ئەمچەك- ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەزادۇر. ئەمچەكنىڭ تولۇق يېتىلىشى ئاياللارنىڭ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى مۇھىم جىنسىي بەلگىسىدۇر. ئۇ سۈت ئاجرىتىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن « سۈت ئەمگۈچى جانلىقلار » تىپىغا كىرگۈزۈلگەن، ئوخشىمايدىغان سۈت ئەمگۈچى جانلىقلار ئەمچىكىنىڭ سانى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى
① دەسلەپكى باسقۇچتىكى يېتىلىشى: تۆرەلمىنىڭ ئالتىنچى
ھەپتىسىدىن باشلاپ تۆرەلمە قورسىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئىككى قاتار « سۈت بېزى نۆكچىسى » پەيدا بولىدۇ، تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ توققۇزىنچى ھەپتىگە كەلگەندە، كۆكرەك قىسمىدىكى ئىككى دانە سۈت بېزى تەرەققىي قىلىپ، قالغانلىرى يوقاپ كېتىدۇ. بوۋاقلاردىكى ئەمچەك توقۇلمىسى تۇغما بولۇپ، ھورمۇنغا ئىنكاسى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ تېنىدە ئانىدىن قوبۇل قىلغان ئاياللىق ھورمۇن كۆپ بولغاچقا، %90 ~ %80 بوۋاق ئاز مىقداردا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ( بوۋاق ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن )، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ كېمىيىشىگە ئەگىشىپ، سۈت ئاجرىتىش بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بەزى يېزىلىرىدا سۈتنى « سېغىۋېتىدىغان » ناچار ئادەت ھېلىمۇ بار، بۇنداق قىلغاندا قىزلارنىڭ ئەمچىكىنىڭ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىدە بالا ئېمىتىشكە تەسىر يېتىدۇ.
② ياشلىق مەزگىلىدىكى ئەمچەكنىڭ يېتىلىش جەريانى: بوۋاقلىقتىن ياشلىققىچە بولغان مەزگىلدە، ئەمچەكتە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ياشلىق مەزگىلى، يەنى جىنسىي ئۆزگىرىشتىن بالاغەتكە يەتكۈچە بولغان تۆت يىل ئەتراپىدا، ھەيز كۆرۈش باشلىنىدۇ. ئەمچەكنىڭ يېتىلىشىنىڭ بالدۇر-كېيىنلىكى ئىرق، ئوزۇقلىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى قىزلارنىڭ ئەمچىكى تەخمىنەن 15 ~ 12 ياشتىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوزۇقلىنىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەيز كۆرۈش بىلەن ئەمچەكنىڭ يېتىلىش ۋاقتى تەدرىجىي ئالدىغا سۈرۈلمەكتە. ئەمچەكنىڭ يېتىلىش ۋاقتى تەدرىجىي ئالدىغا سۈرۈلمەكتە. ئەمچەكنىڭ يېتىلگەنلىكى ئەمچەك دېغىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ، ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ چوڭىيىپ، سۈت بېزى توقۇلمىلىرىنىڭ يوغىناپ كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئىككى ئەمچەك تەڭ يېتىلىدۇ. بىر تەرەپتىكىسىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىكىسىدىن تېزرەك ئۆسۈشىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئەمچەكنىڭ يېتىلىش باسقۇچىدا بىئارامسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ، ئاز ساندىكى بالىلار ئازراق قىچىشقاندەك ياكى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ سۈت بېزى يېتىلىۋاتقاندا سىرتتىن زەخىملەنسە ياكى ئوپېراتسىيەدە زەخىملەنسە ۋە ياكى ياللۇغلىنىپ قالسا، ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولۇپ قالىدۇ.
ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ تېنىدىكى ھەرخىل ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن « ئەرلەردىكى ئەمچەك يوغىناش ئالامىتى » كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە ياشلىق مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىدۇ. بەكرەك ئاغرىتسا ياكى زىيادە يوغىناپ گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزسە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇۋەتسىمۇ بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاياللار ئاسراشقا تېگىشلىك جايلار
- كېيىنكىسى : ئەمچەكنىڭ ئورنى ۋە قۇرۇلمىسى
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
