ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي پىلان
-
ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي پىلان
ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 1029 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي پىلان
ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى
ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز غايىسى بولىدۇ ، ھەر بىر ئادەم تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن مەيلى بىز قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنايلى ياكى تۇرمۇش ئەھۋالىمىز قانداق بوپ كەتسۇن ،قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدە شۇنداق بىر ئاۋاز نىدا قىلىدۇكى : ئۆزۈڭ ئىگىلىك تىكلە !ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئويلايدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، يولغا قويغانلارمۇ كۆپ. ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئىنتايىن ئاز. ئىگىلىك تىكلەپ ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلىگەندە ،مۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىزكى ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشى ئەمەس، ئۇلار ئۈسۈپ يېتىلگەن مۇھىتمۇ ئەمەس، ھەتتا پۈتۈنلەي مەبلەغ دېيىشكىمۇ بولمايدۇ ،بەلكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى ، پىسخىك ئالاھىدىلىكى.بىل . گېيتس مۇنداق دەيدۇ : « ئەگەر سىزنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىڭىز ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كەلمىسە ،ئۇنداقتا سىز ھەرگىزمۇ ئۇتۇق قازىنالمايسىز .» ھەقىقەتەن توغرا . كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئېلىپ ئېيتساق ،بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ پىسخىك ئامىلىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئامىل سەۋەب بولالمايدۇ .ئىگىلىك تىكلەش پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەم ئىگىلىك تىكلەش پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىمىغان ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا ئىگىلىك تىكلەشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ . ئۇنداقتا ،مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن قانداق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلاش كېرەك ؟ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك پىسخىك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىشى كېرەك :
(1) كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى
بىز « ئارزۇ قىلىش » نى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ساپاسىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئامىلى دەپ قارايمىز ، يەنى مەيلى قايسى خىل تىپتىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولسۇن ،ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى __ كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى .ئۇنداقتا « ئارزۇ قىلىش » دېگەن نېمە ؟سوغۇقتا ئاچ قالغان بىر ئادەم ئىللىق كىيىم ،قورسىقى تويغۇدەك تاماق بولسا قانائەت قىلىدۇ ، كىيىمى ، يەيدىغىنى بولغاندىن كىيىن يەنە ياخشىراق يېيىشنى ،ئىسىلرەك كىيىشنى ، ئېسىل داچىلاردا ئولتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ .بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىدە نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرى بولىدۇ ، كۆڭلىدىكى ئالى مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن داڭلىق ئالىم ياكى سىياسىيون بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، يەنە بەختلىك ئائىلىسى بولۇشنى ، نۇرغۇن پۇللىرىنىڭ بۇلىشىنى ،دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئارزۇ قىلىش بولسا بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر نىشان، يەنى كۈچلۈك بىر ئۈمىد . ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقى دەل ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھامان ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ ، ھازىرقى ئورنىدىن ئېشىپ كېتىشكە ئىنتىلگەن بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن تىرىشچانلىقى ئۆز ئارا بىر بىرىنى تۇلۇقلايدۇ ،يەنى ئارزۇ قانچە كۈچلۈك بولسا تىرىشچانلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ، قانچە تىرىشقانسىرى ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشانمۇ يۇقىرىلايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ . بۇ ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكىتى ۋە بەدەل تۆلىشى نەتىجىسىدە ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى كۆپىنچە ئەمىلى تۇرمۇشتىكى زەربىدىن كېلىدۇ . چۈنكى ئەمىلى تۇرمۇش ھەمىشە ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ ، نامرات مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچ قېلىش ، سوغۇقتا قېلىش ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ ئۇۋالچىلىق بىلىنىدۇ ، دەل مۇشۇ خىل زەربە ئۇلارنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك بولغان قارشى تۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ، ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، بايلىق توپلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ-دە ، «نورماللىقتىن ھالقىپ كېتىش » كە يۈزلىنىدۇ . بۇ خىل كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۇنجى ئىشىكىنى ئاچقان بولىدۇ .ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەربىر ئىشنى ياخشى قىلىشنى ئويلايدۇ . ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ياكى نام ئابرۇيغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى ئۆزىنى نامايان قىلىشقا نىسبەتەن قانائەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، يەنى مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش ، نىشان تىكلەش ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن نىشانغا يىتىش جەريانىدا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . يولغا قويغان تەدبىرنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ ، ئاددىي بولغان تەكرار خىزمەت ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدۇ .تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خەلىقئارالىق ئار
2015-11-23 21:02:561109ئىگلىك تىكلەش ۋە تىجارەت
2015-12-30 23:23:081102پاتېنتنىڭ قايسى تۈرلىرى بار؟
2016-01-02 23:36:48659پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
2015-11-03 03:41:331294يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قى
2015-10-29 07:06:13809كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش
2015-10-27 08:44:44935تەجرىبە خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ
2015-11-08 12:00:42777ساغلاملىق يىمەكلىكلىرنىڭ ئىقتىدار دائىرىسى
2015-10-28 13:32:18782
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-