پايدىلانغىلى بولىدىغان تاشقى مەبلەغ مەنبەسىنى ئېنىقلاش
ۋاقتى: 2016-11-01
ئاۋاتلىقى: 1362 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كارخانىنىڭ سىرتقى بۆلەكلىرىدىن بىرىنچىسى خېرىدار بۆلىكى .
بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ‹خېرىدارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ماترىسساسى› دېگەن ئۈلگىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.بۇ ئۈلگە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۇچرىغان رىقابەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق،ئەڭ مۇھىم بولغان خېرىدارلارنى پەرقلەندۈرۈشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ. يولۇققان رىقابەتنى مۇقىملاشتۇرغاندا،رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بەلگىلىيەلەيمىز.جوننى مىسالغا ئالساق، ئۇ ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن تەجرىبىلىك رېمونتچى بولۇپ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئۇچرىغان زەربىسىگە بىر رېمونتچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىدى ۋە كەسپى ساھەدىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسىنى، تاشقى دۇنيادىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان قىزىقىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،ئىگىلىك تىكلەشتىكى يېڭىچە ئىدىيەنى ئويلاپ چىقتى. يېڭى ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئىدىيە،كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئالغا سۈرمەكچى بولسىڭىز كىتابنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان ‹خېرىدارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ماترىسساسى› نى ئوقۇپ چىقىڭ.
ئىككىنچى رىقابەتچى بۆلىكى.
سىز قۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ رىقابەتچىسى سىزنىڭ خېرىدارىڭىزنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن. ھەر بىر رىقابەتچى خېرىدارنىڭ ئەندىشىسى،مەغلۇبىيىتى ۋە ئېھتىياجىغا قارىتا ئوخشىمىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز بولسا ھەر بىر رىقابەتچىنى پەرقلەندۈرۈپ،ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق رىقابەتچىلىرىڭىزنى تۈرگە ئايرىش.
تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى: رىقابەتچى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ شەكلى،رىقابەتچىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت مەسىلىگە بولغان ئۈنۈملۈك ۋاقتى،رىقابەتچىنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرى،رىقابەتچىنىڭ خېرىدارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى (تېخىمۇ ياخشى،تېخىمۇ تېز،تېخىمۇ ئەرزان ...قاتارلىق )، رىقابەتچى پايدىلانغان تارماق سېتىش يوللىرى، رىقابەتچىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ باھا نۇقتىسى ( باھا نۇقتىسى دېگىنىمىز بازاردىكى مەلۇم خىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ خېرىدارلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان باھاسىنى كۆرسىتىدۇ) . رىقابەتچىنىڭ دائىرىسى،رىقابەتچىنىڭ بۇ كەسىپتىكى تىجارەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،رىقابەتچىنىڭ زورىيىش سۈرئىتى،رىقابەتچى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئەھۋالى قاتارلىقلاردۇر . يۇقىرىقى ھەر بىر ئۆلچەم بىر بۆلەك بولۇپ، زاپچاس ئومۇمىي پىروگراممىسىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.بىز زاپچاس ئومۇمىي پىروگراممىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق بۆلەكلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرۇشنىڭ قانچىلىق يوشۇرۇش كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئۈچىنچىسى سېتىش يول بۆلىكى.
تارماق سېتىش يوللىرى كەڭ بولسىمۇ،ئۈنۈملۈك بولغانلىرى بىر نەچچىلا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يوللار : ئالاقە تورى ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى يوللىرى،بىۋاسىتە سېتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە سېتىش،كەڭ دائىرىدىكى تور يوللىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە سېتىش، مۇستەقىل بولغان سېتىش ۋەكىلى ئارقىلىق بىۋاسىتە سېتىش،ئالاھىدە رۇخسەتكە ئېرىشكەن تىجارەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تىجارەت قىلىش، چوڭ ھەجىمدىكى ئالاھىدە رۇخسەتكە ئېرىشكەن تىجارەت قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش، كىچىك تىپتىكى مۇستەقىل قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە رۇخسەتكە ئېرىشكەن تىجارەت شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،دۇكان ئېچىپ پارچە سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش،چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش زەنجىرسىمان دۇكانلىرى ئارقىلىق مەھسۇلاتنى پارچە سېتىش،ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ توپ ۋە پارچە سېتىش ، سىملىق تېلېۋىزىيە،تور تېلېۋىزىيەسى،چوڭ-كىچىك نەشرىيات سودىگەرلىرى،چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان مۇلازىمەت،شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرغان تور تىجارەت سۇپىسى،چوڭ تىپتىكى سودا تورى،شىركەت تورى قاتارلىق ۋاستىلەردە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش،چوڭ-كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلار ئارقىلىق سېتىش ئىجازەت نامىسىنى تارقىتىش قاتارلىق نۇرغۇن يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن بىر ياكى بىر نەچچە تارماق سېتىش يوللىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.مۇھىمى تاللىغان يولىڭىز مەھسۇلاتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى،تەننەرخى،ئۈنۈملۈك ۋاقتى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ. مىسال ئالساق ئەگەر سىز پەقەتلا سىملىق تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە سېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى ساتماقچى بولسىڭىز باشقا سېتىش پۇرسەتلىرىنى كەتكۈزۈپ قويىسىز.تارماق سېتىش ئۇسۇلىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى.
تۆتىنچىسى ئاخبارات بۆلىكى.
مارشال ماكلۇخاننىڭ ‹ۋاسىتىچى ۋە ئۇچۇر › نەزەرىيەسىدە ئۇچۇرنىڭ ۋاسىتىچىسى ئاخباراتچى دەپ ئاتالغان.ھەرخىل يەرلىك گېزىت،رايون خاراكتېرلىك گېزىت،دۆلەت خاراكتېرلىك گېزىت قاتارلىقلار ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.گېزىتتە ئىككى خىل ۋاستىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ،بىرى خەۋەر،يەنە بىرى ئېلان.خەۋەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، سىز ياكى شىركىتىڭىز خەۋەردە ئېلان قىلغۇدەك قانداق چوڭ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى ئوچۇق-ئاشكارا خەۋەر قىلىدۇ.يەنە بىر خىل خەۋەر بولسا يوشۇرۇن مەنىلىك بولۇپ،ئاساسلىقى شىركەتنى تەشۋىق قىلىدۇ.گېزىتتىكى ئىككىنچى خىل ۋاسىتە بولسا ئېلان بولۇپ،گېزىتتىكى ئېلان ئورنىنى سېتىۋېلىپ،شىركەت ياكى مەھسۇلاتىڭىزنى ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئېلاننى خەۋەر شەكلىدە تارقىتىشقا بولىدۇ. يەرلىك،رايون خاراكتېرلىك ياكى دۆلەت خاراكتېرلىك ژۇرناللار،سودا-سېتىق تۈرىدىكى ژۇرنال،كەسپى ژۇرنال،مەلۇم بىر تېمىنى مۇنازىرە قىلىدىغان ژۇرنال،مەلۇم خىل بازارنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ژۇرنال،ھەر خىل شەكىلدىكى تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى،تېلېۋىزىيە خەۋىرى،تېلېۋىزىيە ئېلانى،تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە سېتىش،سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى،تور رادىيوسى،رادىيو ئسىتانىسسى قاتارلىق ۋاستىلەردە ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان تېلېۋىزىيە ۋە تور تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىشقا بولىدۇ.ئاخبارات ساھەسىدىكى تاللاش بىر قەدەر كەڭ بولۇپ،بىر خىل ئۇسۇلنى ياكى بىر ۋاقىتتا كۆپ خىل ئۇسۇلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.ئىقتىسادى جەھەتتىكى شارائىتىڭىز ۋە ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللاڭ.ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىڭىزنى كۆپ تەرەپتىن تەشۋىق قىلىپ،باشقىلارغا بىلدۈرۈڭ.
بەشىنچىسى پۇل مۇئامىلە بۆلىكى
بۇ بۆلەكتە ئاساسلىق يېڭى كارخانىڭىزغا مەبلەغ تەمىنلەشنى مۇھاكىمە قىلىمىز.بۇ يەردە خوش خەۋەرمۇ شۇم خەۋەرمۇ بار.ئاۋۋال خوش خەۋەرنى ئېيتاي: سىز يېتەرلىك مەبلەغكە ئىگە بولسىڭىز،دەسلەپكى قۇرغان شىركىتىڭىزنى كۆلەم جەھەتتىن كېڭەيتىش،ئۇقۇم دەلىللەش،ئىدىيەنى لايىھەلەش،ئۈلگە تىكلەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشتا مەبلەغ جەھەتتىن ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى ئۆزىڭىز قامدىيالايسىز.شۇم خەۋەر : ئەگەر يېتەرلىك مەبلەغ بولمىسا،ئەتراپىڭىزدىكى سىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يۇقىرىقى تۈرلەرنى يولغا قويالايسىز.لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر جاپالىق . پۇل مۇئامىلە بۆلىكىنىڭ بىرىنچى كىچىك بۆلىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىش.
كۆپلىگەن كىچىك كارخانىچىلار ئىگىلىك تىكلىگەندە ئاددىي ھالدا ساتىدىغان مەھسۇلاتنى،خېرىدارنى،پايدا نىسبىتىنىلا ئويلايدۇ.ئۇلار كەڭ دائىرىدە ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.ئۇلارغا پەقەت كارخانىسى ۋەيران بولمىسىلا كۇپايە.ئەگەر سىز ئىش باشلىغان ۋاقىتتا ھەر بىر ھالقا،ھەر بىر بۆلەكنى ئەستايىدىل ئورۇنداپ ماڭمىسىڭىز،شىركىتىڭىزنىڭ ئايلىنىشى،ۋە زورىيىشى تەسكە چۈشىدۇ.ئەمدى بىز بىر تىزىملىك تۈزۈپ چىقىمىز.پۇل-مۇئامىلە بۆلىكى : ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامداش(ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەبلەغ توپلاش ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش)،تەۋەككۈل قىلىپ مەبلەغ سالغۇچى،پەرىشتە مەبلىغى(تەۋەككۈل قىلىپ مەبلەغ سېلىش شەكلىنىڭ بىر تۈرى.ھوقۇق-مەنپەئەت مەبلەغ سېلىش شەكلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،يەككە كاپىتالىست مەخسۇس تېخنىكا ياكى ئۆزگىچە ئۇقۇمنىڭ ئەسلى ئىجادىيەت تۈرىنى ياكى كىچىك تىپتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.)،سىز كىرمەكچى بولغان ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار،سىز كىرمەكچى بولغان ساھەنى قوللايدىغان باشقا ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار،سىز بىلەن سىتىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان شېرىك ياكى سىتىراتىگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچى زاۋۇت،مۇلازىمەت خاراكتېردىكى شىركەت،پارچە سېتىش تۈرىدىكى شىركەت( سىز بىلەن رىقابەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرمەيدىغان شىركەت)،تارماق سېتىش سودىگەرلىرى (سىز بىلەن رىقابەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرمەيدىغان ۋە سىزنى مال بىلەن تەمىنلەش ئېھتىماللىققا ئىگە شىركەت)،مەغلۇپ بولغان شىركەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان رىقابەتچى،ئېلان سودىگىرى،مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تور سودا شىركەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: بۇ سىستېمىدىكى كارخانا سىرتقى بۆلىكى سىستېمىنىڭ باشقا بۆلەكلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندا پۈتكۈل سىستېمىنى ياخشى ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.بۇ سىستېمىنى ‹دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىچىك كارخانا›غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سىستېمىنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى ئۆز-ئارا ھەمكارلاشتۇرۇش لازىم.بۇ خىل ھەمكارلىق كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئامىلدۇر.كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ قىيىن بولۇشى دۇنيا خاراكتېرلىك ئەھۋال بولۇپ،ھەر قانداق بىر ئىقتىسادى گەۋدىدە،قايسى تەرەققىيات باسقۇچىغا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر،ھامان بىر تۈركۈم كىچىك كارخانىلار پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ.نۇرغۇن كىچىك كارخانىلار بۇ خىل جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن،كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پۇلغا تاقالغاندا ئىنتايىن ئاجىزلاپ كېتىدۇ.ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش تارماقلىرى ئارقىلىق مەبلەغكە ئېرىشىش تېخىمۇ قىيىن.بۇنىڭ سەۋەبى كىچىك كارخانىلار تىجارەت مۇھىتى ۋە كارخانىچىنىڭ تەجرىبە ئىقتىدارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بۇ خىل كارخانىلارنىڭ تىجارەت جەريانىدىكى خەتىرى چوڭ بولۇپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئاسانلىقچە تارتالمايدۇ.