سۆزلەر ھېكمىتى (5)
-
سۆزلەر ھېكمىتى (5)
ۋاقتى: 2013-09-25 ئاۋاتلىقى: 453 قېتىميانفوندا كۆرۈش
"ئاللاھتىن قورق" دېيىلگەندە، "سەن ئۆزەڭنى بىل" دېگۈچىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمەيدۇ. (بەيھەقى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىنى گەج بىلەن قاتۇرۇشتىن، قەبرە ئۈستىگە خەت يېزىشتىن، قەبرە ئۈستىگە ئۆي سېلىشتىن ۋە دەسسەشتىن توسقان. (ئەلبانى سەھىھ دېگەن ھەدىس)
كەلگۈسىدە ئىنسانلارغا مەدەن كانلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. (تەبەرانى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر، دېگەن. (مۇسلىم)
سەدىقە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ ۋە يامان ئۆلۈمدىن ساقلايدۇ. (رەزىن)
ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئائىلە ۋە بالا-چاقىسىغا خىراجەت قىلىپ بەرگەن بولسا، (قىلغان خىراجىتى)ئۇ كىشىنىڭ سەدىقىسى بولىدۇ. (بۇخارى)
يېرىم خورما(سەدىقە قىلىش)ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزەڭلارنى جەھەننەم ئوتىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئەگەر ئۇنىمۇ تاپالمىساڭلار ياخشى سۆز قىلىش ئارقىلىق جەھەننەم ئوتىدىن قوغدىنىشقا تىرىشىڭلار. (بۇخارى)
ئۈستىدىكى قول(بەرگۈچى قول) ئاستىدىكى قول(ئالغۇچى) قولدىن ياخشىدۇر. سەدىقە بېرىشنى ئالدى بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ بولغانلاردىن باشلىغىن؛ سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئېھتىياجدىن ئاشقاندا بېرىلگىنىدۇر. كىمكى(تىلەمچىلىك ۋە يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىشنى ئارزۇ قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلايدۇ. كىمكى ئىنسانلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولماسلىقنى ئارزۇ قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھېچكىمگە مۇھتاج قىلمايدۇ. (بۇخارى)
ئايالنىڭ ئېرىگە خەجلەپ بەرگەن(سەرپ قىلغان) پۇل-مېلىغا ئۇرۇغ-تۇغقانغا سىلە-رەھىم قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ساۋاب يېزىلىدۇ. (ھەدىس خۇلاسىسى)
ئەگەر ئايال كىشى ئېرىنىڭ مېلىنى ئۇنىڭ بۇيۇقىسىز سەدىقە قىلسا، ئېرىگە سەدىقە قىلغان مالنىڭ يېرىم ساۋابى بولىدۇ. (بۇخارى) ئەمما يەنە بىر ھەدىستە، ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەدىقە بېرىشى جائىز بولمايدۇ، دېيىلگەن. (نەسەئى)
ئاللاھ ساڭا بەرگەن تىنىقنى قازا قىلمىغاندىكىن، سەنمۇ بۇ تىنىق-نەپەسنىڭ شۈكرىسى بولغان نامازنى قازا قىلما.
چۈمۈلىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان رەببىم ئەلۋەتتە كۆڭۈل پەريادلىرىنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ. (دۇررى يەتىم)
ئىمانلىق ئايالنىڭ كىيىنىشى ئىمانسىز ئەرگە ئېغىر كېلىدۇ.
يىقىلغانغا خوش بولما، چۈنكى بۇ ئىشنىڭمۇ ساڭا قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسەن.
بىرى سەندىن يۈز ئۆرۈسە ئىچىڭنى سىقما، بۇ ئارقىلىق دوست-دۈشمىنىڭنى ئايرىۋالىسەن.
(ھەزرىتى ئەلى)
كىشى نەقەدەر پاك بولسا، نېسىۋىسىمۇ شۇنچە پاك بولىدۇ. (سەييىدە)
ھەر قانداق سەۋر-تاقەت كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇنتۇما، بەزى دەۋالار مەھشەر كۈنىگە قالىدۇ. (دۇررى يەتىم)
ئىمان ئېيتقان، تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك رىزىق بېرىلگەن ۋە ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى ھەقىقەتەن نىجاتلىق تاپىدۇ. (مۇسلىم)
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پۇل-مالنىڭ كۆپ بولغىنى بايلىق ئەمەس، بەلكى نەپسنىڭ قانائەتچان بولغىنى بايلىقتۇر. (بۇخارى)
مال-مۈلك ۋە يارىتىلىشتا سىلەردىن ئۈستۈن كىشىلەرنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ئۆزەڭلەردىن تۆۋەن كىشىلەرگە نەزەر سېلىڭلار. (بۇخارى)
تاماق يەپ شۈكرى قىلغۇچىنىڭ ئەجرى، روزا تۇتۇپ سەۋر قىلغۇچىنىڭ ئەجرى بىلەن ئوخشاشتۇر. (ئىبنى ماجە)
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم "ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن تېخى پەرز ھەجنى ئادا قىلمىغان، قەرزىممۇ بار(قايسىسىنى قىلاي؟)" دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "ئاۋۋال قەرزىڭنى ئادا قىلغىن" دېدى. (رەزىن)
ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ مەھرەمسىز ھالدا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك سەپەرگە چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. (بۇخارى)
سەپەر ئازابنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئۇ سىلەرنى تائام، سۇ ۋە ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەگەر بىرەرسىڭلار سەپەردىكى ھاجىتىنى تۈگەتسە، ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن. (بۇخارى)
كىمكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقىپ كەتكەن بولسا، (قايتىپ كەلگەندە) ئۆيىگە كېچىسى كىرمىسۇن. (بۇخارى)
ھەر ئىشنىڭ بىر يولى باردۇر، جەننەتنىڭ يولى بولسا ئىلىمدۇر (ھەدىس شەرىف). رەببىم بىزنى بۇ يولدىن ئايرىمىغاي.
ھاۋايى نەپس ۋە شەيتان ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان زىننەتلەردۇر. (تۇغبا)
ھارام مال بىلەن ئوزۇقلانغان ۋۇجۇد جەننەتكە كىرمەيدۇ. (ئەبۇ ئەئلا، تەبەرانى، بەززار رىۋايەت قىلغان)
شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، كىشىلەر ئۆز تاپاۋىتىنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. (بۇخارى) رەزىن: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، دېگەن جۈملىنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.
ئەڭ ھالال تامىقىڭلار ئۆز ئەمگىكىڭلار بىلەن ئىشلەپ تاپقان يېمەكلىرىڭلاردۇر، بالىلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەمگەك مېۋەڭلار ھېسابلىنىدۇ. (تىرمىزى) شۇڭا بالىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىدىن يېسەڭلار بولىۋېرىدۇ. (ئىبنى ماجە)
ئەجەل بەندىنى قانداق ئىزدىسە، رىزىقمۇ ئۇنى شۇنداق ئىزدەيدۇ. (بەززار)
ئەي تىجارەت ئەھلى! سودا دېگەندە يالغان گەپ، بىھۇدە قەسەم قىلىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا پات-پات سەدىقە قىلىپ تۇرۇڭلار. (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى)
ئاشلىقىڭلارنى (كەمچەن)بىلەن ئۆلچەڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاشلىقىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. (بۇخارى)
ئى رەببىم، بىزلەرنى پېشانىسى سەجدىگە تەگمەيدىغانلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىغايسەن! (دۇررى يەتىم)
مۇمكىنقەدەر بازارغا ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ، ھەممىدىن كېيىن چىقىدىغان كىشى بولما. چۈنكى بازار دېگەن شەيتاننىڭ جەڭ مەيدانى بولۇپ، ئۇ بايرىقىنى بازارغا تىكلەيدۇ. (مۇسلىم)
كىمكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ۋاكالىتەن ھەج قىلسا، ئۇنىڭغا ئۆلگۈچىگە بېرىلگەن ساۋابنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ. كىمكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇنىڭغا روزىدارغا بېرىلگەنگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. كىمكى بىرەر ياخشىلىققا تۈرتكە بولسا، ئۇنىڭغا شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. (تەبەرانى رىۋايەت قىلغان)
ھەجەرۇل ئەسۋەد(قارا تاش) جەننەتىن چۈشكەندە سۈتتىن ئاق ھالەتتە ئىدى. ئادەم بالىلىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۇنى قارا قىلىۋەتتى. (تىرمىزى)
جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەريەم ئوغلى(ئىيسا ئەلەيھىسسالام) ھەج ياكى ئۆمرە ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە ئادا قىلىش ئۈچۈن رەۋھا كوچىسىدا چوقۇم تەلبىيە ئېيتىدۇ. (مۇسلىم)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يەر يۈزىدىكى سۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى زەم-زەم سۈيى بولۇپ، ئۇ ئاچقا تائام، كېسەلگە شىپا بولىدۇ. ("ئەلكەبىر")
بەيتۇللاھنى (ھەج)تاۋاب قىلىش توختىمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. (بۇخارى)
مۇسۇلمان بولۇش دېگىنىمىز، باشقىلار نېمە دەر؟ دەپ ئويلىغاندا، ئاللاھ نېمە دەر؟ دەپ ئويلاشتۇر. (دۇررى يەتىم)
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سۆزى باشقا، قىلىقى باشقىلارنىڭ ئاقىۋىتى
2013-01-14 07:33:33563چىرىكلىك ۋە ھايانكەشلىك
2012-07-13 15:50:14355خەلق تورىدا سۆھبەت
2011-03-10 09:02:49691گالدىن ئۆتكەننى يەۋېرەمدۇق؟
2013-04-27 23:47:23845نېمىگە ئالدىرايمىز؟
2012-09-13 06:40:35475ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر
2011-07-04 22:39:36477ئىشەنمەيمەن
2014-07-02 04:48:51489تىرىكلىك نىشانى(1)
2015-08-07 12:21:351290
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-