ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تارىخىي ھېكايە

تارىخىي ھېكايە

ۋاقتى: 2013-02-17 ئاۋاتلىقى: 863 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   بۇ بىر پۈتۈن تارىخنى سۆزلەپ بېرىدىغان قىسقا ھېكايە. 1923-يىلى ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىلىكى بولغان ئوسمان خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىرىستىيان ياۋروپاسى ئىسلامىيەت ۋە ئىسلام خەلىپىلىكى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنى ئۆزگىچە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئازابلىق شەكىلدە تەبرىكلىمەكچى بولۇشتى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ يىلى ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تۈركىيەدىن كەرىمان خالىس ئىسىملىك ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ياغاچتىن ياسالغان سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن ئەزالىرىنى، ئەڭ نېپىز ھەم يوقنىڭ ئورنىدا كىيگەن كىيىملىرى بىلەن نامايان قىلىپ تۇراتتى.
   شۇ چاغدىكى باھالىغۇچىلار ھەيئىتى رەئىسىنىڭ قىلغان سۆزى خىرىستىيان ياۋروپاسىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى ئاداۋىتىنى تولۇپ نامايان قىلغان بولۇپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام دىنى ۋە بۇ مەغلۇپ بولغان ئىسلام دۆلىتىدىن ئەنتىنى تولۇق ئىلىپ بەرگەن.
   ئۇ كەرىمان خالىسنىڭ يېرىم يالىڭاچ بەدەنلىرىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ھۆرمەتلىك جانابلار، باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، بۈگۈن بارلىق ياۋروپا ئاھالىسى خىرىستىيانلارنىڭ 1400 يىل جاھان سورىغان ئىسلام دىنى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسىنى تەبرىكلەيدىغان كۈن. مانا ھازىر ئالدىمىزدا تۇرغىنى مۇسۇلمان قىزى كەرىمان خالىس، ئاشۇ تەقۋادار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىزى، ئېىتقادى ئۇنىڭغا تاڭغان كىيىم كېچەكلىرىنى سىلكىپ تاشلاپ، ئالدىمىزدا ئوچۇق بەدەنلىرى بىلەن نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنى بىزنىڭ غەلىبىمىزنىڭ گۈلتاجىسى دېسەك مۇبالىغە بولماس .
تارىخنى ئەسلىسەك، ئۆتمۈشتە قانۇنى سۇلتان سۇلەيمانخان فىرانسىيەدە مەيدانغا كەلگەن يالىڭاچ تانسىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن. ئىمپېرىيە زېمىنى كېڭىيىپ فىرانسىيەگە قوشنا بولۇپ قالغان زامانلاردا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆز دۆلىتىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەپ، فىرانسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ بۇ خىل ئۇسۇلنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىكەن. مانا ئالدىڭلاردا ئاشۇ تەقۋادار سۇلتاننىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى تۇرۇپتۇ. ئۇچىسىدا كۇساردىن باشقا نەرسە يوق، ئۇ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى، دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتماقچى بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئالى باھاغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى ئېيتىمىزكى: بىز ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇق، ئونى قوبۇل قىلدۇق، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولدۇق، بارلىق مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىز بەلگىلىگەن نىشانغا قاراپ ئالغا بېسىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپانىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرەيلى، خوشە...
   ئىسلام تارىخ كارۋىنى ئالغا ئىلگىرلەش يوللىرىدا ھەر خىل مەزھەپ، سىياسىي قاراشلار تۈپەيلى نۇرغۇن ئاھانەت بەدناملارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم شەكىلدە ئىسلامغا مەنسۇپ بولغان قارا كۈچلەر ياكى ئېزىققان كۈچلەر تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلاتتى. لېكىن ئوسمانىيلار تارىخى بولسا بۇنداق بوھتانلاردىن سىرت، ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇن مەزگىل ئوسمانىيلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ قولىدا نەچچە يۈز قېتىملىق خارلىق، مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىغان ياۋروپالىق قىساسكارلار، يەنى ئىسلامغا قارشى ئاداۋەتخور خىرىستىيانلار، شەرقشۇناسلار ۋە ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋىي چوماقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغىمۇ يېتەرلىك ئۇچرىدى.
   ياۋروپالىقلار بارلىق قەلەم كۈچىنى ئوسمانىيلار تارىخىدىكى بارلىق ئىجابىي سۈپەتلەرنى كۆرمىگەنگە سېلىش، ئۇلارنى قارىلاش، دۇنيادا بار بولغان بارلىق سەلبىي سۈپەتلەرنى ئوسمانىيلارغا باغلاشقا قاراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز تارىخ ئوقۇغىنىمىزدا ئىلمىي بولغان باھادىن قىيىپ كەتكەن، ئوسمانىيلارغا قارىتىلغان نۇرغۇن ناھەق بوھتان- قارلاشلارغا دۇچ كېلىمىز.
   مەيلى ياۋروپانىڭ ياكى ئەرەبلەرنىڭ تارىخى كىتابلىرىغا قارايلى ئوسمانىيلار ھەققىدە ئىنساب بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
   كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئوسمانىيلار- ئەرەبلەرنى مۇستەملىكە قىلغان، مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلغان، بۇزغۇنچى، ئاياللارنى بۇلاپ، بالىلارنى قۇل قىلغان تېررورلۇق دۆلىتى،- دەپ قارىلىدۇ.
   بۇنىڭ سەۋەبى، ئوسمانىيلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپا قىتئەسىدە قىلغانلىرىنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ ئاداۋىتى سەۋەبىدىن بولغان. يەنى، خىرىستىيان دۇنياسى مەيلى پادىشاھ سىياسىيونلىرى بولسۇن، ياكى ئالىم تارىخچىلىرى بولسۇن، 857-يىلى ئوسمانىيلارنىڭ خىرىستىيانلار دۇنياسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى پايتەختى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغانلىقىنى؛ شۇ چاغدىكى ئوسمانىيلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىيان دۇنياسى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە ئاياسوفىيا چېركاۋىنى مەسجىدكە ئۆزگەرگەنلىكىنى؛ ئوسمانىيلارنىڭ ئىسلام چېگرىسىنى كېڭەيتىپ يوگوۋسىلاۋىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، رۇسىيەنىڭ تەڭ يېرىمى، بۇلغارىيە، ماكىدونىيە، رومىنىيە، گىرېتسىيە، قاتارلىق زېمىنلارنى ئىسلام دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئۆز ھىمايىسىگە ئالغىنىنى ئۇنتۇپ قالالمىغانلىقىدىن بولغان.
   ياۋروپالىقلارنىڭ خاتىرىسىدىن، ئوسمانىيلارنىڭ ھەرقايسى چېگرالاردا ھەر قايسى ئەل مۇسۇلمانلىرىنى تەشكىللەپ، ياۋروپا ئەھلى سەلىب ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرغانلىقى پەقەتلا چىقىپ كەتمىگەن.
ئوسمانىيلار شەرقىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىپ ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ياۋروپادىن كېلىدىغان بېسىمنى يەڭگىللەتكەن بولسا، ئەرەب قولتۇقىدا پورتۇگالىيەلىكلەرگە تاقابىل تۇرغان، بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسلارغا تاقابىل تۇرغان بولسا، شەرقىي ئافرىقىدا يەنە پورتۇگاللار بىلەن تۇتۇشقان.
   مۇشۇ سەۋەبلىك ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى ئىشغال قىلىشى ئوسمانىيلار ئاغدۇرۇلۇشتىن سەل ئىلگىرىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشقان. ھالبۇكى ئوسمانىيلارنىڭ تېررىتورىيەسىدە بولمىغان ھىندىستان، مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، ئاللىبۇرۇن ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنىكى ۋەيرانچىلىق، بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچراپ بولغان ئىدى.
   مۇسۇلمانلار ياۋروپادا نۇرغۇن مۇسۇلمان بارلىقىنى پەقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ توقسىنىنچى يىللىرى بوسىنىيە گرىتسىگوۋىنادا يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ۋەھشىي قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئېسىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپانىڭ بىر قىسمىدا ئىسلام تارقاتقانلىقى، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئوسمانىيلارنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقارمىغان ئىدى.
   ياۋروپالىقلارنىڭ خاتىرىسىدە ئوسمانىيلار قالدۇرغان ئاچچىق ئەسلىمىلەر، مەغلۇبىيەتلەر، ئىككى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى، فىينىيا، بېلگىراد، نىيكوبولىس، فارنا، كونستانتىنوپول ئۇرۇشلىرىدىكى قاماللار ۋە ئۇ يۇرتلاردىن يىغىپ كېلىنىپ، ئىسلامى تەربىيە بىلەن تەربىيەلەنگەن يېتىم بالىلاردىن تەشكىللىنىپ، كىيىنكى كۈنلەردە ئىسلامغا تۆھپىكار كۈچ بولۇپ قالغان ئنىكوشارىيلار قوشۇنىنى ئىسىدىن زادى چىقىرالمىغان.
   ئېنىقكى، ياۋروپالىقلار بولسۇن ياكى ئىلمانىزمغا بولغان مەپتۇنلۇق بىلەن ياۋروپالىقلار باشلىغان يولدا قارىغۇلارچە ماڭىدىغان مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتچىل ئەسىرلىرى بولغان مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى بولسۇن، ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانىيلارغا قىلغان ئەتكەنلىرىگە نەزەر سالماستىن قارىغۇلارچە ئوسمانىيلارنى باشتىن ئاياغ يامان كۆرۈپ كەلدى. ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانىيلارنى ئۆزىنىڭ تارىخى دۈشمىنى، دەپ قاراپ يامان كۆرۈشىنى چۈشەنگىلى بولسىمۇ، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنىڭ قارىغۇلارچە ئۇلارغا ئەگىشىپ ئوز يۇرتلىرىنى ياۋروپانىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئۇزۇن مەزگىل ھىمايە قىلغان بۇ بۈيۈك ئىسلام گەۋدىسىنى ئەيىپلەشلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
   ئوسمانىيلار، بولۇپمۇ قانۇنىي سۇلتان سۇلەيمانخان نېمە ئۈچۈن قارىلىنىدۇ؟
تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « مۇھتەشەم يۈزيىل» يەنى (سەلتەنەتلىك بىر ئەسىر) ئوسمانىيلار تارىخىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە بۈيۈك سۇلتان سۇلايمانخانغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمان ئىمپىرىيەسى مەيلى سىياسىي نوپۇزى بىلەن بولسۇن ياكى ئىلمى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى شۇنداقلا دىپلوماتىيەدىكى غەلىبىلىرى بىلەن ناھايىتى يۈكسەك بىر ئورۇنغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سۇلتان ئەينى دەۋرىدە رۇم ئىمپىراتۇرلىقىنىڭ ئىمپېراتورى شارۇلخاننى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ پايتەختى پىنىيانى قورشاپ قولغا چۈشۈرگىلى تاس قالغان .
فىلىم تارقىتىلىپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن بۇ داڭلىق رېژىسسور بۇ فىلىمدە، ئوسمانىيلارنى ئەڭ قەبىھ بىر سۈرەتتە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالماقچى بولغان. ئۇ فىلىمىدە بۇ دۆلەتنىڭ كاتتىلىرىنى، ۋەزىر ياكى قوماندانلاردىن تارتىپ تاكى ئوردا خادىملىرىغىچە شەھۋەت ۋە كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ھاراق شارابقا ئامراق، خوتۇنلار بىلەن ھەرەمدىن چىقالمايدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭدىكى ئوسمانىيلارنىڭ سۇلتانى بولسا ھەرەمدە ئاياللارنىڭ يوتىسى ئارىسىدىلا ياشايدىغان، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ چېقىمچىلىقى ۋە گەپ توشۇشلىرى بىلەنلا دۆلەت ئىشنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە فىلىمدە ئەكس ئەتكىنى دەل ياۋروپالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋىي چوماقچىلىرى بولغان ئىلمانىزم كۈچلىرى تەسەۋۋۇردىكى ئوسمانىي سۇلتانىدۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇلتان ئوتتۇز يىل ھەر قايسى چېگرالاردىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ھەربىي ئىشلار بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پەقەت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە بىر نەچچە يىل قېرىلىق سەۋەبىدىن ئوردىدا ئارام ئالغان.
   ياۋروپا تەشۋىقات ۋاستىلىرى تۈرلۈك فىلىم ۋە ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق بۈيۈك بىر ئۈممەتنىڭ تارىخىغا قارا سۇۋاشقا ۋە ئىسلام پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىپ ئىلمانىزم ۋە ئىسلامغا ئۆچ كىشىلەرنىڭ قەلەملىرى بىلەن، مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئوز تارىخىدىن نومۇس قىلىش، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش يولىغا باشلىماقتا.
ئەرەب ۋە تۈرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئۈممەتلىرى تارىخىمىزنى قوغداپ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئورتاق ياراتقان ئىسلام تارىخىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە دائىم ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك .


   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
   ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى پۇشتى ھەققىدە مەلۇمات


   1921- فېۋرال ئايلىرىنىڭ 4-كۈنى سوغۇق بىر ئەتىگەندە ئىسىتانبۇلنىڭ فوسفور دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان ئوسمانىيلارنىڭ داڭلىق تارىخى سارايلىرىدىن بىرى بولغان يىلدىز قەسىرىدە، سۇلتان ۋەھىيۇددىننىڭ نەۋرىسى، ئۆمەرنىڭ قىزى، ئوسمانىيلارنىڭ ئوردىسىدا تۇغۇلغان ئاخىرقى بوۋاق مەلىكە فاتىمە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ بەختىگە ئاتاپ 121 تال توپ ئوقى ئېتىلغان ۋە ئۇنى تەبرىكلەپ مەخسۇس خاتىرە پۇلمۇ تارقىتىلغان ئىدى.
   مەلىكە فاتىمە تۇغۇلۇپ ئۇچ يىلدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال تەرىپىدىن سۇلتان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سۈرگۈن قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن. ئوسمانىيلارنىڭ بۇ مەشھۇر جەمەتىدىكى سۇلتان ۋە مەلىكىلەرنى نامەلۇم بىر جايغا ئىلىپ بېرىشقا تەيىن قىلىنغان مۇزدەك ئەسكى پويىزغا چىقىش ئالدىدا كىچىككىنە بوۋاق مەلىكە فاتىمە: «ئاتا توڭلاۋاتىمەن، قەسىرگە قايتىپ كېتەيلىچۇ» دەپ ئاخىرقى قېتىم قەسىر تەرەپكە قاراپ كۆز ياشلىرىنى تۆككەن، باشلىرىغا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت ئاپەتكە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئامالسىز ھالەتتە تۇرغان سۇلتان ۋە خان جەمەتىگە قوشۇپ سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان ئەمرلەر بۇ سەبى نارىسىدىنى نېمە دەپ بەزلەشنى بىلەلمەي، ئۈنسىز ياش تۆكۈشكىنىچە باشقا ياققا قارىۋېلىشقان ئىدى.
   1952-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقىلى بارغان باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەس ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا دەرھال ئەلباشى جالال بايار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى تۇتالماستىن –بىزنىڭ مەلىكە خانىمچەلىرىمىزنىڭ فىرانسۇزلارنىڭ ئاشخانىلىرىدا ھاراقكەشلەرنىڭ تەخسە قاچىلىرىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ چوقۇم بىز ئۇلارغا كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك،- دېگەن. ئەلباشى ئۇنىڭغا، بوشراق، بۇ گەپلەرنى ھەربىيلەر ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا ھەر ئىككىمىزنى دارغا ئاسىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەدنان مەندەرەس شۇ ھامان ئىستېپانامە يېزىپ جالال بايارغا تاپشۇرۇپ رەئىس قەسرىدىن كەينىگە قارىماستىن چىقىپ كەتكەن. مانا بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئوسمانىيلار جەمەتىكە تۇنجى كۆڭۈل بۆلگەن مىنىستىر بولسا كېرەك .
بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى بولسا ئەدنان مەندەرەس پارىژغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى تۈركىيە ئەلچىسىدىن سۇلتان جەمەتىنىڭ تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن، ئۇ بىلمەيمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. غەزەپلەنگەن مەندەرەس ئەلچىگە:
   سەن يىگىرمە تۆت سائەت ئىچىدە يا ئۇلارنىڭ ئۆي ئادرېسىنى تاپىسەن ياكى ئىستپانامەڭنى تاپشۇرىسەن، دەپ بۇيرۇق قىلغان.
ئەتىگەندە ئەلچى ئەدنان مەندەرەسنىڭ ئالدىغا كىچىككىنە بىر ۋاراققا يېزىلغان سۇلتان ئەۋلادلىرىنىڭ ئادرېسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن.
ئەدنان مەندەرەس يېنىدىكى فىرانسىيەلىك قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا –ئوسمانيىلارنىڭ، پەلەستىن زېمىنى بەدىلىگە سودىلىشىشنى رەت قىلغان بۈيۈك سۇلتانى –ئابدۇل ھەمىدنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىنى كۆرگىلى بارغان. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ئالدىدا پاسكىنا بىر كوچىغا جايلاشقان بىر زەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى فىرانسۇز ئاشخانىسىدا قاچا يۇيۇۋاتقان ئاجىز بىر موماي بىلەن بىر قىزچاق تۇراتتى.
   ئەدنان مەندەرەس ئەلباشى ۋە باشقىلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئاران ئوسمانىيلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ شەرتلىك قايتىپ كېلىشىگە ئامال قىلالىدى. ئۇلارنى نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىستانبۇلدىكى «نىشان تاشى» دېگەن مەھەللىگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە دائىم ئۇلارنى يوقلاپ تۇردى. (شۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھەربىيلەر ئەدنان مەندەرەسنى 1961-17-سېنتەبىر دارغا ئېسىپ، ئۇنىڭ دارغا ئېسىلغان ھالەتتىكى سۈرىتىنى تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا سېتىپ بەردى.)
مەلىكە فاتىمە بولسا، كىينىچە خىدەۋى (مىسىر پادىشاھى) ئابباسنىڭ شاھزادىسى مۇھەممەد ئابدۇل مۇئمىنگە ياتلىق بولۇپ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە 2012-ئاپرېل ئايلىرىدا ۋاپات بولدى ۋە ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنىپ شۇ ئاينىڭ 4- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا دەپنە قىلىندى.
  بۇ ماقالە تۈركىيە تارىخچىسى ھارۇن توكاكنىڭ ئىزدىنىشلىرىدىن ئىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابىنى «مەلىكە فاتىمەنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن سۇلتان غازى ئوسمان ئەرتوغرۇلنىڭ كۈن پاتماس ئىمپېرىيە قۇرۇش چۈشى كەلمەسكە كەتتى، ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقىلا مەڭگۈ ئاخىرلاشماستۇر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.


تەرجىماندىن: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوسمانىيلارنىڭ نەۋرىسى پەلەستىننى زىيارەت قىلىپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى پەلەستىن خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى. دېمەك ئوردىدا تۇغۇلغان ئەۋلادلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەن بىلەن ئوسمانىيلار جەمەتى مەۋجۇت ئىكەن(ساقىيە چۈش تورىدىن ئېلىندى)


بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى: شەرىف ئابدۇل ئەزىز زۇھەيرى

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى