ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىك دېگىنىمىز، بىر مەزگىل نورمال سەۋىيەگە يەتكەن ئەقلىي فۇنكسىيەنىڭ مېڭىدە توسۇلۇشلار سەۋەبىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ھالەتلىرى، ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك ياكى تەرەققىي قىلىشچان مېڭە كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەسلەش، پىكىر قىلىش، چۈشىنىش، ھېسابلاش، ئۆگىنىش، سۆزلەش، ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق چوڭ مېڭە ئالىي فۇنكسىيەسىنىڭ توسالغۇلىرىدىن تەركىب تاپقان يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي فۇنكسىيەسى ئەزەلدىن نورمال سەۋىيەگە يەتمىگەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇرۇن روھىي يېتىلىشى توختاپ قېلىش دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا مۈجمەل ھالدا « مېڭە يېتىلىشنىڭ تولۇق بولماسلىقى » دەپمۇ ئاتالغانىدى.
دېۋەڭلىك ئىدراك توسۇلۇشقا تەۋە بولۇپ، بىر خىل كىلىنىكىلىق يىغىندا ئالامەت ھېسابلىنىدۇ، كېيىن پەيدا بولغان خىلمۇخىل زىيانلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئۆسمۈرلۈكتىن قۇرامىغا يەتكۈچە بولغان دەۋردە نورمال يېتىلگەن چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئازىيىشىدىن، چوڭ مېڭە ئەزا خاراكتېرلىك زەخىمگە ئۇچرىغاندا يۈز بېرىدىغان داۋاملىشىشچان ئىدراكىي توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دائىم دېگۈدەك سوزۇلما ياكى ئىلگىرىلەش خاراكتېرىدە راۋاجلىنىپ ئەستە تۇتۇش، چۈشىنىش، ھېسابلاش فۇنكسىيەسى ھەمدە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدا توسالغۇ كۆرۈلىدۇ. ئەس-ھوشى توسالغۇغا ئۇچرىمىغان ئەھۋاللاردا، ئەسلەش، بىلىش، سۆزلەش، ماكان-زامان فۇنكسىيەلىرىدە توسۇلۇش بولغان ۋە مىجەز-خۇلقىدىكى ئەستە تۇتۇش، بىلىشىدە روشەن كەمتۈكلۈك بولۇپ، ئالتە ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقانلارغا دېۋەڭلىك دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ. مۇنداق بىمارلاردا ھەمىشە دېگۈدەك خاتا ھۆكۈم قىلىش، خاتا ئەقلىي خۇلاسىلەش كۆرۈلۈپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە قىينىلىدۇ، ھەتتا تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
دېۋەڭلىك كېسەللىكىگە كىلىنىكىدا دىياگنوز قويغاندا، سۆزلەش، ئەستە تۇتۇش، كۆرۈش ئىقتىدارى، كەيپىيات ياكى مىجەز-خاراكتېرى ۋە بىلىشى ( ئابستراكت تەپەككۇرى، ھېسابلاش، ھۆكۈم قىلىش ھەم ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ) قاتارلىقلار ئىچىدە ئۈچ تۈردە توسالغۇ پەيدا بولغان بولۇشى كېرەك. دېۋەڭلىك توغرىسىدىكى تەبىرگە ئاساسەن، بۇلارنى ئىككى مۇھىم نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: تۇغما خاراكتېرلىك روھىي يېتىلىشى توختاپ قېلىش ئەمەس، كېيىن شەكىللەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارى توسۇلۇش؛ ② داۋاملىشىشچان توسالغۇنى تەكىتلەش، بۇ ئۆتكۈر مېڭە تاشقى زەخمىسى ۋە مېڭە سەكتىسى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك ئەس-ھوشى جايىدا بولماسلىق ھالىتى.
دېۋەڭلىكنىڭ كېسەللىك سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسلىقى مېڭە فۇنكسىيەسى توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىش، ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش، مىجەز-خاراكتېرى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىنىڭ ئەزا خاراكتېرلىك زەخىملىنىشى ئالىي روھىي پائالىيەتنىڭ زەخىملىنىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان داۋاملىشىشچان ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى دەپ قارالماقتا. سەزگۈ نورمال ئەھۋالدا، بىمارلارنىڭ ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، بىر ياقلىق قىلىش جەريانىدا توسۇلۇش يۈز بېرىدۇ. جۈملىدىن ئەستە تۇتۇش، سۆزلەش، ھېسسىيات، تەپەككۇر قىلىش، شۇنداقلا بىلىش فۇنكسىيەلىرى ( ھېسابلاش، چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش سەۋىيەسى قاتارلىقلار ) چېكىنىدۇ ياكى يوقىلىدۇ، ئېغىرلاردا ئادەم ياكى نەرسە، ئورۇن قاتارلىقلارغا بولغان تونۇش ئىقتىدارى يوقىلىدۇ، بۇ نىشان بەلگىلەشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
