ئاياللار بۆرىكىگە ئەڭ زىيانلىق 6 خىل ئادەت

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/10/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر بۆرەك ئىقتىدارىنى ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق قوغداپ كەلمەكتە.
ئەمەلىيەتتە، بۆرىكىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىكى دەل سىزنىڭ قالايمىقان ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز سەۋەبلىك ئاجىزلىغان، بۇنىڭغا پەقەت ئۆزىڭىز دىققەت قىلمايسىز خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇخىل قالايمىقان غىزالىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى ياخشىلاپ بۆرىكىڭىزنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
1. سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك
بەدەندىكى مىتابولىزىم ئارقىلىق چىقارغان كېرەكسىزلەرنى جىگەر بىلەن بۆرەك بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۆرەك ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى نەملىك بىلەن ئېلىكترولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مىتابولىزىملىق فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان كېرەكسىزلەرنى سۈيدۈك ئارقىلىق چقىرىۋېتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بىراق بۇ خىل ئىقتىدار داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە يىتەرلىك سۇنى تەلەپ قىلىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كۆپ سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ كىچىك تەرەتنى تىزلىتىش. بۇنىڭ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
2. پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش
ئەگەردە بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان تۇرۇقلۇق كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچسىڭىز، سۈيدۇك كىسلاتاسى چۆكمىلىشىپ بۆرەك قانالچىلىرى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ، بۆرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: قان تەكشۈرۈتكىنىڭىزدە، بۆرەكتە چاتاق بارلىقى ئېنىقلانسا، بەلكىم بۇ ۋاقىتتا بۆرەك ئىقتىدارىدىن خېلىلا چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۆرەك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈتۈپ يۈرگەندىن، ۋاقتى-ۋاقتىدا سۈيدۈك تەكشۈرۈپ بۆرەكتىكى چاتاقنى تېز سۈرەتتە ھەل قىلغان ياخشى.
 
 
3. مېۋە-كۆكتاتلارنى نورمال يېمەسلىك
مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش ئادەمگە پايدىلىق، بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قارىشى. بىراق ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆكتات، مىۋە-چىۋە دىگەندەك تەبىئىي قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغاچقا، ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلغاندا بۆرەك ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كۆكتات، مېۋىلەرنى مۇۋاپىق يېيىش، تەركىبى قۇيۇق بولغان مېۋە-كۆكتات شىرنىسى، يەن قازان شورپىسى، كۆكتات شورپىسى، ئىچىملىك دېگەنلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك .
4. ئىچىملىكنى قايناقسۇنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىش 
كۆپ قىسىم كىشىلەر قايناقسۇنى تەمى يوق دەپ ياخشى كۆرمەي، كولا، گازلىق سۇ قەھۋە دىگەندەك ئىچىملىكلەرنى قايناقسۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالدى. بىراق بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كوففېئىن قان بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، قان بېسىم بەك يۇقىرى بولۇش دەل بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھەددىدىن ئارتۇق ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلىنىش، ئىچىملىك ئورنىغا قايناقسۇ ئىچىش. خۇددى كونىلار دېگەندەك: «قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ » . ئامال بار بىر كۈندە چوڭ ئىستاكاندا 8 ئىستاكان چاي ئىچىپ بەدەندىكى زەھەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
5. گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋېلىش
ئامېرىكا يېمەكلىك جەمىئيىتىنىڭ دېيىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلو كېلىدىغان ئادەم، ھەركۈنى پەقەت 40 گرام ئاقسىل قوبۇل قىلىش، 300 گرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا گۆش يېيىش كېرەككەن ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .
6. تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش 
تۇز بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باش جىنايەتچى. تۇزنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى سۇنى سىرتقا چىقىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، بۇ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بۆرەك ئىقتىدارىنى چىكىندۈرىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئوزۇقلۇقنىڭ تەمىنى تېتىغاندا تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ 3 ~ 5 گرامغىچە تەڭشەش كېرەك `
دىققەت قىلىش كېرەككى، تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنىڭ مىقدارى ئالاھىدە كۆپ دائىم يىگۈچىلەر ئامال بار مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر