شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش
-
شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش
ۋاقتى: 2016-03-18 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش
جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا،شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى كۆپ جەھەتلەردە ئوخشاش بولۇپ،ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
1-شىركەت نامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش.
كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ‹ شىركەت نامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش› تۈرى تور يولى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ.ئىشلەتكۈچىلەر نامىنى تىزىملاش،شىركەت نامىنى تولدۇرۇش،تىجارەت دائىرىسى قاتارلىق ئىشلارنى تور ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئادەتتە شىركەت نامىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشنى بىر كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە،ئۇقتۇرۇشنى توردىن چۈشۈرۈپ،بېسىپ چىقىرىپ،سودا-سانائەت تارماقلىرىغا تامغا ئۇردۇرساق بولىدۇ.ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن بولسا،تاپشۇرغان شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىمىز ياكى قايتىدىن بېكىتىمىز.
2-ئۆي ئىجارە ئېلىش،ئۆي سېتىۋېلىش،‹شىركەت قائىدىسى›نى تۈزۈپ چىقىش،تامغا ئويدۇرۇش،مەبلەغ تەكشۈرۈش.
ئەگەر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى پاي-ھەسسىدارلىق شىركىتىنى تىزىملاتماقچى بولساق،تىجارەت سورۇنىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.كۆپ ئەھۋاللاردا،سودا-سانائەت تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىشخانىلارنى سېتىۋالىمىز ياكى ئىجارىگە ئالىمىز.(خىزمەت بىناسىغا ئوخشاش.) ئاندىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئۆي ئىجارە ئېلىش كېلىشىمنامىسى تۈزۈمىز ۋە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئالىمىز؛ئەگەر ئۆي سېتىۋالماقچى بولساق،ئۆي ساتقۇچى تەرەپتىن ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى ئالىمىز.‹ شىركەت قائىدىسى ›نى تۈزۈشتە،سودا-سانائەت ئىدارىسى مەخسۇس تور بېكىتىدىن ئۈلگە چۈشۈرۈپ،مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ تەڭشىسەكلا بولىدۇ.قائىدىنى بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرى ئىمزا قويىدۇ.تامغا ئويدۇرۇشتا،مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىشلار ئاسان ھەل بولىدۇ.مەخسۇس تامغا ئويىدىغان جايغا بېرىپ ئويدۇرساق ياكى توردىن ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ.ئاندىن ‹قانۇنى شەخس›تامغىسى ئۇيغۇرىمىز.مەبلەغ تەكشۈرۈش ھالقىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،ئالدى بىلەن بوغالتىرلىق ئورنىدىن ‹بانكا سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى›(ئەسلى نۇسخىسى) ئېلىپ،بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ تامغىسىنى باستۇرىمىز.ئاندىن مەبلەغ تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان مەبلەغ،شىركەت قائىدىسى،نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى،قانۇنىي ۋەكىل تامغىسى،كىملىك،تولدۇرۇلمىغان سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ،بانكىدىن شىركەت ھېساباتى ئاچىمىز.ھېسابات ئېچىلغاندىن كېيىن ھەر قايسى پايچىكلار ئاجراتقان مەبلىغىنى شىركەت ھېساباتىغا قويىدۇ.پۇل ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن بانكا ھەر قايسى پايچىكلارغا پۇل تاپشۇرۇش تالونى چىقىرىپ، سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسىغا تامغا بېسىپ بېرىدۇ.ئاخىرىدا بانكىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن پايچىكلار پۇل تاپشۇرۇش تالونى،تامغا بېسىلغان سوراپ ئىسپات ئېلىش ئالاقىسى،شىركەت قائىدىسى، نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى،ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى ياكى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بوغالتىرلىق ئورنىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى بېجىرسەك بولىدۇ.
3-تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىش.
مەبلەغنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن،سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ شىركەت قۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋەللىرىنى ئالىمىز.بۇ جەدۋەللەر: شىركەت قۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماس جەدۋىلى،پايچىك تىزىملىكى،دىرېكتورنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋال جەدۋىلى،قانۇنىي ۋەكىل تىزىملاش جەدۋىلى،بېكىتىلگەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋەكىل تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،شىركەت نام تەستىق ئۇقتۇرۇشى، شىركەت قائىدىسى، ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى ياكى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى سودا-سانائەت ئىدارىسىگە تاپشۇرىمىز.ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن كېيىن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالالايمىز.
4-تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىش.
تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندىن سىرت يەنە تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىمىز.بۇ كىنىشكىنى بېجىرىش ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،شىركەت تامغىسى،قانۇنىي ۋەكىلنىڭ كىملىك نۇسخىسى ۋە تەشكىلى ئاپپارات كود كىنىشكىسى بېجىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تاپشۇرىمىز.ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدە پۈتىدۇ.
5-باج تىزىملىتىش كىنىشكىسى بېجىرىش.
شىركەت تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك باج،يەرلىك باج كىنىشكىلىرىنى بېجىرىشىمىز كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
2015-10-25 23:39:161106يېمەكلىك تىجارىتى قىلىش ئىجازەتنامىسى ھەققىدە چۈ
2015-11-29 11:22:26821ئىچىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
2015-12-23 11:32:521060گۆش مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش
2015-12-04 16:13:42911شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كارخانا ئۆلچەمنى
2015-11-16 17:05:141266شىركەت قانۇنى( ئەڭ يېڭى تۈزۈتۈلگەن)
2015-10-27 19:17:421447يىمەكىلىك بىخەتەرلىكى يەر شارى خارەكتىرلىك مەسىل
2015-10-25 19:45:58967ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
2015-10-29 07:32:01894
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-