تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىركەت قانۇنى( ئەڭ يېڭى تۈزۈتۈلگەن)

شىركەت قانۇنى( ئەڭ يېڭى تۈزۈتۈلگەن)

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 2390 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى( ئەڭ يېڭى تۈزۈتۈلگەن)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
    (8 – نومۇرلۇق)
    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.
    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››دا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
    2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى
    (1993 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2005 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى)
    مۇندەرىجە
    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
    2 – باب چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى
    1 – پاراگراف قۇرۇش
    2 – پاراگراف تەشكىلىي ئاپپارات
    3 – پاراگراف بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    4 – پاراگراف دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    3 – باب چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش
    4 – باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى
    1 – پاراگراف قۇرۇش
    2 – پاراگراف پايچىكلار يىغىنى
    3 – پاراگراف مۇدىرىيەت، دىرېكتور
    4 – پاراگراف نازارەتچىلىك ھەيئىتى
    5 – پاراگراف بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    5 – باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى تارقىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش
    1 – پاراگراف پاي تارقىتىش
    2 – پاراگراف پاي ئۆتۈنۈپ بېرىش
    6 – باب شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى
    7 – باب شىركەت زايومى
    8 – باب شىركەت مالىيەسى، بوغالتىرلىقى
    9 – باب شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، كاپىتالنى كۆپەيتىش، ئازايتىش
    10 – باب شىركەتنى تارقىتىۋېتىش، ھېسابات ئېنىقلاش
    11 – باب چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى
    12 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
    13 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
    1 – ماددا بۇ قانۇن شىركەتنىڭ تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شىركەتلەر، پايچىلار ۋە ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شىركەت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن جۇڭگو تەۋەسىدە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    3 – ماددا شىركەت كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بولۇپ، قانۇنىي ئىگىگە خاس مۇستەقىل مال – مۈلكى بولىدۇ، قانۇنىي ئىگىلىك مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. شىركەت قەرز جاۋابكارلىقىنى بارلىق مال – مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى شىركەت ئالدىدا لەۋزى قىلغان مەبلەغ سوممىسىغا تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پايچىلىرى شىركەت ئالدىدا سېتىۋالغان پېيىغا تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    4 – ماددا شىركەت پايچىكلىرى مۈلۈك پايدا ھوقۇقى، چوڭ – چوڭ ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرغۇچىنى تاللاش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ.
    5 – ماددا شىركەت تىجارەت قىلغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا، سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، ھۆكۈمەت ۋە جامائەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.
    شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ، دەخلى – تەرۇزگە ئۇچراتمايدۇ.
    6 – ماددا شىركەت قۇرۇشتا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى دەپ تىزىمغا ئالىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغانلىرىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتى دەپ تىزىملاشقا بولمايدۇ.
    قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا شىركەت قۇرۇشتا تەستىقلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، شىركەتنى تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.
    جامائەتچىلىك شىركەت تىزىملاش ئورگىنىدىن شىركەت تىزىملاش ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى ئېنىقلاپ بېرىشى كېرەك.
    7 – ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان شىركەتكە شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى بېرىدۇ. شىركەت تىجارەت كىنىشكىسىنى بەرگەن كۈن شىركەت قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ.
    شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە شىركەتنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى، تىجارەت دائىرىسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى قاتارلىقلار يېزىلىشى كېرەك.
    تىجارەت كىنىشكىسىدە يېزىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغان شىركەت قانۇن بويىچە تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
    8 – ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نامىدا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى چەكلىك شىركەت دېگەن سۆز بولۇشى شەرت.
    مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نامىدا پاي چەكلىك شىركىتى ياكى پاي شىركىتى دېگەن سۆز بولۇشى شەرت.
    9 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پاي چەكلىك شىركىتى شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئۆزگەرتىلىدىغان پاي چەكلىك شىركىتى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەنلىرى ياكى پاي چەكلىك شىركىتىدىن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرىكى ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى شىركەت ئىگە بولىدۇ.
    10 – ماددا شىركەت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش ئاپپاراتى بار جاينى ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قىلىدۇ.
    11 – ماددا شىركەت قۇرۇشتا قانۇن بويىچە شىركەت نىزامنامىسى چىقىرىش شەرت. شىركەت نىزامنامىسى شىركەت، پايچىك، مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
    12 – ماددا شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ ۋە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ. شىركەت شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزسە، تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، لېكىن تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك.
    شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەستىقلىتىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن تۈرلەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.
    13 – ماددا شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، باش مۇدىر، ئىجرائىي مۇدىر ياكى دىرېكتور شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولسا بولىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە تىزىملىتىدۇ. شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ئۆزگەرسە، تىزىم ئۆزگەرتىش كېرەك.
    14 – ماددا شىركەت شۆبە شىركەت قۇرسا بولىدۇ. شۆبە شىركەت قۇرۇشتا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك. شۆبە شىركەت قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
    شىركەت بالا شىركەت قۇرسا بولىدۇ، بالا شىركەت قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ.
    15 – ماددا شىركەت باشقا كارخانىلارغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ؛ لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەبلەغ چىقارغۇچى بولسا بولمايدۇ.
    16 – ماددا شىركەتنىڭ باشقا كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشى ياكى باشقىلارغا كېپىل بولۇشىنى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇدىرىيەت ياكى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى قارار قىلىدۇ؛ شىركەت نىزامنامىسىدە سېلىنما ياكى كېپىللىك ئومۇمىي سوممىسى شۇنىڭدەك يەككە تۈر سېلىنمىسى ياكى كېپىللىك سوممىسى بەلگىلەنگەن بولسا، بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
    شىركەت شىركەت پايچىكى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىغا كېپىل بولماقچى بولسا، پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنىدا قارار قىلىش شەرت.
    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىك ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنىڭ كونتروللۇقىدىكى پايچىك ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارغا ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ. بۇ قارار يىغىنغا قاتناشقان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە باشقا پايچىكلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
    17 – ماددا شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇن بويىچە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت.
    شىركەت ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كەسپىي مائارىپ ۋە ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
    18 – ماددا شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى›› بويىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا زۆرۈر پائالىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىكى، گىگېنىسى قاتارلىق ئىشلاردا ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن شىركەت بىلەن قانۇن بويىچە كوللېكتىپ توختام تۈزىدۇ.
    شىركەت ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
    شىركەت تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشتە شۇنىڭدەك ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى قارار قىلىش، مۇھىم قائىدە – تۈزۈملەرنى چىقىرىشتا، شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.
 19 – ماددا شىركەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلى قۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە شىركەت زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
    20 – ماددا شىركەت پايچىكلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشى، پايچىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى كېرەك، پايچىلار پايچى ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ ياكى باشقا پايچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ؛ شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك مۇستەقىل ئورنى ۋە پايچىكنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيىتىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، شىركەت ھەقدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ.
    شىركەت پايچىكلىرىدىن پايچىك ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، شىركەت ياكى باشقا پايچىكلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    شىركەت پايچىكلىرىدىن شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك مۇستەقىل ئورنى ۋە پايچىكنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيىتىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، شىركەت ھەقدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرى شىركەت قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    21 – ماددا شىركەتتىكى پاي كونترول قىلغۇچى پايچىك، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ چېتىلما مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتكە زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    22 – ماددا شىركەت پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيىتى قارارىنىڭ مەزمۇنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ بولسا ئىناۋەتسىز.
    پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت يىغىنىنى ئېچىش تەرتىپى، ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا ۋە ياكى قارار مەزمۇنى شىركەت نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا، پايچىكلار قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    پايچىكلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، پايچىكتىن مۇناسىپ كېپىل تېپىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    شىركەت پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تىزىم ئۆزگەرتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ قارارنى ئىناۋەتسىز قىلغان ياكى بىكار قىلغاندىن كېيىن، شىركەت شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
    2 – باب چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى
    1 – پاراگراف قۇرۇش
    23 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
    (1) پايچىكلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولۇش؛
    (2) شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق پايچىكلار لەۋزى قىلغان مەبلەغ سوممىسى بولۇش؛
    (3) پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسىنى بىرلىكتە تۈزگەن بولۇش؛
    (4) شىركەت نامى بولۇش، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇلغان بولۇش؛
    (5) شىركەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇش.
    24 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى 50 تىن ئاز پايچىك مەبلەغ چىقىرىپ قۇرىدۇ.
    25 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى كېرەك:
    (1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
    (2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛
    (3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛
    (4) پايچىكنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى؛
    (5) پايچىكنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، چىقارغان مەبلىغىنىڭ سوممىسى، مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى؛
    (6) شىركەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى، ئۇنىڭ ھوقۇقى، ئىش قائىدىسى؛
    (7) شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى؛
    (8) پايچىكلار كېڭەش يىغىنى بەلگىلەش زۆرۈر، دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.
    پايچىك شىركەت نىزامنامىسىگە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك.
    26 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىملىغان، بارلىق پايچىكلار لەۋزى قىلغان مەبلەغ سوممىسى بولىدۇ.
    قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ قارارىدا پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تاپشۇرىدىغان كاپىتالنىڭ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    27 – ماددا پايچىك چىقىرىدىغان مەبلەغقە پۇل چىقارسىمۇ، ماددىي بۇيۇم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى پۇلغا سۇندۇرۇپ چىقارسىمۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنى پۇلغا سۇندۇرۇپ چىقارسىمۇ بولىدۇ؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەبلەغ قىلىپ چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مال – مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا.
    مەبلەغ قىلىپ چىقىرىدىغان پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنى باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇش، مال – مۈلۈكنى ئېنىقلاش كېرەك، بۇنىڭدا يۇقىرى باھالاپ قويۇشقا ياكى تۆۋەن باھالاپ قويۇشقا بولمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باھالاپ پۇلغا سۇندۇرۇش ھەققىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    28 – ماددا پايچىك شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئۆزى لەۋزى قىلغان مەبلەغنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. پايچىكلاردىن پۇل چىقارغانلىرى پۇلنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بانكىدا ئاچقان ھېسابىغا تولۇق ئامانەت قويۇشى؛ پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈك چىقارغانلىرى مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى كېرەك.
    پايچىكلاردىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنى تاپشۇرۇشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى شىركەتكە مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرغاندىن سىرت، مەبلەغنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرغان پايچىك ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    29 – ماددا پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەبلەغنى تولۇق چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق پايچىك كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىملىغۇچى ئورگانغا شىركەتنى تىزىملىتىش ئىلتىماسى، شىركەت نىزامنامىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاپ، قۇرۇشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
    30 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىركەت قۇرۇشتا چىقارغان پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنىڭ ئەمەلىي باھا سوممىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باھا سوممىسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىكى بايقالسا، مەبلەغ چىقارغان پايچىك كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى؛ شىركەت قۇرۇلغان چاغدىكى باشقا پايچىكلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  31 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايچىكقا مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتى بېرىش كېرەك.
    مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتىغا تۆۋەندىكىلەر يېزىلىشى كېرەك:
    (1) شىركەتنىڭ نامى؛
    (2) شىركەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى؛
    (3) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛
    (4) پايچىكنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى، تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى ۋە مەبلەغ چىقىرىش ۋاقتى؛
    (5) مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتىنىڭ نومۇرى ۋە ئۇنى بەرگەن ۋاقتى.
    مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتىغا شىركەت تامغا باسىدۇ.
    32 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلار تىزىملىكى تەييارلاپ، تۆۋەندىكىلەرنى يېزىشى كېرەك:
    (1) پايچىكنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
    (2) پايچىك چىقارغان مەبلەغ سوممىسى؛
    (3) مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتىنىڭ نومۇرى.
    پايچىكلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پايچىك ھوقۇقىنى پايچىلار تىزىملىكىدە تەشەببۇس قىلىنغىنى بويىچە يۈرگۈزسە بولىدۇ.
    شىركەت پايچىكنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىملىتىشى؛ تىزىملاتقان مەزمۇندا ئۆزگىرىش بولسا تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك. تىزىملاتمىغانلار ياكى تىزىم ئۆزگەرتمىگەنلەرنىڭ 3 – كىشى بىلەن قارشىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    33 – ماددا پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار كېڭەش يىغىنىنىڭ خاتىرىسى، مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قارارى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنىنىڭ قارارى ۋە مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
    پايچىكلار شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پايچىكلاردىن شىركەتنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىرى شىركەتكە يازما ئىلتىماس قىلىپ، مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. شىركەتنىڭ، پايچىكنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈشىدە باشقىچە مەقسىتى بار، شىركەتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن دېيىشكە يوللۇق ئاساسى بولسا، كۆرسەتمىسە بولىدۇ، پايچىك يازما ئىلتىماس سۇنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، پايچىكقا يازما جاۋاب بېرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. شىركەت كۆرسەتمىسە، پايچىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، شىركەتنىڭ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    34 – ماددا پايچىكلار پايدىنى ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قاراپ بۆلۈشىدۇ؛ شىركەت كاپىتالىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشتە، پايچىك لەۋزى قىلغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قاراپ ئاۋۋال چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، بارلىق پايچىك تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قارىماي پايدا بۆلۈشۈش ياكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىگە قارىماي لەۋزى قىلغان مەبلەغنى ئاۋۋال چىقىرىشنى پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    35 – ماددا شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايچىكنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    2 – پاراگراف تەشكىلىي ئاپپارات
    36 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلار كېڭىشى بارلىق پايچىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ. پايچىكلار كېڭىشى شىركەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.
    37 – ماددا پايچىكلار كېڭىشى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى بېكىتىش؛
    (2) ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولمىغان مۇدىر، نازارەتچىلەرنى سايلاش ۋە ئالماشتۇرۇش، مۇدىر، نازارەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى قارار قىلىش؛
    (3) مۇدىرىيەتنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش؛
    (4) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ياكى نازارەتچىنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش؛
    (5) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خامچوت لايىھەسى ۋە نەق چوت لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش؛
    (6) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىمات لايىھەسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش؛
    (7) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ھەققىدە قارار چىقىرىش؛
    (8) شىركەت زايومى تارقىتىش ھەققىدە قارار چىقىرىش؛
    (9) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش، ھېساباتنى ئېنىقلاش ياكى شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە قارار چىقىرىش؛
    (10) شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزىتىش؛
    (11) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى.
    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا پايچىكلار بىردەك قوشۇلىدىغانلىقىنى يازما شەكىلدە بىلدۈرگەن بولسا، پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى ئاچماي، بىۋاسىتە قارار چىقىرىلسا بولىدۇ ھەمدە بارلىق پايچىكلار قارار ھۆججىتىگە ئىمزا قويىدۇ ۋە تامغا باسىدۇ.
    38 – ماددا تۇنجى قېتىملىق پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنى ئەڭ كۆپ مەبلەغ چىقارغان پايچىك ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ.
    39 – ماددا پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى قەرەللىك يىغىن ۋە ۋاقىتلىق يىغىن دەپ ئايرىلىدۇ.
    قەرەللىك يىغىن شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا ئېچىلىدۇ. ئوندىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىك، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق مۇدىر، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلمىغان شىركەتنىڭ نازارەتچىسى ۋاقىتلىق يىغىن ئېچىش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە، ۋاقىتلىق يىغىن ئېچىش كېرەك.
    40 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت قۇرۇلغان بولسا، پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنى مۇدىرىيەت ئاچىدۇ، يىغىنغا باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇئاۋىن باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ مۇئاۋىن باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن مۇدىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
    چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت قۇرۇلمىغان بولسا، پايچىلار كېڭىشى يىغىنىنى ئىجرائىي مۇدىر ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
    مۇدىرىيەت ياكى ئىجرائىي مۇدىر پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغاندا ياكى ئادا قىلمىغاندا، يىغىننى نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلمىغان شىركەت نازارەتچىسى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ يىغىننى نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچى ئاچالمىغاندا ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلالمىغاندا، ئوندىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىك يىغىننى ئۆز ئالدىغا ئاچسا ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلسا بولىدۇ.
    41 – ماددا پايچىلار كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىشتا، 15 كۈن بۇرۇن بارلىق پايچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك؛ لېكىن، شىركەت نىزامنامىسىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى بارلىق پايچىك ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    پايچىكلار كېڭىشى قارالغان ئىشلار ھەققىدە چىقارغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
    42 – ماددا پايچىلار كېڭىشى يىغىنىدا پايچىلار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە يۈرگۈزىدۇ؛ لېكىن شىركەت نىزامنامىسىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    43 – ماددا پايچىلار كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن سىرت، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزىتىش، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ھەققىدىكى قارارى شۇنىڭدەك شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىكنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.
    44 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزاسى ئۈچتىن 13 كىچە بولىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 50 – ماددىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق كارخانا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولۇشى كېرەك؛ باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولسا بولىدۇ. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
    مۇدىرىيەتكە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر ۋە مۇئاۋىن باش مۇدىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    45 – ماددا مۇدىرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، لېكىن، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مۇدىرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇپ، ئۇدا سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
    مۇدىرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ سايلانمىغانلىقتىن ياكى مۇدىر ۋەزىپە مۇددىتىدە خىزمىتىدىن ئىستېپا سورىغانلىقتىن، مۇدىرىيەت ئەزاسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىسە، ئۆزگەرتىپ سايلانغان مۇدىر تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەسلىدىكى مۇدىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
 46 – ماددا مۇدىرىيەت پايچىكلار كېڭىشى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىش ھەمدە پايچىكلار كېڭىشىگە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش؛
    (2) پايچىكلار كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛
    (3) شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھەسىنى بەلگىلەش؛
    (4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خامچوت لايىھەسى، نەق چوت لايىھەسىنى تۈزۈش؛
    (5) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىمات لايىھەسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
    (6) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھەسىنى، شىركەت زايومى تارقىتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
    (7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى شىركەت شەكلىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
    (8) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى قارار قىلىش؛
    (9) شىركەتنىڭ دىرېكتورىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى قارار قىلىش ھەمدە دىرېكتورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيەگە مەسئۇل خادىمىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى قارار قىلىش؛
    (10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈش؛
    (11) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى.
    47 – ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىنى باش مۇدىر ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ باش مۇدىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، يىغىننى مۇئاۋىن باش مۇدىر ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ مۇئاۋىن باش مۇدىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى قىلمىسا، مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن مۇدىر يىغىننى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
    48 – ماددا مۇدىرىيەتنىڭ كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن سىرت، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    مۇدىرىيەت كېڭەشكەن ئىشلار توغرىسىدا چىقىرىلغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
    مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ئاۋاز بېرىشتە، بىر ئادەم بىرلا ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
    49 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە دىرېكتور قويۇلسا بولىدۇ، تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى مۇدىرىيەت قارار قىلىدۇ. دىرېكتور مۇدىرىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش، مۇدىرىيەتنىڭ قارارىنى يولغا قويۇش؛
    (2) شىركەتنىڭ يىللىق تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇش؛
    (3) شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھەسىنى تەييارلاش؛
    (4) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەييارلاش؛
    (5) شىركەتنىڭ كونكرېت قائىدە – نىزاملىرىنى تۈزۈپ چىقىش؛
    (6) شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋە مالىيەگە مەسئۇل خادىمىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش؛
    (7) مۇدىرىيەتنىڭ قارارى بىلەن تەكلىپلىك تەيىنلىنىدىغان ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلىدىغانلاردىن باشقا مەسئۇل خادىملارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىش؛
    (8) مۇدىرىيەت بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى.
    شىركەت نىزامنامىسىدە دىرېكتورنىڭ خىزمەت ھوقۇقى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    دىرېكتور مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.
    50 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ پايچىك سانى ئازراق، كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، بىر ئىجرائىي مۇدىر قويۇشقا بولىدۇ، مۇدىرىيەت قۇرۇلمايدۇ. ئىجرائىي مۇدىر شىركەتنىڭ دىرېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ.
    ئىجرائىي مۇدىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    51 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزاسى ئۈچتىن ئاز بولمايدۇ. پايچى سانى ئازراق ياكى كۆلىمى كىچىكرەك بولغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلماي، بىر – ئىككى نازارەتچى قويۇلسا بولىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلار ۋەكىلى ۋە شىركەتنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كەم بولسا بولمايدۇ، كونكرېت نىسبىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىگە بىر رەئىس قويۇلىدۇ، ئۇنى بارلىق نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ يىغىنىنى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن نازارەتچى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ يىغىنىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
    52 – ماددا نازارەتچىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. نازارەتچىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇپ، ئۇدا سايلانسا، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
    نازارەتچى ۋەزىپە مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ سايلانمىغانلىقتىن ياكى نازارەتچى ۋەزىپە مۇددىتىدە خىزمىتىدىن ئىستېپا سورىغانلىقتىن، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىسە، ئۆزگەرتىپ سايلانغان نازارەتچى تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەسلىدىكى نازارەتچى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
    53 – ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلمىغان شىركەتلەردىكى نازارەتچى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) شىركەت مالىيەسىنى تەكشۈرۈش؛
    (2) مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىنىڭ شىركەتتىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا، شىركەت نىزامنامىسىگە ياكى پايچىكلار كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغان مۇدىر ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىنى قالدۇرۇۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش؛
    (3) مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىنىڭ ھەرىكىتى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، مۇدىر ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش؛
    (4) پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنى ۋاقىتلىق ئېچىش تەكلىپى بېرىش، مۇدىرىيەت مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، پايچىلار كېڭىشى يىغىنىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش؛
    (5) پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىغا تەكلىپ بېرىش؛
    (6) مۇشۇ قانۇننىڭ 151 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇدىر ۋە ئالىي باشقۇرغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلىش؛
    (7) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى.
    54 – ماددا نازارەتچى مۇدىرىيەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ ھەمدە مۇدىرىيەت يىغىنى قارار قىلغان ئىش ئۈستىدە سۈرۈشتۈرمە قويسا ياكى تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلمىغان شىركەتتىكى نازارەتچى شىركەتنىڭ تىجارىتىدە غەيرىي ئەھۋالنى بايقىغاندا تەكشۈرسە بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، بوغالتىرلىق ئورنى قاتارلىقلارنى خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، خىراجەتنى شىركەت چىقىرىدۇ.
    55 – ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، نازارەتچى نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنىنى ۋاقىتلىق ئېچىش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن باشقا، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ قارارىنى نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى قاراپ چىققان ئىشلار ئۈستىدە چىقارغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، يىغىنغا قاتناشقان نازارەتچىلەر يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
    56 – ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلمىغان شىركەتتىكى نازارەتچىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شىركەت چىقىرىدۇ.
    3 – پاراگراف بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    57 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىغا بۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ پاراگرافتا بەلگىلىمە بولمىسا، بۇ بابنىڭ 1 –، 2 – پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلا تەبىئىي شەخس پايچىك بولغان ياكى بىرلا قانۇنىي ئىگە پايچى بولغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    58 – ماددا بىر تەبىئىي شەخس مەبلەغ سېلىپ بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن بىرنىلا قۇرسا بولىدۇ. بۇ بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ، بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن يەنە بىرنى قۇرسا بولمايدۇ.
    59 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، تەبىئىي شەخس ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ شېرىكسىز ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىشى ھەمدە شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە يېزىپ قويۇشى كېرەك.
    60 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى پايچىك چىقىرىدۇ.
    61 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە پايچىكلار كېڭىشى تەسىس قىلىنمايدۇ، پايچىك مۇشۇ قانۇننىڭ 37 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە پايچىك ئىمزا قويغاندىن كېيىن شىركەتكە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
    62 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلاشقاندا مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە بوغالتىرلىق ئورنىغا تەپتىش قىلدۇرۇشى كېرەك.
    63 – ماددا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پايچىك شىركەت مال – مۈلكىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مال – مۈلكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، شىركەتنىڭ قەرزىدە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    4 – پاراگراف دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    64 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىغا بۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ پاراگرافتا بەلگىلىمە بولمىسا، بۇ بابنىڭ 1 –، 2 – پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى دۆلەت ئۆز ئالدىغا مەبلەغ چىقارغان، گوۋۇيۈەن ياكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا مەبلەغ چىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى بەرگەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    65 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى چىقىرىدۇ ياكى مۇدىرىيەت تۈزۈپ، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىدۇ.
    66 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە پايچىكلار كېڭىشى تەسىس قىلىنمايدۇ، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى پايچىكلار كېڭىشىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى شىركەت مۇدىرىيىتىگە پايچىكلار كېڭىشىنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، شىركەتنىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلىشىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ. لېكىن، شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ۋە شىركەت زايومى تارقىتىشنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قارار قىلىشى شەرت؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ۋە ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.
    ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇھىم دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
    67 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە مۇدىرىيەت قۇرۇلىدۇ، مۇدىرىيەت خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 46 – ۋە 66 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ، مۇدىرىيەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەتنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بولۇشى كېرەك.
    مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەۋەتىدۇ؛ لېكىن مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
    مۇدىرىيەتكە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسا بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدىن بېكىتىدۇ.
    68 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدە دىرېكتور قويۇلىدۇ، ئۇنى مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ. دىرېكتور خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 49 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ.
    دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مۇدىرىيەت ئەزالىرى دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ.
    69 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇدىرى، مۇدىرلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
    70 – ماددا دۆلەت شېرىكسىز شىركىتىدىكى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى بەشتىن كەم بولسا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، كونكرېت نىسبىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەۋەتىدۇ؛ لېكىن نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسىنى دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى نازارەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرى ئىچىدىن بېكىتىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 53 – ماددىسىنىڭ (1)، (2)، (3) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.
   3 – باب چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش
    71 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پايچىكلار ئۆزىنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن پاي ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
    پايچىك پايچىك بولمىغان باشقا كىشىگە پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، باشقا پايچىكلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. پايچىك پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قالغان پايچىكلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، قالغان پايچىكلار يازما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگىچە جاۋاب بەرمىسە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلدى، دەپ قارىلىدۇ. قالغان پايچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلمىسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلمىغان پايچىكلار ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، سېتىۋالمىسا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ.
    پايچىكلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان پاي ھوقۇقىنى ئوخشاش شەرت ئاستىدا، قالغان پايچىكلار ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىككىدىن ئارتۇق پايچىك ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئۆزى سېتىۋالىدىغان نىسبەتنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، ئۆتۈنۈپ بەرگەندە ئۆزى چىقارغان مەبلەغ نىسبىتى بويىچە ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.
    شىركەت نىزامنامىسىدە پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    72 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەرتىپى بويىچە پايچىكنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە شىركەتكە ۋە بارلىق پايچىكقا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، قالغان پايچىلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. قالغان پايچىلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈنگىچە ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەنلىرى ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپ قارىلىدۇ.
    73 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 71 –، 72 – ماددىسى بويىچە پاي ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىركەت ئەسلىي پايچىكنىڭ مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى، يېڭى پايچىكقا مەبلەغ چىقارغانلىق ئىسپاتى بېرىشى ھەمدە شىركەت نىزامنامىسى ۋە پايچىكلار تىزىملىكىدىكى پايچىك ۋە چىقارغان مەبلەغ سوممىسىغا ئالاقىدار خاتىرىلەرگە مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك. شىركەت نىزامنامىسىدىكى بۇ مەزمۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پايچىكلار كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇش ھاجەتسىز.
    74 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پايچىكلار كېڭىشىنىڭ شۇ قارارىغا قارشى ئاۋاز بەرگەن پايچىك پاي ھوقۇقىنى شىركەتنىڭ مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ:
    (1) شىركەت ئۇدا بەش يىل پايدا ئالغان ھەمدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پايدا تەقسىملەش شەرتىگە توشقان تۇرۇقلۇق، شۇ بەش يىلدا پايچىكقا پايدا تەقسىم قىلمىغان بولسا؛
    (2) شىركەت ئاساسلىق مال – مۈلكىنى قوشۇۋەتكەن، ئايرىۋەتكەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛
    (3) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۆھلىتى توشقان ياكى نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن تارقىتىۋېتىشكە دائىر باشقا ئىشلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، پايچىلار كېڭىشى يىغىنى نىزامنامىنى تۈزىتىش ھەققىدە قارار ماقۇللاپ، شىركەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان بولسا.
    پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارى ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە پايچىكلار شىركەت بىلەن پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزەلمىسە، پايچىلار پايچىكلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ قارارى ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
    75 – ماددا تەبىئىي شەخس بولغان پايچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى پايچىكلىق سالاھىيىتىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن شىركەت نىزامنامىسىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    4 – باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى
    1 – پاراگراف قۇرۇش
    76 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
    (1) تەشەببۇسچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا توشقان بولۇش؛
    (2) تەشەببۇسچىلار سېتىۋالغان ۋە توپلىغان پاي ئومۇمىي دەسمايىسى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگىنىگە يەتكەن بولۇش؛
    (3) پاي تارقىتىش، تەييارلىق كۆرۈش قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛
    (4) تەشەببۇسچىلار شىركەت نىزامنامىسىنى چىقارغان بولۇش، مەبلەغ توپلاش يولى بىلەن قۇرۇلغانلىرىنىڭكى قۇرۇش يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇش؛
    (5) شىركەتنىڭ نامى بولۇش، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇلغان بولۇش؛
    (6) شىركەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇش.
    77 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشتا، تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش ياكى مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
    تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇش تەشەببۇسچىلارنىڭ شىركەت تارقاتقان بارلىق پاينى سېتىۋېلىپ شىركەت قۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
    مەبلەغ توپلاپ قۇرۇش تەشەببۇسچىلار شىركەت تارقاتقان پاينىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋېلىپ، قالغىنىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەبلەغ توپلاپ ياكى مۇئەييەن نىشاندىن مەبلەغ توپلاپ شىركەت قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
    78 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشتا، تەشەببۇسچىلار ئىككىدىن ئارتۇق، 200 دىن ئاز بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە تەشەببۇسچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق جايى بولۇشى كېرەك.
    79 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدۇ.
    تەشەببۇسچىلار تەشەببۇسچىلار كېلىشىمى تۈزۈپ، شىركەت قۇرۇش جەريانىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
    80 – ماددا تەشەببۇسچىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىملىغان بارلىق تەشەببۇسچىلار سېتىۋالىدىغان ئومۇمىي پاي دەسمايىسى بولىدۇ. تەشەببۇسچىلار پاينى تولۇق سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلاردىن پاي توپلاشقا يول قويۇلمايدۇ.
    مەبلەغ توپلاش يولى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تىزىملىغان ئەمەلىي يىغىلغان ئومۇمىي پاي دەسمايىسى بولىدۇ.
    قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ قارارىدا پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تاپشۇرىدىغان كاپىتالنىڭ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    81 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىگە تۆۋەندىكىلەر يېزىلىشى كېرەك:
    (1) شىركەتنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
    (2) شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى؛
    (3) شىركەت قۇرۇش ئۇسۇلى؛
    (4) شىركەتنىڭ ئومۇمىي پېيى، ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى ۋە رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى؛
    (5) تەشەببۇسچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى نامى، سېتىۋالىدىغان پېيىنىڭ سانى، مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە مەبلەغ چىقارغان ۋاقتى؛
    (6) مۇدىرىيەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ئىش قائىدىسى؛
    (7) شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى؛
    (8) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، خىزمەت ھوقۇقى، ئىش قائىدىسى؛
    (9) شىركەتنىڭ پايدا تەقسىملەش چارىسى؛
    (10) شىركەتنى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛
    (11) شىركەتنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئېلان چىقىرىش چارىسى؛
    (12) پايچىكلار يىغىنى بەلگىلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.
    82 – ماددا تەشەببۇسچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
    83 – ماددا تەشەببۇس قىلىش يولى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىدە تەشەببۇسچىلار شىركەت نىزامنامىسىدە سېتىۋېلىشى بەلگىلەنگەن پايغا يازما شەكىلدە تولۇق خېرىدار بولۇشى ھەمدە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەبلەغنى تاپشۇرۇشى كېرەك. پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنى مەبلەغ قىلىپ چىقىرىدىغانلار مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى كېرەك.
    تەشەببۇسچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەبلەغ تاپشۇرمىغانلىرى تەشەببۇسچىلار كېلىشىمى بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    تەشەببۇسچىلار شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقىشى، مۇدىرىيەت شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا شىركەت نىزامنامىسى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەرنى يوللاپ، شىركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
    84 – ماددا مەبلەغ توپلاش يولى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىدە تەشەببۇسچىلار ئاز دېگەندە شىركەت ئومۇمىي پېيىنىڭ 35 ىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    85 – ماددا تەشەببۇسچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلىغاندا، پايغا خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە پاي خېرىدارنامىسى تەييارلىشى كېرەك. پاي خېرىدارنامىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 86 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇن يېزىلىشى كېرەك. پاي خېرىدارى سېتىۋالىدىغان پاينىڭ سانى، سوممىسى، ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى يېزىشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى، تامغا بېسىشى كېرەك. پاي خېرىدارى سېتىۋالىدىغان پاي سانى بويىچە پاي پۇلى تاپشۇرىدۇ.
    86 – ماددا پايغا خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىگە تەشەببۇسچىلار تۈزگەن شىركەت نىزامنامىسىنى قوشۇمچە قىلىش ھەمدە تۆۋە, ندىكى مەزمۇنلارنى يېزىپ قويۇش كېرەك:
    (1) تەشەببۇسچى سېتىۋالىدىغان پاي سانى؛
    (2) ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى ۋە تارقىتىلىش باھاسى؛
    (3) ئىسىمسىز پاينىڭ تارقىتىلىش ئومۇمىي سانى؛
    (4) توپلانغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛
    (5) پاي خېرىدارىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛
    (6) شۇ قېتىمقى پاي توپلاشنىڭ باشلىنىش – ئاخىرلىشىش مۆھلىتى ۋە پاي توپلاشنىڭ مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەندە، پاي خېرىدارىنىڭ ۋەدە قىلغان پاينى سېتىۋېلىشتىن يېنىۋالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىزاھاتى.
    87 – ماددا تەشەببۇسچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشتا، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاكسىيە شىركىتى پېيىنى سېتىپ بېرىشى ۋە سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.
    88 – ماددا تەشەببۇسچىلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا پاي توپلاشتا، پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن يىغىش ھەققىدە بانكا بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك.
    پاي پۇلىنى ۋاكالىتەن يىغىدىغان بانكا پاي پۇلىنى كېلىشىم بويىچە ۋاكالىتەن يىغىدۇ ۋە ساقلايدۇ، پاي پۇلى تاپشۇرغان خېرىدارغا ھۆججەت بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا پۇلنى ئالغانلىق ئىسپاتى بېرىدۇ.
    89 – ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تارقىتىلغان پاينىڭ پۇلى تولۇق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، مەبلەغ تەكشۈرۈشى ۋە ئىسپات بېرىشى شەرت. تەشەببۇسچى پاي پۇلى تولۇق تاپشۇرۇلۇپ بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، شىركەت قۇرۇش يىغىنىنى ئېچىشى كېرەك. شىركەت قۇرۇش يىغىنى تەشەببۇسچىلار ۋە پاي خېرىدارلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.
    تارقىتىلغان پاي پايغا خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسىدە بەلگىلەنگەن پاي تارقىتىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدە تولۇق تارقىتىلمىغان ياكى تارقىتىلغان پاينىڭ پۇلى تولۇق يىغىۋېلىنغان بولسىمۇ، تەشەببۇسچى 30 كۈن ئىچىدە شىركەت قۇرۇش يىغىنى ئاچمىغان بولسا، پاي خېرىدارى تاپشۇرغان پاي پۇلىنى تەشەببۇسچىدىن بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    90 – ماددا تەشەببۇسچى شىركەت قۇرۇش يىغىنىنى ئېچىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى، يىغىن ۋاقتىنى پاي خېرىدارلىرىغا ئۇقتۇرۇشى ياكى ئېلان قىلىشى كېرەك، شىركەت قۇرۇش يىغىنىنى پاي ئومۇمىي سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشەببۇسچىلار ۋە پاي خېرىدارى قاتناشقاندا ئېچىشقا بولىدۇ.
شىركەت قۇرۇش يىغىنى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) تەشەببۇسچىنىڭ شىركەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛
    (2) شىركەت نىزامنامىسىنى ماقۇللاش؛
    (3) مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى سايلاش؛
    (4) نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش؛
    (5) شىركەت قۇرۇش خىراجىتىنى تەكشۈرۈش؛
    (6) تەشەببۇسچىنىڭ پاي پۇلى قىلىنغان مال – مۈلكىنىڭ باھاسىنى تەكشۈرۈش؛
    (7) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكى ياكى تىجارەت شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شىركەت قۇرۇشقا بىۋاسىتە تەسىر يەتسە، شىركەت قۇرماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىش.
    شىركەت قۇرۇش يىغىنىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى يىغىنغا قاتناشقان پاي خېرىدارلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بويىچە بېرىلگەن ئاۋازنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
    91 – ماددا تەشەببۇسچىلار، پاي خېرىدارلىرى پاي پۇلىنى تاپشۇرغان ياكى پاي پۇلىغا سۇندۇرۇلغان مەبلىغىنى چىقارغاندىن كېيىن، پاي ۋاقتىدا تارقىتىلىپ بولمىغان، تەشەببۇسچى شىركەت قۇرۇش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئاچمىغان ياكى شىركەت قۇرۇش يىغىنى شىركەت قۇرماسلىقنى قارار قىلغان ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پاي دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
    92 – ماددا مۇدىرىيەت شىركەت قۇرۇش يىغىنى ئاياغلىشىپ 30 كۈن ئىچىدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى يوللاپ، شىركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:
    (1) شىركەتنى تىزىملىتىش ئىلتىماسى؛
    (2) شىركەت قۇرۇش يىغىنىنىڭ خاتىرىسى؛
    (3) شىركەت نىزامنامىسى؛
    (4) مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛
    (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل، مۇدىر، نازارەتچىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھۆججىتى ۋە سالاھىيەت ئىسپاتى؛
    (6) تەشەببۇسچىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى تەبىئىي ئىگىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
    (7) شىركەتنىڭ تۇرۇشلۇق جاي ئىسپاتى.
    مەبلەغ توپلاش يولى بىلەن قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى ئاشكارا تارقاتقانلار شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنىمۇ يوللىشى كېرەك.
    93 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەشەببۇسچى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەبلەغنى تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك؛ قالغان تەشەببۇسچىلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنىڭ ئەمەلىي باھاسى شىركەت نىزامنامىسىدە بېكىتىلگەن باھا سوممىسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئىكەنلىكى بايقالسا، شۇ مەبلەغنى چىقارغان تەشەببۇسچى كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك؛ قالغان تەشەببۇسچىلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    94 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى تۆۋەندىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
    (1) شىركەت قۇرۇلماي قالسا، شىركەت قۇرۇش ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان قەرز ۋە خىراجەتتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
    (2) شىركەت قۇرۇلماي قالسا، پاي خېرىدارى تاپشۇرغان پاي پۇلىغا بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇش چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛
    (3) شىركەت قۇرۇش جەريانىدا تەشەببۇسچىلاردىن سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن شىركەتنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    95 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، باھاغا سۇندۇرۇپ نەق يىغىلغان ئومۇمىي پاي دەسمايىسى شىركەتنىڭ ساپ كاپىتال سوممىسىدىن يۇقىرى بولسا بولمايدۇ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، كاپىتالنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاينى قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىش كېرەك.
    96 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار ئىسىملىكى، شىركەت زايومىنىڭ كۆتىكى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ خاتىرىسى، مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ خاتىرىسى، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى شىركىتىدە ساقلىشى كېرەك.
    97 – ماددا پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار ئىسىملىكى، شىركەت زايومىنىڭ كۆتىكى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ خاتىرىسى، مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قارارى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنىنىڭ قارارى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتىنى كۆرۈشكە، شىركەتنىڭ تىجارىتىگە دائىر تەكلىپ بېرىشكە ياكى سۈرۈشتۈرمە قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2 – پاراگراف پايچىكلار يىغىنى
    98 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پايچىكلار يىغىنى بارلىق پايچىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ. پايچىكلار يىغىنى شىركەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.
    99 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 37 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پايچىكلار كېڭىشىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتىدىكى پايچىكلار يىغىنىغا تەتبىقلىنىدۇ.
    100 – ماددا پايچىكلار يىغىنى يىلدا بىر قېتىم يىللىق يىغىن ئېچىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پايچىكلار ۋاقىتلىق يىغىنى ئىككى ئاي ئىچىدە ئېچىشى كېرەك:
    (1) مۇدىرلار سانى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىسە ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئادەم سانىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىغا يەتمىسە؛
    (2) شىركەتنىڭ تولدۇرۇلمىغان زىيىنى ئەمەلىي يىغقان پاي دەسمايىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 3 تىن 1 قىسمىغا يەتسە؛
    (3) شىركەت پېيىنىڭ 10 ىدىن كۆپرەكىنى يالغۇز ياكى بىرلىشىپ ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار تەلەپ قىلسا؛
    (4) مۇدىرىيەت زۆرۈر دەپ قارىسا؛
    (5) نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىن ئېچىش تەكلىپى بەرسە؛
    (6) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
    101 – ماددا پايچىكلار يىغىنىنى مۇدىرىيەت ئاچىدۇ، باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇئاۋىن باش مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ مۇئاۋىن باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
    مۇدىرىيەت پايچىكلار يىغىنىنى ئېچىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، نازارەتچىلىك ھەيئىتى دەرھال يىغىن ئېچىشى ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك؛ نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىن ئاچمىسا ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلمىسا، شىركەتنىڭ 10 ىدىن ئارتۇق پېيىنى ئۇدا 90 كۈندىن ئارتۇق يالغۇز ياكى بىرلىشىپ ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار يىغىن ئاچسا ۋە رىياسەتچىلىك قىلسا بولىدۇ.
    102 – ماددا پايچىكلار يىغىنىنى ئېچىشتا، يىغىننىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى، ئورنى ۋە قارالمىسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن پايچىكلارغا ئۇقتۇرۇش كېرەك؛ پايچىكلار ۋاقىتلىق يىغىنى ئېچىشنى پايچىكلارغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش كېرەك؛ ئىسىمسىز پاي چېكىنى تارقىتىشتا، يىغىن ئېچىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن يىغىننىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى، ئورنى ۋە قارالمىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
    شىركەتنىڭ 3 ىدىن ئارتۇق پېيىنى يالغۇز ياكى بىرلىشىپ ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار پايچىكلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئون كۈن بۇرۇن ۋاقىتلىق تەكلىپ سۇنسا ھەمدە مۇدىرىيەتكە يازما تاپشۇرسا بولىدۇ؛ مۇدىرىيەت تەكلىپنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە باشقا پايچىكلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شۇ ۋاقىتلىق تەكلىپنى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى كېرەك. ۋاقىتلىق تەكلىپنىڭ مەزمۇنى پايچىكلار يىغىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە بولۇشى ھەمدە ئېنىق قارالمىسى ۋە قارار قىلىدىغان كونكرېت ئىشلار بولۇشى كېرەك.
    پايچىكلار يىغىنى ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى ئۇقتۇرۇشقا كىرگۈزۈلمىگەن ئىشلار ھەققىدە قارار چىقارسا بولمايدۇ.
    ئىسىمسىز پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردىن پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىرى يىغىندىن ئىلگىرىكى بەش كۈندىن باشلاپ پايچىكلار يىغىنى يېپىلغانغا قەدەر پاي چېكىنى شىركەتكە ساقلىتىشى كېرەك.
    103 – ماددا پايچىكلارنىڭ پايچىكلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئىلكىدىكى ھەر بىر پاي ئۈچۈن بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن شىركەتنىڭ ئىلكىدىكى پاي ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
    پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بويىچە بەرگەن ئاۋازنىڭ تەڭدىن تولىسىغا ئېرىشكەندە ماقۇللىنىشى شەرت. لېكىن، پايچىكلار يىغىنى شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزىتىش، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش قارارى شۇنىڭدەك شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش ياكى تارقىتىۋېتىش ۋە ياكى شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىشتا، يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بويىچە بەرگەن ئاۋازنىڭ 3 تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشكەندە ماقۇللىنىشى شەرت.
    104 – ماددا بۇ قانۇن ۋە شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شىركەتنىڭ ناھايىتى كۆپ مال – مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قوبۇل قىلىش ياكى سىرتقا كېپىل بولۇش قاتارلىق ئىشلىرى ھەققىدە پايچىكلار يىغىنى قارار چىقىرىشقا توغرا كەلسە، مۇدىرىيەت پايچىكلار يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاۋازغا قويۇشى كېرەك.
    105 – ماددا پايچىكلار يىغىنى مۇدىر، نازارەتچىنى سايلاشتا، شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ياكى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە، جەملىمە ئاۋاز تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جەملىمە ئاۋاز تۈزۈمى پايچىكلار يىغىنى مۇدىر ياكى نازارەتچىنى سايلىغاندا، ھەر بىر پاينىڭ سايلىنىدىغان مۇدىر ياكى نازارەتچى سانى بىلەن ئوخشاش ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، پايچىكلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يىغىپ يۈرگۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    106 – ماددا پايچىك پايچىكلار يىغىنىغا ۋاكالەتچىسىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ۋاكالەتچى شىركەتكە پايچىك ھوقۇق بەرگەن ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇشى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك.
    107 – ماددا پايچىكلار يىغىنى قاراپ چىقىلغان ئىشلار ئۈستىدە چىقىرىلغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، رىياسەتچى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك. يىغىن خاتىرىسى يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار ئىمزا قويغان دەپتەر ۋە ۋاكالىتەن قاتنىشىش ھاۋالىنامىسى بىلەن بىللە ساقلىنىشى كېرەك.
108 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىدە مۇدىرىيەت قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزاسى بەشتىن 19 غىچە بولىدۇ.
    مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بولسا بولىدۇ. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
    مۇشۇ قانۇننىڭ 45 – ماددىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى مۇدىرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىگە دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتى مۇدىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.
    مۇشۇ قانۇننىڭ 46 – ماددىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
    109 – ماددا مۇدىرىيەتكە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، مۇئاۋىن باش مۇدىر قويۇلسا بولىدۇ. باش مۇدىر ۋە مۇئاۋىن باش مۇدىر مۇدىرىيەتتىكى بارلىق مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
    مۇدىرىيەت يىغىنىنى باش مۇدىر ئاچىدۇ ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىرىيەت قارارلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. مۇئاۋىن باش مۇدىر باش مۇدىرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ، باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇئاۋىن باش مۇدىر ۋەزىپە ئادا قىلىدۇ؛ مۇئاۋىن باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن مۇدىر ۋەزىپە ئادا قىلىدۇ.
    110 – ماددا مۇدىرىيەت ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، ھەر قېتىملىق يىغىن ئېچىلىشتىن ئون كۈن ئىلگىرى، بارلىق مۇدىرلار ۋە نازارەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇش كېرەك.
    10دىن 1 قىسمىدىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پايچىك، 3 تىن 1 قىسىمدىن ئارتۇق مۇدىر ياكى نازارەتچىلىك ھەيئىتى مۇدىرىيەتنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئېچىشنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. باش مۇدىر تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىشى ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك.
    مۇدىرىيەت ۋاقىتلىق يىغىن ئېچىشتا، مۇدىرىيەت يىغىنىنى ئېچىشقا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇقتۇرۇش مۆھلىتىنى ئايرىم بەلگىلىسە بولىدۇ.
    111 – ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىنى مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ قارارىنى بارلىق مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.
    مۇدىرىيەتنىڭ قارارىنى ئاۋازغا قويۇشتا، بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
    112 – ماددا مۇدىرىيەت يىغىنىغا مۇدىر ئۆزى قاتنىشىشى كېرەك؛ مۇدىر مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، باشقا مۇدىرنى يازما ھاۋالە بىلەن قاتناشتۇرسا بولىدۇ، بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىنى ھاۋالىنامىگە يېزىپ قويۇشى كېرەك.
    مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار ئۈستىدە چىقىرىلغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرلار يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
    مۇدىر مۇدىرىيەتنىڭ قارارى ئۈچۈن جاۋابكار بولىدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ قارارى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارىغا خىلاپ بولغانلىقتىن، شىركەت ئېغىر زىيانغا ئۇچرىسا، قارار چىقىرىشقا قاتناشقان مۇدىرلار شىركەت ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، قارارنى ئاۋازغا قويغاندا، باشقىچە پىكىردە بولغانلىقى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇ يىغىن خاتىرىسىگە يېزىلغان بولسا، شۇ مۇدىرنىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
    113 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىگە دىرېكتور قويۇلىدۇ، ئۇنى تەكلىپلىك تەيىنلەش ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى مۇدىرىيەت قارار قىلىدۇ.
    بۇ قانۇننىڭ 49 – ماددىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دىرېكتورىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتى دىرېكتورىغا تەتبىقلىنىدۇ.
    114 – ماددا شىركەت مۇدىرىيىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ دىرېكتورلۇقنى قوشۇمچە ئۆتىشىنى قارار قىلسا بولىدۇ.
    115 – ماددا شىركەت مۇدىر، نازارەتچى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارغا بىۋاسىتە ياكى بالا شىركەت ئارقىلىق قەرز بەرسە بولمايدۇ.
    116 – ماددا شىركەت پايچىكلارغا مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ شىركەتتىن ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئاشكارىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
 117 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىدە نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، ئەزاسى ئۈچتىن كەم بولمايدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى پايچىكلار ۋەكىلى ۋە شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتىكى ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنىڭ نىسبىتى 3 تىن 1 قىسىمدىن كەم بولسا بولمايدۇ، كونكرېت نىسبىتى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنى شىركەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى باشقا شەكىل بىلەن دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىگە بىر رەئىس قويۇلىدۇ، مۇئاۋىن رەئىس قويۇلسا بولىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بارلىق نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا ياكى ئادا قىلمىسا، نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆرسەتكەن نازارەتچى نازارەتچىلىك ھەيئىتى يىغىنىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
    مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچى نازارەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولمايدۇ.
    بۇ قانۇننىڭ 52 – ماددىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نازارەتچىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىگە دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نازارەتچىسىگە تەتبىقلىنىدۇ.
    118 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 53 –، 54 – ماددىسىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىك ھەيئىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەتنى شىركەت چىقىرىدۇ.
    119 – ماددا نازارەتچىلىك ھەيئىتى ھەر ئالتە ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. نازارەتچى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئېچىشنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندىن سىرت، شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ قارارى نازارەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى قارالغان ئىشلار ئۈستىدە چىقىرىلغان قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇشى، يىغىنغا قاتناشقان نازارەتچىلەر يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
    5 – پاراگراف بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە
    120 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بازارغا سالغۇچى شىركەت پاي چېكى ئاكسىيە بېرىژىسىدا ئېلىپ – سېتىلىدىغان پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    121 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەت بىر يىل ئىچىدە ناھايىتى كۆپ مال – مۈلۈك سېتىۋالماقچى، ساتماقچى بولسا ياكى كېپىللىك سوممىسى شىركەت مال – مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 30 ىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنى پايچىكلار يىغىنى قارار قىلىشى ھەمدە ئۇ قارار يىغىنغا قاتناشقان پايچىكلار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بويىچە بەرگەن ئاۋازنىڭ 3 تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشىپ ماقۇللىنىشى كېرەك.
    122 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتكە مۇستەقىل مۇدىر قويۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
    123 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتكە شىركەتنىڭ پايچىكلار يىغىنى ۋە مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش، ھۆججەت ساقلاش شۇنىڭدەك شىركەت پايچىكىنىڭ ماتېرىيالىنى باشقۇرۇش، ئۇچۇر ئاشكارىلاشقا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل مۇدىرىيەت كاتىپى قويۇلسا بولىدۇ.
    124 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەت مۇدىرلىرىدىن مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە چىقارغان قارارى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىرى شۇ قارارغا ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى باشقا مۇدىرلارغا ۋاكالىتەن يۈرگۈزسىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق مۇدىرىيەت يىغىنىنى باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ، مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قارارى باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇدىرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتناشقان باغلىنىشلىق مۇناسۋىتى بولمىغان مۇدىرلارنىڭ سانى ئۈچكە يەتمىسە، بۇ ئىشنى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پايچىكلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش كېرەك.
5 – باب پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى تارقىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش
    1 – پاراگراف پاي تارقىتىش
    125 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كاپىتالى پايغا ئايرىلىدۇ. ھەر بىر پاينىڭ سوممىسى ئوخشاش بولىدۇ.
    شىركەت پېيىدا پاي چېكى شەكلى قوللىنىلىدۇ. پاي چېكى پايچىكنىڭ شىركەت تارقاتقان پاينى ئىلكىدە تۇتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ.
    126 – ماددا پاي تارقىتىشتا ئادىل، لىللا بولۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، ئوخشاش تۈردىكى ھەر بىر پاينىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئوخشاش بولىدۇ.
    تەڭ تارقىتىلغان ئوخشاش تۈردىكى پاي چېكىنىڭ ھەر بىرىنىڭ تارقىتىلىش شەرتى ۋە باھاسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس سېتىۋالىدىغان ھەر بىر پايغا ئوخشاش باھادا پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك.
    127 – ماددا پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش باھاسى ئەسلىي سوممىسى بويىچە بولىدۇ، پاي چېكىنىڭ سوممىسىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەسلىي سوممىسىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
    128 – ماددا پاي چېكى قەغەز شەكلىدە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەكىلدە بولىدۇ.
    پاي چېكىگە تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى يېزىپ قويۇش كېرەك:
    (1) شىركەت نامى؛
    (2) شىركەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى؛
    (3) پاي چېكىنىڭ تۈرى، ئەسلىي سوممىسى ۋە ۋەكىللىك قىلىنىدىغان پاي سانى؛
    (4) پاي چېكىنىڭ نومۇرى.
    پاي چېكىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ئىمزا قويىدۇ، شىركەت تامغا باسىدۇ.
    تەشەببۇسچىنىڭ پاي چېكىگە ‹‹تەشەببۇسچىنىڭ پاي چېكى›› دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك.
    129 – ماددا شىركەت تارقاتقان پاي چېكى ئىسىملىك پاي چېكى بولسىمۇ، ئىسىمسىز پاي چېكى بولسىمۇ بولىدۇ.
    شىركەت تەشەببۇسچىلارغا، قانۇنىي ئىگىلەرگە تارقاتقان پاي چېكى ئىسىملىك پاي چېكى بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭغا شۇ تەشەببۇسچى ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ نامى ياكى ئىسىم – فامىلىسى يېزىلىشى كېرەك. ئايرىم نام قويۇشقا ياكى ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
    130 – ماددا شىركەت ئىسىملىك پاي چېكى تارقاتقان بولسا، پايچىكلار ئىسىملىكى تۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويۇشى كېرەك:
    (1) پايچىكنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
    (2) پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي سانى؛
    (3) پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ نومۇرى؛
    (4) پايچىكلار پايغا ئېرىشكەن ۋاقىت.
    ئىسىمسىز پاي چېكى تارقىتىلغان بولسا، شىركەت ئۇنىڭغا پاي چېكىنىڭ سانى، نومۇرى ۋە تارقىتىلغان ۋاقىتنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.
    131 – ماددا گوۋۇيۈەن شىركەتنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقاتقان پاي چېكىدىن سىرت باشقا تۈردىكى پاينى تارقىتىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
    132 – ماددا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايچىكقا پاي چېكىنى دەرھال رەسمىي بېرىش كېرەك. شىركەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پايچىكقا پاي چېكىنى بېرىشكە بولمايدۇ.
133 – ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقىتىشتا، پايچىكلار يىغىنى تۆۋەندىكى ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك:
    (1) يېڭى پاينىڭ تۈرى ۋە سانى؛
    (2) يېڭى پاينىڭ تارقىتىلىش باھاسى؛
    (3) يېڭى پاي تارقىتىشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛
    (4) ئەسلىدىكى پايچىكلارغا تارقىتىلغان يېڭى پاينىڭ تۈرى ۋە سانى.
    134 – ماددا شىركەت گوۋۇيۈەن ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يېڭى پاينى ئاشكارا تارقاتقاندا، يېڭى پايغا خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرۈشى ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ھەم پاي خېرىدارنامىسى تەييارلىشى شەرت.
    بۇ قانۇننىڭ 87 – ۋە 88 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە شىركەتنىڭ يېڭى پاينى ئاشكارا پاي تارقىتىشىغا تەتبىقلىنىدۇ.
    135 – ماددا شىركەت يېڭى پاي تارقىتىشتا، شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە مالىيە ئەھۋالىغا قاراپ، باھا لايىھەسىنى بېكىتسە بولىدۇ.
    136 – ماددا شىركەت يېڭى تارقاتقان پاي پۇلىنى تولۇق يىغىۋالغاندىن كېيىن، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ھەم ئېلان چىقىرىشى شەرت.
    2 – پاراگراف پاي ئۆتۈنۈپ بېرىش
    137 – ماددا پايچىكلار ئىلكىدىكى پاينى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
    138 – ماددا پايچىكلار ئۆزىنىڭ پېيىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاكسىيە بېرىژىسىدا ئۆتۈنۈپ بېرىشى ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.
    139 – ماددا ئىسىملىك پاي چېكىنى پايچىك ئارقا ئىمزا شەكلى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ، پاي ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىركەت ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى، تۇرۇشلۇق جايىنى پايچىكلار ئىسىملىكىگە يېزىپ قويىدۇ.
    پايچىكلار يىغىنى ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن ياكى شىركەت پاي پايدىسىنى تەقسىم قىلىشنى قارار قىلغان تۈپ كۈندىن بەش كۈن بۇرۇن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلار ئىسىملىكىدىكى ئىسىملىكنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، قانۇندا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پايچىكلار ئىسىملىكىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    140 – ماددا ئىسىمسىز پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، پايچىكلار شۇ پاي چېكىنى ئۆتۈنۈلگۈچىگە بەرگەن ھامان، ئۆتۈنۈش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    141 – ماددا تەشەببۇسچىنىڭ ئىلكىدىكى شۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. شىركەت ئاشكارا پاي تارقىتىشتىن ئىلگىرى تارقاتقان پاينى شىركەت پېيى ئاكسىيە بېرىژىسىدا بازارغا سېلىنغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
    شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى شىركەتكە ئۆز شىركىتىدىن سېتىۋالغان پاينى ھەم ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەر يىلى ئۆتۈنۈپ بەرگەن پاي شۇ شىركەت پېيى ئومۇمىي سانىنىڭ 25 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ شۇ شىركەتنىڭ پېيىنى شىركەت پاي چېكى بازارغا سېلىنغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. يۇقىرىقى خادىملار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، يېرىم يىل ئىچىدە ئۆز ئىلكىدىكى شىركەت پېيىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ. شىركەت نىزامنامىسىدە شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى شىركەت پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى چەكلەش ھەققىدە باشقا بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.
    142 – ماددا شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالسا بولمايدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
    (1) شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى ئازىيىپ كەتسە؛
    (2) شۇ شىركەتنىڭ پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان باشقا شىركەت بىلەن قوشۇۋېتىلسە؛
    (3) پاينى شۇ شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مۇكاپات ھېسابىدا بەرسە؛
    (4) پايچىك پايچىكلار يىغىنىنىڭ شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش ھەققىدىكى قارارىغا باشقىچە پىكرى بولۇپ، شىركەتتىن ئۆز پېيىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا.
    شىركەت ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2)، (3) تارماقچىسىدىكى سەۋەب بىلەن، ئۆز شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالسا، پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شىركەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، (1) تارماقچىدىكى ئەھۋال بولسا، سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى؛ (2)، (4) تارماقچىدىكى ئەھۋال بولسا، ئالتە ئاي ئىچىدە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى كېرەك.
    شىركەت 1 – تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋالغان ئۆز شىركىتىنىڭ پېيى شۇ شىركەت تارقاتقان پاي ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بەشىدىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ سېتىۋېلىشقا كېرەكلىك مەبلەغنى شىركەتنىڭ باجدىن كېيىنكى پايدىسىدىن چىقىرىش كېرەك؛ سېتىۋالغان پاينى بىر يىل ئىچىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك.
    شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى گۆرۈ ھوقۇقىنىڭ نىشانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
    143 – ماددا ئىسملىك پاي چېكى ئوغرىلانسا، يوقاپ كەتسە ياكى كېرەكتىن چىقسا، پايچىك ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن ئاشكارا سۈيلەش تەرتىپى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ پاي چېكىنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ پاي چېكىنى كۈچتىن قالدۇرغاندىن كېيىن، پايچىك شىركەتكە پاي چېكىنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
    144 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پاي چېكى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام شۇنىڭدەك ئاكسىيە بېرىژىسىنىڭ سودا قائىدىسى بويىچە بازارغا سېلىنىدۇ.
    145 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مالىيە ئەھۋالى، تىجارەت ئەھۋالى ۋە چوڭ دەۋالارنى ئاشكارىلىشى، ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلىدا بىر قېتىم مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى شەرت.
  6 – باب شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى
    146 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار شىركەتنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ:
    (1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛
    (2) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىپ، مال – مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ ياكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى بۇزۇپ، جىنايى جازا بېرىلگەنلەردىن ئىجرا مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغانلىرى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلاردىن ئىجرا مۇددىتى توشقىنىغا بەش يىل بولمىغانلىرى؛
    (3) ۋەيرانچىلىق ھېساباتى ئېنىقلانغان شىركەت، كارخانىنىڭ مۇدىرى ياكى زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورى بولغان، شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلاردىن شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئاياغلاشقان ۋاقتىغا ئۈچ يىل بولمىغانلىرى؛
    (4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەن شىركەت، كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولغان ھەم شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلاردىن شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ۋاقتىغا ئۈچ يىل بولمىغانلىرى؛
    (5) شەخسىي قەرزى كۆپرەك بولۇپ، قەرەلى توشسىمۇ قايتۇرمىغانلىرى.
    شىركەتلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇدىر، نازارەتچى ياكى تەكلىپلىك تەيىنلىنىدىغان ئالىي باشقۇرغۇچىلارنى سايلىغان، ئەۋەتكەنلىرىنىڭ سايلىشى، ئەۋەتىشى ياكى تەكلىپلىك تەيىنلىشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
    مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن ۋەزىپە ئۆتىگەندە، مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىنى شىركەت ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى كېرەك.
    147 – ماددا مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شىركەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشى، شىركەت ئالدىدا سادىق بولۇش ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
    مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    148 – ماددا مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:
    (1) شىركەتنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالسا؛
    (2) شىركەتنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويسا؛
    (3) شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، شىركەت مەبلىغىنى باشقىلارغا ئۆتنە بەرسە ياكى شىركەت مال – مۈلكى بىلەن باشقىلارغا كېپىل بولسا؛
    (4) شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز شىركىتى بىلەن توختام تۈزسە ياكى سودا قىلسا؛
    (5) پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن ۋە شىركەتنىڭ سودا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن شىركەتتىكىگە ئوخشاش كەسىپ تىجارىتى قىلسا؛
    (6) باشقىلارنىڭ شىركەت بىلەن قىلغان سودىسىدىكى شېرىنكانىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا؛
    (7) شىركەت مەخپىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارىلىسا؛
    (8) شىركەتكە سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.
    مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن كىرىمى شىركەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.
    149 – ماددا مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن شىركەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەندە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ شىركەتكە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    150 – ماددا پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنى مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلار سىرتتىن قاتنىشىشى ھەم پايچىكلارنىڭ سۈرۈشتۈرمىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
    مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرمىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىيالنى ئەينەن يەتكۈزۈشى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچىلەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
    151 – ماددا مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 149 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى، پاي چەكلىك شىركىتىدىكى شىركەتنىڭ بىرىدىن ئارتۇق پېيىنى ئۇدا 180 كۈندىن ئارتۇق يالغۇز ياكى بىرلىشىپ ئىلكىدە تۇتقان پايچىكلار نازارەتچىلىك ھەيئىتى ياكى نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرمىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىرىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى يازما تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ نازارەتچىلەردە مۇشۇ قانۇننىڭ 149 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان پايچىكلار مۇدىرىيەت ياكى مۇدىرىيەت قۇرمىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى يازما تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    نازارەتچىلىك ھەيئىتى، نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرمىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نازارەتچىلىرى ياكى مۇدىرىيىتى، ئىجرائىي مۇدىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلارنىڭ يازما تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەۋا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا ۋە ياكى ئەھۋال جىددىي بولسىمۇ، دەرھال دەۋا قىلمىغانلىقتىن، شىركەتنىڭ مەنپەئەتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىكلار شىركەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆز نامىدا بىۋاسىتە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
    باشقىلار شىركەتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىپ، شىركەتكە زىيان سالغان بولسا، مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن پايچىكلار ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
    152 – ماددا مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ئۈستىدىن پايچىكلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
    7 – باب شىركەت زايومى
    153 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شىركەت زايومى شىركەتلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تارقاتقان، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش پۈتۈشۈلگەن باھالىق ئاكسىيەنى كۆرسىتىدۇ.
    شىركەتلەرنىڭ شىركەت زايومى تارقىتىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن تارقىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
    154 – ماددا شىركەت زايومى تارقىتىش ئىلتىماسىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماق تەستىقلىغاندىن كېيىن، شىركەت زايومى توپلاش چارىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.
    شىركەت زايومى توپلاش چارىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:
    (1) شىركەتنىڭ نامى؛
    (2) زايوم ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛
    (3) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئەسلىي سوممىسى؛
    (4) زايومنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىش ئۇسۇلى؛
    (5) دىرى بىلەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى؛
    (6) زايوم كېپىللىكى ئەھۋالى؛
    (7) زايومنىڭ تارقىتىلىش باھاسى، تارقىتىشنىڭ باشلىنىش، ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛
    (8) شىركەتنىڭ ساپ كاپىتال سوممىسى؛
    (9) تارقىتىلىپ قەرەلى توشمىغان شىركەت زايومىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى؛
    (10) شىركەت زايومىنى سېتىپ بەرگۈچى ئاپپارات.
    155 – ماددا شىركەتلەردىن ناتۇرال چەك شەكلىدە شىركەت زايومى تارقاتقانلىرى زايومىغا شىركەتنىڭ نامى، زايومنىڭ ئەسلىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۇددىتى قاتارلىقلارنى يېزىپ قويۇشى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ئىمزا قويۇشى، شىركەت تامغا بېسىشى كېرەك.
    156 – ماددا شىركەت زايومى ئىسىملىك زايوم بولسىمۇ، ئىسىمسىز زايوم بولسىمۇ بولىدۇ.
    157 – ماددا شىركەتلەر شىركەت زايومى تارقاتقاندا، شىركەت زايومى كۆتەك دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك.
    شىركەتنىڭ ئىسىملىك زايومى تارقاتقانلار شىركەت زايومى كۆتەك دەپتىرىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىشى كېرەك:
    (1) زايومنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
    (2) زايومنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ زايومغا ئېرىشكەن ۋاقتى ۋە زايوم نومۇرى؛
    (3) زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، زايومنىڭ ئەسلىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، دىرى بىلەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى؛
    (4) زايوم تارقىتىلغان ۋاقىت.
    شىركەتنىڭ ئىسىمسىز زايومىنى تارقىتىدىغانلار شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۇددىتى، ئۇسۇلى، تارقىتىلغان ۋاقتى ۋە زايوم نومۇرىنى يېزىشى كېرەك.
    158 – ماددا شىركەتنىڭ ئىسىملىك زايومىنى تىزىملاپ راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات زايوم تىزىملاش، ساقلاش، ئۆسۈم بېرىش، نەقلەشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى كېرەك.
    159 – ماددا شىركەت زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى ئۆتۈنگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈلگۈچى پۈتۈشىدۇ.
 شىركەت زايومىنى ئاكسىيە بېرىژىسىدا بازارغا سېلىپ سودىلىشىشتا، ئاكسىيە بېرىژىسىنىڭ تىجارەت قائىدىسى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك.
    160 – ماددا شىركەتنىڭ ئىسىملىك زايومىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئارقا ئىمزا شەكلى ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ؛ ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، شىركەت ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنى شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە خاتىرىلەپ قويىدۇ.
    شىركەتنىڭ ئىسىمسىز زايومىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، زايومنى ئىلكىدە تۇتقۇچى شۇ زايومنى ئۆتۈنۈلگۈچىگە بەرگەن ھامان، ئۆتۈنۈپ بېرىش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    161 – ماددا بازارغا سالغۇچى شىركەت پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقاتسا بولىدۇ ھەم شىركەتنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش چارىسىدە كونكرېت ئالماشتۇرۇش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ. بازارغا سالغۇچى شىركەت پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومى تارقىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.
    پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنى تارقىتىشتا، ‹‹پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومى›› دەپ يېزىپ قويۇش ھەم شىركەت زايومىنىڭ كۆتەك دەپتىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان شىركەت زايومىنىڭ سانىنى يېزىپ قويۇش كېرەك.
    162 – ماددا شىركەتنىڭ پاي چېكىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان زايومىنى تارقىتىدىغان شىركەتلەر زايومنى ئۇنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا ئۆزىنىڭ ئالماشتۇرۇش چارىسى بويىچە پاي چېكىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، لېكىن زايومنى ئىلكىدە تۇتقۇچى پاي چېكىگە ئالماشتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرماسلىقنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.
    8 – باب شىركەت مالىيەسى، بوغالتىرلىقى
    163 – ماددا شىركەتلەر قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆز شىركىتىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
    164 – ماددا شىركەتلەر ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتى تەييارلىشى ھەم بوغالتىرخانىغا قانۇن بويىچە تەپتىش قىلدۇرۇشى كېرەك.
    مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەييارلاش كېرەك.
    165 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە، مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى پايچىكلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
    پاي چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتى پايچىكلار يىللىق يىغىنى ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن پايچىكلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن شىركەتتە تەييارلاپ قويۇلۇشى؛ پاي چېكى ئاشكارا تارقىتىلىدىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرى مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
    166 – ماددا شىركەتلەر شۇ يىللىق باجدىن كېيىنكى پايدىنى تەقسىم قىلغاندا، پايدىنىڭ 10 ىنى ئاجرىتىپ، شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ 50 ىدىن كۆپ بولغانلىرى ئاجراتمىسىمۇ بولىدۇ.
    شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندى شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمىسە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنى ئاجرىتىشتىن بۇرۇن، شۇ يىللىق پايدىدىن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش كېرەك.
    شىركەتلەر باجدىن كېيىنكى پايدىسىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنى ئاجراتقاندىن كېيىن، پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، باجدىن كېيىنكى پايدىسىدىن جامائەت فوندىنى ئىختىيارىي ئاجراتسا بولىدۇ.
    شىركەت زىيىنىنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغان ۋە جامائەت فوندى ئاجرىتىلغاندىن كېيىنكى قىسمىنىڭ باجدىن كېيىنكى پايدىسىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 34 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەقسىم قىلىدۇ؛ پاي چەكلىك شىركەتلىرى پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ، لېكىن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىدە ئىلكىدىكى پاي نىسبىتى بويىچە تەقسىملەنمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەت زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرماي ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنى ئاجراتماي تۇرۇپ، پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولسا، پايچىكلار بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىم قىلىنغان پايدىنى شىركەتكە قايتۇرۇشى شەرت.
    شىركەت ئىلكىدىكى شۇ شىركەتنىڭ پېيىغا پايدا تەقسىم قىلىشقا بولمايدۇ.
    167 – ماددا پاي چەكلىك شىركەتلىرى پاي چېكىنىڭ ئەسلىي سوممىسىدىن ئارتۇق باھادا پاي تارقىتىپ ئېرىشكەن ئۆرلىگەن باھا پۇلى ھەم گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى كاپىتال جامائەت فوندى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى بەلگىلىگەن باشقا كىرىملەرنى شىركەتنىڭ كاپىتال جامائەت فوندىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
    168 – ماددا شىركەتنىڭ جامائەت فوندى شىركەتنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ياكى شىركەت كاپىتالىنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، كاپىتال جامائەت فوندىنى شىركەت زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنى كاپىتالغا ئۆزگەرتكەندە، قالدۇرۇلغان شۇ تۈردىكى جامائەت فوندى كۆپەيتىشكە ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ 25 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
    169 – ماددا شىركەتلەر شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىك كەسپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بوغالتىرخانىنى تەكلىپ قىلىش، تەكلىپ قىلماسلىقنى شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت قارار قىلىدۇ.
    شىركەتنىڭ پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيىتى بوغالتىرخانىنى تەكلىپ قىلماسلىقنى ئاۋازغا قويغاندا، بوغالتىرخانىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.
    170 – ماددا شىركەتلەر تەكلىپ قىلغان بوغالتىرخانىغا راست، تولۇق بولغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتى ۋە باشقا بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى بېرىشى كېرەك، رەت قىلىشىغا، يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    171 – ماددا شىركەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا، ئايرىم بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    شىركەت مۈلكىنى ھەرقانداق شەخسنىڭ نامىدا ئىسچوت ئېچىپ ئامانەت قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
    9 – باب شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، كاپىتالنى كۆپەيتىش، ئازايتىش
    172 – ماددا شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىشتە، قوشۇۋېلىش ياكى يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇلۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
    بىر شىركەتنىڭ باشقا شىركەتنى قوبۇل قىلىشى قوبۇل قىلىپ قوشۇۋېتىش بولىدۇ، قوبۇل قىلىنغان شىركەت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ قوشۇلۇپ بىر يېڭى شىركەت قۇرۇشى يېڭىدىن قۇرۇپ قوشۇلۇش بولىدۇ، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ.
    173 – ماددا شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىشتە، قوشۇۋېتىلىدىغان تەرەپلەر قوشۇۋېتىش كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلىشى كېرەك. شىركەتلەر قوشۇۋېتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ، ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئېلان بېرىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالالمىغان ھەقدارلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرزنى تۆلەپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    174 – ماددا شىركەتلەر قوشۇۋېتىلگەندە، قوشۇۋېتىلگەن تەرەپلەرنىڭ ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئىشلىرىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى شىركەت ياكى يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت داۋاملىق ئىگە بولىدۇ.
    175 – ماددا شىركەتلەرنى ئايرىغاندا، ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىمۇ مۇناسىپ بۆلۈنىدۇ.
شىركەت ئايرىۋېتىلگەندە ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلاش كېرەك، شىركەت ئايرىلىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئېلان بېرىشى كېرەك.
    176 – ماددا شىركەت ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى قەرزدە، ئايرىلىپ چىققان شىركەت چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، شىركەت ئايرىلىشتىن بۇرۇن ھەقدار بىلەن قەرز تۆلەش ھەققىدە ھاسىل قىلغان يازما كېلىشىمدە ئايرىم پۈتۈشكەن ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.
    177 – ماددا شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتماقچى بولسا، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلىشى شەرت.
    شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى ئازايتىش قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان ھەقدارلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە، شىركەتتىن قەرز تۆلەش ياكى مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
    178 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى كۆپەيتكەندە، پايچىكلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىشنى لەۋزى قىلغان كاپىتالغا مەبلەغ چىقىرىشى مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشىغا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    پاي چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يېڭى پاي تارقاتقاندا، پايچىكلارنىڭ يېڭى پاي سېتىۋېلىشى مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرىدىغان پاي پۇلىغا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
    179 – ماددا شىركەتلەردىن قوشۇلۇپ ياكى ئايرىلىپ، تىزىمدىكى ئىشلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىزىم ئۆزگەرتىشى؛ شىركەتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىرى شىركەتنى قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرتۈشى؛ يېڭىدىن شىركەت قۇرىدىغانلىرى شىركەتنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.
    شىركەتلەردىن رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى كۆپەيتىدىغان ياكى ئازايتىدىغانلىرى شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىزىم ئۆزگەرتىشى كېرەك.
    10 – باب شىركەتنى تارقىتىۋېتىش ۋە ھېسابات ئېنىقلاش
    180 – ماددا شىركەت تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن تارقىتىۋېتىلىدۇ:
    (1) شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا؛
    (2) پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار يىغىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛
    (3) شىركەت قوشۇلۇش ياكى ئايرىلىش سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولسا؛
    (4) تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇلغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛
    (5) خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 182 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىۋەتكەن بولسا.
    181 – ماددا شىركەتلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 180 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرى شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزىتىپ داۋاملىق ساقلىنىپ قالسا بولىدۇ:
    ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزىتىشتە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق پايچىكنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى، پاي چەكلىك شىركىتى يىغىنغا قاتناشقان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق پايچىكنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت.
    182 – ماددا شىركەت ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ ساقلىنىپ تۇرۇۋەرسە پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يېتىدىغان بولسا، ئۇنى باشقا يول بىلەن ھەل قىلغىلىمۇ بولمىسا، ئىلكىدىكى پېيى شىركەتتىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق پايچىكلار پېيىنىڭ ئونىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان پايچىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شىركەتنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    183 – ماددا شىركەتلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 180 – ماددىسىنىڭ (1)، (2)، (4)، (5) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تارقىتىۋېتىلىدىغانلىرى تارقىتىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېسابات ئېنىقلاشنى باشلىشى كېرەك. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى پايچىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى مۇدىر ياكى پايچىكلار يىغىنى بېكىتكەن خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېساباتنى ئېنىقلىمىسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملارنى بېكىتىپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېساباتنى ئېنىقلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېساباتنى ئېنىقلىشى كېرەك.
    184 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېسابات ئېنىقلاۋاتقان مەزگىلدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
    (1) شىركەت مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلاش؛
    (2) ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئېلان قىلىش؛
    (3) شىركەت قۇيرۇقىنى ئۈزۈپ بولالمىغان ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئېنىقلاش؛
    (4) نېسى قالغان باج پۇلى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش جەريانىدا پەيدا بولغان باجنى تاپشۇرۇش؛
   , ; (5) ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئىشلىرىنى ئېنىقلاش؛
    (6) شىركەتنىڭ قەرز تۆلەپ بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش؛
    (7) شىركەتكە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ دەۋاسىغا قاتنىشىش.
    185 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە 60 كۈن ئىچىدە گېزىتتە ئېلان بېرىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھەقدار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالالمىغان ھەقدار ئېلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەقدار ئىكەنلىكىنى ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
    ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ھەقدارلىققا ئائىت ئىشلارنى ئىزاھلىشى ھەمدە ئىسپات ماتېرىيالى بېرىشى كېرەك. ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھەقدارلىقنى تىزىملىشى كېرەك.
    ھەقدارلىق مەلۇم قىلىنغان مەزگىلىدە، ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھەقدارغا تۆلەم بەرسە بولمايدۇ.
    186 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلىغان، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېسابات ئېنىقلاش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە يوللىشى كېرەك.
    شىركەتنىڭ مال – مۈلكىدىن ھېسابات ئېنىقلاش خىراجىتى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تولۇقلىما پۇلى چىقىم قىلىنغان، نېسى قالغان باج پۇلى تاپشۇرۇلغان، شىركەتنىڭ قەرزى تۆلەنگەندىن كېيىن ئاشقان قىسمىنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلار چىقارغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ، پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي نىسبىتىگە قاراپ تەقسىم قىلىدۇ.
    ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە، شىركەت ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ھېسابات ئېنىقلاش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان تىجارەتنى قىلسا بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولۇشتىن ئىلگىرى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى پايچىكلارغا بۆلۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
    187 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئېنىقلىغان، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ۋە مال – مۈلۈك تىزىملىكى تەييارلىغاندىن كېيىن، شىركەت مال – مۈلكىنىڭ قەرز تۆلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
    شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېساباتنى ئېنىقلاش ئىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
    188 – ماددا شىركەتنىڭ ھېساباتى ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ھېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى يېزىپ، پايچىكلار كېڭىشى، پايچىكلار يىغىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە يوللىشى ھەمدە شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ، شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى، شىركەتنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
    189 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
    ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز كىرىم قىلىشىغا، شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
    ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن شىركەت ياكى ھەقدارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    190 – ماددا شىركەتلەردىن ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغانلىرى ۋەيرانچىلىق ھېساباتىنى كارخانا ۋەيرانچىلىقىغا دائىر ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە ئېنىقلىشى كېرەك.
    11 – باب چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى
    191 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەل شىركەتلىرى چەت ئەلنىڭ قانۇنلىرى بويىچە جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا قۇرۇلغان شىركەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    192 – ماددا چەت ئەل شىركەتلىرىدىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرىدىغانلىرى جۇڭگونىڭ مەسئۇل ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە شىركەت نىزامنامىسى، ئۆزى تەۋە دۆلەتنىڭ شىركەت تىزىم گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى، تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى شەرت.
    چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرىنى تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
    193 – ماددا چەت ئەل شىركەتلىرىدىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرغانلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە شۇ شۆبە – تارماق ئاپپاراتقا مەسئۇل بولىدىغان ۋەكىل ياكى ۋاكالەتچى بەلگىلىشى ھەمدە شۇ شۆبە – تارماق ئاپپاراتنىڭ تىجارىتىگە لايىق مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
    چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى تىجارەت مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى بەلگىلەشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
    194 – ماددا چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى نامىغا شۇ چەت ئەل شىركىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە مەسئۇلىيەت شەكلىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.
    چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى ئۆز ئاپپاراتلىرىدا شۇ چەت ئەل شىركىتىنىڭ نىزامنامىسىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.
    195 – ماددا چەت ئەل شىركىتىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قۇرغان شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگودا قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ.
    چەت ئەل شىركىتى شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تىجارىتىدە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    196 – ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان چەت ئەل شىركىتىنىڭ شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى كەسپىي پائالىيىتىدە جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى شەرت، جۇڭگونىڭ جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى جۇڭگونىڭ قانۇنلىرى قوغدايدۇ.
    197 – ماددا چەت ئەل شىركىتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى شۆبە – تارماق ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، قەرزنى قانۇن بويىچە ئۈزۈشى، مۇشۇ قانۇننىڭ شىركەت ھېساباتىنى ئېنىقلاش تەرتىپىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھېساباتنى ئېنىقلىشى شەرت. قەرزنى ئۈزمەي تۇرۇپ، شۆبە – تارماق ئاپپاراتىنىڭ مال – مۈلكىنى جۇڭگو چېگراسى سىرتىغا يۆتكىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
    12 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
    198 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى يالغان مەلۇم قىلىپ، ساختا ماتېرىيال بېرىپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قوللىنىپ مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ، شىركىتىنى تىزىملىتىۋالغانلارنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنى يالغان مەلۇم قىلغان شىركەتكە يالغان مەلۇم قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ بەشتىن يۇقىرى، 15 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ساختا ماتېرىيال بەرگەن ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ مۇھىم پاكىتنى يوشۇرغان شىركەتكە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، شىركەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
    199 – ماددا شىركەت تەشەببۇسچىلىرى، پايچىكلىرىدىن مەبلەغ چىقىرىشتا ساختىپەزلىك قىلغان، مەبلەغ ئورنىدا چىقىرىدىغان پۇل ياكى پۇلدىن باشقا مال – مۈلۈكنى تاپشۇرمىغان ياكى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ساختا چىقارغان مەبلىغىنىڭ بەشتىن يۇقىرى، 15 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    200 – ماددا شىركەت تەشەببۇسچىلىرى، پايچىكلىرىدىن شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قايتۇرۇۋالغان مەبلىغىنىڭ بەشتىن يۇقىرى، 15 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    201 – ماددا شىركەتلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا ئايرىم ھېسابات دەپتىرى تۇتقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    202 – ماددا شىركەتلەردىن ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا قانۇن بويىچە بەرگەن مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللىرىدا ساختا خاتىرە قالدۇرغانلىرى ياكى مۇھىم پاكىتنى يوشۇرغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    203 – ماددا شىركەتلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جامائەت فوندىنى ئاجرىتىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى تولۇق ئاجرىتىشقا بۇيرۇيدۇ، شىركەتكە 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
    204 – ماددا شىركەتلەردىن قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئازايتىش ياكى ھېسابات ئېنىقلاشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ياكى ئېلان چىقارمىغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شىركەتكە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    شىركەتلەردىن ھېسابات ئېنىقلاشتا مال – مۈلكىنى يوشۇرغان، ئاكتىپ – پاسسىپ جەدۋىلى ياكى مال – مۈلۈك تىزىملىكىدە ساختا خاتىرە قالدۇرغان ياكى قەرزنى ئۈزۈشتىن ئىلگىرى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى تەقسىم قىلىۋەتكەنلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شىركەتكە يوشۇرغان مال – مۈلۈك پۇلىنىڭ ياكى شىركەتنىڭ قەرزنى ئۈزۈشتىن ئىلگىرى تەقسىم قىلىۋەتكەن مال – مۈلۈك پۇلىنىڭ بەشتىن يۇقىرى، ئوندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    205 – ماددا شىركەتلەردىن ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە ھېسابات ئېنىقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز تىجارەت قىلغانلىرىغا شىركەت تىزىملاش ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
    206 – ماددا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىنى يوللىمىغانلىرى ياكى ھېسابات ئېنىقلاش دوكلاتىدا مۇھىم پاكىتنى يوشۇرغان ۋە ياكى مۇھىم مەزمۇننى چۈشۈرۈپ قويغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
    ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، قانۇنسىز كىرىم قىلغان ياكى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
    207 – ماددا مۈلۈك باھالايدىغان، مەبلەغ ياكى ئىسپات تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلاردىن ساختا ماتېرىيال بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە شۇ ئاپپاراتنى ئىشتىن توختىتىشقا بۇيرۇسا، بىۋاسىتە جاۋابكار خادىمنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
    مۈلۈك باھالايدىغان، مەبلەغ ياكى ئىسپات تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلاردىن يوللىغان دوكلاتىدا سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن مۇھىم مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈپ قويغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە شۇ ئاپپاراتنى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
    مۈلۈك باھالايدىغان، مەبلەغ ياكى ئىسپات تەكشۈرىدىغان ئاپپاراتلىرىدىن چىقارغان باھالاش نەتىجىسى، مەبلەغ ۋە ئىسپات تەكشۈرۈش ئىسپاتى راست بولماي، شىركەت ھەقدارلىرىغا زىيان سالغانلىرى ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساختا باھالىغان ياكى ئىسپاتلىغان سومما دائىرىسىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    208 – ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگانلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تىزىملىغان ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تىزىملىمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
    209 – ماددا شىركەت تىزىملاش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلىرىدىن شىركەت تىزىملاش ئورگىنىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تىزىملاشقا ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تىزىملىماسلىققا زورلىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تىزىملىغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
    210 – ماددا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي چەكلىك شىركىتىنى قانۇن بويىچە تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلار ياكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە ياكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شۆبە شىركىتىنى قانۇن بويىچە تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
    211 – ماددا شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئالتە ئايغىچە تىجارەت باشلىمىغانلار ياكى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن تىجارىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
    شىركەت تىزىملاتقان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تىزىمنى ئۆزگەرتىشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تىزىملىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تىزىملاتمىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    212 – ماددا چەت ئەل شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرغانلىرىنى شىركەت تىزىملاش ئورگىنى تۈزىتىشكە ياكى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
    213 – ماددا شىركەتنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.
    214 – ماددا شىركەتلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە جەرىمانە، ئىشتراپ تاپشۇرىدىغانلىرىنىڭ مال – مۈلكى تۆلەشكە چىقىش قىلمىسا، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    215 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
    13 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
    216 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
    (1) ئالىي باشقۇرغۇچىلار شىركەتنىڭ دىرېكتورى، مۇئاۋىن دىرېكتورى، مالىيە مەسئۇلى، بازارغا سالغۇچى شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى ۋە شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
    (2) پاي كونترول قىلغۇچى پايچىك چىقارغان مەبلىغى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئومۇمىي كاپىتال سوممىسىنىڭ 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان ياكى ئىلكىدىكى پاي پاي چەكلىك شىركىتى ئومۇمىي پاي دەسمايىسىنىڭ 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان پايچىكنى؛ چىقارغان مەبلىغى ياكى ئىلكىدىكى پېيىنىڭ نىسبىتى 50 كە يەتمىسىمۇ، چىقارغان مەبلىغى ياكى ئىلكىدىكى پېيى بويىچە ئىگە بولىدىغان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئارقىلىق، پايچىكلار كېڭىشى پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پايچىكنى كۆرسىتىدۇ.
    (3) ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى شىركەتنىڭ پايچىكى بولمىسىمۇ، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى، كېلىشىم ياكى باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئەمەلىي كونترول قىلالايدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
    (4) باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت شىركەتتىكى پاي كونترول قىلغۇچى پايچىك، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كونترول قىلىۋاتقان كارخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، شۇنىڭدەك شىركەت مەنپەئەتىنى نېرى – بېرى قىلالايدىغان باشقا مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، دۆلەتنىڭ پاي كونترول قىلىشى بىلەنلا دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرى ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنىڭ بولۇشى ناتايىن.
    217 – ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە پاي چەكلىك شىركىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئائىت قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
    218 – ماددا بۇ قانۇن 2006 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)





بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى