يانفوندا كۆرۈش
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى چوڭ جەھەتتىن 31 تۈرىگە بۆلىنىدۇ . ئۇلار :
1. ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات
2. يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي
3. مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە باشقا تۈردىكىلەر
4. تەم تەڭشىگۈچلەر
5. گۆش مەھسۇلاتلىرى
6. سۈت مەھسۇلاتلىرى
7. ئىچىملىك
8. قولايلىق يېمەكلىكلەر
9. پېچىنە تۈرىدىكىلەر
10. كونسېرۋا
11. سوغۇق يېمەكلىكلەر
12. تىز توڭلىتىلغانيېمەكلىكلەر
13. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋەكۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر
14. كەمپۈت تۈرىدىكىلەر
15. چاي ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار
16. ھاراق تۈرىدىكىلەر
17. سەي -كۆكتات تۈرىدىكىلەر
18. مېۋە - چېۋە تۈرىدىكىلەر
19. قورۇلغان يېمەكلىك ۋە چىداملىق يېمەكلىكلەر
20. تۇخۇم تۈرىدىكىلەر
21. كولا ۋە قەھۋە تۈرىدىكىلەر
22. يېمەكلىك شېكەر
23. سۇ مەھسۇلاتلىرى
24. كىراخمال ۋە كىراخمال تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار
25. تورت پۇرچاق تۈردىكلەرمەھسۇلاتلار
26. ھەسەل مەھسۇلاتلىرى
27. ساغلاملىق يېمەكلىكى
28. ئالاھىدە تېبابەتتەئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر
29. بوۋاقلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى
30. ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەر
31. باشقا تۇردىكى يېمەكلىكلەر دەپ 31 دەرىجىگەئايرىلىدۇ .
بۇ 31چوڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . تۆۋەندە بىز 1 – چوڭ تۈر بولغان ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنىچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىنچىكە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش جەدۋىلى
1 . ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش
0101 بۇغداي ئۇنى ( ئۇن زاۋۇتى قۇرۇش)
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى بۇغداي ئۇنى مەھسۇلاتى بارلىق بۇغداينى خام-ئەشيا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بۇغداي ئۇنى مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1) ئورتاق ئىشلىتىدىغان بۇغداي ئۇنى ( ئالاھىدە 1- دەرىجىلىك بۇغداي ئۇنى ، ئالاھىدە 2 -دەرىجىلىك بۇغداي ئۇنى ، ئۆلچەملىك ئۇن ، ئادەتتىكى ئۇن ، يۇقىرى تالالىق (تىلىپلىق ) بۇغداي ئۇنى ، تۆۋەن تالالىق (تىلىپلىق ) بۇغداي ئۇنى ، ئوزۇقلۇق ماددىسى كۈچەيتىلگەن بۇغداي ئۇنى ، ساپ بۇغداي ئۇنى قاتارلىقلار ) ؛
2) مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇغداي ئۇنى ( بولكىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، چۆپكە (ئۈگرە) ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، چۆچۈرە- جۇۋاۋىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، مومىغا (مانتىغا)ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، ئېچىتىلغان پىرەنىككە ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، چۈرۈك پېچىنىگە ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، تورتقا ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، باقالىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇنى ، بۇغداي تۆرەلمىسى قاتارلىقلار )؛
بۇغداي ئۇنىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ، يەنى بۇغداي ئۇنى(小麦粉).بۇغداي ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3 يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
0102 گۈرۈچ (گۈرۈچ پششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش )
1. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى گۈرۈچ بولسا شالنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن بارلىق گۈرۈچ مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گۈرۈچ ( گۈرۈچ ، نومى گۈرۈچى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ ) ئايرىپ ئوراپ- قاچىلاشقا يول قويۇلىدۇ .
گۈرۈچىنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ، يەنى گۈرۈچ(大米).گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3 يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
0103 كەسمە چۆپ ( كەسمە چۆپ ياساش زاۋۇتى قۇرۇش )
3. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىلدىغان مەھسۇلاتنىڭ دائىرىسى ۋە ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى.
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى باشقۇرۇشىدىكى كەسمە چۆپ مەھسۇلاتى بولسا بۇغداي ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، قوناق ئۇنى، ماش (ياكى ماش ئۇنى، ماش بوتقىسى )، سېرىق پۇرچاق (سېرىق پۇرچاق ئۇنى، سېرىق پۇرچاق سۈتى )، كۆكتات ياكى (كۆكتات ئۇنى، كۆكتات شىرنىسى)، تۇخۇم(ياكى تۇخۇم سېرىقى)قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، تۇز ، سودا ياكى تىلىپ ئۆزگەركۈچ قوشۇش ،ماشىنا ياكى قول ئارقىلىق پىششىقلاش، ئوتتا ياكى قۇياش نۇرىدا قاقلاپ قۇرۇتۇش قاتارلىق تېخنولوگىيەلىك جەريانلاردىن ئۆتكەن قۇرۇق ئۈگرە. ئۇ ئادەتتىكى كەسمە چۆپ،رەڭلىك كەسمە چۆپ ۋە قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ قاتارلىق تۈرلىرى بار.
1 . ئادەتتىكى كەسمە چۆپ ( ئادەتتىكى كەسمە چۆپ قاتارلىقلار )
2. رەڭلىك كەسمە چۆپ ( سەي - كۆكتاتتىن ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ ، تۇخۇملۇق كەسمە چۆپ ، ئوزۇقلۇق ماددىسى كۈچەيتىلگەن كەسمە چۆپ ، قارا ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ قاتارلىقلار )
3 . قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ ( قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ قاتارلىقلار )؛
كەسمە چۆپنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش بىرلىكى 1 ،يەنى كەسمە چۆپ(挂面).كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋقىتى 3يىل،3يىلدىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
0104 باشقا تۈردىكى ئاشلىقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار
1 . دانلىق زىرائەتلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار (ئاققوناق دېنى ، سۆك ، ئىللىيۇزىن سۆكى ، تېرىق ، قارا گۈرۈچ ، زىمىي ، قىزىل سىزىقلىق گۈرۈچ ، بۇغداي دىنى ، ئارپا دىنى ، يالىڭاچ ئارپا دىنى ، يالىڭاچ سۇلۇ دىنى ، سۇلۇ دىنى ، قارا بۇغداي دىنى ، ئىئوۋلېۋا دېنى ، دىستىللەنگەن گۈرۈچ ، سەككىز خۇرۇچلۇق گۈرۈچ تۈرى ، ئارىلاشما ئاشلىق تۈرى قاتارلىقلار ):
2 . دانلىق زىرائەتلەرنى تۈگمەندە تارتىش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ( قوناق تېشى ، قوناق ئۇنى ، سۇلۇ پارچىسى ،يېپىشقاق گۈرۈچ كۇمىلىچى ئۇنى ، نومى گۈرۈچى ئۇنى ، يالىڭاچ سۇلۇ ئۇنى ، بۇغداي ئۇنى ، قوناق ئۇنى ، قارا بۇغداي ئۇنى ، يالىڭاچ ئارپا ئۇنى ، پۇرچاق ئۇنى ، گۈرۈچ ئۇنى ، يېشىل پۇرچاق ئۇنى ، سېرىق پۇرچاق ئۇنى ، قىزىل پۇرچاق ئۇنى ، كۆك پۇرچاق ئۇنى ، دادۇر ( باقىلا ) ئۇنى ، سۆك ئۇنى ، ئارىلاشما ئاشلىق ئۇنى قاتارلىقلار )؛
3 . دانلىق ئاشلىق ئۇنىدىن ئىشلەنگەن تەييار مەھسۇلاتلار (ئۈگرە چۆپى ، چۆپ ، خېمىر ، چۆچۈرە جىلتىسى ، نېلۇپەر يوپۇرمىقى پېچىنىسى ، پىنتوزا ، كاۋاك ئۈگرە، گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىقلار )؛
دانلىق زىرائەتلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ، دانلىق زىرائەت ئۇنىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئايرىم ئوراپ- قاچىلاشقا يول قويۇلىدۇ .