قىزلار ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ھەيز كۆرۈپ، نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ، بۇ چاغدا ئەمچەكمۇ دەسلەپكى يېتىلىشنى تاماملاپ بولىدۇ. ئاياللىق ھورمۇن ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھورمۇنلار ئەمچەكنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، تۇخۇمداندىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ، لېكىن بۇنى ھېپوفىز ئاجرىتىپ چىقارغان ( تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن ) تەڭشەپ كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئانىلىق ھورمۇن سۈت نەيچە ئېپىتېلىيىلىرىنى ئۆستۈرىدۇ.
ھەيز توختىغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ھورمۇن ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، تۇخۇمداندىكى تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنى غىدىقلىغۇچى ھورمۇننىڭ تەسىرىدە ئانىلىق ھورمۇننى ھاسىل قىلىدۇ، قاندىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئانىلىق ھورمۇن مېڭە ئاستى بېزىگە تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنى ئاجرىتىشنى توختىتىپ، سېرىق ھۈجەيرە ھاسىل قىلغۇچى ماددا ئاجرىتىش توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. ئانىلىق ھورمۇن بىلەن سېرىق ھۈجەيرە ھاسىل قىلغۇچى ماددا يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، تۇخۇمدان تۇخۇم ئاجرىتىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ۋاقىت ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بالدۇر بولىدۇ. تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى سېرىق ھۈجەيرە ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنى ئاجرىتىشقا باشلايدۇ، ئۇ بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسىنى قېلىنلىتىپ، ھامىلىدارلىق ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. ئەگەر تۇخۇم ئۇرۇق قوبۇل قىلمىسا، ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۆكۈلۈپ ھەيزگە ئايلىنىدۇ.
ئەمچەك ھەيز مەزگىلىدە بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەيز مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە، بولۇپمۇ ھەيز كېلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى سۈت بەزلىرىنىڭ چوڭىيىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئەمچەك چىڭقىلىپ، ئاغرىيدۇ. ھەيز كەلگەندە، ئەمچەك ئەسلىگە قايتىشقا باشلايدۇ، ئەگەر تولۇق ئەسلىگە كەلمىسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۈت بەزلىرى ئۆسۈپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ھەيز پاكىزلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنكى ۋاقىت ئەمچەكنى تەكشۈرتۈشنىڭ ياخشى پەيتىدۇر.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
