تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-09-28
ئاۋاتلىقى: 3747 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەممەيلەنگە مەلۇم، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەرىپەت ئىزلىرى ھازىرمۇ كىتاب، پۈتۈك، ماددى بۇيۇم ۋە سايمان – جابدۇقلار بىلەن ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا. قەدىمكى زامانلاردا تۇرپان بىر سەلتەنەتلىك دۆلەت ۋە ئىلىم مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئورنىدىن خېلى تۆۋەن تەرەپتە يەنى جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇملۇقلارنىڭ ئىچكىرىسدە قاراشلىق شەھەر ۋە بوستانلىقلار بولغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدە پىشامشان دۆلىتى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسىمۇ ھازىرقىدىن ھەسسىلەپ چوڭ ئىدى. ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن ھەمدە قاقاس ئېدىرلىق ۋە قۇملۇقلارنىڭ بىر – ئىككى مېتىر تېگىدىن تۈركۈملەپ چىققان يانتاق ۋە قۇمۇشلاردىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى تۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم چۆللۈكىنىڭ شەرقىي بۆلىكى ئەينى دەۋرلەردە دەريا – كۆللەر ۋە ئۇندىن كېيىن ئىنسانلار ياشايدىغان بوستانلىقلار بولغان. يېقىنقى ئەسىرلەردىن بېرى تۈرلۈك تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر نەتىجىسىدە باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە ئوخشاشلا تۇرپانمۇ چۆللىشىش ۋە قۇرغاقلىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئەينى زامانلاردا تۇرپان تەۋەسىدە ئېقىن ۋە ئۆستەڭلەر گىرەلەشكەن. ھاۋا بېسىمى نورمال، تېمپېراتۇرىسى مۆتىدىل بولغان. ھازىر نوپۇسنىڭ ھەددىدىن كۆپ بولۇشى، قۇرغاقلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ھاۋا بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بۇ يەردىكى خەلقلەر مىزاجىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا قەدىمكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىلەن ھازىرقى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇشتا كىلىمات ئامىلىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم، دەپ قارايمەن. ھازىرقى تۇرپان جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن مىردىئان ′55°91 - ′16°87 كە، شىمالىي پاراللېل ′22°49- ′40°43 كە توغرا كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 69700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللۈك 76 پىرسەنتنى، بوستانلىق 16 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرىچە ھۆل – يىغىن مىقدارى 15 – 20 مىللىمېتىر ( پىچان ناھىيىسىدە 50 – 100 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ) ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق چۆل ئىقلىمىغا كىرىدۇ. بوران كۆپ چىقىدۇ، يازلىقى قاتتىق ئىسسىق، قىشلىقى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. نەملىك نىسبىي 30 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3000 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يىلنىڭ 8 ئېيىدا ئۇدا داۋاملىشىدىغان تۆۋەن بېسىملىق (ئومۇمەن Pa969 ئەتراپىدا بولىدۇ) ئىسسىق ھاۋا ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇسلاشتۇرىۋېتىدۇ.
مىزاجى: تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە تەبىئىي شارائىتى ئۇلارنىڭ مىزاجىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغان. تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قەيېرىدىكى كىشىلەر بولسۇن، بىر قەدەر ئورتاق مىزاج، كۆز قاراش، تەن ھالىتى ۋە ئادەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن، ئەنە شۇ ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىزاجى مۇنۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ: قۇرۇق سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق.
خىلىتى: مىزاج نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن خىلىت كىشىلەرنىڭ قىياپەت، ھەرىكەت ۋە كۆز قارىشىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. شۇ ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىلىتى مۇنۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ: سەۋدا، سەپرا، بەلغەم، قان.
چىراي – شەكلى: تۇرپان ئۇيغۇرلىرى سېرىق ئاق پىشماق، بەستىلىك، كېلىدۇ. ساقال – بۇرتلىرى شالاڭ، بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ بولىدۇ، ئومۇمەن كۆپىنچىسى ئەينى دەۋرىدىكى تۇرپان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىراي – شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان. . مۇشۇ خىل چىراي – شەكىل تۇرپان، كۇچار، جىمسار، دۇنخۇاڭ، قۇمۇل ۋە سېلىنگا دەريا بويلىرىدىكى ئاسارە – ئەتىقە رەسىملىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
تەققى – تۇرقى ۋە مېڭىش – تۇرۇشى: ئۇستىخنى تەرەققىي قىلغان، ئەمما ئورۇق كېلىدۇ. ئالدىراپ ماڭىدۇ، ئولتۇرغاندا ئىختىيارسىز پۇتىنى تىترىتىش ئادىتى بار.
كىيىنىشى: تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كىيىنىشتە ئاددىي – ساددا كېلىدۇ، كىيىمنى پەقەت ئۆز بەدىنىنىڭ ئىسسىق – سوغۇقتىكى ئېھتىياجى ئۈچۈن لازىم بۇيۇم دەپ قارايدۇ، كىيىم ئارقىلىق ئىناۋەت – ئابروي قازىنىشنى ۋە كىيىمنى بەك پۇزۇر كىيىشنى ياقتۇرمايدۇ، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، يېسىۋىلەك، ياڭيۇ قاتارلىقلار چىقىدۇ، قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم، ئۈجمە (جۈجەم)، جىگدە، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەر چىقىدۇ. تۇرپاندا ھازىرمۇ قەدىمكى تاماقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، كىشىلىرى ئەنئەنىۋى كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى ئاساس قىلىپ ئاساسەن بۇغداي، ئاق قوناق نېنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن، تاماق بىرقېتىمدا كۆپرەك يېيىلىدۇ، بۇغداي نېنى، قوناق نېنى، چىگىت يېغى كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ، كۆپىنچە قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى قورۇلغان سەي بىلەن يېيىش ئادىتى بار. ئاساسلىق تاماقلاردىن قوتۇرماچ، پۆرە، ئوماچ، شاھى پەتتا، لەغمەن، مانتا، پۇرچاق ئېشى قاتارلىقلار، قىشلىقى يېشىل ئۈزۈم، جۈجەم ۋە قوغۇننىڭ قۇرۇتۇلغان قېقى قاتارلىقلارنى نان بىلەن يەيدۇ، جوتاڭ (زاڭ) دېگەن تاماقمۇ كۆپ ئېتىلىدۇ، قوتۇرماچ تەييارلىنىدۇ. يازلىقى سۇيۇقئاش ۋە لەغمەن ئاساس قىلىنىدۇ.
ئالاھىدىلىكى ۋە قىممەت قارىشى: ئالدى بىلەن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمەككە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇلار كىيىم – كېچەكنى ئېھتىياج ئۈچۈن، لېكىن ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەمەس دەپ قارايدۇ، يېمەك – ئىچمەكنى بەك ئىشلەپ نەپىس تىزىپ ھەر خىل خۇرۇچ ۋە رەڭلەرنى سېلىپ تەييارلاشنى ئاۋارىچىلىق دەپ تونۇيدۇ، تاماقنىمۇ ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئېھتىياجى دەپ ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن، ھەر خىل قوشۇمچە ئامىللار ئارقىلىق تەملىك قىلىشقا ئېتىبار قىلمايدۇ، بۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، ئاساسەن كۆچۈش، تارقىلىش ۋە ھەددىدىن ئاشقان جاپا – مۇشەققەتنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان يەرلىك خەلق روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلىپ، ھەرقانداق نەرسىنى ۋاقىتلىق ۋە ئېھتىياجغا لايىق روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلىپ، ھەرقانداق نەرسىنى ۋاقىتلىق ۋە ئېھتىياجغا لايىق قىلىپلا تەييارلاش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆرۈش لازىم.تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ساددا، تۈز كېلىدۇ، ئارتۇقچە پايدا ئېلىش ۋە ئۆزئارا بوزەك قىلىش قارىشى يوق دېيەرلىك، ھەشەمەتچىلىك، كىيىم ۋە قورۇ جاي ئارقىلىق سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش چۈشەنچىسى يوق، ئۇلار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنتلىرى ئارا قاتتىق ھايا ساقلىنىدۇ، كۆپىنچە بىللە ئولتۇرىدۇ، تۇغقانلار بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ ياشاشنى ياكى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ تۇرۇشنى ئېغىر ئالىدۇ. كونا شىۋىدە سۆزلەشنى ياقتۇرىدۇ ھەمدە نەگىلا بارسا بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ھەق – ناھەق ئىشىغا سەزگۈر كېلىدۇ، سىياسىي ئىشلارغا قىزىقىدۇ، تۈز سىزىق بويىچە پىكىر قىلىدۇ، تەبىئىي پەن ۋە ھەربىي ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ، تارتىنىش، قورۇنۇش، خىجىل بولۇش ھېسسىياتى ئىنتايىن ئېغىر، سودا – سېتىق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى تازا قاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيدۇ.
كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، بىكارچىلىق،نەزىر- چىراق قىلىش،
سالامەتلىك ئەھۋالى: جىسمانىي كېسەللىكلەردىن سۆڭەك، تېرە، چاچ، ئۆپكە، ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپرەك، روھىي ۋە پسىخىك توسالغۇدىن بولىدىغان كېسەللىكلەرمۇ ئاز ئەمەس.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: تۇرپان شىۋىسىدە كونا تۈركىي ئاتالغۇلار كۆپرەك، ئادەتتە «ر» تاۋۇشى ئېغىر ئېلىنىدۇ، بەزى سۆزلەردىكى «ۋ» تاۋۇشى «گ»غا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بوغۇملار ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ، مەسىلەن: باردۇ ( بارىدۇ)، يىت باغان ( يېتىپ بارغان) قاتارلىقلار. كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن نەۋارسەن ( نەگە بارىسەن)، تېش تۇرلامۇ (تىنچ تۇردىلىمۇ)، ئا ئىش قنداق بولدى؟، دۇرۇس، كىلىت، كېپىش، ئىنەر (ئۆمەر)، ئاتا : ئايلا، دايەي (ئاباي) ،دايەر (ئاۋۇ يەر)، دانە (ئەنە)، مايناق (مۇشۇنداق)، قارىسىنا ( قارىغىنە)... قاتارلىقلار، يەنە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان جۈملە شەكلى بار، مەسىلەن: ئۇ مېنى قىچقىرىۋاتسا ( ئۇ مېنى چاقىرىۋاتىدۇ)، ئۇ مېنى ئۇرۇۋاتسا ( ئۇ مېنى ئۇرغاندىكىن، مەن ئۇنى ئۇرۇمەن دېمەكچى)... تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىرەر ۋەقە ۋە ياكى ئىشنى تەسۋىرلەپ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن بايان قىلىشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا ئادەتتە بىر – بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ەپنىڭ بېشىنى قويۇپلا نەق يېرىنى سورايدۇ، بۇنى ئۆزئارا چۈشىنىدۇ، ئەگەر باشقا بىرى ئاڭلىسا، باشتىن تولۇق دېمىگۈچە چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا جۈملىنى ئىخچاملاش، سۆز يىغىش توغرا كەلسە، تۇرپان شىۋىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن.