ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى كېرەكمۇ؟
بەزى ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى ( ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ) ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بارلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك. مەسىلەن، دەسلەپكى مەزگىللىك سىفلىسنى پېنسىلىن بىلەن ۋاقتىدا، قائىدىلىك داۋالاتقان بولسا، ئۇ تۇغقان بوۋاق ئاساسەن ساغلام بولىدۇ. ھامىلىدار ئايالدا ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل بولۇپ، ئەگەر تۇغۇتقا تەسىر قىلمىسا، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ھاجەتسىز. ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل تۇغۇت يولىنى توسۇۋالغان ياكى جىنسىي يولدىن تۇغقاندا قان كۆپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغاندىلا بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۆزنەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بەزى ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۆزنەك باكتېرىيەسى ئاساسەن بالىياتقۇ بوينى كانىلىدا كۆپىيىدۇ. سۈنئىي بالا چۈشۈرگەندە مەشغۇلاتتا ئىشلەتكەن بارلىق سايمانلار بۇ يەردىن ئۆتكەنلىكتىن، سۆزنەك باكتېرىيەلىرىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىگە كىرىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئايالنىڭ سۆزنەك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا ،ھەمدە ھامىلىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالدۇرۇۋېتىشكە توغرا كەلسە، يەللىنىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۈزۈل- كېسىل داۋالاپ ئاندىن ھامىلىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار
- كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
