باش دېرىكتور
يانفوندا كۆرۈش
باش دىرېكتور
ئىش ئورنى-باش دىرېكتور تارماق-ھەر قايسى تارماق بۆلۈملەر
ئۈستىدە- لىدىر قول ئاستىدا-مۇئاۋىن باش دىرېكتور،مالىيە بۆلۈم دىرېكتور
خىزمىتى-خىزمەت تەپسىلاتى-كۈندىلىك ئىشى
1. شىركەت تۈزۈلمە قورۇلۇشىدا:
(1) شىركەتنىڭ ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى لايىھەلەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
(2) ئېھتىياج بويىچە باش تەشكىللەنمىنى تەشكىللەيدۇ .
(3) ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك ئورگانلار ۋە باش تەشكىللەنمىلەرنىڭ خىزمەت يول-يورۇقلىرىنى تۇرغۇزىدۇ.
2.شىركەت تىجارىتىنى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتا:
(1) شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ لايىھەسىنى تۈزىدۇ. بازاردا تەرەققىي قىلىش نۇقتىسىدا ئىستىراتىگىيىسىلىك لايىھەسىنىڭ يۈرۈشچانلىقىنى دەلىللەپ شىركەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشچانلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
(2) ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانلانمىسى ئاساسىدا مۇئاۋىن باش دىرېكتورغا ياردەملىشپ شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانىنى تۈزىدۇ، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
3.سېتىش يوللىرىنىڭ يوسۇن قائىدىلىرىنى تۇرغۇزۇشتا:
شىركەت بازىرىنى كېڭەيتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ماركا تۇغۇچىدىكى باشقۇرۇش، شىركەت يۈرۈشىنى تۇرغۇزۇش ۋە راۋانلاشتۇرش، سېتىشنى، سېتلغاندىن كىينىكى مۇلازىمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار يوسۇن-قائىدىلەرنى تۈزۈشنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
4.بازارنى باشقۇرۇش جەھەتتە:
(1) بازار تەكشۈرۈش، سېتىلىش ئەھۋاللىرىنى تەھلىل قىلىشنى تەستىقلايدۇ.
(2) مەھسۇلات، ئېلان، تەشۋىقات ئىشلىرىنى جالاندۇرۇشنى نۇقتا قىلىدۇ، تۈرلۈك مىدىيالاردىن پايدىلىنىپ، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېچىلىشچانلىقىنى، ماركىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرىدۇ.
(3) تەشۋىقات بىلەن تىجارەتنى بىرلەشتۈرۈپ، شىركەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بازار بوشلۇقى ئاچىدۇ، يارقىن ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلەيدۇ.
5.خادىملار ئىشىدا:
(1) مۇئاۋىن باش دىرېكتورنىڭ تەستىقى ۋە ئىش ئورنى چۈشەندۈرۈشى بىلەن كەلگەن خادىمنىڭ ئىشلەش تەلىپى ياكى خىزمىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىدىغان خادىمنىڭ سانىنى بېكىتىدۇ.
(2) شىركەت ئۈچۈن ئادىل بولغان مائاش تۈزۈمىنى تۈزىدۇ ۋە ئۇنى مۇناسىپ ھالدا ئىسلاھ قىلىدۇ.
(3) ئۈرۈمچىدىكى ئورگانلارنىڭ مائاش تۈزۈلمىسى، پاراۋانلىق ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، خادىملارنىڭ جەمئىيەت نۇقتىسىدا، مۇناسىپ ئىقتىسادىي قىممىتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(4) شىركەتتىكى بارلىق ئىش ھالقىلىرىنىڭ تەبىرى ياكى چۈشەندۈرۈشىلىرىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە تەھقىقلەپ مۇكەمەللەشتۈرىدۇ، ئارخىپلايدۇ.
6.شىركەتنىڭ قوشۇن قورلۇشىىدا:
(1) شىركەتنىڭ قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلايدۇ. خادىملارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىش، كۆزىتىش ۋە تەربىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كۆپ قاتلاملىق تەربىيەلەشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
(2) شىركەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ئاساسىدا، شىركەتتىكى ھەر دەرىجىلىك خادىملار ۋە ھەربىر ئىش ھالقىسىنىڭ تەربىيەلەش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ.
(3) تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۆز ۋاقتىدا باھالايدۇ، خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شىركەت تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلايدۇ. ئىش ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئېلىپ بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ.