دىلدوسىت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، شىركەت ۋاكالەتچىلىكى ، ماركا – پاتېنىت ۋاكالەتچىلىكى ، باج – بوغالتىرلىق ۋاكالەتچىلىكى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش (QS بېجىرىش) ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجازەتنامە ۋاكالەتچىلىكى ، يېڭى مەھسۇلات رتسىپى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنىلەش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت بىكىتى . شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇر: 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش

شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش

ۋاقتى: 2016-03-18 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش

جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا،شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى كۆپ جەھەتلەردە ئوخشاش بولۇپ،ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:


1-شىركەت نامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش.


كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ‹ شىركەت نامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش› تۈرى تور يولى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ.ئىشلەتكۈچىلەر نامىنى تىزىملاش،شىركەت نامىنى تولدۇرۇش،تىجارەت دائىرىسى قاتارلىق ئىشلارنى تور ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئادەتتە شىركەت نامىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشنى بىر كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە،ئۇقتۇرۇشنى توردىن چۈشۈرۈپ،بېسىپ چىقىرىپ،سودا-سانائەت تارماقلىرىغا تامغا ئۇردۇرساق بولىدۇ.ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن بولسا،تاپشۇرغان شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىمىز ياكى قايتىدىن بېكىتىمىز.


2-ئۆي ئىجارە ئېلىش،ئۆي سېتىۋېلىش،‹شىركەت قائىدىسى›نى تۈزۈپ چىقىش،تامغا ئويدۇرۇش،مەبلەغ تەكشۈرۈش.


ئەگەر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي-ھەسسىدارلىق شىركىتىنى تىزىملاتماقچى بولساق،تىجارەت سورۇنىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.كۆپ ئەھۋاللاردا،سودا-سانائەت تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىشخانىلارنى سېتىۋالىمىز ياكى ئىجارىگە ئالىمىز.(خىزمەت بىناسىغا ئوخشاش.) ئاندىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆي ئىجارە ئېلىش كېلىشىمنامىسى تۈزۈمىز ۋە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئالىمىز؛ئەگەر ئۆي سېتىۋالماقچى بولساق،ئۆي ساتقۇچى تەرەپتىن ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى ئالىمىز.
‹ شىركەت قائىدىسى ›نى تۈزۈشتە،سودا-سانائەت ئىدارىسى مەخسۇس تور بېكىتىدىن ئۈلگە چۈشۈرۈپ،مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ تەڭشىسەكلا بولىدۇ.قائىدىنى بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرى ئىمزا قويىدۇ.
تامغا ئويدۇرۇشتا،مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىشلار ئاسان ھەل بولىدۇ.مەخسۇس تامغا ئويىدىغان جايغا بېرىپ ئويدۇرساق ياكى توردىن ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ.ئاندىن ‹قانۇنى شەخس›تامغىسى ئۇيغۇرىمىز.

مەبلەغ تەكشۈرۈش ھالقىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،ئالدى بىلەن بوغالتىرلىق ئورنىدىن ‹بانكا سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى›(ئەسلى نۇسخىسى) ئېلىپ،بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ تامغىسىنى باستۇرىمىز.ئاندىن مەبلەغ تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان مەبلەغ،شىركەت قائىدىسى،نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى،قانۇنىي ۋەكىل تامغىسى،كىملىك،تولدۇرۇلمىغان سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ،بانكىدىن شىركەت ھېساباتى ئاچىمىز.ھېسابات ئېچىلغاندىن كېيىن ھەر قايسى پايچىكلار ئاجراتقان مەبلىغىنى شىركەت ھېساباتىغا قويىدۇ.پۇل ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن بانكا ھەر قايسى پايچىكلارغا پۇل تاپشۇرۇش تالونى چىقىرىپ، سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسىغا تامغا بېسىپ بېرىدۇ.ئاخىرىدا بانكىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن پايچىكلار پۇل تاپشۇرۇش تالونى،تامغا بېسىلغان سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى،شىركەت قائىدىسى، نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى،ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى ياكى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بوغالتىرلىق ئورنىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى بېجىرسەك بولىدۇ.


3-تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىش.


مەبلەغنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن،سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ شىركەت قۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋەللىرىنى ئالىمىز.بۇ جەدۋەللەر: شىركەت قۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماس جەدۋىلى،پايچىك تىزىملىكى،دىرېكتورنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋال جەدۋىلى،قانۇنىي ۋەكىل تىزىملاش جەدۋىلى،بېكىتىلگەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋەكىل تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،شىركەت نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى، شىركەت قائىدىسى، ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى ياكى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى سودا-سانائەت ئىدارىسىگە تاپشۇرىمىز.ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن كېيىن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالالايمىز.


4-تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىش.


تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندىن سىرت يەنە تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىمىز.بۇ كىنىشكىنى بېجىرىش ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،شىركەت تامغىسى،قانۇنىي ۋەكىلنىڭ كىملىك نۇسخىسى ۋە تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تاپشۇرىمىز.ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدە پۈتىدۇ.


5-باج تىزىملىتىش كىنىشكىسى بېجىرىش.


شىركەت تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك باج،يەرلىك باج كىنىشكىلىرىنى بېجىرىشىمىز كېرەك.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى