ئۇنىڭ سىزگە ئىلگىرىكىدەك «كۆيمەيۋاتقان» لىقىنى ھېس قىلامسىز؟ ئاراڭلاردىكى ھېسىياتتىن چاتاق چىقىۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭ بارغانسېرى ... ئۇنداقتا، سىز ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭكى، ئويلىماي ئۇنىڭ غورۇرىغا تەگكۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ ياكى ئىش-ھەرىكەتتە بولۇپ قالدىڭىزمۇ-يوق؟ ئۇنى ئۆزىڭىز «سوۋۇتۇپ» قويدىڭىزمۇ قانداق؟
بىرىنچى، باشقىلار تەرىپىدىن يۈرەكسىز، ئاجىز دەپ مەسخىرە قىلىنىش
ئەزەلدىن تارتىپلا ئەرلەر قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، قورقۇمسىزلىقنىڭ نىشانىسى بولۇپ كەلگەن. يۈرەكسىز، قورقۇنچاق، زەئىپ ئەرلەر ئەل ئارىسىدا يەكلىنىپ، قىز-ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا، ھەرقانداق بىر ئەر باشقا قىز-ئاياللار ھەۋەس قىلغۇدەك ئەركەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
ئەمما، بۈگۈنكى بۇ مەدەنىي جەمئىيتىمىزدە ئەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر يۇقىرىقىدەك قاتتىق بولمىسىمۇ، ئەمما باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار تەرىپىدىن يۈرەكسىز، قورقۇنچاق، ئاجىز دەپ مەسخىرە قىلىنىش ئەرلەرنىڭ ئەرلىك غورۇرىغا قىلىنغان چوڭ ھاقارەت بولۇپ، مەلۇم نۇقتىدىن شۇ ئەرنىڭ ئەرەنلىكىنى سۇندۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ.
ئىككىنچى، تەقى-تۇرقىدىن ئىۋەن ئىزدەش
بىزنىڭ قارىشىمىزدا، پەقەت ئاياللارلا ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما، ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ تەقى-تۇرقى، سالاپىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىدۇ. بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ ئۆز تاشقى قىياپىتى، بەدەن ساپاسىغا بېرىدىغان باھاسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشىدۇ.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
