تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1410 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش


شىركىتىمىز كارخانا ئۆلچىمىنى لايىھەلەپ تەييارلاشتىن تارتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار كەسپىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ ، تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ، يېمەكلىك ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ تەييارلىغان ئۆلچىمىنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ، ئەنگە ئالدۇرۇشى تېز ، ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلات ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ .


كارخانا مەھسۇلات ئۆلچىمىنى تەييارلاش(يېزىش) ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى :

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تولۇق ئاتىلىشى « مەھسۇلات كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » نۇرغۇن ئادەملەر قىسقارتىپلا « كارخانا يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » « كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » ، « يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » دەپ ئاتايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر ئۇقۇم . ئەگەردە سىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجرا قىلىنۋاتقان دۆلەت ئۆلچىمى ، ساھە ئۆلچىمى يوق بولسا ۋە ياكى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخنىكا كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى،ساھە ئۆلچىمى دىن يۇقىرى بولسا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى » ۋە ئالاقىدار قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن ، سىز چوقۇم مەھسۇلاتىڭىزغا ئۆلچەم بېكىتىشىڭىز ھەم بۇ ئۆلچەمنى ئەنگە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك .

بۇنىڭدىن سىرت،سىز مەھسۇلات تەكشۈرتۈش ، شۇنىڭدەك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى (QS) ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، كارخانىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئۆلچىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


مۇلازىمەت دائىرىسى : پۈتۈن شىنجاڭ

1 . كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى يېزىپ تەييارلاش ، ئۆزگەرتىش

2. كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى ئەنگە ئالدۇرۇش ، تىزىملىتىش .


شىركىتىمىز ۋەدە قىلغان مۇلازىمەت سۈپىتى :

1 . شەكلى ۋە يازما ماتېرىيال GB/T 1.1-2009 نىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .

2 . ئىشلتۋاتقان ئۆلچەمنىڭ ھازىر ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش .

3.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قائىدە - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇش .

4 . ئۆلچەم ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىش .


 خېرىدارلار تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار :

1. كارخانا ئىسمى ، كارخانا ئەنگە ئالدۇرغان ئادرېسى ( سودا - سانائەت ئىدارىسى تارقاتقان تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادرېس ئۆلچەم قىلىنىدۇ )

2. مەھسۇلات ئىسمى ، تۈرى ، ئۆلچىمى .

3. مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى ، مەسىلەن ،  خىزمەت پىرىنسىپى ، ئۇششاق دېتالى ، تۈزىلىشى ، ھۈنەر - سەنئىتى ، كۆرۈنۈشى ، ئىقتىدارى، ئورالمىسى قاتارلىقلار

4. تەكشۈرۈش دوكلاتى ، ياكى مەھسۇلات تېخنىكىسىنىڭ پارامېتىرى

5. مەھسۇلاتنىڭ باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرى ، مەسىلەن چۈشەندۈرۈشى ، رەسىمى ، پاتېنت چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار

6. ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلات تېخنىكىسى تەلىپىگە ئائىت باشقا ماتېرىياللار .

دىققەت : يۇقىرىدىكى 2-6 گىچە بولغانلىرىنى چوقۇم  تەمىنلەڭ دەپ تۇرىۋالمايمىز ، شىركىتىمىز سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزى تەييارلىسىمۇ بولىدۇ .


شىركەتنىڭ خىزمەت جەريانى :

1 . خېرىدارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش ( توختام ئىمزالاش )

2.  ھازىر قانداق ئۆلچەمنىڭ ئىشلىنۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش

3 .ئۆلچەملىك قىلىپ ماتېرىيال تەييارلاش

4 . يازغان ماتېرىيالنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ چىقىپ ئۆزگەرتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش .

5 . مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەييار قىلغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ( سۈپەت - تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، سەھىيە ئىدارىسى ۋە دورا -يېمەكلىك نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىقلار ).



شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە 


شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ،  خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش  ( ISO 9001  ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . 
شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . 

ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى جۇڭۋەن كوچىسى 8-كوچا 15- نومۇر 1- بىنا 101- ئىشخانا

تېلېغۇن نومۇرى : 2571846-0991

                         15026000904

    ئۈنددار :  15026000904

   تور بىكەت : http://dildost.yanbilog.com//www.dildost.com



 

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى