تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلىي سوئال -جاۋابلار (5)
-
تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلىي سوئال -جاۋابلار (5)
ۋاقتى: 2016-04-07 ئاۋاتلىقى: 635 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كەڭ كارخانىچى ، يەككە سودا - سانائەتچى دوستلارنىڭ تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ ، تاۋار ماركىسدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇ ھەقتە تەپسىلىي سوئال جاۋاب تەييارلىدۇق . چاتما شەكىلدە دوستلارنىڭ پايدىلىنىشقا سۇندۇق.سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماتېرىيالنى ئىشلەتكۈچىلەر تەييارلغۇچىغا ھۆرمەت قىلساڭلار،مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسەڭلار.
21-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئۆزىگە خاس قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟
جاۋاب: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
(1) مال -مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، جىسمانىي ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى پاتېنت ھوقۇقى بىلەن ئەسەر قوقۇقى، جىسمانىي ھوقۇق بىلەن مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ ، جىسمانىي ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» مۇ مۇشۇنداق. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى، ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، تاۋار ماركىسىنى لايىھەلىگۈچىنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقى، ئىسىمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت جىسمانىي ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. «تاۋار ماركىسى قانۇنى» جىسمانىي ھوقۇقىنى قوغدىمىسا، باشقا قانۇنلارمۇ قوغدىمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تاۋار ماركىسىنى لايىھەلىگۈچى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسىگە ئىلتىماس قىلىپ، «پاتېنت قانۇنى» ئارقىلىق ياكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى سۈپىتىدە «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.
(2) ۋاقىت جەھەتتە ئۇزاق بولۇش
«تاۋار ماركىسى قانۇنى»دا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ھەتتا ئۇزارتىشىنىڭ قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە تاۋار ماركىسى ھوقۇقى مەڭگۈلۈك قوغدىلىدۇ دېگەنلىك. پاتېنت ھوقۇقى بىلەن ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى مەلۇم مۇددەتلىك بولىدۇ، بۇ مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتسە، داۋاملىق قوغداشقا بولمايدۇ.
22-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتى دېگىنىمىز، قانۇن بويىچە تاۋار ماركىسى ئەتدارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان ئادەم، يەنى تاۋار ماركىسى ئىگىسنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىتىشى بىلەن تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
23-سوئال- قانداق كىشىلەر تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ؟
جاۋاب: مەملىكىتىمىزدىكى پۇقرالار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرمۇ شۇنىڭدەك كارخانا، كەسپىي ئورۇن تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەرمۇ تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى (سۇبيېكتى) بولالايدۇ. «تاۋار ماركىسى قانۇنىي» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەملىكىتىمىزدىكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ياكى «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگەئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
24-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتىغا قانداق شەرت قويۇلىدۇ؟
جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا. تاۋار ماركىسىغا ئىلتىماس قىلغۇچى تاللىۋالغان ياكى ساتىدىغان ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن تاۋار ياكى تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچىلەر بولمىسا، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. رويخەتكە ئېلىنغان بىر تاۋار ماركىسىغا پەقەت بىرلا تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئىلتىماس سۇنغان بولسا، تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقى پەقەت بىر ئىلتىماس ئىگىسىگلا بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تاۋار ماركىسىدىكى ئىدارىسىگە بىرلىكتە ئىلتىماس سۇنۇشى لازىم، قوبۇل قىلغۇچى شۇ ماركا ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم، تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ سۇبيېكتى ئاندىن يۆتكىلىدۇ.
25-سوئال: تاۋار ماركسى ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن ئىبارەت.تاۋار ماركىسى يەنە تۈزۈلۈش شەكلىگە قاراپ خەت، تەسۋىرىي سۈرەت ياكى ئۇلار قۇراشتۇرۇلۇپ ھاسىل قىلىنغان بەلگىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى ماركا بەلگىسى بولسۇن، ھەممىسى پەرق ئېتىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋار ماركىسى ئالدى تاۋار ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىنى ئىپادىلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئوبيېكتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئارق
2015-11-25 14:07:321078ھەمكارلاشقۇچىللىرىمىز نېمە دەيدۇ ؟
2015-11-06 13:07:39994ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەس
2015-12-01 12:47:1685810 تۈرلۈك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەس
2015-10-26 00:03:181006ئەمگەك توختامى(مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تامامل
2016-03-11 14:19:00642ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن بازار تەكشۈرۈش كېرەك
2015-11-28 11:56:20958ﺗﺎﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ
2015-10-27 21:28:53937خىروئىن خۇمىرىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن ي
2015-10-23 18:51:38934
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-