مىزاج ۋە دوسىت تۇتۇش ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
مىزاج ۋە دوسىت تۇتۇش ھەققىدە
1. سةپرا مئزاج كئشئلةر هةققئدة
سەپرا مىزاج كىشىلەر
دىققەت قىلسۇن بۇ ئىشقا
بەلغەم مىزاج يار تۇتسا
چىقىشالماس مىزاجدا
سەپرا مىزاج كىشىلەر
قان مىزاجلىق يار تۇتقاي
سەپرا قانغا مۇئاپىق
بۇ جۈپلەرگە قۇت بولغاي
سەپرا مىزاج كىشىلەر
سەۋدا مىزاج يار تۇتسا
دوست دۇشمەنلىك ئورتاھال
زىيىنى يوق يا ۋاپا
سەپرا مىزاج كىشىلەر
سەپرا مىزاج يار تۇتسا
بىر ساپاقتا ئىككى گۈل
نىمە بولۇر ئايرىلسا .......!
2.قان مئزاج كئشئلةر هةققئدة
قان مىزاجلىق كىشىلەر
بەلغەم مىزاج يار تۇتسا
جاپا-ۋاپا ئورتاھال
خوش قىلالمايدۇ-يا خاپا
قان مىزاجلىق كىشىلەر
سەپرا مىزاج يار تۇتسۇن
قانغا سەپرا مۇئاپىق
ياردىن-يارى سۇيۇنسۇن
قان مىزاجلىق كىشىلەر
ئاگاھ بولغاي بۇ ئىشقا
سەۋدا مىزاج يار تۇتسا
دوست بولالماس ھەر ئىشتا
قان مىزاجلىق كىشىلەر
قان مىزاجلىق يار تۇتسا
لەيلى-مەجنۇن بەئەينى
ئەۋرىشىمدەك چىرماشسا......!
3.بةلغةم مئزاج كئشئلةر هةققئدة
بەلغەم مىزاج كىشىلەر
ئاددى قاراپ بۇ ئىشقا
سەپرا مىزاج يار تۇتسا
زىيان بۇلۇر ھەر ئىشتا
بەلغەم مىزاج كىشىلەر
قان مىزاجلىق يار تۇتسا
راھەت-مىھنەت ئورتاھال
زىيان بولماس يا جاپا
بەلغەم مىزاج كىشىلەر
سەۋدا مىزاج يار تۇتسا
بەلغەم سەۋدا مۇئاپىق
يار-يارىغا كۆيۈنسۇن
بەلغەم مىزاج كىشىلەر
بەلغەم مىزاج يار تۇتسا
نە بۇلۇرنى بىلەمسىز
بېلىق سۇدىن ئايرىلسا .......!
4.سةؤدا مئزاج كئشئلةر هةققئدة
سەۋدا مىزاج كىشىلەر
ئېلىپ تۇرسۇن ئېسىگە
قان مىزاجلىق يارتۇتسا
تەتۇر كەلگەي ئىششىگە
سەۋدا مىزاج كىشىلەر
بەلغەم مىزاج يار تۇتقاي
سەۋدا بەلغەم مۇئاپىق
ھەممە ئىششى ئوڭ بولغاي
سەۋدا مىزاج كىشىلەر
سەپرا مىزاج يار تۇتسا
مۇھەببىتى ئورتىھال
ئاق دىمەيمىز-يا قارا
سەۋدا مىزاج كىشىلەر
سەۋدا مىزاج يار تۇتسا
يار ئوتلىرى لاۋۇلداپ
يار ئوتىدا جان پىدا.........!