كۆپىنچە خانىم-قىزلار يۈزلىرىگە قانداقلارچە داغ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. تۇرمۇش ئادىتى، دەم ئېلىشى، ئوزۇقلىنىشى، سالامەتلىكى دېگەندەكلەر خېلىلا ياخشىدەك تۇرسىمۇ يەنىلا داغ چۈشۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خانىم-قىزلارنىڭ مۇنۇ 5 مەزگىلى ئەسلىدىنلا داغ چۈشىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ چاغلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئۆزىنى ۋە ئايدەك يۈزىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
1. بالىلىق مەزگىلى
سەپكۈن تۇغما ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە 6~5 ياش ۋاقىتلىرىدا چىقىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ. رەڭگىنىڭ سۇس ياكى قېنىق بولۇشى ئاپتاپ بىلەن ئۇچىرىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى
بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللەردە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىشى جانلىنىپ، ئوڭايلا رەڭلەرنىڭ چۆكۈشىنى پەيدا قىلىپ، داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

3. ياشلىق مەزگىلى
خانىم-قىزلار 30~20 ياش چاغلىرىدا خىزمەت-ئىش ئورۇنلىرىدا، ئائىلىدە تازا زورۇقۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئۇيقۇسى كەم بولۇپ، دەم ئېلىشى يېتەرسىز بولىدۇ، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلار بۆرەك ئۈستى بېزى تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ، رەڭلەرنىڭ چۆكىۋېلىشىنى ھاسىل قىلىدۇ-دە، داغ پەيدا بولىدۇ.
4. ھامىلىدارلىق مەزگىلى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سېرىق-بېغىررەڭ داغ ئەڭ ئوڭاي چۈشىدۇ. بۇ تۇخۇمدان خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاياللار 50~40 ياشقا بارغاندىمۇ تۇخۇمدان ئىقتىدارى چېكىنگەندە، بۇ خىل داغ چۈشىشى مۇمكىن.
5. قېرىلىق مەزگىلى
ئاياللار ياشانغاندا قېرىلىق دېغى چۈشىدۇ. بۇ تېرىلەرنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، بەزىدە جەمەت خاراكتېرلىك ئىرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
داغ يوقىتىشنىڭ ئاددىي چارىلىرى ھەققىدە كېيىنكى بەتتە!
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئېرىڭىزنىڭ ھاياتى سىزنىڭ قولىڭىزدا
- كېيىنكىسى : ئىشەنمىسىڭىز مەيلى، ياڭيۇ يەپ ئورۇقلىيالايسىز!
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
