ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مېنىڭ ئەدەبىيات قارىشىم

مېنىڭ ئەدەبىيات قارىشىم

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 1138 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ئىزچىل شۇنداق قاراپ كەلدىم: ئەدەبىيات ئەھلى ئەدىب ياكى ئوبزۇرچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئالدىنقىسى تالانتنىڭ قىستىشى بىلەن، كېيىنكىسى قىزىقىش بىلەن بۇ كوچىغا كىرگەن بولىدۇ. ئەدىب تۇغما ھېسسىياتچان، سەزگۈر، تەپەككۇرى غەلىتە، ئۇششاق ئىشنى جىق خىيال قىلىدىغان، كىچىك ئىشنى كۆپتۈرۈپ ئويلايدىغان، ئاددىي ئىشنى تەسەۋۋۇرى بىلەن يوغانتىپ ئالاھىدە(ۋەھىمىلىك ياكى ھاياجانلىق) قىلىۋېتىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلاش تەقەززاسى تۇيىدۇ، تىلغا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئېغىزى گال، نۇتقى راۋان ئەمەس، ئەمما يېزىشقا كەلگەندە چاققان، جۈملىنى مەنتىقە جەھەتتىن ناتوغرا تۈزۈپ قويسىمۇ لېكىن ھېسسىياتىنى مول ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئوبزۇرچى بولسا كىچىكىدىنلا ياندىن باھا بېرىشكە ئۇستا، مەنتىقىلىق تەپەككۇرگە ماھىر (بەلكىم ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرىدىغان) كېلىدۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن باشقىچىرەك ھوزۇرلىنىشنى بىلىدۇ؛ موللا تاپقاق، بايقىغانلىرىنى خەققە دېيىشكە ئالدىرايدۇ، مۇنازىرە، ھاقارەتتىن قورقمايدۇ، ئەمەلدار بولالمىسىمۇ ئۇنىڭغا باھا بېرەلەيدىغان، شۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان سىياسەتچىدەك ئۈستۈن نەزەر، يول باشلىغۇچىدەك ئۇلۇغۋارلىق بىلەن يەڭ شىمايلاپ چىقىدۇ، ئاسان بەل قويۇۋەتمەيدۇ.
مەيلى ئەدىب ياكى ئوبزۇرچى بولسۇن بۇلاردىن بىر ئاز مەسئۇلىيەتچانلىرىمۇ، شۆھرەتكە تاماسىدىن قۇتۇلالماي ئىشلىرى ئاقماي يۈرگەن قىتىغۇرلارمۇ بار ...
ئەدەبىيات ئەھلى ئىچىدە ھەم ئەدىب ھەم ئوبزۇرچى قابىللارمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ياكى بىر تەرىپى بېسىپ كەتكەن بولىدۇ.
مېنىڭ ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم مودېرنىزىمدىن باشلانغان. تاھىر ھامۇتنىڭ لېكسىيىلىرى، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ئىش ئۆگەتكەن. ئەسەر يازساڭ چوڭقۇر ياز، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قاز، بولمىسا ئېشىكىڭنى باق... دېگەن ئۇلار. ئاددىي تېما، سۇۋارى تەسۋىرلەر، قېلىپلاشقان ئادەملەردىن قۇتۇلۇپ، غەلىتە، مۇرەككەپ، چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلىرىڭنى سمۋوۇللاشتۇرۇپ، نەرسىلەشتۈرۈپ ھەتتا، ئادەملەشتۈرۈپ يېزىشنى ئۆگەن دەيتتى مەن كۆرگەن خەنزۇچە غەرب ئېقىملىرى. تونۇشتۇرۇلغان ئىسىملاردىن كافكا، كۇندىرا، سارتىرى، كامۇس ۋاھاكازالارنىڭ ئەسەلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ ئاز-تولا جۇغلانما ھاسىل قىلدۇق. پەرھات تۇرسۇننىڭ "مەسىھ چۆلى'' نى ئوقۇغان كۈنى ئىلھاملىنىپ، يېقىندىن بېرى ئويلاپ يۈرگەن بىر ئىشنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ، ئابدۇرۇپ پولاتنىڭ (مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ 25مىڭ سۆزلۈك "چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى"نى ئاققا كۆچۈرۈۋاتاتتىم، بىر بېتىگە بىر موچەن ھەق ئالاتتىم، ئەينى ۋاقىتتا تاھىر ھامۇت 4 ھەرپ كۆچۈرۈپتىكەن، ئۇنىڭ ئىزىنى مەن باسقانىدىم) ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ "چاقىرىش' ناملىق ھېكايەمنى يازدىم، كېيىن بۇ "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلىدا ئىزلەنمە ھېكايە دەپ بېسىلدى. دېمەك، تۇنجى ھېكايەمگە مەن ھېچقانداق ئىزاھ بەرمىسەممۇ ئۇلار ئۇنى يېڭىچە ئىزلەنمە ھېكايە دەپ ئېتىراپ قىلىشقانىدى. كېيىن مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى قويۇپ، بالزاكنىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالدىم، بېيجىڭ كۇتۇبخانىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار ۋە ئۇ يەردە يۈرگەن قىزلار ماڭا شۇ قەدەر سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتىكى، ئالدىمىدا رومان ئوقۇپ ئولتۇرغان چىرايلىق قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە قارىسام ھەسسىلەپ ئىلھاملىنىپ، ھامان بىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ قولىغا چىقىدىغان بىر كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىقىش ئىستىكىدە ئوت بولۇپ ياناتتىم، پۇچۇلىناتتىم... شۇنداق قىلىپ، بىر قىشلىق تەتىلدە ئەسنەپ ئولتۇرۇپ، ئىمتىھان مەزگىلىدە كاللامغا كىرىۋالغان يېزا تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ "لاي سۇ ئىچكەن جانلار" پوۋېستىنى يېزىشقا باشلىدىم. "پوۋېست" دېگەن سۆزنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىۋېتىپ، بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئالدىدا ئۆزەمنىڭ قابىلىيىتىدىن گۇمانلاندىم. ئەمما ھېچنىمىنى ئويلىماي، مەشىق ھېسابىغا چىداپ، تەسەۋۋۇر، تەسۋىر، تىل ئىشقىدا كۆيۈپ پىشىپ ئولتۇرۇپ ھەر كۈنى دەپتەرگە نەچچە بەت يازىۋەردىم، جىجىلدىم، ئىچىم سېرىلدى، بولدى قىلدىم، يېڭىۋاشتىن كەلدىم. ھەر ۋاقىت ئۆزەمگە خۇددى باشقا بىرىگە نىدا قىلىۋاتقاندەك: "ئەركىن قويۇۋەت ئۆزەڭنى، ئېلان قىلالمىساڭ مەيلى، مەشىق بۇ " دەيتتىم. ئەسەرنى يېزىپ يېرىمىغا كەلگەندە بىر شەنبە كۈنى مەكتەپنىڭ تانسخانىسىغا كىرىپ قىزلارنىڭ قۇچىقىغا تىقىلىش ھەۋىسىدىن كېچىپ، سوغۇق ئىشخانىغا مەھكەم بېكىنىپ پوۋېستنىڭ 10-بۆلىكىدىن باشلاپ ئاخىرىغىچە يېزىشقا باشلىدىم، دەسلەپتە ئويلىغانلىرىم ئاقماي قالدى، قەلەم باشقا بىر مەنزىلگە قېيىپ كېتىۋەردى، ئەمما ئەگەشتىم، ئەسەر بەك تەبىئىي راۋاجلىنىۋاتاتتى، شۇ ئولتۇرغانچە ئەسەرنىڭ قېتىغا شۇڭغۇپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ تاڭ ئاتقىچە يازدىم، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى چېكىتىنى قويغاندا ، ئاللىقاچان قادىلىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزۈمنى تالاغا تىكتىم، تاڭ سۈزۈلگەنىدى، مەكتەپ ھويلىسى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەنىدى، مەن چەكسىز ھۇزۇر ئىچىدە ئۆزەمنى ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان ئاشۇ قارلاردەك يەڭگىل، لەرزان ھېس قىلدىم، شادلىنىپ ئۇيقىغا باردىم، ئەمما ئەسەر يېزىۋاتقاندىكى تەسىرات ۋە ھاياجاندىن تېخىچە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ئويلاشقا باشلىدىم، لاي سۇ... ئۆلۈك جانلار... گوگۇلنىڭ ئەسىرىغۇ بۇ... مەن نېمە دەپ قوياي، لاي سۇ ئىچكەن جانلار... شۇنداق بېكىتىپ بىر كەمدە خاتىرجەم ئۇيقىغا كېتىپتىمەن.
بۇ ئەسەرنى ئاققا كۆچۈرۈپ تاھىر ھامۇتقا كۆرسەتتىم. 3-بۆلەكتىكى گۈزەل يېزا تەسۋىرىدىن باشقا يەرلىرى تاھىرغا ئانچە يارىمىدى، قايتا ئىشلەپ باشقىچە ياز دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. مەن قايتا ھېچ يېرىنى ئۆزگەرتمىدىم ۋە شۇ پېتى "تارىم" ژۇرنىلىغا سېلىۋەتتىم. 9 ئايدىن كېيىن ئەنۋەر ئابدۇرەھىمدىن خۇشاللىق خېتى كەلدى، قىز ساۋاقداشلىرىم مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەبرىكلىدى، ئەسىرىمنىڭ مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈلىشىنى كۈتۈپ شادلىق ئىلكىدە ساق ئىككى ئاي مەستخۇش يۈردۈم. بۇ ئەسەر "تارىم ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-، 2-سانىغا ئۇلاپ ئېلان قىلىندى، مۇكاپاتلاندى، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەرجىمىسىمۇ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تاللانما ئەسەرلىرى مەجمۇئەسىنىڭ پوۋېست قىسمىغا مەشھۇرلىرىمىزدىن زورۇدۇن سابىر، مۇھەممەت باغراش، خالىدە ئىسرائىللار بىلەن بىر قاتاردا مېنىڭ بۇ ئەسىرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ كىرگۈزۈلدى... ئالدى-كەينى بولۇپ 2000 يۈەن قەلەم ھەققى ئالدىم، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندىم، مۇنەۋۋەر ئاپتور بولۇپ باھالاندىم، ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئەسەر بەلگىلىك ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى دەسلەپكى ئورنۇم تىكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەسەر سەۋەبلىك بەزى كۆڭۈلسىز ئىشلارغىمۇ دۇچ كەلدىم، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ شان-شەرىپى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە مەمنۇنىيەت ئۇزاققىچە ئېسىمدىن كەتمىدى. ئىلھام بۇلاقلىرىم ھەر ھالدا قۇرۇپ قالمىدى.
مەن بۇ ئەسەرنى بالزاكنىڭ رىئالىزىم ئۇسلۇبىدا يازدىم، ئەمما ئومۇمىي نەزەرىيە جەھەتتىن غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ بىر قەدەر ئەركىن يېزىش، ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش روھىدىن پايدىلاندىم. رىئالىزىم، رومانتىزىم، مودېرنىزىم دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا غەربنىڭ ھاسىلاتى، سۆزنىڭ ئۆزىدىن تارتىپ قېلىپلىرىغىچە شۇنداق. ئۇلار پەقەت بىزنىڭ ئۆزلەشتۈرۈشىمىزدە ئالدى-كېيىنلىك جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. مەن غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى، ئۇنىڭغا ئاساس بولغان پەلسەپە، پىسخولوگىيە پەنلىرى ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئۇنى بەزىدە قەستەن سىناپ يېزىپ بېقىپ ئەمەلىي ھېس قىلىپ ئاخىرى شۇنى ھېس قىلدىمكى، نەزەرىيە كۆپ ھاللاردا ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسقاتىدۇ، ئەگەر ئۇ كونكرېت ئىجادىيەت داۋامىدا يازغۇچىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئارىلىشىۋالسىلا ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ، نەزەرىيە سۈنئىيلىكى پەيدا بولىدۇ، مەن يەنىلا "لاي سۇ ئىچكەن جانلار" نى يېزىۋاتقاندىكى ھالىتىمنى قەدىرلەيمەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇشەققەتلىك بىر روھىي پائالىيەت ھەم مەلۇم جەھەتتىكى تۇغما قابىلىيەت ۋە كامالەت. ئەگەر مەن نەزەرىيىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالماي، ئۆزەم تالانت دەپ يۈرگەن ئالاھىدىلىكىمنى بوغۇۋالسام قاپاقتىكى ھەرىدەك غوڭۇلداپلا يۈرىمەن، مەندىن ئالاھىدە بىر نەرسە چىقمايدۇ، چۈنكى نەزەرىيە دېگەننى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. گەپ، يېزىقچىلىقنىڭ نەق ئۆزىدە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تالانتلىق تەمبۇرچى نۇرمەھەممەت تۇرسۇن نوتا بىلمەيدىكەن ۋە نوتىغا قاراش مۇزىكا ئۇقمايدىغانلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدىكەن. دەرۋەقە، ئۇ شۇنداق تالانت ئىگىسىكى، "دىل كۈيى"نىڭ ئاھاڭىنى بەش-ئالتە خىل ئۇسلۇبتا چالغان. تەمبۇرنىڭ قاتماللىشىپ قالغان چېلىش ئۇسۇلىنى، كۈي، مۇڭ چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى-يېڭى چېلىش ئۇسۇللىرىنى سىناق قىلىپ، پۈتۈن روھىنى تەمبۇر تارىلىرىغا، قوللىرىغا بېغىشلاپ، چېلىش ماھارىتىدە يۇقىرى پەللە ياراتقان بىر سەنئەتكار. ئەدىبلەردىمۇ شۇنداق ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، قىزغىنلىق، كۈچلۈك ئىشتىياق بولۇشى كېرەك.
ئۆتكەندە "چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى" دەپ بىر تېما چىقىرىپ قويسام، غەربلىك، شەرقلىق، ئىسلامچى ، ئۇچى، بۇچى بولۇپ بۇ مۇنازىرە ئويلىمىغان يەردىن قىززىپ كەتتى، ئەدەبىيات ئەھلى بولمىغانلارمۇ بۇنىڭغا باشقا نۇقتىدىن ئاۋاز قوشۇپ، ئوتنى ئۇلغايتتى. مۇنازىرە ئەسلى مەقسەتتىن چەتنەپ قېيىپ كەتتى. مەن ئەسلى ئىجادىيەتنىڭ ئۆزىدىكى تۈرتكىلىك مەنىۋى ئامىللارنى تىلغا ئالماقچىدىم، غەربنىڭ چىرىك ئىدىيىسى ھەققىدىكى بىلىمىم، تەسىراتىم شۇنچە ئاز ئىدى، ئەمما شۇنى دېمەكچىدىمكى، غەربتىمۇ، بىزدىمۇ شەيتان بار ئىدى، بۇزۇق ئىدىيە... ۋە بۇنىڭ ئىجادىيەتتىىكى ئالامەتلىرى ئاجايىپ بىر ئىش ئىدى. مەن ئەسلى مەقسەتنى ئېنىق دېيەلمەيلا مۇنازىرە قاينىمىغا كىرىپ ئاخىرىغا چىقالمىدىم ۋە مۇنازىرىداشلارنىڭ ھەر خىل پاراڭلىرىدىن ھازىرقى دۇنيادا ئەۋج ئېلىۋاتقان دىن، مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ (بۇ سايمىل خانتىڭتۇننىڭ ھېلىقى كىتابىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تونۇلۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك) ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى قاتتىق تاسقاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەدەبىيات يەنە بىر چەتتە قايرىلىپ قالدى، ئاخىرى بۇ مۇنازىرىمۇ ئامالسىز تاقالدى. شۇندىن كېيىن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ھەققىدە توردا ھەرگىز گەپ ساتمىدىم. ماڭا يەنىلا ئاددىي ئەمەلىيەت مۇھىم ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىلمى دائىرىسىدىكى ئىلىملارنى غەرب، شەرق، ئىجتىمائىي، پەننىي، پەلسەپىۋى... ۋاھاكازا دەپ ئايرىپ، بىر قۇتۇپقا ئېغىپ، ئىختىلاپلىشىپ يۈرگەن زىيالىيلارنىڭ ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلىرى خوشياقماسلا بولدى. ئىسلام دىنىمۇ سىزنى ئۆگىنىڭ، سېلىشتۇرۇڭ دەيدۇ، ئېشەك بېقىپلا يۈرۈيدىغان موللام بولۇڭ دېمەيدۇ، غەربنىڭكىنىمۇ ئۆگىنىش كېرەك، ئەمما ئىلغاپ ئۆگىنىش كېرەك. ئىلىمغا ئۆزىمىزدىكى ئېتىقادنى يېتەكچى قىلمىساق، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، زېھنىيەت ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنالمايمىز.
يېقىنقى مەزگىللەردە مېنىڭ ئىجادىيەت ئېتىزلىرىم قۇرۇپ قالدى، كۆچەت تىكەلمىدىم، تىككەنلىرىمنى ئاينىتالمىدىم، باراخسان مېۋىلىرىم ئاستىدا سايىداپ ھوزۇرلىنىپ ياتالمىدىم. لېكىن بەل قويۇۋەتمىدىم، نادىر ئەسەر يازالمىسام نادىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزەمنى سىنىدىم ۋە بېيتتىم. تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تونۇشقان ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا "قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى" دېگەن بىر ئىلمىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلدىم، ئەمما مۇشۇ ۋاققىچە نەشر قىلدۇرالمىدىم. ئارقىدىن ئورخان پامۇكنىڭ "يېڭى ھايات" دېگەن رومانىنى2يىل سەرپ قىلىپ، قېرىنداش ئىككى تىلنىڭ جەڭگاھىدا تاشپاقىدەك مېڭىپ، مىڭ بالالىقتا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم. ئورخاننىڭ بەدئىي دىت ۋە تەپەككۇرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا جان-جەھلىم بىلەن كۈچىدىم، ئارىدىن ئۆزەممۇ بۇ خىل ئۇسلۇپ ۋە ئىجادىيەت ھەققىدە مۇئەييەن ئىلھام ۋە تەسىرگە ئىگە بولدۇم. بۇ كىتاب، ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا، بۇ يىل ئىچىدە نەشردىن چىقىشى مۇمكىن. ئورخان پامۇكنىڭ يەنە "قار" ناملىق نادىر رومانى بار، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغىمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. لېكىن ئۇنىڭدىكى نازۇك دىنىي مەسىلىلەر تۈپەيلى، نەشر ئىمكانى تاپالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ قويۇپ قويدۇم، خەنزۇ يازغۇچىلارمۇ بۇ رومانغا قىزىقىۋاتىدۇ، ئەگەر خەنزۇچە تەرجىمىسى چىقسا، تەرجىمە قىلىشىم مۇمكىن.
"ئەدەبىيات بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟ ئەدەبىياتتىن نېمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ... " دېگەندەك گۇمانلار ئەدەبىيات ئاشىقىنى سوۋۇتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت شۇلا: مەن بۇ كۆيۈككە مۇپتىلا، ئارتۇق گەپنى قوي... جاھاندا نۇرغۇن مەنىسىز ئىشلار، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، مەنىۋى قەھەتچىلىك، ئۇششاق ئاۋارىچىلىق تولۇپ تۇرغاندا ئەدەبىياتقا ئىشقىمنى بەرسەم، جاپا چېكىپ تۇرۇپ ھوزۇرلانسام، باشقىلارغىمۇ مەنىۋى زوق ئاتا قىلسام... بۇنىڭ نېمىسى يامان؟! ئۈنۈم دېگەننى قوي، ئىشنىڭ جەريانى مۇھىم، سەنئەتتە قانچىلىك ئۈنۈم قازىنىش مەۋھۇم بىر ئىش.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى