تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سىزنى ئەگرى يوللارنى ئاز ماڭدۇرىدىغان يەتتە خىل مەخپىيەتلىك

سىزنى ئەگرى يوللارنى ئاز ماڭدۇرىدىغان يەتتە خىل مەخپىيەتلىك

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2941 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



سىزنى ئەگرى يوللارنى ئاز ماڭدۇرىدىغان يەتتە خىل مەخپىيەتلىك


‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› تاللاش،لايىھەلەش،قۇرۇلما ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتە يەتتە خىل مەخپىيەتلىك بار.پەقەت بۇ يەتتە خىل مەخپىيەتلىك بويىچە ماڭغاندىلا،ئاندىن كارخانىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى مەخپىيەتلىك: ئەڭ ئاددىسىنى تاللاش.
ئەڭ ئاددىيسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ دېگەنلىك مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ياساش ۋە سېتىشنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: يېمەكلىك،داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش،كىيىم-كېچەك،خەۋەرلىشىش،قاتناش،راھەت تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار.بۇ يۇقىرىقى كەسىپلەرنى تاللىساقلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ ناتايىن، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان يۇقىرىقى كەسىپلەرنى تاللىغان كارخانىلار ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان.بىراق ئۇلار ئون چوڭ قائىدىگە ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنى ئىشلەتكەن بولسا،مەغلۇپ بولمىغان بولاتتى.
دېمەكچى بولغىنىم،مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ئىشلارنى تاللاڭ.مودا تەكرار،تۇراقسىز ھالەتتە بولۇپ مۆلچەرلىمەك قىيىن.سەۋەبى،ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ،كۆپ چاغلاردا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقا بىر تۈسكە كىرىپ قالىدۇ.ئەمما ئالاھىدە شىركەتلەر ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولۇپ،ئۇلار ھەم تۇراقلىق ھالەتتە بولىدۇ،ھەم ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدۇ.بۇنداق شىركەتلەر ئاساسى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلاپ قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر قائىدىنىڭ ئالدىن تەكىتلەيدىغىنى: پەقەت زۆرۈر بولغان ئىشنى قىلىڭ.
ئۇنداقتا،بۇ مۇشۇ تۈردىكى شىركەتلەر يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس دېگەنلىكتىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.يېڭىلىق يارىتىش مودىغا ئوخشىمايدۇ.يېڭىلىق يارىتىشتا كۆزدە تۇتۇلغىنى كەشىپ قىلىش.ئەڭ ئادەتتىكى نەرسە ئۈستىدە يېڭىلىق ياراتقاندىن كېيىن،ئۇ نەرسە ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەردە يوق بولغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.بىراق يەنىلا ئادەتتىكى تەپەككۇر شەكلى بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ.دېمەكچى بولغىنىم : تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئاساسى ئىشلارنى قىلىش. تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىش.ئالايلۇق، كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك،تۇرالغۇ ۋە قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش،كىشىلەرنى راھەت تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندۇرۇش.....يىغىپ ئېيتقاندا،كىشىلەرنىڭ شىركەتنىڭ قىلىپ بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش.زور بىر قىسىم كىچىك شىركەتلەر كارخانىنىڭ تىجارەت تۈرىنى تاللىغاندا،ئەڭ مودا بولغان يېڭىلىق يارىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان نەرسىلەرنى تاللايدۇ.بىراق مودا ئېقىمى چەكلىك مۇددەت خاراكتېرلىك،ئۆزگىرىشى تېز،ئىگللىمەك قىيىن ،كەسكىن رىقابەتكە تولغان بولۇپ،كارخانىڭىزنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېپىللىك قىلماق تەس.مېنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: ئاساس بولغان مەھسۇلاتلارنى تىجارەت تۈرى قىلغان،ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلغان كارخانىلار تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېپىللىك قىلالايدۇ.كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ھەم كىشىلەرنى راھەت تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش،پەقەت ئېلانلاردا تەشۋىق قىلىدىغان،سىز نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق دېگەندەك ئىدىيەۋى كۆرسەتمىلەردىن ئەمەس.ئەتراپىمىزدىكى ئۇزۇن يىللىق نامدار كارخانىلار كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك،تۇرالغۇ ۋە قاتناش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.دەل مۇشۇ خىل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ھەمنەپەس بولغان مۇلازىمەت،بۇ كارخانىلارنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادى دولقۇنلاردىمۇ يىقىلماي تىك تۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
ئەلۋەتتە،سىزمۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ مەھسۇلات ئىشلىسىڭىز بولىدۇ،مەسىلەن،ئىشخانىدا يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىك كەسپىمۇ بىر خىل مودا بولغان تىجارەت ئۇسۇلى.
بۇ يەردىكى يېمەكلىك ئاساسى مەھسۇلات،بىراق ئىستېمال شەكلى ئۆزگەردى.مەيلى قانداقلا بولسۇن،كارخانىڭىزنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىسىڭىز،سىز تاللىغان كەسىپ چوقۇم كىشىلەر تۇرمۇشى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا بولۇشى كېرەك.
سىز يەنە بۇ تەپەككۇر نۇقتىسىنى كېڭەيتسىڭىز بولىدۇ.پەقەت مەھسۇلاتلار ئەمەس يەنە مۇلازىمەت ۋە تىجارەت جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىدا كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش زۆرۈر.بەزى كارخانىچىلار مۇنداق قارايدۇ: پايچىكنىڭ مەبلەغ سېلىشى قايتۇرۇش ئۈچۈن؛بانكىغا پۇل قويۇش ئۆسۈم ئۈچۈن؛خادىملارنىڭ قاتنىشىشى كىرىم ئۈچۈن؛ھەمكارلاشقۇچىنىڭ شېرىك بولۇشى پۇل تېپىش ئۈچۈن؛
پەقەت ئىستېمالچى،پايچىك،بانكا،خادىم،جەمئىيەت،ھەمكارلاشقۇچى شېرىك قاتارلىق ئالتە تەرەپنىڭ ‹تەڭپۇڭ تاپاۋىتى› ھەقىقىي تۈردىكى ‹داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تاپاۋەت› بولىدۇ.خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسىپ،‹داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان كەسىپ›بولىدۇ.بۇ كارخانىچىلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى: ئەگەر كارخانىڭىز ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان بولسا،ئۇنداقتا كارخانىڭىز داۋاملىق تەرەققىي قىلالايدۇ.
ئىككىنچى مەخپىيەتلىك:يېڭىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش.
شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇشى،پەقەتلا ئۇنىڭ تىجارەتچىسى خاتا ئىش قىلىپ قويغانلىقتىن بولماستىن بەلكى تىجارەتچىنىڭ ھېچ قانداق ئىش قىلمىغانلىقىدىندۇر.ئەنئەنە ھەرگىزمۇ تىنچ ھالەتتە بولمايدۇ،بەلكى ئادەتتىن شەكىللەنگەن بولىدۇ.تىپتىنچ ھالەتتىكى شىركەتلەرمۇ تەرەققىي قىلالمايدۇ.ئۇلار پەقەت ئۆتمۈشكىلا بېرىلىپ،كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئويلىمايدۇ.لېكىن بىر قىسىم ئالاھىدە شىركەتلەر بولسا،ئۆتمۈشنى يېڭىلايدۇ.ئۇلار ئۈچۈن بۈگۈن تۈنۈگۈننىڭ ئەتىسى،ئەتە بولسا ئۆگۈنلۈكنىڭ تۈنۈگۈنى.بۇ ئالاھىدە شىركەتلەر توختىماستىن بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆلچەم ئىجاد قىلىدۇ،چۈنكى بۇ شىركەتلەر ناھايىتى تەلەپچانلىق بىلەن ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىدۇ.بۇ شىركەتلەر ئاساسى،ئۇل ئىشلارغا،مەركەزلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،يەنە كېلىپ باشقا ھەر قانداق شىركەتكە قارىغاندا ياخشى قىلىدۇ.بۇ ئالاھىدە شىركەتلەرنىڭ ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك شىركەت› كە ئايلىنىشى،ئۇلارنىڭ يېڭىلاشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدا،پەقەت كەسپى مەزمۇننى يېڭىلاپ قالماستىن يەنە،كەسپى ئەندىزىسىنىمۇ يېڭىلىغان.
ئەگەر ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ئۆزىگە خاس پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان بولسا،ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قالتىس شىركەتلەرنىڭ بىرى بولاتتى.ئەگەر ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى يېڭىلاشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا،ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ باشلامچىسى بولاتتى.بىراق ئۇ بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى،ئۇ خېرىدارلارغا بېرىدىغان نەتىجىنى يېڭىلىمىدى.تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا،بارلىق كارخانىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نەتىجە.‹ئىگىلىك تىكلەشتە چوقۇم قىلىدىغان ئىشلار›دېگەن كىتابتا مەن مۇنداق دېگەن: ‹خىزمەتكە ئەمەس،نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك›،ئېسىڭىزدە بولسۇن: نەتىجىنى يېڭىلاپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
نۇرغۇن كىچىك كارخانىلار نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ،كارخانىنىڭ ھەر بىر ئىشىنى مۇكەممەل قىلىشنى ئويلايدۇ.باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ئاستىدا،بارلىق خىزمەتلەر دەرىجە قاتلىمىنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدا بولۇپ،تەرتىپ بويىچە ماڭىدۇ.بىراق سېلىنما كۆپ،ھاسىلات ئاز بولغان،ئەھمىيىتى بولمىغان ھەتتا خاتا بولغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەبلىك بارلىق تىرىشچانلىقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ سەۋەبى ، ئۇلار پەقەت خىزمەتتىكى ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ،ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارىمىغان.كەلگۈسىگە بولغان ئاڭ بولمىغانلىقتىن،نەتىجىنى كۆرەلمىگەن.
زېھنىڭىزنى جەرياندىكى پىلان تۈزۈش،ۋەزىپە تەقسىملەش،نازارەتچىلىكنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلماي،ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا،قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايسىز.ئېسىڭىزدە بولسۇن: سىز مەڭگۈ ئىشنى توغرا قىلماي،ئەكسىچە توغرا ئىش قىلىشىڭىز كېرەك.بىر كىچىك كارخانىچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆتمۈشتىكى خىزمەتلىرىڭىزنى خۇلاسىلەپ، نەتىجە بىلەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ،نۆۋەتتىكى بارلىق خىزمەتلىرىڭىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ،كەلگۈسىدە قانداق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىشىڭىز لازىم.
ئۈچىنچى مەخپىيەتلىك: خېرىدارنىڭ ئىنكاسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش.
ھەممىمىزگە ئايان نۇرغۇن كىشىلەر ‹خېرىدارنىڭ ئىنكاسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش كېرەك› دەيدۇ،لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.خېرىدارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ خېرىدارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش: خېرىدارغا دىققەت قىلىش،خېرىدارغا ئەگىشىش،ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاش،ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش،ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى چۈشىنىش؛خېرىدار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ بالىسىنى ئېمىتكەن ۋاقىتتا،ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئىشقا ماڭغان ۋاقىتتا،ئۆز خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتتا،چۈشلۈك تاماق يېگەن ۋاقىتتا،چۈشتىن كېيىنكى قىسقا دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش.خېرىدار بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن،نېمە ئىش قىلغىلى بارىدۇ؟ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنكى تەسىراتى قانداق؟ ئۇنىڭ ئۆيى قارىماققا پاكىزمۇ؟ نەرسە كېرەكلىرى تەرتىپلىك قويۇلغانمۇ؟ ئۆيىنىڭ بېزىلىشى قانداق؟ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ تېلېۋىزور كۆرەمدۇ؟ ئۇنىڭ بالىسى بارمۇ؟ بالىسى قانچە ياشقا كىردى؟ ئۇ بالىسىغا كەچلىك تاماق ئېتىپ بېرەمدۇ؟ بالىسى كۈندە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇمدۇ؟ ئۇلار ياخشى ئوقۇغۇچىمۇ؟ ئۇلار مەكتەپتە چاتاق چىقىرىپ يۈرەمدۇ؟.... يالغۇز بۇلارلا ئەمەس يەنە خېرىدارنىڭ كىملىكى،نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى،قانداق ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى..... خېرىدارىڭىزغا دىققەت قىلىڭ،خېرىدارىڭىزنى ئۆزىڭىزنى چۈشەنگەندىنمۇ بەك چۈشىنىڭ.
تۆتىنچى مەخپىيەتلىك: ئاڭلىغان،كۆرگەن،ھېس قىلغانلىرىڭىزغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈڭ.
ئەگەر پەقەتلا خېرىدارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ،( ئۇنى كۆرۈپ،ئۇنى چۈشىنىپ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ.) خېرىدارىڭىزغا بولغان ئىنكاسىڭىزنى،شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يولغا قويۇش پىلانىغا كىرگۈزمىسىڭىز،ئۇنداقتا ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.شىركەتنىڭ كونكرېت بولغان ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلىرىدىكى تەييارلاش،لايىھەلەش،قۇرۇلما ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار شىركەتنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قىلغان ئىشلىرىدا ۋە بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن: شىركەت رامكىسى،مەدەنىيەت ۋە تاپشۇرغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت،شىركەت روھى ۋە ھېس قىلىش كۈچى قاتارلىقلار.ئەگەر بۇ نىشاننى مۇۋاپىقلاشتۇرماقچى بولسىڭىز،ئۇ چاغدا شىركەت چوقۇم مۇناسىپ بولغان بىر تۈرلۈك مېخانىزم،بىر تۈرلۈك قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈشى لازىم.سىزنىڭ كوللىكتىپىڭىزمۇ بۇ قۇرۇلمىغا سىڭىپ كىرىشى،كوللېكتىپتىكى بارلىق ئەزالار چوقۇم بۇ قۇرۇلمىنى چۈشىنەلىشى ۋە تارقىتالىشى كېرەك.ئۇلار بۇ قۇرۇلمىنى چوقۇم كۆرەلىشى ۋە ھېس قىلىشى، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلمىنى ئۆز-ئارا ۋە شىركەتنىڭ بارلىق ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرىگە ۋە يەنە مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ،مەبلەغ سالغۇچى تەرەپلەرگىمۇ نامايەن قىلىپ بېرەلىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا شىركىتىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن ‹كۆڭۈلدىكىدەك،مۇۋاپىق ئىش قىلىدىغان شىركەت› دەپ قارىلىدۇ.ۋە بۇ خىل قاراش سىزنىڭ شەرەپ ئوردىنىڭىز بولىدۇ.بۇ ئوردىن شىركىتىڭىزنى ئىسمىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى بەلگە بولىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا شىركىتىڭىزنىڭ ئىسمى كىشىلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىدۇ.شىركىتىڭىز كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇلار كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئەڭ ئالاھىدە شىركەت دەپ تەرىپلىنىدۇ.مۇشۇ سەۋەبلەردىن شىركىتىڭىز‹ يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك شىركەت› دەپ ئاتىلىدۇ.شىركىتىڭىزنىڭ ئىگە بولغانلىرى،بۇ خىل كۈچنى ھېس قىلالمىغان باشقا شىركەتلەر ھازىرلىمىغان نەرسىلەر بولىدۇ.ۋە شۇنداقلا شىركىتىڭىز قىلالىغان بارلىق ئىشلارمۇ،باشقا شىركەتلەر تونۇپ يېتەلمىگەن ئىشلار بولىدۇ.بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.ئەگەر سىز ئۇنتۇپ قالسىڭىز،شىركىتىڭىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
تاشقى ئاۋازلارغا قۇلاق سالماسلىق ياكى مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرماسلىق.
شىركىتىڭىز مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ياخشى بولمىغان ئىنكاسلىرىغا ئۇچرىسا،شۇ ئىنكاسلارنى ئېيتقۇچى تەرەپ سىزنىڭ خېرىدارىڭىز ياكى شېرىكىڭىز ۋە ياكى رىقابەتچىڭىز بولسۇن،سىز بۇ ئىنكاسلارغا پىسەنت قىلماي،ئاڭلىمىغان،كۆرمىگەنگە سېلىپ تىجارەت ئۇسۇلىنى ياخشىلار ئارقىلىق بۇ ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرمىسىڭىز،كارخانىڭىز ئاخىرىدا يەنىلا ۋەيران بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.بۇ نۇقتىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.گەرچە كارخانا سىزنىڭ بولسىمۇ،ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ،ئەكسىچە باشقىلار يەنى سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.بىر مۇنەۋۋەر كارخانىچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئىچكى قەلب ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇشى،سىرتقى قىسىمدىكى ئاۋازلارغىمۇ دىققەت قىلىشى ۋە شۇ ئاۋازلارغا قارىتا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشى،بۇ ئىنكاسلارنى كارخانىنى ھەر جەھەتتىن مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىپادىلىشى كېرەك.
بەشىنچى مەخپىيەتلىك: ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىش
ھەر قېتىمقى‹ يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›نى تىلغا ئېلىشىم ئىككى كارخانىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ،ياخشىسىنى تاللاش بولماستىن،بەلكى،سىز بېكىتكەن ئۆلچەم باشقا بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا،پەقەت باشقىلار سىزنى دورىسا بولىدۇ،سىز باشقىلارنى دورىسىڭىز بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بېكىتكەن ئۆلچەم چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى،باشقا شىركەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىشىۋالالمايدىغان بولۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،سىزنىڭ توختىماي كارخانىنى ھەر تەرەپتىن ياخشىلىشىڭىز سەۋەبىدىن،باشقا شىركەتلەرمۇ سىزگە ئەگىشىپ سىز بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ.ئۇنداقتا بىز تونۇيدىغان ئىلگىرىكى جون بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغاندۇ؟ ئۇ بەلكىم جىددىيلىشىپ پۈتۈن بەدىنىنى قورقۇنچ بېسىۋېلىشى مۇمكىن.بۈگۈنگە كەلگىچە ئۇ ئىزچىل ماشىنا رېمونت قىلىپ كەلگەن.ئۇنىڭ بېكىتكەن ئۆلچىمىمۇ ئوچۇقراق ئېيتقاندا: كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلسا ياخشى،قىلالمىسا ياخشى ئەمەسدىن ئىبارەت.لېكىن ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›نى قۇرماقچى بولغان ماشىنا رېمونت شىركىتىگە نىسبەتەن پەقەتلا ماشىنىنى رېمونت قىلىش بەكمۇ تۆۋەن ئۆلچەم بولۇپ قالىدۇ.بۇندىن باشقا داۋاملىق پايدىلانغىلى بولىدىغان،بايقالغان ياكى ئورناتقان ئۆلچەملەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.مىسال: ماشىنىلار رېمونتخانىدىن چىققاندا پاكىزە چىقامدۇ؟ خېرىدارنىڭ ماشىنا رېمونت قىلدۇرۇش ئېھتىياجىدىن باشقا يەنە قانداق پۇرسەتلەر بار؟ بۇ رېمونت مەركىزىنىڭ خېرىدارلارنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يەنە قانداق ھەقسىز مۇلازىمەتلىرى بار؟.... قانداق ئىشتىن پايدىلىنىپ خېرىدارنى خۇشال قىلىش بولسا،ئۆلچەمنى يۇقىرى بېكىتكەنلىكنىڭ ماھىيىتى.قارىماققا مۇمكىن ئەمەستەك ئەھۋال ئاستىدا،بۇ ئىشنى قانداق باشقا ئېلىپ چىقىش بولسا،ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن ھەر قانداق نەتىجىدىن ئېشىپ چۈشۈشنىڭ ماھىيىتى.بۇنداق مەنىسىز تۇماننىڭ ئورىۋېلىشى ئاستىدا،جون چوقۇم ئۆزىنى بەكمۇ پاراسەتسىز،كۈلكىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن.ئىلگىرى ھېچ كىشى تىلغا ئېلىپ باقمىغان بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا جون ( ياكى سىز) ئۆزىنى ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان كىشىدەك ھېس قىلىدىغاندۇ.بۇ دۇنيا نېمە دېگەن بىمەنە،نېمە دېگەن غەلىتە! يەنە نېمە دېگەن قىزىقارلىق،كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ-ھە!
مەھسۇلاتلىرىمنى سېتىپ چىقارساملا بولدى.ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلار نەپىس بولسا،سېتىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ.مۇلازىمەت جەھەتتە بولسا خېرىدارنى رازى قىلساقلا بولدى دېگەندەك قاراشلار كارخانىڭىزنى بەكمۇ چاكىنا كۆرسىتىپ قويىدۇ.ۋە يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە يەتسىمۇ كارخانىڭىز يەنىلا ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› بولۇپ چىقالمايدۇ.سەۋەبى شىركەتكە قويغان ئۆلچەم بەكلا تۆۋەن بولغانلىقتىن باشقا شىركەتلەرنىڭ ئېشىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.‹پالنامە› ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: بىر كىشى ئۆلچەمنى يۇقىرى بېكىتسە،ئاخىرىدا يېتىدىغىنى ئوتتۇرھال سەۋىيە؛لېكىن ئۆلچەمنى ئوتتۇرھال بېكىتسە،ئاخىرىدا يېتىدىغىنى تۆۋەن سەۋىيە بولۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،كارخانىغا بېكىتمەكچى بولغان ئۆلچەمنى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىدە بېكىتىڭ.بۇ يۇقىرى ئۆلچەم بولسا خېرىدارىڭىزنى ھەيران قالدۇرۇپ ۋە خۇشال قىلىپ،رىقابەتچىڭىزنى سىزدىن ئېشىپ كېتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈشتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانىنىڭ خىزمىتىنى ‹ناھايىتى ياخشى›‹تېخىمۇ ياخشى›ئورۇنلىشىڭىز كېرەك.چۈنكى دۇنيادا ئەڭ ياخشىسى يوق،پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار.
ئالتىنچى مەخپىيەتلىك بىر ئېسىل ھىكايىنى بايان قىلىش.
شىركىتىڭىزنىڭ ھېكايىسى ئېسىل بولۇشى،ھېسسىيات چوڭقۇر،سەمىمىي بولۇشى،بايان قىلىش ئۇسلۇبى مېغىزلىق،ئىخچام بولۇشى.كوللېكتىپتىكى بارلىق ئەزالار چوقۇم ئىشىنىشى،سۆزلىشى،ھېس قىلىشى،تارقىتىشى،چۈشەندۈرۈشى،بۇ ھىكايىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.شىركىتىڭىز بۇ ھىكايىنىڭ بىر مەھسۇلاتى بولماستىن ئەكسىچە بۇ ھېكايە شىركىتىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى بولۇشى،ئاۋۋال شىركەت بارلىققا كېلىپ ئاندىن ھېكايە بارلىققا كېلىشى كېرەك.گەرچە بۇنداق قىلىش كىچىك ئىشنى داغدۇغىلىق قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بىر شىركەتنىڭ رىۋايىتى مۇشۇنداق ھىكايىلەر ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ.سىزنىڭ شىركىتىڭىز يەنى بىر بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان شىركەت،(جوننىڭ يېڭى شىركىتى ۋە سىزنىڭ يېڭى شىركىتىڭىزنى دېمەكچى.) چوقۇم بىر رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە،جون سىز ۋە ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› قۇرۇشنى زىممىسىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرمۇ رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.بۇ بىر كاتتا ھېكايە بولىدۇ! ئويلاپ كۆرۈڭ،ئويلاپ بېقىڭ....ئون مىڭ ھېكايە! ئادەتتىكى بىر ئادەم قانداقمۇ بۇنداق رىۋايەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئۇ قانداق باشلىنىدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل نەتىجىلىرىنىڭ بولۇشىنى قانداق قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلالىغان ؟ بىر خىل ئىدىيە كىشىنى مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندەۋاتقان ۋاقىتتا،قانداق بىر كۈچ ئۇنىڭغا يۆلەك بولىدۇ؟ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھېكايىسى.بۇ خىل تىرىشىش ھېكايىلىرى كۆپىنچە كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ باشلىنىشى باشقا ھېكايىلەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.ھەممىسى ھەرخىل ئوي-پىكىر بىلەن باشلىنىدۇ.لېكىن بۇ خىل ھېكايىلەردىكى ئوي پىكىر بىر شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ھەم ئۇنىڭ ئاخىرىدا‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.بۇ خىل ئوي-پىكىرنىڭ ئىلگىرىكى ئويلىغان باشقا ئوي-پىكىرلەرگە قارىغاندا پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،بۇ خىل ئوي پىكىر بىر قاتار مەسىلىلەردىن پەيدا بولغان.
بۇ كىتابتا: مەن نېمە قىلىۋاتىمەن؟ ھاياتىمنىڭ مەنىسى قەيەردە؟ مەن نەگە نېرىپ نېمە ئىش قىلىمەن؟ قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،بۇ مەسىلىلەر بىر قاتار ئوي-پىكىرلەرنى ئويغىتىدۇ.بۇ ئوي-پىكىرلەر يەنە كېيىنكى قەدەمدىكى يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى قوزغىتىدۇ.شۇنداق قىلىپ،بۇ ئارقىلىق بىر قاتار ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ.بۇ خىل ئوي-پىكىرلەر بىر-بىرىگە باغلانغان بولۇپ خۇددى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان بىر تىزىق مەرۋايىتقا،بىر يىپ-بىر يىپتىن توقۇلغان چىرايلىق گىلەمگە ئوخشايدۇ.ھەر خىل ئوي پىكىرلەر ئۆز-ئارا باغلىنىپ سىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان،يېڭىلا قاتقان بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ.رەسىمنى كۆرگەن كىشىگە،سىزگە،جونغا نىسبەتەن بۇ بىر ۋەدە : بىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيمىز.تۇرمۇشىمىزنىڭ يېڭى بىر ھالەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
شىركىتىڭىز چوقۇم مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرى داۋاملىشىپ ماڭالايدۇ.
يەتتىنچى مەخپىيەتلىك: ھىكايىڭىزنى تىرىلدۈرۈڭ.
ئەگەردە ھىكايىڭىزنى تىرىلدۈرەلمىسىڭىز،بايان قىلغان بۇ ھىكايىڭىز كۆپۈككە ئايلىنىپ،ئەمگىكىڭىز نەتىجىسىز بولۇپ قالىدۇ.سىز بايان قىلغان بۇھىكايە چوقۇم شىركىتىڭىز،كوللىكتىپىڭىز ۋە ئۆزىڭىز تەرىپىدىن يېشىلىپ بېرىشى كېرەك.بۇ ھېكايە تۇنجى قېتىم بايان قىلىنغان ۋاقىتتا،خاتىرىلىنىپ مېڭىشى،ۋە ھىكايىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق يېشىلىپ مېڭىشى كېرەك.
سىزنىڭ شىركىتىڭىز،سىزنىڭ ‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا› ڭىزنىڭ ھەر بىر بۆلىكى،ھەر بىر ھەرىكىتى چوقۇم بۇ ھىكايىنىڭ ئىچىدە ياشىشى،چوقۇم بۇ ھىكايىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھەر بىر بۆلەك،ھەر بىر پېرسوناژ ئاكتىپلىق بىلەن ھېكايە مەزمۇنىغا ئايلىنىشى،ھەر بىر بۆلەك،ھەر بىر پېرسوناژ شىركەت تۇمۇشىدىمۇ بولۇشى كېرەك.شىركەت قۇرغۇچىسى بولغان سىز ھېكايىدە، شىركەتتە،تۇرمۇشىڭىزدا ئاساسلىق رولچى بولىشىڭىز كېرەك.بۇ ھېكايە ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس،ئەكسىچە سىزگە ئوخشاشلا ھەقىقىي،چىن.سىز ئېلىۋاتقان رول،سىزنىڭ شىركىتىڭىز،ھىكايىڭىزدە تەكرار بايان قىلىنىۋاتقان تارىخ،بارلىق نەرسىلەر رېئال نەرسىلەردۇر.سىز باشتىن كەچۈرگەن بارلىق خۇشاللىق،ئازابلىق كەچۈرمىشلەرمۇ،بارلىق نەرسىلەر رېئال،چىن ھەقىقىيدۇر.بۇ ئىشلار شۇ قەدەر تىياتىر تۈسىنى ئالغان بولۇپ،ھەتتا ھېكايىدە بايان قىلىنغان شۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزدىن ئۆزىڭىز ھەيران قالىسىز.بۇ ھېكايە ھەل سىز سۆزلىمەكچى بولغان،شىركىتىڭىزنىڭ ھېكايىسى،سىز بارلىققا كەلتۈرگەن،قۇرۇپ چىققان،يېتىشتۈرۈپ چىققان،‹يەر شارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›غا مۇناسىۋەتلىك ھىكايىدۇر.
ھىكايىڭىزنى چوقۇم تىرىلدۈرىشىڭىز كېرەك.ئەگەر تىرىلدۈرمىسىڭىز بۇ ھېكايە ھەقىقىي بولمايدۇ،ھىكايىڭىز ھەقىقىي بولمىسا،شىركىتىڭىزمۇ ھەقىقىي شىركەت بولمايدۇ،شىركىتىڭىز ھەقىقىي،چىن بولمىسا سىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيامۇ چىن،ھەقىقىي بولمايدۇ.گېپىم ئېسىڭىزدە بولسۇن: شىركىتىڭىز ھەقىقىي،چىن بولمىسا سىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيامۇ چىن،ھەقىقىي بولمايدۇ.ئەگەر بۇ ئىش راستلا يۈز بەرسە،سىز دەۋاتقان بارلىق ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.ھەممە ئىش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،ھىكايىڭىز سىزنىڭ ھېچقانداق رەڭ بولمىغان،سىدام ئاق كۆڭلەك كىيىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا،سىز شۇنداق ئاق كۆڭلەك كىيىشىڭىز؛ھىكايىڭىز سىزنىڭ قىممەت باھالىق كاستۇم كىيىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا،سىز كاستۇم كىيىشىڭىز؛ھىكايىڭىز ئادەملەرنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن يۈرۈشنى تەلەپ قىلسا،ئۇنداقتا ئەتراپىڭىزغا خۇشال،كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتىكى كىشىلەرنى توپلىشىڭىز كېرەك.ئەگەر قىلالمىسىڭىز ھېكايە سۆزلەيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.مانا بۇ سىزنىڭ ھىكايىڭىز،مانا بۇ ھىكايىڭىزدىكى سىز.
‹ئاتالمىش داڭلىق ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر توقۇلما.مەن ئەستايىدىللىق بىلەن شىركىتىم ئۈچۈن تىرىشىمەن.› ـــ بۇ بولسا بىر قىسىم ئەمەلىيەتچىل كىچىك كارخانىچىلارنىڭ ئويى.بۇنداق ئويدا قانداق مەسىلە بار؟ ئۇلار تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ كارخانىغا بولغان رولىغا سەل قارىغان.ئارزۇ-ئۈمىدنى خام خىيال دەپ قارىغان.
ئەمەلىيەتتە،كارخانىڭىز قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا،بىر ھېكايە ياكى بىر رىۋايەت باشلانغان.سىز بۇ نۇقتىغا ئىشىنىشىڭىز ۋە كوللېكتىپتىكى بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ ھىكايىنى بايان قىلىشىڭىز كېرەك.ھېكايە قانچە ئېسىل بولسا،كىشىلەرنىڭ شۇنچە ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.نەتىجىدە كارخانىڭىزنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.سىز تىلىڭىز ئارقىلىق بۇ ھىكايىنى ئابستراكتلاشتۇرۇڭ،روشەنلەشتۈرۈڭ،مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.مانا بۇ چوڭ كارخانىچىلار تەشۋىق قىلىدىغان كارخانىنىڭ داڭلىق ھېكايىسى.بۇ ھېكايە ھەرگىزمۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان،ياكى سىزىپ چىقىلغان ئەمەس.بەلكى ئاڭلىغۇچىنى ئىشەندۈرىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق،ئىجاد قىلىپ چىقىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن،ھېكايە سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا، بىردەكلىكنى ساقلىشىڭىز،ھىكايىڭىزگە ساختىلىق ئارىلاشتۇرماسلىقىڭىز كېرەك.كەلگۈسىنى تەسۋىرلىسىڭىز بولىدۇ،لېكىن چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن كەلگۈسىڭىزنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىز لازىم.ئۇندىن باشقا،كارخانىڭىز بىلەن بىرلىكتە،ھەر قېتىملىق يېڭى كەچۈرمىشتە بۇ ھىكايىنى بايان قىلىپ،كۆپچىلىككە بۇ ھىكايىنى ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك.كارخانا ئادەمنىڭ تىرىشىپ بۇ داڭلىق ماركىلىق ۋەدىنى ئورۇندىشىغا موھتاجدۇر.
بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى