ئەرلەر دائىم مۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇشى مۇمكىن: ئاياللار ھەر ئايدا دائىم دېگۈدەك بىر نەچچە كۈن مىجەزى غەلىتە، كەيپىياتى تۇراقسىز، ھە دېسىلا باشقىلار بىلەن جىدەللىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللاردا ئورتاق بولىدىغان «ھەيز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» نىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەسىرىدە كۆپ ساندىكى ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە كەيپىياتىدا چېچىلاڭغۇلۇق، روھىي ھالىتىدە جىددىيچىلىك، نېرۋا سەزگۈرلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە روھى كېسەللىك (بۇ تېببىي ئىلىمدا «ھەيز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان ۋە تىت-تىت بولىدىغان، ئاسان چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئۆزىنى تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىمىسا، ئەرلەرمۇ ئاياللارغا تەسەللى بېرىپ ئۇلارغا كۆيۈنمىسە، ئاسانلا جىدەللىشىش كېلىپ چىققاندىن سىرت، يەنە مېڭە ئاستى بېزى ۋە تۇخۇمداننىڭ ئاجرىتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق بولۇپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختاش، ھەيز ۋاقتى ئۇزىراش، ھەيز زىيادە قانلىق كېلىش قاتارلىق ھەيز نورمالسىزلىق كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئۆزىنى كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىنى خۇشال-خۇرام تۇتۇپ، ناچار غىدىقلىنىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇلارغا ياخشى كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، جىدەللىشىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىن نورمال ئۆتۈشىگە ياردىمى بولىدۇ.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كەڭ تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئائىلىدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كىچىك جىدەل ماجرالار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەيلى ئەر تەرەپ بولسۇن ياكى ئايال تەرەپ بولسۇن ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاياللاردىكى ھەيز مەزگىلىدىكى روھى بىنورماللىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى «جىدەلخورلۇق» نى ئادەتتىكى تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان جىدەل-ماجرا بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئائىلىدە تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
