تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ 15 تۈرلۈك پرىنسىپى

ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ 15 تۈرلۈك پرىنسىپى

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 2371 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بىز ئىنسانلار ئەڭ ئەلۋەك نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى قىلمايمىز، نېمە كەم بولسا شۇنىڭ جىدىلىنى قىلىمىز. ياش قىز - يىگىتلەرمۇ چىمەنزارلىققا بېرىپ قالغىنىدا نۇرغۇن ئۈچ قۇلاقلار ئارىسىدىن تۆت قۇلاق ئىزدەيدۇ. ئەمما، چىمەنزارلىقنى نۇرغۇن ئۈچ قۇلاقلارنىڭ بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمايدۇ. بىزدە ئەڭ ئەلۋەك نەرسە سذ، ھاۋا، ۋاقىتتىن ئىبارەت. دۇنيادا بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ قەدرىنى قىلغان ئادەم ئۇتۇق قازىنىدۇ. كارخانا خادىملىرى ئەنە شۇ ئۈچ نەرسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت بىرتامچە سۇنى دېڭىزدا ساقلاشنى بىرلىك ۋاقىتتا غايەت زور ئۇتۇق قازىنىشنى، ئۈنۈم يارىتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ۋاقىت بىلەن شاھمات ئوينايدۇ. ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇنى ئىسراپ قىلغانلىقنى ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق، بايلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. كىمىكى بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ قەدرىنى قىلالىسا، شۇ بايلىققا ئېرىشىپ بۇ دۇنيانىڭ خوجىسى بولىدۇ. 
بىز ۋاقىت ھەققىدىكى ھېكمەتلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى ئەڭ جىددىي، ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى بايقايمىز. بىز بىر - بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.
1. ۋاقىت دېگىنىمىزنىڭ ئۆزى «مەن». مەن بولمىسام ۋاقىتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، ۋاقىت بولمىسا مەنمۇ مەۋجۇت بولمايمەن. بىز ئۆزئارا ئايرىلالمايمىز. ۋاقىت دېگىنىمىز، مېنىڭ قىلغان، ئويلىغان، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ؛ ۋاقىت مەن ئۈچۈن ئىشلەيدۇ ھەمدە ئۆزەممۇ ۋاقىت. مەن بولمىسام ۋاقىت قانداقمۇ ئىشقا، شەيئىگە ئۆزگىرەلىسۇن؟دىمەك ئۇنى مەن يارىتىمەن، ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئۇسسۇل قىلىپ ئوينايمەن.شۇڭا ۋاقىتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئادەم ئۆزىنى چۈشىنىش كېرەك. ۋاقىتقا تەبىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە تەبىر بېرىش كېرەك. ئادەمنىڭ ھەرىكەت مىزانى، رېتىمى ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىنى بەلگىلەيدۇ. 
2. ۋاقىت دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىققا، ئىگىلىككە، پۇلغا ئايلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا تايىنىپ، يېڭىلىق يارىتىدۇ. 
3. بارلىق تىجەشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ۋاقىتنى تىجىگەنلىك بىلەن باراۋەر. كەمبەغەلچىلىك بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھېچقانداق تەبىئىي توساق ياكى غايەت زور ھاڭ يوق. كەمبەغەلچىلىك دېگىنىمىز ھورۇنلۇق، دىتسىزلىق، ئىسراپخورلۇققا بېرىلگەن جازا. بايلىق دېگىنىمىزنىڭ ئۆزى ئاقىلانىلىق، تىرىشچانلىق، تېجەشچانلىققا بېرىلگەن مۇكاپات. بۇ يەردىكى ئىسراپخورلۇق تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ۋاقىت ئىسراپخورلۇقىدىن ئىبارەت. ۋاقىت دېمەكلىك ئۈنۈم دېمەكلىكتۇر. 
4. ۋاقىت دېگىنىمىز ئۇ بىر سۈرئەت. ۋاقىت - بىلىم، ئىقتىساد، ئۇچۇر ئىگىلىكى دەۋرىدە يەر شارىدىكى پۈتۈن ئىش - پائالىيەت، ئىلىم ــ پەننىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى، سىجىللىقى نەچچە ئون ھەسسە، ھەتتا نەچچە مىليون ھەسسە تېزلىشىپ كەتتى. بىز بۇ سۈرئەتلەرگە يېتىشىشىمىز ئۈچۈن، ئورتاق نىشان، گۈزەل قەلب بىلەن تەشكىللىنىپ، قول تۇتۇشۇپ، راۋان يولدا پائال، ھەرىكەت قىلىشىمىزغا ، روھنى ئۇرغۇتۇپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 
5. ۋاقىت خۇددى يەر بايلىقى، كان بايلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئوخشاش بىر بايلىق. ئۇنىڭ باشلىنىشى، ئاخىرى يوق، ئۇنى نەدىن قازسىڭىز، شۇ يەردىن چىقىدۇ. ۋاقىتنى ئادەم ئۆزىدىن قازىدۇ .كارخانىچىلارمۇ شۇنداق. 
6. ۋاقىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كىشىلەرنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەرگە تەپمۇتەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ھەممىسىگە ئوخشاشلا بىر كۈندە 24 سائەت، 1440 مىنۇت بېرىلگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىسا نە پايدا» دېگەندەك ھەربىر ئادەمنىڭ قولىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ، دوستلار!
7. ئادەم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا  ئىقتىساد،ياكى ئىقتىسادنىڭ بىر قىسمى، كارخانا بولسا بىر ۋاقىت تونىلى. سىز ئۇنىڭغا كىرگىنىڭىزدە سىز چوقۇم بەدەل تۆلەيسىز،ھەم تۆلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتىسىز. سىز كارخانىدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىت تونىلىدا بەش ئەنگۈشتىرىڭىزنى خەجلەيسىز. يەنى ساغلاملىقىڭىز، مېھرى - مۇھەببىتىڭىز، بىلىم ئىقتىدارىڭىز، ئەقلىي ماھارىتىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى خەجلەيسىز. قىسقىسى، سىز ھاياتىڭىزنى، پۇلىڭىزنى خەجلەيسىز. شۇڭا، سىز ئالدى بىلەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئالتۇندەك يالتىراق نۇر چېچىپ تۇرۇشىڭىز، ئاددىي، ئىخچام، قىزغىن، يۇمۇرلۇق ياشاشنى، ئىشلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز. ئەڭ مۇھىمى بېسىم ئاستىدا بېسىمنى ھېس قىلىپ تۇرۇشىڭىز ،مۇسابىقىگە ، خىرىسقا ، رىقابەتكە ، رېئاللىققا يۈزلىنىشىڭىز كېرەك. 
8. ۋاقىت دېگىنىمىز ئۇ بىر تەننەرخ. ئۇنى ساقلىغىلى، توختىتىپ قويغىلى ۋە ئارىيەتكە بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېرىشكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى پايدىغىلا ماڭىدۇ. بىر پەيلاسوپ، ئۆستەڭنىڭ بويىدا بىر قاشاڭ پالتا بىلەن كۈچەپ دەرەخ كېسىۋاتقان بىر دېھقاندىن: «ھەي دېھقان، پالتىنى تاشقا بىلەپ، ئىتتىكلىتىپ ئاندىن كەسسىڭىز بولمامدۇ؟» دەپ سورىغان. دېھقان بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ: «پالتا بىلەيدىغانغا نەدە ۋاقىت» دەپ جاۋاب بەرگەن. نۇرغۇن ئادەملەر خۇددى ئاشۇ دېھقاندەك ۋاقىتنى قىينايدۇ. 
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ماددا ھەرىكەت تەرەققىياتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋاقىت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىزنىڭ ئورۇق - سېمىز، ئېگىز - پاكار، قېرى - ياش بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىگە قارىلىدۇ،دىگەنلىك. بىز ئۇنى فورمۇلا بىلەن ئىپادىلىسەك:


W(ئىش) = M (سىز)  C2 (سىزنىڭ ھەرىكەت پائالىيىتىڭىزنىڭ سۈرئىتى)


دېمەك، ئادەمدە ، سۈرئەت قاتلانغىنىدا، ھەسسىلەنگىنىدە ئۇنىڭ ئىشى باشقىلاردىن جىق ھەم كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 
ئەمدى، بىز ئىقتىسادتا مۇستەقىل، ئەركىن بولىمىز دەيدىكەنمىز، بىز ئىش قىلساقلا ھېساب ئەمەس. بىز كاللىدىن ئىبارەت بۇ بوز يەرنى ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەسسىلەپ مال سېتىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇشنىڭ فورمىلاسىنى ئىپادىلىسەك:


$  = (ئىقتىسادتا ئەركىنلىككە ئېرىشىش) T(بىرلىك ۋاقىت)   E2 (ئىش)


يەنى، باشقىلار بىر ئۈلۈش ئىشلىگەن بولسا، سىز ئىككى ئۈلۈش ئىشلىگىنىڭىزدە ئىقتىسادتا ھەقىقىي مۇستەقىللىككە، ئەركىنلىككە ئېرىشىپ تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرالايمىز. 
بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش مۇھىم ئەمس، خۇددى غەۋۋاسلاردەك دېڭىزغا شۇڭغۇپ كىرىپ، گۆھەر، سەدەپ ئىزدەش، قارشى قىرغاقتىن ئۆزىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ يۈرگەن ئەنگۈشتىرىگە ئېرىشىش، تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ يەتمەكچى بولغان نىشانغا غەلىبە بىلەن يېتىش ۋاقىتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر. 
ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنىسى سائەت ئىستىرىلكىسىگە قاراپ ماڭغىنىڭىزدا سىزنىڭ ياراتقان ئۈنۈمىڭىزنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، ئادەملەر ئېرىشكىنى بىلەن ئۇلۇغدۇر. ئۇنداقتا سىز كارخانىدا ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك؟ ھەربىر ئادەمنى ئۆزى قىزىقىدىغان ئىش تۈرىگە قويالامسىز؟ئۇنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى كىلدۇرۇشنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.
1. ئورۇنلاشتۇرغاننى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش: شىركەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك نىشان، ئىستىراتىگىيە بولۇشى كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى، ھەربىر خادىم ئۈچۈن، ھەركۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە سۆيۈنۈپ قىلىدىغانغا ئىش بولۇشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىسا ۋاقىت، نىشاندىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيادا ئادەملەر ئەڭ چۈشەنمەيدىغان نەرسە، نېمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش مەسىلىسى. بىز چوقۇم ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. شۇندىلا، بىزنىڭ ھەرىكەت نىشانىمىز بولىدۇ. بىز يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەيمىزكى، بىر شىركەتتىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئىستىكىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم قىلىپ، ئۇ ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىشنى بېرىشىمىز كېرەك. ئادەمدە ئېھتىياج تۇغۇلمىسا، ئۇ ئۆزىدىكى غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچنى قېزىش، نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئاچلىقتىن ئۆلەي دېگەندە، ئوۋنى سەزگەن ھامان پۈتۈن جان - جەھلىنى ئىشقا سېلىپ ھەرىكەت قىلىپ ئېرىشىدۇ. 
2. كارخانىدا ئىشنىڭ ئېغىر - يېنىك، جىددىي - ئاستىلىقىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. 
سىز ئالدى بىلەن قايسى ئىشنىڭ ئۆزىڭىز قىلىدىغان ئىش، قايسى ئىشنىڭ سىزگە ئەڭ چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىش، قايسى ئىشنىڭ سىزگە ئەڭ زور قانائەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئېنىق بېكىتىشىڭىز كېرەك. ئاندىن ئەتىگەندە ئىشقا كىرىشكەندە، ئالدى بىلەن مۇھىم ئىشنى، ئاندىن ئەڭ جىددىي ئىشنى قىلىش، ئاندىن مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشنى قىلىشى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جىددىي ئەمما مۇھىم ئەمەس ئىشنى، ئاخىرىدا بولسا قىلشىقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىر - بىرلەپ قىلىش كېرەك. 
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ، ئەتە - ئەتىگەندىن كەچكىچە قىلىدىغان ئالتە ئىشنى يېزىپ چىقىڭ. ئاندىن يەنە بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ، بۇ ئالتە ئىشنىڭ ئېغىر - يېنىك، جىددىي - ئاستىلىق ئەۋزەللىك تەرتىپىنى بېكىتىشىڭىز كېرەك. سىزگە ۋە شىركەتكە ئەڭ زور پايدا، يېڭىلىق، قانائەت، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپ قويۇپ، ئاندىن يېتىپ قالسىڭىز، ئەگەر سىز بۇ ئىشنى، مۇشۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆزىگىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرالىسىڭىز، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ يەنى %56 ئاشىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەم تىرىشقانغا بېيىمايدۇ، ئېرىشكەندىلا بېيىيدۇ. بىرلىك ۋاقىتتا ياراتقان ئۈنۈمنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىنى بەلگىلەيدۇ. 
3. ئېنىق نىشان ۋە ھەرىكەت پىلانىنى يېزىش: سىز بىر شىركەت خادىمى بولغىنىڭىز ئۈچۈن، سىز ھامان پىلان، تەرتىپ، تۈزۈم، تەشكىلدىلا ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ چوڭقۇر قازالايسىز. شۇڭا، سىزدە كارخانا ئومۇمىي مەنزىلىگە يېتىدىغان نىشاننى ئاساس قىلىپ تۈزگەن، ئېنىق خۇسۇسىي نىشان پىلانىڭىز بولۇشى كېرەك. ئۇ سىزگە ھەرۋاقىت ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىزنى ئويغىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ياخشى باشلىنىشنىڭ ئۆزى يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانلىقتۇر.
بىز نىشان، پىلاننى ئادەتتە ئۈچ تەرەپتىن تۈزىمىز، يەنى ئائىلە، كەسىپ، جەمئىيەتتە، ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ئىستەك، ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىنى بېكىتىمىز. مەسىلەن:
1) سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز. ئەگەر سىزدە چەكسىز ۋاقىت، پۇل بولسا سىز زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟
2) سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز. سىز ئۈچۈن ھەقىقىي مۇھىم نەرسە نېمە؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بايلىقمۇ؟ قىزلارمۇ؟ ياشلىقمۇ؟ ياكى ساغلاملىقمۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.
3) سىزنىڭ نىشانىڭىز. سىز زادى قانداق ئادەم بولماقچى؟ سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ تەسىر دائىرىسى بار كاتتا كارخانىچى بولماقچىمۇ ياكى يېڭىلىق ياراتقۇچى تەقۋادار شەخس بولماقچىمۇ؟
4) سىزنىڭ تاكتىكىڭىز. سىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك بىلىم، ئىقتىدار، پىلانىڭىز بارمۇ؟
دېمەك، بۇ تۆت سوئالنى ئۆزىڭىزگە قويۇپ، كەلگۈسىدە يەنى قىسقا مۇددەتلىك (بىر يىللىق)، ئوتتۇرا مۇددەتلىك (بەش يىللىق)، ئۇزۇن مۇددەتلىك (ئون يىلدىن يۇقىرى) ھەرىكەت نىشانىڭىزنى بېكىتىشىڭىز كېرەك ئىش قىلىپ سىزنىڭ ھەركەتپىلانىڭىز ئېنىق سان - سېپىرلىشىشى كېرەك . ئەڭ ياخشىسى ئائىلىدىكى نىشان، خىزمەت، كەسپتىكى يەتمەكچى بولغان نىشان، جەمئىيەتكە زادى قانچىلىك تۆھپە قوشىسىز بۇلارنى ئايرىم - ئايرىم يېزىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە ھەرىكەت پىلانىنى تۆۋەندىكىدەك يازىمىز.
ھەرىكەت پىلانى:
نىشان:                          تۈرى:
بۇ نىشاننى نېمە ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرىسىز:
1. 
2. 
3. 
بۇ نىشاننىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى:
شىركەتكە، باشقىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى:
ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى:
دېمەك، يۇقىرىقى بۇ تەرتىپ بويىچە سىز كۈندىلىك خىزمەت، ئىش - ھەرىكەت پائالىيىتىڭىزنى بېكىتىشىڭىز كېرەك. 
4. كارخانىدىكى ھەربىر خادىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك. 
بىز شىركەتتە ھەر ۋاقىت كۈندىلىك خاتىرىگە ئىشىنىشىمىز، ئەستە تۇتۇۋالىمەن دېگەنگە ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك. بىز يۇقىرىدا ئەتىگە ئالتە ئىش يېزىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. بۇ ئالتە ئىشنىڭ ئاساسىي كۈندىلىك خاتىرە. بىز باش دېرىكتورغا خىزمەت دوكلاتى قىلغاندا، بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغاندا، قولىمىزدا چوقۇم خاتىرە دەپتەر، قەلەم بولۇشى كېرەك. تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇشىمىز ھەم خىزمەت ئۈستىدىمۇ خاتىرە قالدۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇقتۇرۇش، دۆلەتنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرى، قائىدە - تۈزۈم، پىرىنسىپلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەش ئادىتى بولۇش، يەنە بىر قەدەر چوڭ، ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتلەنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، كۈندىلىك گىرافىكلارنى تۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ خاتىرە قالدۇرۇشتۇر. خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەنسىڭىز، چوڭ ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنىپ، خىزمەتلەرنىڭ سىجىللىقى، سۈرئىتى بىر ھەسسە ئېشىپ بارىدۇ. ۋاقىتنى ئەڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بار ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ھىساپ تۇتقان نەق پۇل تۇتماسلىق ، نەق پۇل تۇتقان نەرسا - كېرەك ماتىريال تۇتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،  تالۇن ھۆججەت ئارقىلىق كارخانا باشقۇرغاندا ئوشۇقچە چىقىم، ئەرزىمەس، ئۇششاق ئىشلارغا ئاۋارە بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. سۈرئەتنى قوغلاشماي، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوغلىشىش، مەركىزىي نۇقتىنى كونكرېتنى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىم، يازغۇچى، رەھبەرلەر، ئۆلىما كارخانىچىلار ھەرۋاقىت قولىغا قەلەم ئېلىپ، خاتىرە قالدۇرىدۇ. خاتىرە قالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئەقەلىي شەرتى. ئۇلار خاتىرە ئارقىلىق ھەر كۈنكى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە تەرەققىيات، يېڭىلىقلانى ئىگىلەپ، تەسىراتىنى قالدۇرىدۇ. خاتىرە ئارقىلىق تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەيدۇ، مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ. خاتىرە ئارقىلىق ئەتىنى پىلانلايدۇ، نىشانىنى ئېنىق، روشەن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، خاتىرە ئارقىلىق ۋاقىتنى باشقۇرىدۇ، تىجەيدۇ، دىققىتىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى تۈزىدۇ، خاتىرە ئارقىلىق ھاياتلىقتىن پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇنى بېيىتىدۇ.خاتىرە ئارقىلىك تەننەرىخنى كونتۇرۇل كىلىپ ئوشۇقچە چىقىملاردىن ساكلىنىدۇ. 
5. تاپشۇرۇلغان ئىشنى، يولۇققان ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىش ئادىتى بولۇش. ئارقىغا سۈرۈشتىن، سۆرەلمىلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. 
چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئۆزىنى ئالداش، سۆرەلمىلىك قىلىش مەيلى ئائىلىدە، شىركەتتە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن ئادەملەرگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. سۆرەلمىلىك، ئىشنى كەينىگە سۈرۈش ئادەملەرنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ خالاس. ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى سۆرەلمىلىك، باش - ئايىقى يوق كۈتۈش ۋە پۈتۈن ئۈمىدىنى كەلگۈسىگە باغلاش. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆت تەرەپتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
1) ئىشنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئىشنىڭ ئەھلى ئەمەس.
2) ئىشنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ شۇ ئىشقا بولغان چۈشەنچىسى توغرا ئەمەس.
3) ئىشنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس.
4) ئىش مۇۋاپىق ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.
شۇڭا، ئىش تاپشۇرغۇچى چوقۇم ئىش قىلغۇچىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، مىجەز خاراكتېرىگە شەرت-شارائىتىغا  قاراپ، ئىشنىڭ سالمىقىنى، سىجىللىقىنى بېكىتكىنى تۈزۈك. ئەڭ ياخشىسى، ئىشلەمچىگە ھاردۇقى چىققۇدەك، تەرلىگۈدەك ئىش بەرسىڭىز، ئۇ ئۆز ئىش ئورنىدىن سۆيۈنىدۇ ۋە ئىش ئورنىغا مېھرى چۈشىدۇ. سۆرۈلمىلىكتىن، ئارقىغا سۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، شىركەتتىكى پۈتۈن ئادەملەردىكى رىقابەت ئېڭىنى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ۋاقىت، رىتىم تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلانى چوقۇم بۈگۈنكى ئىشنى بۈگۈن ئورۇنداپ تۈگىتىش، بۈگۈنكى ئىشنى ھەرگىز ئەتىگە ئېلىپ قويماسلىق، ئامالنىڭ بېرىچە بۈگۈن خەجلەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئەتىگە ئېلىپ قويۇش،   بۈگۈنكى سۈرۈشكە تېگىشلىك خۇشاللىقنى ئامالنىڭ بېرىچە ئەتىگە ئېلىپ قويۇش، ئەتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن ئازراق بولسىمۇ بۈگۈن قىلىۋېتىشكە دەۋەت قىلىش. شىركەتتە پۈتۈن خادىملارغا باشقىلاردا يوقى مەندە بار، باشقىلاردا بارىنىڭ مەندە ئەڭ سەرخىلى بار دېگەن شۇئارنى يادلىتىش ھەم شۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش. شۇندىلا شىركەت ھەقىقىي ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، ھاياتىمىز ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدۇ. 
6. ئىشنى باشتىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش. ئىشنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، پاكىز قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىشنى يەنى خىزمەتنى  تەكرار تاللاشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. 
خىزمەت ئۈستىدىكى كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن چوڭ ئىشلارنى قايتا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا خىزمەت ئۈستىدە باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇشىمىز كېرەك. %100 ھۇشيارلىقنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىنۇت، سېكونتلاپ ئۆزىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر جەمئىيەتشۇناس مۇنداق بىر تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. جۇڭگودىكى پەيلاسوپ، پروفېسسور، مۇتەخەسسىس، داڭق چىقارغان بايۋەتچە، رەھبەرلەرنىڭ نىكاھ ئىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندە، ھەممىسىلا بىر قېتىم نىكاھلانغانىكەن. ھەمدە %90 تىن ئوشۇقى جورا تاللاشتا باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن توي قىلغانىكەن. ئەمدى ئاجراشقانلارنىڭ %90 تىن ئوشۇقى توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇزاق ۋاقىت بىرگە يۈرۈپ، چۈشىنىشكەندىن كېيىن توي قىلغانلار ئىكەن. دېمەك، ھەتتا نىكاھ ئىشىدىمۇ تەكرار تاللاش، قايتا قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشنى بىر قېتىم قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۈنۈمىنى چىقىرىپ قىلغاندىلا ۋاقىتنى ھەقىقىي تىجىگىلى بولىدۇ. 
7. پۈتۈن جان - جەھلى بىلەن ئىشقا كىرىشىش، قىلغان ئىشىنىڭ باش - ئاخىرى بولۇش. ۋاقىتتىن ئۈنۈم چىقىرىشنىڭ يەنە بىر چارىسى، خىزمەتنى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ تۈگىتىش، ئىشنى يېرىم - ياتا، بېشى بار ئاخىرى يوق قىلىپ ئادەتلەنمەسلىكىڭىز، ھەربىر قېتىم ئىشقا كىرىشكەندە، كەيپىياتىڭىزنى، ئوي - پىكىرىڭىزنى ۋە مىجەزىڭىزنى قايتا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ۋاقىت ئىسراپ قىلىسىز، شۇڭا بىر ئىشنى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرىنى چىقىرىپ قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك. 
8. ھەر كۈننى يېڭى بىر كۈن دەپ قارشى ئېلىش، شۇ كۈنكى ئىشنى شۇ كۈنى قىلىپ تۈگىتىش. بىر كۈننى ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز، مول ھوسۇللۇق كۈنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئادەملەر نېمە ئۈچۈن 1 - سىنىپقا كىرگەن كۈنىنى، توي قىلغان كۈنىنى، غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن،ئۇتۇق قازانفان كۈنلىرىنى ئۇنتالمايدۇ. چۈنكى ئادەملەر ھاياتىدىكى ئەڭ ھاياجانلانغان، تەسىرلەنگەن پەيتلىرىنى ئۆمۈر بويى زادىلا ئۇنتالمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسانلار نۇرغۇن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەربىر كۈنى ئىنتايىن جىددىيلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئەپسۇس، ئۇ كۈنلەردە تىرىشقان ئەمما ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا ئۇ كۈنلەر ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئادەملەر ئېرىشكەنلىرىنى ئۇنتالمايدۇ. شۇڭا، بىر ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى، خېرىدارنى، خوجايىننى ھاياجانلاندۇرغىدەك ئىشلارنى تېپىپ قىلغىنىمىزدا شۇ كۈنكى ئىشنى، شۇ كۈنى تۈگىتىپ، شۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتالمايمىز. 
9. ئىشنى رەت - رېتى بىلەن پاكىز قىلىپ ئادەتلىنىش. 
نۇرغۇن ئادەملەر ئىشنى تەرتىپلىك، پاكىز قىلالمايدۇ. خىزمەت ئورنىدا ھۆججەت، ئارخىبلارنى قالايمىقان تاشلاپ قويىدۇ. جىددىي لازىم بولغاندا زادىلا تاپالمايدۇ. نەتىجىدە ئىشلىرى ئاستىلاپ، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. رەتلىك، تەرتىپلىك، پاكىز ئادەملەر ئىشنى ئادەتتىكى ئادەملەردىن %20 جىق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا شىركەتتە ھەربىر ئادەمگە تۆۋەندىكى تەرتىپ تەلەپنى قويۇپ ئۇنى  تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش كېرەك. 
1) سىزدە نەرسىلەرنى نەدىن ئالغان بولسىڭىز، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويىدىغان ئادەت بولۇشى شەرت. 
2) ئوخشاش بىر تۈر، بىر ۋاقىتتا ئىشلىدىغان نەرسىلەرنى بىريەرگە قويىدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك. سۈپۈرگە، ئەخلەت ئالغۇچ، تازىلىق چېلىكى بىر يەردە تۇرۇشى كېرەك.
3) نەرسىلەرگە نومۇر بېرىپ، ئۈستىگە يېزىپ چاپلاپ، پەرقلەندۈرىدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك.
4) ھەممە ئاچقۇچلارنى بىر ھالقىغا ئۆتكۈزۈپ ساقلاش ئادىتى بولۇشى كېرەك.
5) يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بولۇشى شەرت.
6) ئىشلارنى ئامالنىڭ بېرىچە ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، قېلىپقا چۈشۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك يەنە. تۈزۈم بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، تۈزۈمدىن ئۈنۈم چىقىرىدىغان ئادەت بولۇشى شەرت.
7) ئاددىي، ساددا ياشاپ، پۇل ئامانەت قويۇش، نەق پۇل ئۆكسىمەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش. تاپقان پۇلىنىڭ %60 نى مۇقىم مۈلۈككە، ماددىي قىممەت يارىتىدىغان مۈلۈككە ئايلاندۇرىدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك. ئادەمدە نەق پۇل بولغاندا ئاجايىپ ئېسىل پۇرسەتلەرنى تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ.
8) تازىلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش. 
9) تايىنى يوق، ئەرزىمەس ئىشلارنى تالاشماسلىق.
10) ھەركۈنى كارخانىدىكى ھەربىر ئادەم ئۆزىنى بىر قېتىم، ئىلمىتار قىلىپ، تاپقان كىرىمىدىن شۇ كۈندىكى چىقىمىنى ئايرىۋېتىش ئادىتى بولۇش. 
دېمەك، يۇقىرىقى 10 پىرىنسىپنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋالالىسىڭىز، شىركەت ۋە سىزنىڭ ئىش ئۈنۈمدارلىقىڭىز بىر قاتلىنىدۇ. 
10. تېز سۈرئەتلىك رېتىم تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش. 
سىزنىڭ ھەربىر قەدىمىڭىزنىڭ تېز ئېلىنىشى، ئىش - ھەرىكەتتىكى چەبدەسلىكىڭىز، ھۇشيارلىقىڭىز ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋاقىتنى تىجەپ، ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى يارىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە سىزنى ئىنتايىن ساغلام كۆرسىتىدۇ. بىز ھەرۋاقىت تەبىئەتنىڭ شاۋقۇنىغا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات رېتىمىغا جۆر بولۇشىمىز، شىركەتنىڭ ئەڭ سالماقلىق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەرپ بولىدىغان ئىشلىرىنى تالىشىپ زىممىمىزگە ئېلىپ قىلىشىمىز كېرەك. ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئالغاندا خۇددى يەر شارىدەك غىڭ قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۈزلۈكسىز كۈچىنىپ، ئىشلىرىمىزدىن ئۈنۈم چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى رېتىم تۇيغۇسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. 
1) تېز غىزالىنىش.
2) تېز ھاجەت قىلىش.
3) تېز ئۇيقۇغا ئۆتۈش.
4) تېز مېڭىش.
5) تېز ئانالىز قىلىش، تېز تەپەككۇر قىلىش.
6) تېز سۆزلەش.
7) تېز مەشغۇلات قىلىش.
8) تېز ھېسابلاش.
ئادىتىنى مۇتلەق يېتىلدۈرۈۋېلىشىڭىز كېرەك. 
11. پارچە - پۇرات ۋاقىتلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش.
بىزدە بىر تامچە سذ، بىر ۋات توك، بىر ۋاراق قەغەز، بىر سىكونت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەش، تىجەش كېرەك دەيدىغان ئادەت بار. بىز شىركەتتە ۋە ئائىلىدە پارچە - پۇرات ۋاقىتنى پارچە - پۇرات ئىشقا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. تاما - تاما كۆل تولار دېگەندەك، ئەشۇ پارچە - پۇرات ۋاقىتلاردىمۇ غايەت زور ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ.
خېرىدار يوق چاغدا تازىلىق قىلىش، مال تولۇقلاش، باھا يېزىش كېرەك. 
لۈشۈن ئەپەندى: «باشقىلار قەھۋە ئىچىۋاتقان ۋاقىتتا مەن يېزىقچىلىق قىلغان» دېگەن ئۇ يەنە «ۋاقىت خۇددى بۇلۇتقا ئوخشايدۇ، ئۇنى سىقسا چىقىۋېرىدۇ» دېگەن.
جالالىدىن بەھرامنىڭ قىزى دادىسىنىڭ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھېيت نامىزىدىن قايتىپ كېلىپلا خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «دادا، سىزمۇ چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ، دوستلىرىڭىزنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھېيتلاپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگىنىدە، جالالىدىن بەھرام: «قىزىم مەن ئىلگىرى بۇنداق نۇرغۇن ۋاقىتلارنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن، مەن ئۆلگەندىن نۇرغۇن ۋاقىتلار جىم يېتىپ دەم ئالىمەن، ئىش قىلغۇم كەلگەندە ئازراق ئىش قىلىۋالاي» دېگەن. 
ئاتاغلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن نوبىل مۇكاپاتى ئالغۇدەك ئەسەرلەرنى يازالمايدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «سىز ئەتىگەندە ئوماچ ئىچىپ، چۈشتە قايناقسۇغا ناننى بېسىپ چىلاپ يەپ، كەچتە بىر ۋاق سۈيقاش ياكى لەڭمەننى يەپ، ھەرگىزمۇ ئەتىگىنى بىر ئىستاكان سۈت بىلەن سېرىق ماينى بولكىسىغا مىلەپ يەۋاتقان چەت ئەللىك يازغان ئەسەرنى يازالمايسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرلىك ۋاقىتتا چەت ئەللىكلەر ياراتقان ئىقتىسادنى يارىتىش كېرەك» دېگەن. 
سىز يول يۈرگەندە، سەپەرگە چىققاندا، ئۆچرەتتە تۇرغاندا نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟ ئويلىدىڭىزمۇ؟
قەھرىتان قىش كۈنلىرى، قاراڭغۇ كېچىلەردە، جۇدۇنلۇق، بۇلۇتلۇق، سوغۇق كۈنلىرى سىز نېمە ئىشلارنى قىلماقچى؟
بۇ پارچە - پۇرات ۋاقىتلار تەييارلىقى يوق ئادملەر ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئوغرىسى،ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ،سىز ھەسسىنە دەپ قالىسىز خالاس. ئەسلىدە، بۇ پارچە - پۇرات ۋاقىتلار سىزنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىڭىزنى تاكاممۇللاشتۇرىدىغان. ماددىي، مەنىۋىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئوزۇق ئالىدىغان ياخشى پەيتىڭىز. ئۆگىنىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان ياخشى پەيتىڭىزدۇر. 
بىر پروفېسسور ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بىر ئىستاكانغا ئۇششاق تاشلارنى لىققىدە سېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ: «بۇ ئىستاكان توشتىمۇ؟» دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچىلار بىردەك: «توشتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. پروفېسسور ئىستاكانغا يەنە بىر سىقىم قۇمنى قۇيۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن: «ئىستاكان توشتىمۇ؟» دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچىلار بىردەك: «توشتى» دەپ چۇرقىرىشىپ كەتكەن. پروفېسسور ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيغان يەنە بىر تامچە قىزىل رەڭ تېمىتقان، ئىستاكان ئۆزگەرگەن. دېمەك، ۋاقىتنى چۈشەنگەنسېرى ئۆزىگە ئىش تاپالايدىغان ئادەم ئۈچۈن، ئۇ بىر ئۆكسىمەيدىغان بايلىق. ئەڭ مۇھىمى، ئادەمدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بولۇشى زۆرۈر. 
12. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى باشقۇرۇش.
1) ئۇيقۇ
(1) كۈندۈزى غىل - پال ئۇخلىۋېلىش ئادىتى بولۇش. 
(2) ھەر ۋاقىت ئۇخلىيالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش.
(3) ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە دىققەن قىلىش، ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، قېنىپ ئۇخلاش.
(4) ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى ۋە شەرتىنى ھازىرلاش.
(5) ئۆزىگە بىشارەت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى يەڭگىل تۇرۇش.
2) ئۆگىنىش
(1) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى، تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش.
(2) بىلىمنى بىلىم بۇلىقىدىن ئېلىش. يەنى، بىرەر تېخنىكا، ئىقتىدار، ماھارەتنى شۇ تېخنىكا، ماھارەت، ئىقتىدارنىڭ نوپۇزلۇق ئورنىدىن ئېلىپ ئادەتلىنىش. بولمىسا، تەكرار مەبلەغ سالىدىغان ئىش چىقىدۇ. 
(3) تەتقىقات يىغىنلىرىغا، مەخسۇس كەسپىي كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ تۇرۇش.
(4) كاتتا يەرمەنكە، يىغىلىش، مۇراسىملارغا قاتنىشىپ تۇرۇش.
(5) بىر كۈندە بىر قېتىم باشقىلار قىلمىغاننى قىلىش، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى ئىشنى قىلىشقا ئادەتلىنىش.
(6) ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىدىغان ئادەم بولۇش. 
(7) تېز ئوقۇش، ئۈنلۈك ئوقۇش، مەقسەتلىك ئوقۇش، ئارىلاپ ئوقۇش بىلەن نۇقتىلىق، تەپسىلىي ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش.
(8) ھەر كۈنى يېرىم سائەت گېزىت - ژۇرنال كۆرۈش. ئايدا بىر قېتىم كۈتۈپخانىغا شىنخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ، كەسپىڭىزگە ئائىت، ئۈچ پارچە كىتاب ئارىيە ئالىدىغان، سېتىۋالىدىغان ھەم شۇ كىتابلارنى ئوقۇپ، تەسىراتىڭىزنى قالدۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىڭىز شەرت.
3) تاماشا
(1) ئىجابىي پائالىيەتلەرنى تاللاش. 
(2) روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى تاللاش.
(3) بەلگىلىك سەۋىيىگە يېتىشنى مەقسەت قىلىش.
(4) ئويۇن - تاماشا مۇۋاپىق، لايىقىدا بولۇشى كېرەك.
13. ۋاقىتنى تېجەش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.
1) ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش. مەسىلەن، تېلېفۇن، ئېلېكترونلۇق يوللانما، ئۈن - سىن سىستېمىسى قاتارلىقلار.
2) قاتناش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.
3) كومپيوتېر، ئىنتىرنېت تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.
4) ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن پايدىلىش.
14. باشقىلارنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك.
1) باشقىلارنى كۈتكەندە چوقۇم ۋاقىت چېكىنى بېكىتىش، سىزنى سائەت 8 دىن 8:20 ئۆتكىچىلا ساقلىيالايمەن دېيىش. 
2) ئىشىڭىزنى باشقىلار بۆلۈۋەتكەندە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزرەخالىق ئېيتىپ، ئىشىڭىزنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىڭ.
3) بىئەپ ۋاقىتتا مېھمان كېلىپ قالغاندا، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ توغرا قارار چىقىرىڭ. ئەڭ ياخشىسى ئىقتىسادىي كاللا بىلەن قارار چىقىرىڭ.
4) باشقىلار سىزگە قۇرۇق پاراڭ سالغاندا، دىققىتىڭىزنى ئىشنى مۇھىم تەرىپىگە ئاغدۇرۇڭ.
5) باشقىلار ئەيىبىڭىزنى ئاچسا، قىلچە تېرىكمەي، راستتىنلا ناچار ئىللەت بولسا ئۇنى خوشاللىق دەپ قوبۇل قىلىڭ.
6) باشقىلار كەينىڭىزگە كىرىۋالسا، ۋاقتىدا كەسكىن جاۋابىنى بېرىڭ.
15. ياخشى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆمۈر بويى تاشلىماسلىقىڭىز كېرەك.
ئىسلاھاتنىڭ دەسلىپىدە، بىر لەڭمەن سوزىدىغان ئاشپەز بوۋاي پىنسىيىگە چىقىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر ئاشخانا ئېچىشنى پىلانلىغان. ئويلىمىغان يەردىن، ئىسكىلاتىغا كىرىپ، بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تاكى پىنسىيىگە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا يىغىپ قويغان چويلىلىرىنى كۆرۈپ، ئاشخانا ئېچىشتىن ۋاز كېچىپ، چويلا توقۇپ سېتىشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە، بۇ بوۋاي، توقۇغان قويۇق ئەنئەنىۋى،مىللى ھۈنەر - سەنئەت پۇرىقى سىڭگەن، تال - چىۋىق، سىملاردىن توقۇلغان چويلىلار تېزدىنلا باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، بازار تاپقان. ئۇ بوۋايمۇ چويلىچى بوۋايغا ئايلانغان.
دېمەك، سىزدە گۈزەل نەرسىلەردىن زوق ئالىدىغان، ئۇنى يارىتىدىغان ئادەت بولمىسا، بىزدە كەسىپكە بولغان ئىشتىياقمۇ، قىزىقىشمۇ بولمايدۇ. ئەگەر، سىزنىڭ چېنىقىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان، ساز چالىدىغان، ئۇسسۇل ئوينايدىغان، رەسىم سىزىدىغان، گۈل باقىدىغان، باقمىچىلىق قىلىدىغان، باغۋەنلىك، سورت يېتىشتۈرىدىغان ئادەتلىرىڭىز بولسا ئۇنى ھەرگىز تاشلىماسلىقىڭىز كېرەك. بىز بۇ ئىزدىنىشلىرىمىز ئارقىلىق ھامان بىر كۈنى مۆجىزە يارىتىمىز. ئەقلىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى، جىسمانىي كۈچىمىزنى، گۈزەللىك، ئەمگەك كوللىكتىۋىزملىق روھىمىزنى ئۇرغۇتىمىز. جەمئىيەت، تەبىئەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز. بىز ھاياتلىقتا ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئىبادەت قىلىشىمىز، مىڭ يىل ياشايدىغاندەك تىجارەت قىلىشىمىز كېرەك. 
يۇقىرىدا، بىز ۋاقىتنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارە - ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي كۆردۇق. مەقسىتىمىز بىرلا، ئۆزىمىزگە، شىركەتكە ناھايىتى مول، جىق ئىش تېپىۋېلىش، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز سۆيۈنىدىغان ئىشنى بېرىلىپ، كىرىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتىنلا ئىبارەت. 
ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى شائىرىمىز، ئابدىۋەلى ئەلى ئەلا تۆۋەندىكى رۇبائىيسى بىلەن تولىمۇ يارقىن خۇلاسىلىگەن:


ئۆمرۈمنىڭ قالغىنى ئازدۇر، ئۆتكەندىن،
ئاي - كۈنلەر ماڭىدۇ ئۆگەنگەن ئىزدىن.
بىر كۈنگە ئون كۈنلۈك ئۇتۇق يۈكلىسەم،
قېپ قالغان ئۆمرۈممۇ ئاشمامدۇ يۈزدىن.





بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى