بالا ئېمىتىش
ئەمچەكنىڭ ئەڭ مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى بالا ئېمىتىشتۇر، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشى پەرزەنتنى بېقىش ئۈچۈندۇر. ئەمچەك سۈت چىقىرىشقا باشلىغاندا، تولۇق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، سۈت بەزلىرى ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ تەسىرىدە سۈت نەيچىسى ۋە بەز پۈۋەكچىلىرى ئېپىتېلىيەسى ئۆسۈپ، ئەمچەك يوغىناپ، سۈت ئاجرىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، پىرولاكتىننىڭ تەسىرىدە، ئەمچەك سۈت چىقىرىشقا باشلايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن پرولاكتىننىڭ ئېشىشى، بولۇپمۇ بالىنىڭ ئېمىشى بىلەن غىدىقلىنىپ، سۈت بەزلىرىنىڭ ئۇششاق ياپراقچىلىرى بىرىكىدۇ ۋە كۆپ مىقداردا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
جىنسىي پەرق بەلگىسى
ئەمچەك-ئاياللارنىڭ ئىككىنچى جىنسىي بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. تولغان، كۆرۈنۈشى كۆركەم ئەمچەك ئاياللارنىڭ جەزىبىدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
جىنسىي پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ
ئەمچەك سۈت ئاجراتقۇچى ئەزا بولۇپلا قالماستىن، يەنە جىنسىي پائالىيەتكىمۇ قاتنىشىدۇ، ئۇ جىنسىي ئىنكاستا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزادۇر. يۇقىرىدا ئەمچەك تۈگمىسى، ئەمچەك دېغىدا مۇسكۇل توقۇلمىلىرى بولىدىغانلىقىنى، سىلىغاندا، سۆيۈشكەندە ياكى سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان چاغدا، ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ قېتىپ تىكلىشىدىغانلىقىنى؛ ئەمچەك تېرىسى ئاستىدىكى ۋېنالار كېڭىيىپ، قان تولىدىغانلىقىنى؛ ئەمچەكنىڭ تولۇپ، تويۇنغان ھالەتكە كېلىپ جىددىيلىشىشتەك ئىنكاس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمچەك ئاستا-ئاستا نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ. نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەمچىكى غىدىقلانغاندا جىنسىي ھېسسىياتى ئۆرلەيدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ ئەمچىكى جىنسىيەتكە سەزگۈر بولۇپ، ئەمچىكى غىدىقلانسىلا جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىدۇ. بەزىلەر ئەمچەكنىڭ غىدىقلىنىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى نورمال ئەھۋال، ھەربىر ئادەمنىڭ جىنسىي تەلىپى ئوخشاش بولمىغاچقا، غىدىقلىنىشقا بولغان ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەمچەكنىڭ ئورنى ۋە قۇرۇلمىسى
- كېيىنكىسى : ئاياللارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
