قىزلار بىلەن ئوغۇللارنى جىنسىي جەھەتتە پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى. بىرلەمچى جىنسىي ئالامەت دېگىنىمىزدە، جىنسىي ئەزا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ بىرلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى ئوخشاشمىغاندىن باشقا، بەدەن قۇرۇلۇشىدا كۆپ پەرق بولمايدۇ. بالاغەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، قىزلاردا ئوغۇللارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلەمچى ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى ئەمچەك، جىنسىي تۈك، قولتۇق تۈكى ۋە بەدەن شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(1) ئەمچەك. قىزلار بالاغەت دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۆكسى تولۇق پۇلتىيىپ چىقىدۇ. بۇ، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسىدۇر.
(2) جىنسىي تۈك ۋە قولتۇق تۈكى. قىزلار ئون ئۈچ ياشلارغا كىرگەندىن كېيىن جىنسىي تۈك چىقىشقا باشلايدۇ. قولتۇق تۈكى جىنسىي تۈكتىن بىر يىل كېيىن چىقىدۇ. بۇ تۈكلەر دەسلەپتە چىققاندا شالاڭ، يۇمشاق بولىدۇ. چىقىش دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، كېيىن بارا - بارا قويۇقلىشىدۇ، يىرىكلىشىدۇ، چىقىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، جىنسىي تۈك دوۋسۇن سۆڭىكى بىرىكمىسىگە كېڭىيىپ، ئۆرۈلمە ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە تارقىلىدۇ، دوۋسۇن دۆڭىدە ئەڭ قېنىق بولىدۇ؛ قولتۇق تۈكى قولتۇق ئويمانچىسى مەركىزىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قولتۇق تۈكى بىلەن جىنسىي تۈكى باشتىن - ئاخىر شالاڭ بولىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال.
(3) بەدەن شەكلى. بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ مۈرىسى، كۆكرىكى ۋە ساغرىسىدا ماي كۆپ بولغاچقا، بەدىنى سىلىقلىشىپ، فىگۇرىسى كۆركەملىشىدۇ. قىزلارنىڭ سۆڭىكى كىچىكرەك، كۆكرىكى قىسقا، ئەمما كەڭ، داس سۆڭىكى چوڭراق بولىدۇ. بۇ، تۇغۇتقا پايدىلىق. قىزلارنىڭ بويى ئوغۇللارنىڭكىدىن پاكارراق، تەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك كېلىدۇ. رايونلۇق ھورمۇنى تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، چاچنى زىچلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- كېيىنكىسى : ئاياللاردىكى يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول