فولىن كىسلاتاسى(يوپۇرماق كىسلاتاسى 叶酸) بىر خىل سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ قىزىل قان ئاقسىلى، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، ئامىنو كىسلاتا ۋە چوڭ مېڭىدىكى ئۇزۇن زەنجىرلىك ياغ كىسلاتا مېتابولىزمى، مەسىلەن، DNA مېتابولىزمى قاتارلىقلاردا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، ئىككىقات ئاياللار ئۇنى تولۇقلىسا، ھامىلە غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئىككىقات ئاياللار فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشتا، مىقدارىنىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، بويىدا قېلىشتىن ئاۋۋالقى ئۈچ ئاي ۋە ئىككىقات بولغان دەسلەپكى ئۈچ ئايدا كۈندە 0.4mg تولۇقلىسىلا مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئارتۇقچە تولۇقلانغان فولىن كىسلاتاسى سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئىككىقات ئاياللار فولىن كىسلاتاسىنى كۆپ مىقداردا ئىچسە، سىنكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سىنك كەملىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال ئاشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئادەتتە، نۇرغۇن كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى بولىدۇ، ئەمما تەبىئىي فولىن كىسلاتاسى ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، نۇر ياكى ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئادەم تېنى يېمەكلىكلەردىن ھەقىقىي قوبۇل قىلىدىغان فولىن كىسلاتاسى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئەمما، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن فولىن كىسلاتاسى بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىللارغىچە ئۆزگىرىپ كەتمەي مۇقىم تۇرالايدۇ، ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشچانلىقى ۋە پايدىلىنىشچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئىككىقات ئاياللارنىڭ ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
