ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشنىپ كىيىشنى ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
گەرچە قانداق كىيىمنى ياقتۇرسا شۇنى كىيىسە بولىۋېرىدۇ دېيىلسىمۇ، لېكىن ياشنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلىدە قانداقلا كىيىنسە يارىشىۋېرىدىغان ئىش بولمايدۇ. 30 ياشتىن كېيىن نېمە كىيسە مۇۋاپىق، تۆۋەندە بىر قانچە فىرانسىيەلىك مودا ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باقايلى.
1. ئومۇمىي كۆرۈنۈشى رەتلىك بولۇش
فىرانسىيەنىڭ مودىسى زادى نېمىلىكى ھەققىدە ھېچكىم ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، لېكىن Barneys New York نىڭ مودا باش نازارەتچىسى Simon Doonan يېقىندا «نىيويورك ۋاقت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۇپپېرت ھەدىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، ئۇنى «فىرانسىيە ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسى» دېدى.
ئۇنى جەلىپكار، ئاياللىق نازاكىتى بار دەپ تەرىپلىدى. فىرانسىيە زىبۇ-زىننەت لايىھەلىگۈچى Adeline Rapon نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭدا بىر خىل قاپيۈرەكلىك، قەتئىي ئاياللارنىڭ خاراكتىرى بولۇپ، ئادەمگە تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق تەسىر بېرىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ خىل جەلىپكارلىق قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟
فىرانسىيە مودا بلوگچىسى Marta Cygan يەنە بىر خىل جۈملىنى ئىشلەتتى، يەنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچى بار.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بولۇپمۇ ئاياللار 30 دىن ئاشقاندا فىرانسىيە ئاياللىرى بەكلا چېكىدىن ئاشقان تەنناز ھەم مودا كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈلشىمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
تۆۋەن مۇقامدا، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدار يۇقىرى كۆرۈنۈشنى خالايدىكەن. ئۇنداقتا كىيىنىشتە بۇ خىل تەرەپ قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
2. سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز ئۇنچە كۆزنى قاماشتۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ
ئاۋۋال ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىڭ، گۆدەكلەرچە بولغان بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىڭ. مودا تەھرىرى Meghan Blalock نىڭ تەكلىپىچە، 30 ياشتىن كېيىن مەكتەپ بالىلىرىدەك كىيىنىۋالماڭ، سىز بەرىبىر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغىلى ئۇزۇن بولدى.
يەنە كارتون سۈرەتلىك پەس پاشنىلىق ئاياغمۇ بار.
مودا تەھرىرى Allyson Payer نىڭ دېيىشىچە، ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا راھەت ساپما ئاياغ كيىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما كارتون سۈرەتلىك كىيىشتىن ساقلىنىدىكەن.
پارىژنىڭ قىستۇرما رەسىم رەسسامى Tokyobanhbao نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاددىي ھەم ئېسىلزادە كۆرۈنۈش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. فىرانسىيە ئاياللىرى 30 ياشتىن ئاشقاندا يىرتىق ۋە تۆشۈك پادىچى ئىشتانلارنى كىيمەيدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەك ئوچۇق، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭلەرنى كىيىمەيدىكەن. ۋىكتورىيە يېقىندا رەڭ تالاشتۇرۇپ كىيىنىدىغان بولىۋالدى، ئەمما بۇنى فىرانسىيە ئاياللىرى ياقتۇرمايدۇ.
رەڭ مۇتەخەسسىسى Kate Smith نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياشقا چوڭىيىپ قالغاندا، قارا رەڭ ئادەمنى تېخىمۇ خۈنۈك كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا قارا رەڭلىك ئېگىز ياقىلىق كۆينەكنى كىيمەڭ.
قارا رەڭ كىيمەكچى بولسىڭىز، يۈزىڭىزدىن يىراقراق تۇتۇپ كىيىڭ.
بەك ئوچۇق، بەك تۇتۇق بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولمايدۇ. پىشقان كۆرسىتىدىغان سۈزۈك رەڭلەر، مەسىلەن: ئەتكەنچاي رەڭ، قايماقرەڭ دېگەندەك، ئادەم قارىسىمۇ ئازادە بولۇپ قالىدىغان.
2. بەك قىسقا ھەم بەك تار كىيىملەر بىلەن خوشلىشىڭ
مودا بلوگگېر Kenza Sadoun-el Glaoui شۇنداق دەيدۇ، فىرانسىيە ئاياللىرى 30 دىن ئاشقاندا قىسقا پادىچى ئىشتانلارنى كىيمەيدۇ.
يازدا پادىچى قىسقا ئىشتان ئالماقچى بولسىڭىز، نۇرغۇن پاسوندىكى نۇسخىلىرى بار. چوقۇم ياش ۋاقتىڭىزدا ئالغان نۇسخىدىكىنى كىيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
سەنئەت نازارەتچىسى Sabina Socol نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاش خىلدىكى مايكىغا 20 ياشتا قىسقا پادىچىلار ئىشتىنى ماسلاشتۇرغان بولسىڭىز، 30 ياشتىن كېيىن ئېگىز بەللىك ئۇزۇن ئىشتان ماسلاشتۇرۇڭ، تېشىغا بىر راھەت كاستىيۇم كىيىۋېلىڭ.
كۆينەكمۇ ئوخشاش، مودا تەھرىرى Allyson Payer نىڭ دېيىشىچە، ياش ۋاقتىدا پەقەتلا قىسقا يوپكا كىيىدىكەن، ھەر قانداق ئۇزۇن يوپكا ئۇنى قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ دەپ ئويلايدىكەن.
«ھازىر مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئۇزۇن يوپكىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سېھرىي كۈچى بار ئىكەن.» بەل سىزىقىڭىز نامايەن بولالىسا، ھەر قانداق ياشتا كىيسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
Allyson Payer يەنە شۇنداق بىلدۈرىدۇكى، 20 ياشتىن ئاشقاندا تار پادىچى ئىشتان بىردىنبىر تاللاش. «30 ياشقا بارغاندا، مەن تېخىمۇ نۇرغۇن ئىشتان پاسونلىرىنى سىناپ باقىمەن، بۇ مېنىڭ كىيىم ماسلاشتۇرۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشۈمگە ياردەمدە بولدى».
مىل خانقىز كىيگەن بۇ كەڭرى ئىشتان تار ئىشتاندەك بەدەن شەكلىنى نامايەن قىلالمىسىمۇ لېكىن ئادەمگە ئەركىن ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ.
3. سۈپىتى ياخشى كىيىملەرنى تاللاڭ
فىرانسىيە سەنئەت نازارەتچىسى Sabina Socol نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يازدا تاۋار ۋە يىپەك كىيىملەرنى تاللايدىكەن، بۇنداق كىيىملەر ئاياللىق نازاكىتىنى نامايەن قىلىپ، ئېسىلزادە كۆرسىتىدىكەن.
«يازنىڭ بېشىدا مەن تىكىلىشى ياخشى بولغان يىپەك كوپتىغا ئۇزۇن ئىشتان بىلەن راھەت كاستىيۇم ماسلاشتۇرىمەن.»
«ھاۋا بەك ئىسسىغاندا، مەن يىپەك كۆينەككە، توم پاشنىلىق ساندال ماسلاشتۇرىمەن.»
كىيىم پارقىراپ تۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئاياغ ئۇنداق ئەمەس.
بۇنداق ئاياغ ئېلىپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتۇ، بەلكىم ئۇنىڭ تېرەمنى خۈنۈك كۆرستىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن بولسام كېرەك.
ئاياغنىڭ يۈزى يىرىكرەك بولغىنى ياخشى.
مودا تەھرىرى Meghan Blalock تەكلىپ بېرىپ شۇنداق دەيدۇ: پارقىراق يۈزلۈك ئاياغنى تەتۈر خۇرۇم ئاياغقا ئالماشتۇرۋېتىڭ، پىشقان ھەم ئىللىق تۇيغۇ بېرىسىز.
ياش ۋاقتىمدا 10 سانتىمېتىرلىق ئىنچىكە پاشنىدا ئۇچقاندەك يۈگرەلەيتتىم، ھازىر ھەممىنى توم پاشنىغا ئالماشتۇرۇۋەتتىم.
ھەم يول يۈرۈش قولاي بولسۇن ھەم 10 سانتىمېتىرلىق پاشنىلىق ئايىغىمغا قاراپ باشقىلار ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدىم. يېشىڭىز چوڭايغانچە باشقىلارنىڭمۇ تۇيغۇسىنى ئويلىشىدىغان بولۇپ قالىدىكەنسىز.
تەتۈر خۇرۇملۇق توم پاشنىلىق ئاياغلار ئىچىدە ئەڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى ئوتتۇرا پاشنىلىق مۇلىس ئايىغى! ئەركىن ئازادە ھەم راھەت.
فىرانسىيەلىك مودېل Louise Follain نىڭ دېيىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاياغ «ھەر يىلى كىيىشكە رازى بولىدىغان» پاسوندىكىسى ئىكەن.
رەڭگىگە كەلسەك، مودا تەھرىرى Allyson Payer نىڭ بىلدۈۈىشىچە، تەبئىي، پاكىز كۆرۈنىدىغان رەڭلەر ئەڭ ياخشى ئىكەن.
«سۇس ھالرەڭلىكتىن بىرنى كىيىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ»
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدىغان ئادەتلەر
- كېيىنكىسى : ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئىككىقات مەزگىلىدە فولىن تولۇقلىشى زۆرۈر؟
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
