تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا

شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 2429 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى «شىركەت قانۇنى» دىكى شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا


شىركەت قانۇنى --شىركەتلەرنى قۇرۇش،تەشكىللەش،پائالىيەت قىلىش،تارقىتىش،ھېساباتنى ئېنىقلاش ۋە شىركەتنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن قانۇن مىزانلىرىنىڭ ئومۇمي ئاتىلىشى.كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ،شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى،تەشكىلى ئاپپاراتى ۋە تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن:«شىركەت قانۇنى»،«ئاكسىيە قانۇنى»،«پاي چېكى سودىسى قانۇنى» قاتارلىقلار ؛ تار مەنىدىن ئېيتقاندا،پەقەت بىر دۆلەتنىڭ «شىركەت قانۇنى»نىلا كۆرسىتىدۇ.دۆلىتىمىز« شىركەت قانۇنى»نىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى شىركەتلەرنىڭ تەشكىلى ۋە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش،شىركەت،پايچىك ۋە ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش،جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرتىپىنى ساقلاش،سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.دۆلىتىمىز«شىركەت قانۇنى»ھەم تەشكىلى قانۇنى ھەم ھەرىكەت قانۇنى ھېسابلىنىدۇ.«شىركەت قانۇنى»ھازىرقى زامان بازار ئىگىلىكىدىكى ئاساسى قانۇن مىزانى بولۇپ،ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي يۈرۈش قانۇنىيىتىنىڭ قانۇندىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر.ياخشى بولغان «شىركەت قانۇنى» ئۆزىدىكى قانۇن تۈزۈش ئىدىيەسى ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش لايىھەسى ئارقىلىق بازارغا قاتناشقان سۇبيېكتلارنىڭ شەكىللىنىشى،مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى،كاپىتالنىڭ يۈرۈشۈش شەكلى،ئىناۋەت ئادىتى،سودا شەكلى قاتارلىقلارنى تۈپ ئاساسىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
دۆلىتىمىز«شىركەت قانۇنى»1993-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنى8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.بۇ قانۇن دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن،شىركەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بىرقەدەر سىستېمىلىق ۋە مۇكەممەل قانۇن ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قانۇنغا 1999-يىلى،2004-يىلى،2005-يىلى ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنىدى.بۇ قېتىم يەنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا بۇ قانۇنغا 4-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.يېڭى «شىركەت قانۇنى»2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.
بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى ئىسلاھاتقا بىۋاسىتە چېتىلىدۇ:بىرىنچىدىن، رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى؛ ئىككىنچىدىن،مەبلەغنى رويخەتكە ئېلىشتىكى شەرتلەر يېنىكلىتىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، تىزىملاش تۈرلىرى ۋە تىزىملاش ھۆججەتلىرى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى.
1.يېڭى«شىركەت قانۇنى»دا شىركەتنى رويخەتكە ئېلىشتا رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى مەبلەغ تاپشۇرۇش ۋەدىسىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى
بۇرۇنقى «شىركەت قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا،شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا پايچىكلار مەبلەغنى چوقۇم ئەمەلىي تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى.مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرغاندىمۇ پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىمدا تاپشۇرىدىغان مەبلىغىنىڭ سوممىسىغا قارىتا قاتتىق چەكلىمە قويۇلاتتى،شۇنداقلا قالدۇق مەبلەغنىمۇ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە چوقۇم تاپشۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىناتتى.شۇنىڭ بىلەن بىللە،شىركەت رويخەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى پايچىكلارنىڭ تاپشۇرغان مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى زۆرۈر ئىدى.بۇ قېتىم يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا پايچىكلارنىڭ مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇشىغا بولغان شەرت يېنىكلىتىلدى.يەنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدىغان رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغكە نىسبەتەن يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا مەبلەغنى چوقۇم تولۇق تاپشۇرۇپ بۇلۇش مۇددىتى بەلگىلەنمىدى.بۇرۇنقى«شىركەت قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدىكى«شىركەتنىڭ بارلىق پايچىكلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك،قالغان قىسمىنى پايچىكلا شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇپ بولسا بولىدۇ»دېگەن بەلگىلىمىسى بىكار قىلىندى.بۇنىڭدىن باشقا،يالغۇز كىشىلىك چەكلىك شىركەتلەردىن بىر قېتىمدىلا پۈتۈن مەبلەغنى تۇلۇق تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى.يېڭى قانۇندا مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى پۈتۈنلەي ۋەدىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرگەنلىكتىن،شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ۋەدىسىنى ئېتىراپ قىلىش سوممىسى،مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى،مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى شىركەت پايچىكلىرى شىركەت نىزامنامىسىدا ئۆز ئىختىيارىچە كېلىشەلەيدىغان بولدى.تىجارەت كىنىشكىسىدە ئەمەلىي تاپشۇرۇلغان مەبلەغ سوممىسى ئىپادىلەنمەي،بەلكى بارلىق پايچىكلارنىڭ پىلاندىكى ۋەدىلەشكەن مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىلا ئىپادىلەنمەي،بەلكى بارلىق پايچىكلارنىڭ پىلاندىكى ۋەدىلەشكەن مەبلەغ سوممىسىلا ئىپادىلىنىدىغان بولدى.
2.يېڭى «شىركەت قانۇنى»دا رويخەتكە ئېلىنىدىغان مەبلەغ شەرتلىرى يېنىكلىتىلدى
بۇرۇنقى«شىركەت قانۇنى»نىڭ 26-ماددا2-تارمىقىدا:«...چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 30مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ...»دەپ؛81-ماددا3-تارمىقىدا:«...پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى بەش مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ...» دەپ؛59-ماددىسىدا:«يالغۇز كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 100مىڭ يۈەن بولىدۇ.پايچىك شىركەت نىزامنامىسدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك»دەپ بەلگىلەنگەنىدى.بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ۋە يالغۇز كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن سومما جەھەتتىكى بۇ شەرتلەر بىكار قىلىندى.شىركەتلەردىن شىركەت قۇرۇشتا رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى مەلۇم سوممىغا يېتىش تەلەپ قىلىنمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىركەت قۇرۇلغاندا پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم چىقىرىدىغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى چەكلەنمىدى.پايچىكلارنىڭ پۇل شەكلىدىكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىمۇ چەكلەنمىدى.شىركەت قۇرۇشتىكى بۇ شەرتلەرنىڭ يېنىكلىتىشى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ توپلاش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ ئاز مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
3.تىزىملاش تۈرلىرى ۋە تىزىملاش ھۆججەتلىرىگە قويۇلغان تەلەپلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى
بۇرۇنقى «شىركەت قانۇنى»دا شىركەت قۇرۇشتا رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنى مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشدىن ئۆتكۈزۈش ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش شەرتى بار ئىدى.يەنى بۇرۇنقى شىركەت قانۇنىنىڭ 30-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم چىقارغان مەبلىغى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مەبلەغ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بارلىق پايچىكلار بېكىتكەن ۋەكىل ياكى ئورتاقھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورگىنىغا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسى،شىركەت نىزامنامىسى،مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ».لېكىن،بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش تۈزۈمى تاپشۇرۇش ۋەدىسنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن،شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى
بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىمۇ شىركەت ئەمەلىي توپلىغان مەبلەغ يېزىلمايدىغان بولدى.
يىغىپ ئېيتقاندا،يېڭى «شىركەت قانۇنى»نىڭ تۈزىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى زامانۋى شىركەت تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرتى ئاستىدا،كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بولغان قىزغىنلقىنى ئۇرغۇتالايدۇ،ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.بولۇپمۇ بۇنىڭدىكى مىكرو-كىچىك كارخانىلار ،يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ،ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.«شىركەت قانۇنى»نىڭ بۇ قېتىملىق تۈزىتىلشى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس،بەلكى بىر يېڭى باشلىنىش.شىركەت قۇرۇش شەرتلىرىنى تۆۋەنلىتىش،مەمۇرىي جەھەتتىن ئارىلىشىۋېلىشنى ئازايتىش،شىركەت رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھەممىسى شىركەت قانۇنى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمي يۈزلىنىشى.شىركەت بولسا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھۈجەيرىسى.ھەر قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق شىركەتلەرنىڭ ساغلام،تىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاشقى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.





Tags: شىركەت 
بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى