شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كارخانا ئۆلچەمنى ئەنگە ئالدۇرۇش
يانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كارخانا ئۆلچەمنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
1 . كارخانا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن كارخانا ئۆلچىمى ۋە دەسلەپكى ئارگىنالىنى تاپشۇرىدۇ .
2 . 5 نەپەر ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكنىڭ يېمەكلىك ، دورا ، دېھقانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردە 5 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەر تەستىقلاش ئېلىپ بارىدۇ .
3. 3 نەپەردىن كۆپ بولغان مۇتەخىسىسلەر ئۆلچەمگە تۈزۇتۇش كىرگۈزۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ .
4 . ئۆزگەرتىلگەن لاھىيىنى قايتىدىن پۈتۈن مەزمۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن لاياقەتلىك بولسا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىدۇ
5 . تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن ئەڭ ئاخىرىدا كارخانا ئۆلچىمىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ .
6 . ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ، تىجارەت كېنىشكىسى ، تەشكىلىي ئورگان نومۇرى ، تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ، قانۇنىي ۋەكىل كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ،مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىقلىمىسى ھەمدە كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەلەپنامىسى قاتارلىقلار كېتىدۇ .ئەسلى نۇسخا بىلەن بىردەك بولغاندىن كىيىن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ .
7 . سەھىيە نازارىتىنى يېمەكلىك مۇتەخەسسىسلىرى تەستىقلاشقا قاتنىشىدۇ .
8، مۇتەخەسسىسلەرنى قوشۇلغان ، تەستىقلىغان قارارغا قارىتا ئەنگە ئېلىنىدۇ .
يېڭى كارخانا ئۆلچىمىنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققى 3700 يۈەن \بىرى ، ( باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )،كارخانا تەشكىلىي مۇتەخەسسىسلەرگە تۆلىنىدىغان پۇل 1100 يۈەن \بىرى ( باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، تەكشۈرۈش ھەققى ئۆلچەم ئېلىنىدىغان تۈرگە قاراپ تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئالىدۇ .