كانادا 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمىدا، يەنى چىيەنبى ئوۋلەييا ئۇپپا تېگى سۇيۇقلىقى ۋە ئوۋلەييا كىرپىك لاكىدا ئارسېن،كادمىي،بېرىللىي قاتارلىق كۆپ خىل زەھەرلىك تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى، زەھەرلىك چىيەنبى ئولەييا (倩碧欧莱雅) «يوقلىما» قىلىندى.
«ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە كۆرە، گىرىم بۇيۇملىرىدا ئېغىر مىتاللار تەركىبى خېلى يۇقىرى ئىكەن ، ئەمما كانادانىڭ بىر تۈرلۈك 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ، بارلىق گىرىم بۇيۇملىرىدا دىگۈدەك «يۇشۇرۇن» ئارسىن، كادمىي،قوغۇشۇن،سىماب قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بار.
ئۇنىڭ ئىچىدە چىيەنبى ماركىلىق (倩碧) ئۇپپا تەگلىك سۇيۇقلۇقى ۋە ئوۋلەييا (欧莱雅)نىڭ بىر تۈرلۈك كىرپىك لاكى «تىلغا ئېلىنغان»بۇلۇپ، ئارسېن،بېرىللىي،كادمىي قاتارلىق 6 خىل زەھەرلىك ماددا بارلىقى بايقالغان.

بۈگۈن ئەتىگەندە، چىيەنبى (倩碧CILNQUE) قارىمىدىكى ياشىلەندەي (ESTEE LAUDER) شېركىتى «قانۇنچىلىق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ: « خەۋەردە دىيىلگەن بۇ خىل چىيەنبى مەھسۇلاتى جۇڭگودا بازارغا سېلىنمىغان. جۇڭگودا سېتىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتىدۇ»،-دىگەن.
دوكلات
چىيەنبى ئوۋلەييا مەھسۇلاتلىرىدا 6 خىل زەھەرلىك ماددا بار دەپ ئاشكارىلاندى
كانادا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ بىر پارچە «گىرىم بۇيۇملىرىدا يۇشۇرۇنغان ئېغىر مىتاللارنىڭ خەۋپى» ناملىق دوكلاتىدا، چىيەنبى ماركىلىقنىڭ ئۇپپا تېگى سۇيۇقلىقى ۋە ئوۋلەييا كىرپىك لاكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمى تەكشۈرۈلگەن بۇلۇپ،. تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى مۇشۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىن ئارسېن، كادمىي، قوغۇشۇن، سىماب، بېرىللىي، نېكىل، تاللىي ۋە سېلېندىن ئىبارەت 8 خىل زەھەرلىك ماددىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە، ئارقىدىكى 4 تۈرلۈك ماددا كانادا چەكلەنگەن.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشچە، ، ھەربىر تەكشۈرۈلگەن گىرىم بۇيۇمىدا قوغۇشۇندىن باشقا 7 خىل زەھەرلىك ماددا بايقالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە چىيەنبى (clic-ique) ماينى كونتىرول قىلغۇچى ئۇپپا سۇيۇقلىقىدا ئارسېن،بېرىللىي، كادمىي،نېكىل،قوغۇشۇن ۋە تاللېيدىن ئىبارەت 6 تۈرلۈك زەھەرلىك ماددا بايقالغان، يەنە بىر داڭلىق گىرىم بۇيۇمى ماركىسى ئوۋلەييانىڭ كىرپىك لاكىدىنمۇ چىيەنبى ماركىسىدىكىگە ئوخشاش 6 خىل زەھەرلىك ماددا بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا « نىقابلىق قىز» ماركىسى ( cover Girl)نىڭ كۆڭۈلدىكى كۆز سىزىقى قەلىمىدە بېرىللىي، كادمىي، نېكىل ۋە قوغۇشۇن بايقالغان.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم كۆرسەتمە
- كېيىنكىسى : ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
