نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار ئۇياتلىق جاينى دائىم يۇيۇپ تۇرسا ساغلاملىققا پايدىلىق، دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل قاراش ھەم كىشىگە ناھايىتى ئىلمىيدەك تۇيۇلىدۇ. ئۇنداقتا سوراپ باقسام، سىزمۇ دائىم مەخسۇس يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇياتلىق جايىڭىزنى يۇيۇپ تۇرامسىز؟
ئەلداۋا تەھرىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇياتلىق جاينى كۆپ يۇيۇش ياخشى تاللاش ئەمەس. ساغلام ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدا نۇرغۇنلىغان باكتېرىيە توپلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى جىنسىي يول مىكرو بىئولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى جىنسىي يولنى ئۆز-ئۆزىنى پاكىزلاش رولىغا ئىگە قىلىدۇ.
ئاياللار ئۇياتلىق جايىغا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانلىرىدا جىنسىي يولنى كۆپ يۇيۇش بېرىش زىيادە تەكىتلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ «قىلتىقى» غا چۈشۈپ، راستتىنلا تۈرلۈك «مەخسۇس» يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇياتلىق جاينى كۆپ يۇيغاندا، جىنسىي يولدىكى تەبىئىي بىئولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئوڭاي كېسەللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى:
ئادەتتە، خانىم-قىزلار ئۇياتلىق جايىنى ھەر كۈنى پەقەت پاكىز سۇ بىلەنلا يۇيۇپ بەرسىلا بولىدۇ. يۇيغاندا پەقەت جىنسىي يولنىڭ سىرتىنى يۇيسىلا بولدى، چوڭقۇرلاپ ئىچىنىمۇ يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق. دورىلىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى، ئىچىگە سالىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك لازىم، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : پەقەت %3 ئايالدىلا بولىدىغان فىگۇرا گۈزەللىكىنىڭ بەلگىسى سىزدە بارمۇ؟
- كېيىنكىسى : ھۆسىن تۈزەشتىكى 10خىل خاتا قاراش
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
