خانىم-قىزلار پاشنىسى ئوتتۇرھال بولغان ئاياغ كىيسە، كۆكرىكى كۆتۈرۈلگەن، بېلى تۈز بىر خىل بەدەن قىياپىتى شەكىللىنىپ، روھلۇق، تېتىك كۆرۈنۈپ، پىشىپ يېتىلىگەن ئاياللىق نازاكىتى ۋە جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلالايدۇ. فىزىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاپان كۆتۈرۈلگەندە بەلنىڭ ئالدىغا چىقىش دەرىجىسى ئاشىدۇ. پۇتتىن يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان ھەرىكەت يۆنىلىشىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، يول يۈرگەندە ياكى سەكرىگەندە، مېڭىدە پەيدا بولىدىغان سىلكىنىش بوففېرلىنىپ، ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى:
ھازىرقى دەۋرىدىكى مودا قوغلىشىش دولقۇنىدا ئاياغنىڭ پاشنىسى بارغانسېرى ئېگىزلەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ئېغىرلىق نۇقتىسى تاپاندىن ئالدىغا يۆتكىلىپ، ئومۇرتقا، بوغۇم، مۇسكۇل ۋە تارىمۇش ئورنى بىلەن چىڭ-بوشلۇق دەرىجىسىمۇ مۇناسىپ ئۆزگەرگەچكە، ئۇزاق مەزگىل يېتىلىش ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىگەن پۇت قىسىمىنىڭ ۋە ئومۇرتقا فىزىيولوگىيەلىك مۇقىملىقى بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولۇپ، بەل تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، پاقالچاق مۇسكۇللىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. پۇت سەللا قايرىلىپ كەتسە، بۇلجۇڭ گۆش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، تاپانغا تۇتىشىدىغان پەيلەر تارتىشىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، پۇتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ تۆگىتاپان بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەنە تىز بوغۇمى ھەم داس سۆڭىكىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. داس سۆڭىكى بېسىمغا ئۇچرىسا، ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئازىيىدۇ ھەمدە سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۈندە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ۋاقىت 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بولۇپمۇ 20 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ئۇزاق مەزگىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە داس سۆڭىكىنىڭ غەيرىي شەكلىدە يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغىسىدىكى قىزلارنىڭ سۆڭەك تەركىبىدە سۆڭەك ماددىسىنىڭ رولى تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا، سۆڭىكىنىڭ شەكلىدە ئاسانلا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئاساسلىق پۇتنىڭ ئالىقىنىغا چۈشىدۇ –دە، بۇنىڭ تەسىرى داس سۆڭىكىدە كۆرۈلۈپ، داس سۆڭىكى بوشلۇقىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرىدۇ، بۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن بالا تۇغۇشىغا نىسبەتەن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داس سۆڭەكتە ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان ئورۇن يۆتكىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك ھالقىلىرىنىڭ نورمال بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاخىرىدا داس سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىدە غەيرىي شەكىلگە كىرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
50 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇرى مۇسكۇل سۆڭەكلىرى ئاللىقاچان چېكىنىشكە باشلىغانلىقتىن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە، پۇت مۇسكۇلى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، بەل قىسمىنىڭ چارچىشى كۈچىيىدۇ. يەنە ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش ۋە سەكتە كېلىپ چىقىدۇ.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئاياغنىڭ پاشنىسى قانچە ئېگىز بولغانسېرى، سالامەتلىككە بولغان زىيانلىق تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، خانىم-قىزلار ئاياغ كىيىشتە ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش رولىنى ئويلاش كېرەك. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشقا بولمايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قېتىق ئاياللاردىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- كېيىنكىسى : ئاياللار بۆرىكىگە ئەڭ زىيانلىق 6 خىل ئادەت
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
