ ئۇ تاغدا، بۇ جىلغىدا ماھارەت كۆرسىتىپ يەنە يېڭى تۈرلەر بويىچە  جېنس رېكورتى ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق، ئوتتۇرا ئاسىيادا ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئالىم خالىدىننىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىدىن بىلدۇق، خۇشال بولدۇق، پەخىرلەندۇق. ئەمما بۇ پەخىرلىنىش 1997-يىلدىكى پەخىرلىنىشلەرگە ئوخشىمايتتى، قىزغىنلىقىمىز سۇسلاپ كەتكەنىدى. ھەممە نەرسىنىڭ تۇنجى تەسىراتى مۇھىم بولىدىكەن،  بارلىق ھەيرانلىق، قايىللىق، تەنتەنە، ماختاش، مەدھىيە سادالىرى شۇ قېتىمغا مۇجەسسەم بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئىشلار تەكرارلىنىۋەرسە پەيزى قالمايدىكەن.


2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ قاناس كۆلىنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان، 1670 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 436 مېتىر ئىگىزلىكتىكى پولات سىمنىڭ ئۈستىدىن مېڭىپ ئىككى تۈردە جېنس رېكورتىنى ياراتتى، بىراق بۇنىڭ داغدۇغىسى بولمىدى.


2010-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۇ بېيجىڭ ”قۇش چاڭگىسى دۆلەت تەنتەربىيە سارىيى“نىڭ ئۈستىدە 2 ئاي تۇرۇشتەك جېنس رېكورتىنى ياراتتى، بۇمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىسقىچە خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنمىدى، «پالانى ناخشىچى بېيجىڭدا ئويۇن قويغۇدەك» دېگەنچىلىك تەسىر قوزغىيالمىدى.  خەۋەر قىلىنىشىچە، بېيجىڭ خەييى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى  پۇلدار خوجايىنلارغا  بۇ پائالىيەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئېلان بېرىش ھوقۇقىنى تالاشتۇرۇپ سېتىپتۇ. نەتىجىدە خۇبېيىلىق بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى 3مىليون 680مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۇنىڭغا ئېرىشىپتۇ، ”پەلەك شاھى“ مۇئەللەقتە تۇرىدىغان كىچىك ئۆيگە ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چاپلاپتۇ،  پائالىيەت ئاياغلاشقاندا ”پەلەك شاھى“ پەسكە چۈشكەندە ئۇنى تۇنجى قېتىم قۇچاقلاش ھوقۇقىنىمۇ 15مىڭ يۈەنگە سېتىۋاپتۇ، ئاندىن بۇ ھوقۇقنى ئۇنىڭ ئايالى ئىباگۈلگە ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ.


  كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە،  بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ”قۇش چاڭگىسى“ غا كىرگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، كىرگەنلەرمۇ جان پىدالىق بىلەن ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان ”پەلەك شاھى“غا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ باشقا يەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەر كۈنى تۆت مەيدان ئويۇن قويىدىغان ئۇسسۇلچىلىرىمىز ئاپتاپتا قالغان.  ئىگىزلىكتە تۇرىۋېرىش، تەنتەربىيە سارىيىدىكى كەڭ ئېكرانغا قاراۋېرىش تۈپەيلىدىن ”پەلەك شاھى“نىڭ كۆزىدىن چاتاق چىققان، ئارىلىقتا نەچچە قېتىم بېشى ئاغرىپ، پۇتى قاپىرىپ بەك قىينالغان.   «كاللا ئىشلىمىسە پۇت-قولغا ئارام يوق» دېگەننى ھەممە ئادەم  بىلىدۇ، جۈملىدىن بۇ قەھرىمانىمىزمۇ  پۇل بەرسىلا جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئەخمەق ئەمەس، ئۇ   بۇ سودا خاراكتېرلىك تەشۋىقاتنىڭ زور بەدىلىنى تۆلەپ سالامەتلىكتىن زىيان تارتقاندىن كېيىن، ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق پائالىيەت قىلمايدىغانلىقىنى مۇخبىرغا ئاشكارە دەپتۇ،  بارىكاللا دېدۇق.


«ئادىل ھوشۇر قىزغىنلىقى» ھەقىقەتەن ئۆتمۈش بولۇپ قالدى،  بۇنى ئۇ ئۆزى ھەممىدىن بەك ھېس قىلسا كېرەك.  ئۇ ماھارەتتە، چىدام-غەيرەتتە بارغانچە پىشىپ يېتىلدى، بىراق بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇش، تېخىمۇ كاتتا شەرەپ قازىنىشىغا تۈرتكە بولالمىدى.  «پەلەك شاھى» دېگەن نامنى ئالغان بىلەن، جېنس دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگەكۆمۈلۈپ كەتكەن بىلەن داڭقى كونىراپ قالدى، تەسىرى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى، خەلقئاراغا تونۇلۇشتىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا نېمە ئامال، مەسىلە ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، جەمئىيەتتە. ئادەملەرنى باشقا يېڭى-يېڭى ئىشلار، دۇنياۋى ماسابىقىلەر قىزىقتۇرۇپ تۇرىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ كانىيىمۇ شۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ.


40 ياشقا يېقىنلاپ قالغان قەھرىمانىمىز بۇرۇنقىدەكلا  باتۇر، چىدامچان بولسىمۇ، كىشىگە كۈچى، ماھارىتى زايە كېتىۋاتقاندەك، جەلبكارلىقى قالمايۋاتقاندەك، قىممىتى چۈشۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان، «ئەمدى بولدى قىلسىمۇ بوپتىكەن» دېگۈزىدىغان بولۇپ قالدى.  ئەمما ئۇ دارۋازلىق قىلمىسا نېمە ئىش قىلىدۇ؟  نېمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ بۇنىمۇ ئويلاش كېرەك.  يېڭى ئەۋلاد دارۋازچىلارنى تەربىيىلەش، ئەجداد ئۇدۇمىنى داۋاملاشتۇرۇش يەنىلا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى. كىم ئۇنىڭ ئارزۇسى تۈگىدى، ئارمانى قالمىدى دېيەلەيدۇ؟ سەددىچىن سېپىلى، چومۇلاڭما چوققىسى، نىكاراگۇا شاقىراتمىسى… ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.  


 


پەرەڭلەردىن چىققان ئەسەبىي دارۋاز


 


2008-يىلى «دارۋاز»(man on  wire )ناملىق  فىلىم ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ باھالىنىپ، 81-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. فىلمنىڭ باش قەھرىمانى فىلىپ پېتىت فرانسىيىلىك مەشھۇر سېرىكچى، دارۋازلىقتا داڭقى چىققان ”خەتەرلىك سەنئەتكار“ بولۇپ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بېغىغا پولات سىم تارتىپ داردا مېڭىشنى مەشىق قىلىدۇ. 1971-يىلى (يەنى ئادىل ھوشۇر تۇغۇلغان يىلى)  پارىژ دىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ئۈستىگە سىم تارتىپ، قولىغا خادا تۇتۇپ مېڭىپ كوچىدىكى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ، 1973-يىلى  سىدنېي تىياتىرخانىسىنىڭ ئۈستىگە پولات سىم باغلاپ دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقاندا خەقلەر ھاڭۋېقىپ،  كوچىدىكى ماشىنىلار ۋە پىيادىلەر توختاپ كېتىپ، قاتناش توسۇلۇپ قالىدۇ، فىلىپ يەرگە چۈشكەندە ئەرۋاھى ئۇچقان ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ. فىلىپ خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قوشماق بىنا سېلىنىدىغانلىقىنى گېزىتتىن كۆرۈپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ بىنا  ئارىلىقىدا مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.   فىلىپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشىنى ھۆكۈمەتمۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتمۇ قوللىمايتتى، كىمكى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلىسا ئۇنى ساراڭغا چىقىرىۋېتەتتى،  ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى  بىنانىڭ ئىچىگە كىرگىلىمۇ قويمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىگە ھەمكارلىشىدىغان بىر قانچە دوست تېپىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىككى بىنانىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئارىلىقى، پولات سىم باغلىغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى…نى كۆزىتىدۇ،  خەرىتە سىزىدۇ، قاراۋۇللار كىرىپ قالسا مۆكۈۋېلىپ، نەچچە سائەت ساقلاپ يېتىپ ئاران قۇتۇلىدۇ. بىناغا ھەر قېتىم كىرگەندە مۇشۇنداق قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ، دوستلىرى ” بۇنداق ئىگىزلىكتە مېڭىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس، فىلىپ، سەن جېنىڭنى سېلىپ بېرىسەن“ دەپ ئۇنى بۇ ئىشتىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولىدۇ، ئەمما فىلىپ ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي، ”بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم مەيلى“ دەيدۇ.  بۇ سەۋدالىق، بۇ ئەسەبىيلىككە ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە  ئامراق خوتۇنىمۇ چارىسىز قالىدۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئىرادىسىدىن ياندۇرالمايدۇ.  1970-يىلى دۇنيا سودا بىناسى پۈتىدۇ. قوشماق بىنا ئارىسىغا پولات سىم باغلاشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈنلا ئۇلار  بىنا پۈتۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ 6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، فىلىپ ئامېرىكىغا كۆپ قېتىم كېلىپ كېتىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت كۈتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار 1974-يىلى 8-ئايدا دۇنيا سودا بىناسىغا كېچىدە سوقۇنۇپ كىرىپ، ئىككى بىنا ئارىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىم باغلايدۇ. 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى فىلىپ، بۇ پولات سىم ئۈستىدە مېڭىپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ، پەستىكى كىشىلەر بىردىن-ئىككىدىن بولۇپ ئاسمانغا قاراپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئاجايىپ كارامەتكە تاڭ قالىدۇ، ساقچىلار ئىككى بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ فىلىپنى تۇتماقچى بولۇپ تەييار تۇرىدۇ. ئۇ ساقچىلارغا تۇتۇق بەرمەي، ئىككى بىنا ئارىلىقىدا قاترايدۇ. ساقچىلارمۇ بۇ ماھارەتكە ھەيران قېلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ، فىلىپ ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ، ئۇ پولات سىمدا ئۇ ياقتىن بۇياققا 8 قېتىم، جەمئىي  45 مىنۇت ماڭىدۇ، ھېرىپ قالسا پولات سىم ئۈستىدە ئوڭدا يېتىپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ،   450 مېتىر ئىگىزلىكتىكى  پولات سىم ئۈستىدە خادىنى توغرا تۇتۇپ ئوڭدا يېتىشى شۇ قەدەر گۈزەل، مۇكەممەل كۆرۈنۈش بولۇپ،  كۆرگەنلا كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە ھاياجانغا سالىدۇ. ساقچىلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ،  فىلىپ داردىن چۈشكەندە ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ، بۇ ئىش ئامېرىكىنى زىل-زىلىگە سېلىۋېتىدۇ. فىلىپ ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەيبلەشلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ،  ئۆزىنى ”مەن ئىگىزلىكنى بويسۇندۇرغۇچى شائىر “ دەپ ئاتايدۇ.  بۇ ئىش ”ئەسىر خاراكتېرلىق سەنئەتكارلىق جىنايىتى“ دەپ ئاتىلىدۇ. 


بىر مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىچە، ئادىل ھوشۇر ” ئەگەر 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا،   دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئۈستىدىن مېڭىپ باققان بولاتتىم “ دەپ ئەپسۇسلانغان.  تېررورچىلار  بۇ قوشماق بىنانى ۋەيران قىلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالغان.


 


«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»


 


يىللار ئاۋۋال مەرھۇم باتۇر روزى ئادىل ھوشۇرغا بېغىشلاپ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» دەپ بىر رومان يازغانىدى، روماندا ئادىل ھوشۇرنىڭ 36-ئەۋلاد دارۋازچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭ جەددى جەمەتىنىڭ دارۋازلىق ماھارىتى چۆچەكسىمان شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ، دارۋازلىقنىڭ يۈكسەك قاراملىق، جانبازلىق بولۇپلا قالماي، تەن بىلەن روھنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھاياتلىق ۋە ئاخىرەتتىكى ئېغىر سىناقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىدۇ. بىزنىڭ يازغۇچى شائىرلىرىمىز مۇبالىغە قىلىشقا، ئاشۇرۇۋېتىشكە ئاجايىپ ھېرىسمەن، جۈملىدىن باتۇر روزىمۇ داردا مېڭىشنى پىلسىراتتىن مېڭىشقا ئوخشىتىپ زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتكەن. ھەدىستە تىلغا ئېلىنىدىغان پىلسىرات «قىلدىن ئىنچكە، قىلىچتىن ئۆتكۈر» يول بولۇپ، ئىككى ئېگىزلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان پولات سىمغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. 


سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەشھۇر ئۇلىما ئائىز ئەلقەرنى يېقىندا مەشھۇر بولغان  «غەم قىلما» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ”يول ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى مەنىۋى يول، يەنە بىر ماددىي يول. مەنىۋى يول ھىدايەت ۋە ئىمان يولىدۇر. ماددىي يول بولسا قىيامەت كۈنىدىكى پىلسىرات يولىدۇر.  ئىمان يولى شەھۋەت ئېزىتقۇلىرى بىلەن تولغان بۇ دۇنيا ئۈستىگە سېلىنغان، ئاخىرەتتىكى پىلسىرات يولى يانتاق تىكەنلىرىدەك نەشتەرلىك بولۇپ، ئۇ جەھەننەم ئۈستىگە سېلىنغان. بۇ دۇنيادىكى يولدىن ئىمانى بىلەن ئۆتۈپ كېتەلىگەن ئادەم ئۇ دۇنيادىكى يولدىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئىنسان توغرا يولغا كىرسە ئۇنىڭ غەم-قايغۇلىرى ۋە ئەندىشىلىرى يوقايدۇ“.


دېمەكچىمىزكى، بۇ دۇنيادا پولات سىمدىن بىمالال مېڭىپ ئۆتەلىگەن دارۋازلارنىڭ ئاخىرەتتە پىلسىراتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ناتايىن.  بۇ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، ئاندىن قالسا شۇ ئىنساننىڭ ئىمانى ۋە ئەمەلىگە باغلىق.


”پەلەك شاھى“ ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرى ھەر قېتىم داردا ماڭغاندا بەلكىم خەتەرنى، ئۆلۈمنى ئويلاپ ماڭىدۇ، ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيدۇ، چۈنكى ئۆلۈم ئۇلارغا شۇ قەدەر يېقىن، سەللا بىخۇتلۇق قىلسا جېنىدىن ئايرىلىدۇ ياكى ئۆمۈرلۈك پالەچ بولىدۇ. 1990-يىلى  ئادىل ھوشۇر شاڭخەيدە ماھارەت كۆرسىتىۋاتقاندا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ 21 مېتىر ئىگىزلىكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ 17 يېرىدىن سۇنىدۇ ۋە شاڭخەيدە داۋالىنىپ ساقىيىدۇ. بۇ ئايرىم ئەھۋال.  10يىللار ئاۋۋالغۇ دەيمەن، كورلىنىڭ باشئەگىم ۋادىسىدا رەيھانگۇل داردىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇ ھەقتە باتۇر روزى «شۇڭقار بولغان خانىكە» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات يازغان.  «داردىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەنلەر» نى توردىن ئىزدەپ باقسام بىر قېرى چەتئەللىك چىقتى، رەيھانگۇل ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.


دار ئۈستىدە خادا تۇتۇپ مېڭىۋاتقان دارۋازلالا خەتەر ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالمايلى، كەڭ يولدا كېتىۋاتقان، ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان، ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان  ھەر ئادەم ئۆلۈمگە، مۇسىبەتكە شۇنچە يېقىن، پەقەت غەپلەتلا بىزنى ئەللەي ئېتىپ تۇرىدۇ.     


ھەر جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، فەزلى-كەرەمى بىلەن ئۇچىدۇ، ئۇنى ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ.  


ھايات قالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەن دارۋازلار بىزگە ئاخىرەتتىكى پىلسىراتتىن بېشارەت بېرەلمەيدۇ، پەقەت بۇ دۇنيادا ھوش-كاللىمىزنى يىغىپ، تەن بىلەن روھىمىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، غەپلەتتىن يىراق ھالدا تۈز، توغرا مېڭىشىمىزنىڭ  زۆرۈرلىكىنى، شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ پەيزىنى، باتۇرلۇق، قاراملىقنىڭ ئۆزگىچە كارامىتىنى سمۋوللۇق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. 

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى