گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى خىزمەت ئۆلچىمى
ۋاقتى: 2016-09-26
ئاۋاتلىقى: 428 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى خىزمەت ئۆلچىمى
بىرىنچى باب ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىش1- ماددا گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
1) گىرىم بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشكە ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ،مۇھىت شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلىشى كېرەك؛
2) گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدىغان تېخنىك خادىملار بولۇشى كېرەك؛
3) گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت تەكشۈرۈشىگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى بولۇشى كېرەك؛
4) گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىكى قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك؛
5) دۆلەتنىڭ سانائەت سىياسىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلىگىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
2- ماددا گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە مەھسۇلات ھالىتىنى ئاساس قىلىپ مۇنداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:ئادەتتىكى سۇيۇق ھالەتتىكى بۆلەك،مەلھەم ئىمپۇلىسيە بۆلىكى،تالقان بۆلىكى،تۇمانلاشتۇرۇلىدىغان دورىلار ۋە ئورگانىك ئېرىتمە بۆلىكى،مەلھەم بۆلىكى،چىش پاستىسى بۆلىكى ۋە باشقىلار ،ھەربىر بۆلەك ئايرىم-ئايرىم تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ(قوشۇمچە 1).
3- ماددا «گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى»گە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشتا شىركەت تەۋە بولغان ئۆلكە،ئاپتونوم ئوبلاست،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تۆۋەندىكىدەك ماتېرىياللارنى كۆرسىتىشى ۋە تاپشۇرۇشى كېرەك:
1) گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە ئىلتىماس جەدۋىلى(قوشۇمچە2).
2) زاۋۇتنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك كۆرۈنۈش خەرىتىسى(زاۋۇت ئەتراپىدىكى 30مېتىر دائىرىنىڭ مۇھىت تازىلىق ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش سېخىي(ھەرقايسى ئىقتىدار سىخلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى)،تەكشۈرۈش بۆلۈمى،ئىسكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى.
3) ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش رەسىمى.
4) سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتلگەن نۇسخىسى.
5) ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئىسپات ماتېرىياللىرى(يەر-زېمىن ھوقۇقنامىسى،ئۆي-جاي گۇۋاھنامىسى ياكى ئىجارە كېلىشىمنامىسى قاتارلىقلار).
6) قانۇنىي ۋەكىلنىڭ كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.
7) ھاۋالە قىلىپ بېجىرىلگەن بولسا ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋە قانۇنىي ۋەكىلنىڭ كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى شۇنداقلا ئىمزا قويۇلغان ھاۋالىنامە.
8) كارخانا سۈپەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار،ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل كىشى،باشقۇرۇش خادىمى،تەمىنلىگۈچىنى تاللاش،ماددىي-ئەشيا باشقۇرۇش(كىرگۈزگەن مالنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى،مەھسۇلات سېتىش خاتىرىسى تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئەسلىھە باشقۇرۇش،ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىش(ئەكس تەسىرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتى تۈزۈمى،مەھسۇلات چاقىرىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،مەھسۇلات تەكشۈرۈش ۋە ئۈلگەقالدۇرۇش تۈزۈمى،سۈپەت بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار.
9) تېخنولوگىيلىك تەرتىپ ئاددىي بايانى ۋە سېخىمىسى(ئوخشىمىغان تىپتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئايرىم بولۇشى كېرەك)؛تېخنىكىسى ئوخشاش ئەمما تۈرى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن مەھسۇلات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈمى خەتەرنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى قاتارلىقلارنى تەمىنلەش كېرەك.
10) قۇرۇلۇش بېزەش چۈشەندۈرۈشى(بېزەش ماتېرىيالى،ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى،دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
11) ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دوكلاتى ئاز بولغاندا تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ تازىلىق سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش دوكلاتى(قوشۇمچە 3)؛
(2) سىخ مۇھىتى باكتېرىيە ئومۇمىي سانىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دوكلاتى(قوشۇمچە 3)؛
(3) ئىشلەپچىقىرىش سېخىي بىلەن تەكشۈرۈش مەيدانىنىڭ ئارىلاشما ئومۇمىي يورۇتۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دوكلاتى(قوشۇمچە 3)؛
(4) كۆز ئەتراپى تىرە ئاسراش تۈرى،بوۋاقلار ۋە بالىلار تىرە ئاسراش تۈرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغاندا ئىشلەپچىقىرىش سىخىدىكى قاچىلاش ئۆيى،تازىلاش ئەسۋابىنى ساقلاش ئۆيىنىڭ مۇھىت پاكىزلىق دەرىجىسى 30تۈمەن دەرىجىلىك تەلەپكە يەتكەن بولۇشى شۇنداقلا ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دوكلاتى چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئېتىراپ قىلغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مخانىزىمى تەييارلىغان بىر يىل ئىچىدىكى دوكلات بولۇشى كېرەك.
12) كارخانا «گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە مۇھىم نۇقتىلىرى»غا ئاساسەن ئۆخنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش شۇنداقلا ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىش كېرەك.
13) ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك ۋە دورىلانى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش تارماقلىرى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللار.
4- ماددا ئىجازەت بېرىش ئورگىنى ئىلتىماسنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن چوقۇم تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشى،شۇنداقلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»غا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:
1) ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى قانۇنغا ئاساسەن مەزكۇر تارماقنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە تەۋە بولمىغاندا چوقۇم دەل ۋاقتىدا قاراپ چىقىش ھوقۇقى يوقلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىشى شۇنداقلا ئىلتىماس قىلغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشى كېرەك.
2) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىدا نەق مەيداندا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار بار بولسا ئىلتىماس قىلغۇچىنى نەق مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇش،ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئۆزگەرتكەن ئورۇنغا ئىمزا قويغۇزۇش ياكى تامغىسىنى باستۇرۇش،ئۆزگەرتكەن چېسلانى ئېنىق ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.
3) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىغان ياكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى بولسا نەق مەيداندا ياكى 5كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا «ماتېرىيالنى تولۇقلاپ ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىشى، ئۆزگەرتىپ تولۇقلايدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىلا ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.نەق مەيداندا ئۇقتۇرىدىغىنىنى چوقۇم نەق مەيداندا ماتېرىياللارنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى؛بەش كۈن ئىچىدە ئۇقتۇردىغىنىنى بولسا ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغانلىق ئىسپاتى ئېلىشى ،ۋاقىتى ئۆتۈپ ئۇقتۇرۇلمىغان بولسا ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننى ھېساب قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
4) ئىلتىماس ماتېرىياللىرى تولۇق،قانۇنىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان،تولۇقلاپ ئۆزگەرتىدىغان ماتېرىياللارنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغان بولسا چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
5- ماددا ئىجازەت قىلىش ئورگىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان بولسا ئىلتىماس قىلغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلمىغان بولسا بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى بىلەن تەمىنلىشى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلماسلىقتىكى سەۋەبنى ئېنىق ئېيتىشى،شۇنداقلا ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇنغا تايىنىپ مەمۇرىي جەھەتتىن قايتىدىن قاراپ چىقىش ۋە مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشى كېرەك.