تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەمگەك توختامى (مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان)

ئەمگەك توختامى (مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان)

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 2111 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

ئەمگەك توختامى

(مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان)

ئا تەرەپ:

ب تەرەپ:

توختام ئىمزالىغان ۋاقىت:     -يىلى     -ئاينىڭ     -كۈنى

ب تەرەپ ئالاقىلىشىش تېلېفونى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نازارىتىدە تۈزۈلدى

نازارەت قىلىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 12333

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام –بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر ،ئىختىيارى بولۇش ،ئورتاق كېڭىشىش، سەمىمىي ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بۇ توختامنى ئىمزالىدى ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىشقا كېلىشتى.

بىرىنچى، ئا تەرەپنىڭ ئاساسي ئەھۋالى
    1-ماددا ئا تەرەپ________________
قانۇنى ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى______________
ئىقتىسادىي شەكلى: _________ئالاقىلاشقۇچى ھەم ئالاقىلىشىش تېلېفونى:_______ _ 
تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسى: ______________________________
تىجارەت قىلىدىغان ئادرېسى: _______________________________
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:__ _____________________________

ئىككىنچى، ب تەرەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
2-ماددا ب تەرەپ ____________   جىنسى ___
نوپۇسنىڭ تۈرى  (شەھەر-بازار، يېزا)_________________ _____
كىملىك نومۇرى _________________  

ياكى باشقا ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ نامى______

گۇۋاھنامە نومۇرى__________________
ئا تەرەپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى _____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنى
ئائىلە ئادرېسى_________________________ پوچتا نومۇرى ________
شىنجاڭدىكى ئادرېسى______________ پوچتا نومۇرى________
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ____ئۆلكە (شەھەر) ______رايون ( ناھىيە )_______  كوچا ( يېزا–بازار)

ئۈچىنچى، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى

3-ماددا مەزكۇر توختام بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغان مۇددەتتىكى ئەمگەك توختىمىدۇر.

مەزكۇر توختام     -يىلى    -ئاينىڭ    -كۈنىدىن باشلاپ كۈچگە ئىگە بولۇپ، توختامدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى تاماملانغان كۈن ئەمگەك توختامىنىڭ ئاخىرلىشىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى

4-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ___________________________(ئورۇن)دا ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىدۇ.
5-ماددا ئا تەرەپنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ب تەرەپ _________ئىش ئورنىدا __________خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قوشۇلدى. ئا تەرەپ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئورنىنى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

6-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم ب تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان خىزمەت تەلىۋى دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مىزانى ۋە ئا تەرەپ قانۇن بويىچە تۈزگەن ھەم ئاشكارلىغان قائىدە–تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ب تەرەپ ئا تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم تەلەپ بويىچە ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

بەشىنچى، خىزمەت ۋاقتى

7-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بىر پىكىرگە كېلىپ تۆۋەندىكى ___-ماددا بويىچە ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى بېكىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

A. ئا تەرەپ كۈنىگە ____سائەتلىك ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

كونكرىت خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئا تەرەپ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىدۇ:

ھەر ھەپتىنىڭ ____-كۈنىدىن _____-كۈنىگىچە خىزمەت قىلىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن ____چۈشتىن كېيىن ____. ھەر ھەپتىنىڭ ______كۈنى دەم  ئېلىش كۈنى بولىدۇ.

B. ئا تەرەپ ئۈچ سىمېنا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ب تەرەپكە ____سىمىنا ______ئايلانما خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويىدۇ.

8-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان ______خىزمەت ئورنى ئۇنۋېرىسال ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى بولۇپ، ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئۇنۋېرىسال ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.

ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان _____خىزمەت ئورنى قەرەلسىز ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدىغان ئىش ئورنى بولۇپ، ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە قەرەلسىز ئىش ئورنى خىزمەت تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.

9-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ خىزمەت قىلىشىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىشىغا، جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئا تەرەپ ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ب تەرەپنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، چوقۇم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ب تەرەپنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتى كۈنىگە 3 سائەتتىن ئېيىغا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ھەمدە قانۇن بويىچە ب تەرەپكە دەم ئېلىش ۋاقتى تولۇقلاپ بېرىشى ياكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا، چوقۇم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك.

ئا تەرەپنىڭ قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇنۋېرىسال ھېساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ياكى قەرەلسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئا تەرەپ ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ.

10-ماددا ئا تەرەپ قانۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ب تەرەپ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت–بايرام كۈنلىرى ھەمدە تۇققان يوقلاش، توي، ئۆلۈم–يېتىم، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق دەم ئېلىش ھوقۇقلىرىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدۇ.
    ئا تەرەپ《ئىشچىلارنىڭ يىللىق  دەم ئېلىش تۈزۈمى》گە ئاساسەن، ب تەرەپكە قانۇن بويىچە يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئالتىنچى، ئەمگەك ھەققى
    11-ماددا ئا تەرەپ ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئالاھىدىلىگى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىملەش تۈزۈمىگە ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ئەمگەك ماھارىتى، ئەمگەك سىجىللىقى، ئەمگەك شارائىتى، ئەمگەك تۆھپىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ. ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويىلىدۇ.

12- ماددا ئا تەرەپ ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم پۇل بېرىش شەكلى بىلەن ب تەرەپكە مائاش بېرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەپسىز نىسىي قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت-بايرام كۈنلىرىگە ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىنقى خىزمەت كۈنىدە بېرىدۇ. ئا تەرەپ ب تەرەپكە مائاش بەرگەن ۋاقتىنى، پۇل سوممىسىنى، خىزمەت كۈنىنى، ئىمزاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يېزىقچە خاتىرلەيدۇ ھەمدە ب تەرەپنى مائاش تىزىملىگى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ياكى قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا، ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

(1) ئا تەرەپ ھەر ئاينىڭ ____كۈنى ئىش ھەققى تارقىتىدۇ.
(2) ب تەرەپنىڭ سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىكى مائاشى ئېيىغا _____يۈەن بولىدۇ.
(3) ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق ب تەرەپنىڭ مائاشىغا تۆۋەندىكى ______-ماددىنى تاللاپ بېكىتتى.

A. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى ئا تەرەپ قانۇن بويىچە بېكىتكەن قائىدە–تۈزۈملەردىكى ئىچكى قىسىمدا تەقسىملەش چارىسى بويىچە بېكىتتى. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئىش ئورنىغا ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ئايلىق مائاشىنى _____يۈەن قىلىپ بېكىتتى.

B. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئاساسى مائاش ۋە نەتىجە–ئۈنۈم مائاشى بىرلەشتۇرگەن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسى يولغا قويدى.  ب تەرەپنىڭ ئاساسى مائاشىنى ئېيىغا _____يۈەن قىلىپ بېكىتتى. بۇندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مائاشىنى تەڭشەيدۇ. نەتىجە، ئۈنۈم مائاشى ب تەرەپنىڭ خىزمەت نەتىجىسى، ئەمگەك مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە ئەمىلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىكى تەقسىملەش چارىسى بويىچە باھالاپ بېكىتىلىدۇ.

C. ئا تەرەپ ئىش بېشىغا قاراپ مائاش بېرىدىغان تۈزۈم يولغا قويغان بولسا، ب تەرەپنىڭ ئەمگەك نورمىسى ئۆز ئورنىنىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى %80 تىن ئارتۇق ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا تاماملاپ بولالايدىغان نورما بويىچە بىكىتىلىدۇ. ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئا تەرەپنىڭ نورمىسىنى تاماملىسا، ئا تەرەپ پۈتۈشۈمدىكى نورما ۋە ئىش بېشىغا قاراپ بېكىتىلگەن يەككە باھا بويىچە ب تەرەپنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن بېرىشى كېرەك.

D. ....

(4) ئا تەرەپ كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى، شۇ جايدىكى ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ ئېلان قىلغان مائاش يېتەكچى لىنىيىسى، مائاش يېتەكچى باھاسى، ئادەم كۈچى تەننەرقى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاشىنىڭ ئېشىش چارىسى ________________(مائاشنى كوللىكتىپ كېڭىشىش كېلىشىمى، ئىچكى قىسىمدىكى مائاشنىڭ نورمالنى ئېشىش چارىسى) گە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ مائاشقا قارىتا تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈشتى: __________________________
يەتتىنچى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەم باشقا سۇغۇرتا پاراۋانلىق تەمىناتلىرى

13-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ب تەرەپ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قىسمىنى ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ. (دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ)

14-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. ھەمدە ھەر يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۆز ئورنىنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

15-ماددا ئەگەر ب تەرەپ ئىشتا يارىلانسا، ئا تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ياكى ئىمكانقەدەر ياردەم قىلىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشتا يارلانغانلىغىنى بېكىتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. قانۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىپ ئىشتا يارلانغاندىكى داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمان قىلىدۇ ۋە زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

16-ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تولۇقلىما ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى (كارخانا يىللىق فوندى) ۋە تولۇقلىما داۋالىنىشنى بېجىرىپ بېرىدۇ. كونكرىتنى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:___________________
_______________________________________________________________________________________________________________________.

17-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە ب تەرەپنى تۆۋەندىكىدەك پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى:  ______________________
_______________________________________________________________________________

__________________________.   


سەككىزىنچى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپى خەتەرنىڭ ئالدىن ئېلىش

 18-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئەمگەك –ساقلىقنى ساقلاش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەمگەك مەشغۇلات ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ب تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى بىخەتەرلىكىگە ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ب تەرەپ خىزمەت جەريانىدا كەسپى كېسەل خەۋىپىگە دۇچار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا، ئا تەرەپ راستچىللىق بىلەن ب تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە «كەسپى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ساغلاملىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغدايدۇ.

19-ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ب تەرەپ شۇغۇللانغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن ب تەرەپكە ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە ھەر  ____ (يىل ،ئاي ،كۈن) بويىچە  ب تەرەپنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.

20-ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

21-ماددا ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلىشى ياكى ب تەرەپنى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئا تەرەپ ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ب تەرەپنىڭ ھايات بىخەتەرلىگى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى بىلەن كارى بولماسلىقتەك قىلمىشىلارنى سادىر قىلسا، ئا تەرەپ تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرغا قويۇشقا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

توققۇزىنچى، كەسپىي رىقابەت مەخپىيەتلىك چەكلىمىسى ۋە تەربىيلەش مۇلازىمەت كېلىشىمى

22-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ، ئورتاق كېڭىشىپ تۆۋەندىكى ____-ماددا توغرىسىدا پۈتۈشتى:
A. ب تەرەپنىڭ حىزمىتى ئا تەرەپنىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە بىلىم- مۈلۈك ھوقۇق مەخپىيىتىگە چېتىلىدۇ، ئا تەرەپ مۇددەتتىن بۇرۇن ب تەرەپ بىلەن قانۇن بويىچە سودا مەخپىيتىنى ساقلاش توغرىسىدا پۈتۈشتى ياكى كەسىپ رىقابىتى چەكلىمىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى (كەسىپ رىقابىتى مەخپىيەت چەكلىمىسى كېلىشىمى مەزكۇر توختامنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسقىسىدا).

B. ئا تەرەپ خىراجەت ئاجىرىتىپ ب تەرەپنى كەسپى تېخنىكا بويىچە تەربىيلەيدۇ ھەمدە ب تەرپتىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالىدۇ ھەمدە كېلىشىم تۈزۈپ ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق–مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ (تەربىيلەش مۇلازىمەت كېلىشىمى مۇشۇ توختامنامىنىڭ قوشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).

ئونىنچى، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تۆلەم

23-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلغاندا، ئاخىرلاشتۇرغاندا، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى» ۋە دۆلەت ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

24-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ مەزكۇر توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسى، 37-ماددىسى، 38-ماددىسى، 39-ماددىسى، 40-ماددىسى، 41-ماددىسى، 42-ماددىسى، 43-ماددىسى، 44-ماددىسىنىڭ 2-،3-،4-،5-،6-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىشى كېرەك.

25-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا،       « ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 46-ماددىسىدىكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلسە، ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ.

26-ماددا ئا تەرەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئا تەرەپ داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك: ب تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا، ئا تەرەپ قانۇنغا ئاساسەن ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ب تەرەپكە تۆلەم بېرىدۇ.

ب تەرەپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلىپ ئا تەرەپكە زىيان كەلتۈرگەن بولسا تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

27-ماددا توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى (ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى) بىكار قىلغانلىق ياكى ئاخىرلاشتۇرغانلىق ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ب تەرەپ ئۈچۈن ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

28- ماددا ب تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە،خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشكە توغرا كەلسە، خىزمەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

ئون بىرىنچى،  توختامدىكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا مەزمۇنلار

29- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنامىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى قوشۇپ پۈتۈشتى:
____________________________________________________________
____________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________
    30-ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بۇ توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا تالاش–تارتىش يۈز بەرسە، ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇرەسسە ھەيئىتىگە مۇرەسسە قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى كېسىم كومىتېتىگە كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كېسىم قارارىگە قايىل بولمىغان تەرەپ  كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

31- ماددا مەزكۇر توختامنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى تۆۋەندىكىچە:
1._________________________________________.
2._________________________________________.
3 .________________________________________.

32-ماددا مەزكۇر توختامغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىشلار ياكى توختام تۈزۈشكەن كۈنىدىن كېيىنكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن مەزمۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

33- ماددا بۇ توختامغا ئا ب ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ توختام ئىككى نۇسقا بولۇپ، ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسقىدىن ساقلايدۇ.

ئا تەرەپ (تامغا):_________              ب تەرەپ ( ئىمزا ياكى تامغا ):_________


قانۇنى ۋەكىلى ( ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى:
( ئىمزاسى ۋە تامغىسى )________________

 

ئىمزالىغان ۋاقتى ______-يىل ______-ئاينىڭ _____-كۈنى


ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى

 

ئا ۋە ب ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ، مەزكۇر توختامغا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى:

 

 

 

 

 

 

ئا تەرەپ (تامغا)                           ب تەرەپ (ئىمزاسى ۋە تامغىسى)

 

قانۇنى ۋەكىلى ( ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى

( ئىمزاسى ۋە تامغىسى )

-يىلى    -ئاينىڭ   -كۈنى


ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى

1. ئا ب ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالاشتىن ئىلگىرى بۇ توختامنامىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. بۇ توختام ئىمزالانغان ھامان قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ قاتتىق ئادا قىلىشى لازىم.

2. بۇ توختامغا ئا تەرەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى (ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى) بىلەن ب تەرەپ ئۆزى ئىمزا قويۇپ ياكى تامغا بېسىپ، ئا تەرەپنىڭ مەمۇرىي تامغىسى (ياكى ئەمگەك توختام  تامغىسى)نى باسقاندىلا كۈچكە ئىگە.

3. بۇ توختامدىكى بوش قالدۇرۇلغان جايلارنى ئا ب ئىككى تەرەپ كېڭەشكەندىن كېيىن تولدۇرىدۇ، قانۇن-تۈزۈم ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، تولدۇرۇش ھاجەتسىز ئورۇنلار (/)  بەلگىسى ئارقىلىق سىزىۋېتىلىدۇ.

4. ئەمگەك ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى، ئۇنۋېرىسال ھىساپلىنىدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى، قەرەلسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىق 3 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئا تەرەپ بىرقىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇنۋېرىسال ھېساپلىنىدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ۋە قەرەلسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىدۇ.

5. بۇ توختامدا يېزىلمىغان ئىشلارنى ئايرىم تولۇقلىما كېلىشىم قىلىپ تۈزۈپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچسى قىلسا ھەم بۇ توختام بىلەن بىرگە ئادا قىلسا بولىدۇ.

6. بۇ توختامنى چوقۇم ئەستايىدىل تولدۇرۇش، خەتلىرى ئېنىق، سۆزلىرى راۋان، توغرا بولۇش لازىم، توختامنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

7. بۇ توختام (قوشۇمچسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىمزالانعاندىن كېيىن، ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسقىدىن ساقلايدۇ.

 

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى