تىكلىمەكچى بولغان ئىگىلىكىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېپىڭ ۋە ئۇنى كۆپەيتىڭ
يانفوندا كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كاللىڭىزدا مۇنداق سوئاللار پەيدا بولىدۇ:
‹قانداق قىلغاندا ئىگىلىكنى ھازىرقىدىن 10مىڭ ھەسسە زورايتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلسام كارخانىنىڭ ھەر بىر تۈرىنى مۇكەممەل ھالدا ھازىرقىدىن 10مىڭ ھەسسە كۆپەيتەلەيمەن؟ › بۇ سوئاللارنى ئويلاش ئارقىلىق سىز ئەمەلىي ئىشلىگۈچىدىن بىر «كەشپىياتچى » غا ئايلاندىڭىز. بۇ يەرگە «كەشپىياتچى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھازىر نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە تۇراقلىق بولغان ئوي -پىكىر شەكىللەنگەن،ئۇلاردا يېڭى ئىدىيە ، يېڭى كۆز قاراش،يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭىچە بولغان تەرەققىيات نىشانى يوق. ئۇلار پەقەت پۇل تېپىپ جان بېقىشنىلا ئويلايدۇ .تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ كۆپ پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ تېزلا مەغلۇپ بولىدۇ.ئ ۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى خۇددى پىلانلىماي ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ.تام ۋە ئىشىك دېرىزىلىرىنى ئويلاشماي سالغان ئۆي مۇستەھكەم بولمايدۇ ۋە بورانغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسانلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.
ئەمدى كارخانىڭىزغا قاراڭ،سىز كارخانا قۇرۇپ قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى؟ كارخانىڭىز كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سىز ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان،جەمئىيەتكە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان كارخانىنى«كەشىپ»قىلىشىڭىز كېرەك. كەشىپ قىلىش يېڭىلىق يارىتىشتۇر، يېڭىلىق يارىتىش قائىدىنى بۇزۇشدۇر. قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئاساستا تۇراقلىشىپ قالغان قائىدىنى بۇزۇش ئارقىلىق يېڭى نەزەرىيە يېڭى ئۇقۇم،يېڭى قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئويلىغان مەقسىتىمىزگە يېتىمىز.
ماشىنا رېمونتچىسى قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلاندى؟