ئەمچەكنى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈشتۇر، بۇنى پاتولوگىيە بۆلۈم دوختۇرى مىكروسكوپتا كۆرۈپ دىياگنوز قويىدۇ. گەرچە پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بولسىمۇ، لېكىن بەزى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ دىياگنوزنى توغرا قويۇش نىسبىتى ھەرگىزمۇ %100 بولمايدۇ. دوختۇر كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتىكى دەسلەپكى تەسىر، رەسىمدە كۆرۈلگەن ئەھۋاللار، پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولسا، توغرا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەندە بىرنەچچە خىل پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
1. ئىنچىكە يىڭنە بىلەن فۇنكسىيەلىك قىلىپ ھۈجەيرە تەكشۈرۈش
ئالدى بىلەن ئىنچىكە يىڭنە ( مەملىكىتىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان 7-ياكى 9-نومۇرلۇق ئوكۇل يىڭنىسى ) نى تاللىۋېلىپ، 20 مىللىلىتىرلىق شپىرىسقا سېلىپ، ئىششىغان ئورۇنغا سانجىلىدۇ، 20 مىللىلىتىرلىق مەنپىي بېسىم بېرىپ، ئوخشىمىغان بىرنەچچە يۆنىلىشتە سانجىپ، تارتىۋالغان ماددىدىن سۇۋالما تەييارلاپ مىكروسكوپتا تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق تارتىپ چىقىرىلغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. تارتىپ چىقىرىلغان ماددا توقۇلما بولماستىن بەلكى ھۈجەيرىدۇر، ھۈجەيرە ئەسلىدىكى ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىلىدىغان بولغاچقا، پەقەت يەككە ھۈجەيرىلىك ھالەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. دىياگنوزنىڭ توغرا بولۇش نىسبىتى دوختۇرنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ %90~ %60 گىچە بولىدۇ. يالغان مۇسبەت چىقىپ قېلىشى %2 تىن ئاشمايدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئىنچىكە يىڭنە بىلەن فۇنكسىيەلىك قىلىپ ھۈجەيرە تەكشۈرگەندە راك ھۈجەيرىلىرى كۆچمەيدىكەن.
2. توم يىڭنە بىلەن فۇنكسىيە قىلىپ ھۈجەيرە تەكشۈرۈش
بۇ ئۇسۇل توم يىڭنە تاپانچىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن يەرلىك ئورۇننى ناركوز قىلىپ، تېرىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، يىڭنىنى ئوخشىمىغان بىرنەچچە يۆنىلىشتە سانجىپ، توقۇلما تارتىپ چىقىرىلىدۇ، چىقىرىلغان توقۇلما ئىنچىكە پىلتىدەك بولىدۇ. ئاندىن كېيىن سۇۋالما تەييارلاپ توقۇلما قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈلىدۇ، دىياگنوزنىڭ توغرا بولۇش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولىدۇ. دىياگنوز قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا دورا بېرىپ ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالايدىغان بولغاچقا، بۇ خىل تەكشۈرۈشتە كېسەللىكنىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
3.ئەمچەك تۈگمىسىدىن ئاققان سۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىسىنى ھۈجەيرە ئىلمىلىك تەكشۈرۈش ئەمچەك تۈگمىسىدىن ئاققان سۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىسىدىن سۇۋالما
تەييارلاپ، رەڭ بېرىپ، تۆكۈلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھالىتىنى كۆزىتىپ، دىياگنوز قويۇلىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ، مۇسبەت چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
4.تىرىك ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش
كىلىنىكىدا بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، ئۆسمىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئالغىلى بولمايدۇ، ئەگەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالسا، ئۆسمە بەدەنگە تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. چوڭراق ئۆسمە بولۇپ، سۈت بېزى راكى دېگەن گۇمان بولسا، باشقا خىلدىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن ئېنىق نەتىجە چىقمىسا ھەمدە توڭلىتىپ پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى بولمىغاندا، تىرىك ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ( ئىششىغان يەردىن كىچىك بىر پارچە توقۇلمىنى كېسىۋېلىپ تەكشۈرۈش )نى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. دىياگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى داۋالاش پىلانىغا ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى خىمىيەلىك داۋالاش، ئىششىق يانغاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە قىلىش دېگەندەك.
5. ئۆسمىنى تولۇق ئېلىپ تەكشۈرۈش
كىلىنىكىلىق دىئاگنوزدا ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ قارالغان بىمارلاردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئاخىرقى دىياگنوز قويۇش تەدبىرى، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ گۇمان قىلىنغان بىمارلارغا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۆسمە تولۇق ئېلىۋېتىلگەچكە، ئوپېراتسىيەنىڭ ئۆسمىگە بولغان تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇ بىرقەدەر ياخشى بولغان تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش تەدبىرىدۇر.
6. ئوپېراتسىيە جەريانىدا تېز سۈرئەتتە توڭلىتىپ پاتولوگىيەلىك سۇۋالما تەييارلاپ تەكشۈرۈش
بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقى-سۈرئەتنىڭ تېز بولۇشىدۇر. ئادەتتە 30 مىنۇت ئىچىدە دىياگنوز نەتىجىسىنى چىقارغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق تەكشۈرۈشنى ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان دوختۇرخانىلاردىلا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بىمار ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆسمىسىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى كېسىۋېلىپ، پاتولوگىيە بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ، ئۇ يەردە تېز سۈرئەتتە توڭلىتىپ تەكشۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99 تىن يۇقىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ، كېيىنكى باسقۇچلاردىكى داۋالاش پىلانى تۈزۈلىدۇ.
7. ئورنىنى بەلگىلەپ فۇنكسىيە قىلىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش
ئوپېراتسىيەدە كىچىككىنە كېسىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش « مامموتوم » ئامېرىكىلىق جونسون شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مىكرو تىپلىق ئوپېراتسىيە سايمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتىن پايدىلىنىپ ياكى مولىبدېن نىشانلىق رېنتىگېندە ئىستېرېئولۇق ئورنىنى بېكىتىۋېلىپ، كىچىكلا يەرنى كېسىپ ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچ سانتىمېتىردىن كىچىك ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىنى كىچىك يەرنى كېسىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ، قول بىلەن تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدىغان كىچىك ئۆسمە يەكى كالتسىيلاشقان زەررىچىلەرنى يىڭنە سانجىپ ئېلىۋېتىش ھەم بىر خىل دىياگنوز قويۇش باسقۇچى ھەم داۋالاشنىڭ يەنە بىر خىل چارىسى ھېسابلىنىدۇ.
رېنتىگېندە ئىستېرېئولۇق ئورنىنى بەلگىلىۋېلىپ يىڭنە سانجىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ئالاھىدە بولغان مولىبدېن نىشانلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا بىمار دۈم ياتقۇزۇلىدۇ، ئەمچىكى بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ، بەك كىچىك بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئىچى كاۋاكلىق يىڭنىنى سانجىپ تەكشۈرۈشكە، يەنە يىڭنىنى سانجىغاندىن كېيىن يېتەكلەش سىمىدىن بىرنى سېلىپ، شۇنى بويلاپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ.
B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى (B چاۋ )نىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بولمىغاچقا، قايتا-قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتىن پايدىلىنىپ يىڭنە سانجىپ جانلىق ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. لېكىن، بۇ بەزىدە زىچ كالتسىيلاشقان ماددىنى ئانچە ياخشى سېزەلمەي قالىدۇ.
8. باشقا پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
بۇ ھۈجەيرە ئىلمىلىك قىرىۋېلىپ سۇۋالما تەييارلاپ تەكشۈرۈش بىلەن نېگاتىۋغا ئېلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۈجەيرە ئىلمىلىك قىرىپ سۇۋالما تەييارلاپ تەكشۈرۈش- ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ شەلۋەرەپ كېتىشى، تېرىگە يارا چىقىش، قاقاچ باغلاش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشتۇر، بۇ شەلۋەرىگەن جايدىن ھۈجەيرىنى قىرىپ ياكى يېپىشتۇرۇپ ئېلىپ ھۈجەيرە ئىلمىلىك سۇۋالما تەييارلاپ تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىدۇر. ھۈجەيرە ئىلمىلىك نېگاتىۋغا ئېلىپ تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، كېسىۋېلىنغان ھۈجەيرىنى ياپراقچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ ھۈجەيرىنى مورفولوگىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەمچەك بىلەن ھەيز دەۋرىيلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى
- كېيىنكىسى : سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
