تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› يولغا قويۇلدى
يانفوندا كۆرۈش
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› يولغا قويۇلدى
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىنى تىزگىنلەشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش، تور يېمەكلىك سودىسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن يېمەكلىك تىجارەت ئورۇنلىرىنى قانداق قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىكلەر، بالىلار سۈت پاراشۇكى قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلىپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق›› يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا بىر – بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرۇلدى.
يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، چاقىرىپ سۆزلىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى
يېڭى قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى: يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگەتمىگەنلەرگە قارىتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنى چاقىرىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەشسە بولىدۇ. سۆزلىشىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىشەنچ ئارخىپىغا كىرگۈزۈش لازىم. يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، رايون خاراكتېرلىك زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاپىتىنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەن بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنى چاقىرىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەشسە بولىدۇ. مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن يېمەكلىك، دورا باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تۈزەش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ
يېڭى قانۇندا بۇ جەھەتتە قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى: بولۇپمۇ، ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مېۋە، كۆكتات، چاي يوپۇرمىقى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى. يېڭى قانۇندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئاشۇنداق دورىلارنى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا ج خ ئورگانلىرى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى بەلگىلىمە قوشۇلدى.
بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئايرىپ قاچىلاش مەنئى قىلىنىدۇ
يېڭى قانۇندا بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئايرىپ قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ، ئوخشاش بىر كارخانىنىڭ ئوخشاش بىر رېتسېپ بويىچە ئوخشىمايدىغان ماركىلىق بالىلار سۈت پاراشۇكىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ يېزىلىدۇ
يېڭى قانۇندا يەنە، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ماركىسى، چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹بۇ مەھسۇلاتلارنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ›› دەپ يېزىپ قويۇلۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
توردا يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى بىلەن تىزىمغا ئېلىنىدۇ
يېڭى قانۇندا بۇ جەھەتتە ئۈچ تۈرلۈك مەسئۇلىيەت بەلگىلەندى: بىرىنچى، تىجارەت قىلغۇچىلارغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسىنى تىزىملاش يولغا قويۇلۇپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئىككىنچى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى؛ ئۈچىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى.
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق جازالىنىپ، قالايمىقانچىلىق ئەھۋاللىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ
يېڭى قانۇندىكى ئىككى ماددا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ: بىرى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ئۆمۈر بويى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ؛ يەنە بىرى، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىنى بېرىش بەلگىلىمىسى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا يېمەكلىككە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان مەھسۇلاتلارنى خۇرۇج قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈپەيلىدىن ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىپ، قايتا – قايتا چەكلىسىمۇ توختاتمىغان قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش بەلگىلەندى.
يېڭى قانۇندا مەمۇرىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشقا قارىتا، ئىلگىرىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تاۋار قىممىتىنىڭ ئون ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، يېڭى قانۇندا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تاۋار قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
يېڭى قانۇندا يەنە گۇۋاھنامىسىز ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يېمەكلىككە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ماددىلارنى قانۇنسىز ھالدا خۇرۇج قىلىشقا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى سورۇنى بىلەن تەمىن ئېتىش قىلمىشلىرى جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.