ياز پەسلىدە، چاچ، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلار خانىم-قىزلارنى تەڭسىقلىقتا قويىدىغان «غەيرىي پۇراق مەنبەسى» دۇر. ئەمەلىيەتتە، بەدەن پۇرىقىمۇ بارماق ئىزىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىڭىزدىن ھەر ۋاقىت خۇشپۇراق تارىلىپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى چارىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ:
1. قولتۇقتىكى تۈكلەرنى تازىلاپ تۇرغاندا، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەركىزىي تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ جوڭيى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى جاڭ ساڭ «ھاياتلىق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: قولتۇق تۈكلىرىنىڭ ئاساسلىق رولى قولتۇق تېرىسىنى ئاسراش بولۇپ، تېرىنىڭ سۈركىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تازىلاش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولماسلىقى، تازىلاشقا توغرا كەلگەندە، ئاۋۋال قايچىدا كېسىپ، ئاندىن ئەستايىدىل تازىلاش لازىم. پاكىز تازىلاشقا دىققەت قىلىش، قالدۇق تۈكلەرنىڭ تېرىگە سانچىلىپ زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تازىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا نەملىك ساقلاش مېيى سۈركەش، ئۇپا قاتارلىق پاراشوكسىمان بويۇملارنى ئىشلەتمەسلىك، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
2. تەر توختىتىش رولىغا ئىگە خۇشپۇراق بويۇملارنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدېرى جۇ شۆسوۋ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ خىلدىكى بويۇملار تەركىبىدە ئاليۇمىن ۋە ئىسپىرت قاتارلىق ماددىلار بولۇپ مىكروب يوقىتىش رولىغا ئىگە، يەنە خۇشپۇراق ماددىلار قوشۇلغان بولۇپ، مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە تەر توختىتىپ، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش رولىغا ئىگە. بۇ خىل بويۇملارنى بويۇن، پۇت ئالقىنى، تىزنىڭ ئارقا تەرىپى قاتارلىق ئاسان تەرلەيدىغان ئورۇنلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق پۈتۈن بەدەنگە پۈركىمەسلىك، تەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۇندىن باشقا پۇت-قوللارنى چاي ياكى يالپۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرغاندىمۇ تەر توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
3. ئەۋرەتنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش لازىم.
يازدا كۆكرەك، دۈمبە، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا ماينىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى كۆپەيگەچكە، يۇيۇنۇش سويۇقلۇقىنى كۆپرەك ئىشلەتكەن ياخشى. يۇيۇنۇش سويۇقلۇقىنى بەدەنگە سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋۋۇلىغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا پاكىز چايقىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئۇندىن باشقا ئەۋرەتنى دائىم سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش، ئىچ كىيىمنىڭ قۇرغاق، پاكىزلىقىنى ساقلاش لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى
- كېيىنكىسى : ئالامەت ئورۇقلاش: 10 خىل تاكتىكا ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
