ئەمچەكنىڭ ئورنى
نورمال ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ئىككىنچى قوۋۇرغا بىلەن ئالتىنچى قوۋۇرغىنىڭ ئارىلىقىدا، ئىچكى تەرىپى كۆكرەك سۆڭەكنىڭ يېنىدا، سىرتقى تەرىپى قولتۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئەمچەك دائىرىسى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ، بەزىلەرنىڭ كىچىك بولىدۇ. چۈنكى، ئەمچەكنىڭ سىرتقى يۇقىرىقى تەرىپىدە بەز توقۇلمىلىرى كۆپرەك بولغاچقا، سۈت بەزلىرى قولتۇققىچە يېتىپ بارىدۇ.
ئەمچەكنىڭ سىرتقى شەكلى
ئاز ساندىكى ئاياللارلا « نورمال » ئەمچەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، كۆپ قىسىم ئاياللار جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن « غايىۋى » ئەمچەك ئۆلچەملىرىگە مەستانە بولۇپ يۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ ئۆلچەمگە ماس كېلىدۇ. فىزىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان ئەمچەك نورمال ئەمچەك ھېسابلىنىدۇ. ئەمچەك بەك كىچىك ياكى ئىككى ئەمچەك ئوخشاش بولمىسا، فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە قىسمەن مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئەمچەكنىڭ ئۆلچىمى ئادەمگە، ئىرققا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ ھەمدە شەكلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، ئاسىيا ئاياللىرىنىڭ ئەمچىكى ياۋروپا ئاياللارنىڭكىدىن كىچىك كېلىدۇ. ئەمچەكنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى گېنغا باغلىق بولىدۇ. يەنە ئەمچەكتىكى ياغ ۋە بەز توقۇلمىلىرىنىڭ نىسبىتىگىمۇ باغلىق بولىدۇ، ئادەتتە ياغ 3/1 قىسىم ئەتراپىدا بولغاندا، بەز توقۇلمىلىرى تۇراقلىق بولىدۇ، سېمىز ئاياللارنىڭ ئەمچىكى چوڭراق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا ياغ كۆپ بولىدۇ، ئورۇقلىغاندىن كېيىن ئەمچەكمۇ كىچىكلەيدۇ. كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ بەرسە كۆكرەك تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولىدۇ، لېكىن ئەمچەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەمچەك سىرتقى شەكلىنىڭ نورماللىقىنى، مەملىكىتىمىزدىكى ئالىملار بالاغەتكە يەتكەنلەر ئەمچىكىنىڭ تېگى تەرىپىنىڭ توغرىسىغا بولغان ئۇزۇنلۇقى، ئەمچىكىنىڭ تېگى تەرىپىنىڭ توغرىسىغا بولغان ئۇزۇنلۇقى، ئەمچەكنىڭ ئېگىزلىكى، ئەمچەكنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاش دەرىجىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ:
① ياپىلاق شەكىللىك ② چىنە شەكىللىك ③ يېرىم شارچە شەكىللىك ④ كونۇس شەكىللىك ⑤ يانتۇ شەكىللىك ⑥ تىك شەكىللىك دەپ ئالتە خىلغا ئايرىغان.
بالا ئېمىتمىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەمچىكى چىنە شەكىللىك، يېرىم شارچە شەكىللىك، كونۇس شەكىللىك بولىدۇ. بالا ئېمىتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەمچىكى تۆۋەنگە تىكلەشكەن، تۆۋەنگە يانتۇلاشقان شەكلىدە بولىدۇ، بىرلا تەرەپتىكى ئەمچەكتە بالا ئېمىتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپتىكىسى ئوخشاش بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.
ئەمچەكنىڭ لىمفا ئېقىنى
ئەمچەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىكى نېرۋىلارنىڭ جايلىشىشىنى بىلىۋېلىشقا قارىغاندا ئەمچەكتىكى لىمفا ئېقىنىنى بىلىۋېلىش تېخىمۇ مۇھىم. لىمفا سىستېمىسىنىڭ يىغىۋېلىش ۋە سۈزۈلۈش ئىقتىدارى بولۇپ، لىمفا سۇيۇقلۇقىدا خەۋپلىك ماددىلار بار. مەسىلەن، باكتېرىيە، ۋىرۇس، راك ھۈجەيرىلىرى قاتارلىقلار، لىمفا سىستېمىسى ئەنە شۇلارنى سۈزۈش ۋە يىغىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەمچەك ئەتراپىدىكى لىمفا تۈگۈنىگە تەۋە رايوننى بىلىۋالغاندا، راك كېسەللىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان لىمفا تۈگۈنلىرىنى تەكشۈرگىلى ۋە ئۇنى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ.
كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ئەمچىكىنىڭ لىمفا ئېقىنى قولتۇقتىكى لىمفا تۈگۈنىدىن ئوقۇرەك ئاستى لىمفا تۈگۈنىگە، ئاندىن ئوقۇرەك ئۈستى لىمفا تۈگۈنىگە قاراپ ئاقىدۇ. ئەمچەك ئىچكى رايونى بىلەن مەركىزىي رايوندىكى لىمفا ئېقىنى بىرلىشىپ ئەمچەك ئىچكى لىمفا تۈگۈنىگە ئېقىپ كىرىدۇ. تۆۋەن قىسمىدىكى لىمفا سۇيۇقلۇقى قورساق دىۋارى ئارقىلىق، جىگەردىكى يۇمىلاق تارىمۇش ۋە قورساق ئىچكى قىسمىدىكى جىگەرنىڭ لىمفا يولىغا تۇتۇشىدۇ، ئايرىملىرى ئوتتۇرا لىنىيەدىن ھالقىپ قارشى تەرەپتىكى قولتۇققا ئېقىپ بارىدۇ.
نورمال ئاياللار، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاياللارنىڭ قولتۇقىدىكى لىمفا تۈگۈنىنىڭ يۇمشاق، ياپىلاق بولۇشى نورمال ئەھۋال.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى
- كېيىنكىسى : ئەمچەكنىڭ ئىقتىدارىغا سەل قارىماڭ
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
