ئىشىنىمەنكى، خانىم-قىزلاردىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغىنى يوق، ئۇ بىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپلا قالماي، كەيگەندىن كېيىن ئۆزىمىزنى خانىشلاردەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىزنى تامامەن باشقىچە جەلپكار قىلىۋېتىدۇ.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئۇزۇن كەلگەن پاچاق ۋە جەلپكار پۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نۇرغۇن خانىم-قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا ھەم ئامراق ھەم ئۆچ. ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە پاشنىسى قانچىلىك ئېگىزلىكتىكى ئاياغ ماس كېلىدۇ بىلەمسىز؟!... تۆۋەندە، ئەلداۋا تەھرىرى سىزگە بۇ ھەقتىكى ئالتۇن ئۆلچەمنى ئېيتىپ بېرىدۇ. دەرھال ساقلىۋېلىڭ ۋە يېقىن دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ تارقىتىپ قويۇڭ.
دوستانە ئەسكەرتىش:
بۇ تېما سىزدىن بەلگىلىك ماتېماتىكا ئاساسى تەلەپ قىلىدۇ، ئەستايىدىل ئوقۇڭ!
ئالتۇن ئۆلچەم فورمۇلاسى:
پۇت ئۇزۇنلۇقى+ئاياغ پاشنىسىنىىڭ ئېگىزلىكىنى بوي ئېگىزلىككە بۆلۈپ+ئاياغ ئېگىزلىكى≈0.618
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل فورمۇلاغا ئۇيغۇن كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايلىق، يېقىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
مەسىلەن:
ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئادەم بەدىنى:
كىندىكتىن تارتىپ تاپانغىچە بولغان ئارىلىق \ باشتىن تارتىپ تاپانغىچە بولغان ئارىلىق≈0.618
يەنى، كىندىكتىن تارتىپ تاپانغىچە بولغان ئارىلىق (پاچاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى) نى باشتىن تارتىپ تاپانغىچە بولغان ئارىلىققا بۆلگەندە كېلىپ چىققان قىممەت 0.618 گە تەڭ چىقىش ياكى بولمىسا بوي ئېگىزلىكىنى 0.618 گە كۆپەيتكەندە ئېرىشكەن قىممەت ئەڭ ئۆلچەملىك پاچاقنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن: بويى 165 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر قىزنىڭ پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 101.97 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا، بۇ قىزنىڭ بەدەن فىگۇرىسى ئەڭ قاملاشقان ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ فورمۇلا بويىچە ئاياغ پاشىنىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى زادى قانداق ھېسابلايمىز؟
بىر قىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى165سانتىمېتىر، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100سانتىمېتىر دەپ پەرەز قىلساق، ئاندىن ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى X دەپ پەرەز قىلىپ فورمىلاغا سالساق:
(100+X)/(165+X)=0.618
ئاندىن بىز ھېسابلاپ X≈5.16 دەپ چىقىرىمىز، شۇنداق بولغاندا بۇ قىز 5 سانتىمېتىر ئېگىزلىكىدىكى ئاياغ كەيسە ئەڭ يارىشىملىق بولىدۇ.
قانچىلىك ئېگىزلىكتىكى ئاياغنى كەيسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بۇنى بىلىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا قانداق پاسوندىكى ئاياغنىڭ يارىشىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ خەير، ئەلداۋا تەھرىرى بۇنىمۇ بىر يولى دەپ بەرسۇن.
【7cm;ئاياغ ئېگىزلىكى≤10cm】
ئىنچىكە پاشنا، ئۇچلۇق ئاياغلار ئەڭ مودا ھېسابلىنىدۇ، ھەم بۇنداق ئاياغنى كىيسە ئەڭ جەلپكار كۆرۈنىدۇ.
【5cm;ئاياغ ئېگىزلىكى≤7cm】
ئوتتۇرھال پاشنىلىق ئاياغلار بۇ يىل ئەڭ مودا بولۇۋاتىدۇ، بۇ خىل ئاياغلار ئۇزۇنچاق كېلىدۇ، ۋە ئۇچلۇق ئىنچىكە پاشنىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جەلپكار، تېتىك كۆرسىتىدۇ.
ساپما كەش ئەندىزىسىدە لايىھەلەنگەن ئاياغلاردا يول ماڭسا راھەت بولىدۇ، ۋە مۇپاۋىق پاشنىسى بار، كەيگەندە تېخىمۇ مودا كۆرۈنىدۇ،پۇتمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
كېپىنەك شەكىللىك ئاياغلار ناھايىتى نەپىس، ۋە ئاددىي كۆرۈنىدۇ.
【3cm;ئاياغ ئېگىزلىكى≤5cm】
بۇ خىل ئاياغلار ئادەم تاللىمايدۇ، سۈپىتىمۇ ياخشى، پۇتنىمۇ ئاغرىتمايدۇ، پۇتى سېمىزلارمۇ كىيەلەيدۇ، ھاۋامۇ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
