تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئادەتتە كىشىلەرنىڭ سىتىشنى خالىماسلىقىدىكى بەش چوڭ ئۇقۇشماسلىق

ئادەتتە كىشىلەرنىڭ سىتىشنى خالىماسلىقىدىكى بەش چوڭ ئۇقۇشماسلىق

ۋاقتى: 2016-09-26 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېلاۋە : شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولغان دىلدوسىت يانبىلوگى ۋە دىلدوسىت تورىغا چاتما شەكىلدە تەرجمەقىلىنىپ ئېلان قىلىنۋاتقان دۇيۇنشىڭ ئەپەندىنىڭ( دۇيۇنشىڭ ئەپەندى دىيارىمىزدىكى مەشھۇر ساتماي قويمايمەن تەربىيەچىلىرىنى تەربىيلەپ چىققان چېن ئەنجى ئەپەندىنىڭمۇ ئۇستازى ھېسابلىنىدىكەن ، تاساددبى پۇرسەتتە بۇ زاتنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ) مۇتلەق كىلىشش نامىلىق كىتابنىڭ مەزمۇنلىرنى بەھىرلىنىش ئۈچۈن سۈندۇم . داۋامىنىمۇ چاتما شەكىلدە دوستلارغا سۇنىمەن.


1.3ئادەتتەكىشىلەرنىڭ سىتىشنى خالىماسلىقىدىكى بەش چوڭ ئۇقۇشماسلىق


نۇرغۇن ئادەمنىڭ سىتىشنى خالىماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك بەش چوڭ ئۇقۇشماسلىق بار:


بىرىنچى،نۇرغۇن ئادەم سىتىشنى كاپالىتى يوق دەپ قارايدۇ.


بۇنداق قارىشىدىكى سەۋەب بولسا سىتىش خادىملىرىنىڭ مائاشى كەسىپ نەتىجىسىگە ئاساسەن بولىدۇ،مۇقىم مائاشلىق خىزمەتچى بولغاندا بىر قەدەر كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. مەەن بىرىنچى قىتىم سىتىش خادىمى بولغاندا بىزنىڭ دىرىكتوردىن ئاساسى مائاش بار-يوقلىقىنى سورىغاندا ئۇ 15000تەيۋەن پۇلى بارلىقىنى ئىيتقاندا مەن يامان ئەمەستەك ھىس قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇدا ئون كۈن ئىشلەپ بىرمۇ مەھسۇلات ساتالمىدىم،دىرىكتورنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالىتى بار دىگىنىنى ئويلاپ مائاشنى ئالغۇچە ئىشلەپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشىلىمەسلىكنى ئويلىدىم. مەن ھەقىقەتەن ساددا ئويلىغان ئىدىم،يىرىم مەھسۇلات ساتالماي يەنە 15000تەيۋەن پۇلى ئىلىشنى ئويلىغنان ئىدىم،30كۈن توشقاندىن كىيىن مەن پۇل ئىلىشقا باردىم،دىرىكتور مەندىن:»نىمىشقا كەلدىڭىز؟»دەپ سورىدى
مەن دىدىم:«پۇل ئالغىلى»
ئۇ دىدى:«قانچە پۇل؟»
مەن دىدىم:«بۇ بىر ئايدا مەن بىر يۈرۈش مەھسۇلات ساتتىم،بۇ بىر يۈرۈش 2000يۈەن،بۇنىڭ پىرسەنتى800يۈەن. شۇڭلاشقا مىنىڭ ئاساسى مائاشىمنى قوشقاندا مەن 15800يۈەن ئالىمەن.»
ئۇ دىدى:«سىز خاتالاشمىغانسىز،سىز بىر ئايدا پەقەت بىر يۈرۈش مەھسۇلات ساتتىڭىز،شىركەتكە2000يۈەن بىرىپ،15800يۈەن ئالماقچىمۇ؟»
مەن دىدىم:«سىز ئاساسى مائاشنى 15000يۈەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟»
ئۇ دىدى:«توغرا مۇشۇنداق،ئەمما سىز بۇ مائاشقا ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن ئاۋۋال30يۈرۈش مەھسۇلات ساتىسىز ،31-مەھسۇلاتتىن باشلاپ پىرسەنت ئايرىلىدۇ.»
دىركتورنىڭ گىپىنى مەن مۇۋاپىق ئەمەستەك ھىس قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم مۇنازىرلەشتىم.
مەن دىدىم:«30يۈرۈش مەھسۇلات ساتسام شىركەتكە 6تۈمەن تاپشۇرىمەن،شىركەت ماڭا15000يۈەن بىرىدۇ،بۇ بىر شەكلى ئۆزگەرگەن كۆز-قاراشتۇر.»
ئۇ دىدى:«توغرا،سىز بەك ئەقىللىقكەنسىز،بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن كۆز-قاراش. پۈتۈن دۇنياداھەبىر ئادەم پىرسەنىت مائاشنى ئالىدۇ.»
مەن دىدىم:«سىز پو ئىتىۋاتىسىز،كاتىپ،شوپۇر،تازىلىقچى ئاچاش مائاش ئالىدۇ،سىز نىمىشقا ھەممە ئادەم پىرسەنىت مائاش ئالىدۇ دەيسىز.»
ئۇ دىدى:«كۆرۈنۈشتە ئۇلار مائاش ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ،ئەمما سىز ئۇلارنىڭ مائاشىنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ئۇلارنىڭ مائاشىمۇ يىللىق كەسپى نەتجىنىڭ بىرقىسىمىنى بۆلۈپ بىرىشتىن كىلىدۇ،ناۋادا بىر شىركەت بىر نەرسە ساتمىسا ئۇلارغامائاش تارقىتالامدۇ؟»
«ئەلۋەتتە تاقىتالمايدۇ.»
«مائاش تارقىتالمايلا قالماستىن سىز يەنە ئىشتىن بوشىتىلىسىز.نىمىشقا نۇرغۇن شىركەت ۋەيران بولىدۇ،چۈنكى مۇۋەپىقىيەت يوق،كىرىم يوق.»
مەن ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئورۇنلۇقتەك ھىس قىلدىم ،ئەمما كۆڭلۈمدە يەنىلا قايىل ئەمەس ئىدىم،مەن دىرىكتوردىن سورىدىم:«كۆرۈنۈشكە ھەربىر ئادەم پىرسەنىت مائاش ئالغاندەك كۆرۈنىدىكەن،مەن مەھسۇلات سىتىش ئارقىلىق مائاش ۋە پىرسەنىتكەئىرىشىدىكەنمەن،ئەمما مەمۇرىي خادىملار ئۇنداق ئەمەسقۇ.»
ئۇ دىدى:«سىز بەك ئەقىللىقكەنسىز،مەن سىزدىن سوراپ باقاي،سىز پىرامىدا يۇقىرىسىدا تۇرۇشنى خالامسىز ياكى تۆۋىنىدىمۇ؟»
مەن دىدىم:«يۇقىرىسىدا.»
ئۇ دىدى:«ئۇنداقتا سىز يۇقىرىدىكى ئادەملەردىن ئۆگىنىشىڭز كىرەك،شۇ باي بولغانلار سىزچە مائاشقا تايىنىپ بىيىغانمىدۇ ياكى پىرسەتىت پايدىسىغىمۇ؟»
مەن دىدىم:«ئەلۋەتتە پايدىغا تايىنىپ بىيىغان»
ئۇ دىدى:«ئۇنداقتا سىزمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىشىڭىز،ئۇلارغا ئوخشاش قىلىپ پايدىغا تايىنىپ بىيىشىڭىز كىرەك.ئاساسى مائاش،ئاساسى مائاش،ئاساسى مائاش دىگەن نىمە؟يەنى تۆۋەندىكى ئادەملەر ئالىدىغان پۇلدۇر،شوپۇر،كاتىپ،تازىلىق ئىشچىسى ھەممىسى ئاساسى مائاش ئالىدۇ،ئۇلار نەچچە يىل ئالدى،ئۇلار يەنىلا تۆۋەندىكى ئادەملەردۇر.»
دىرىكتور ماڭا شىركەتكە كىرگەندىن كىيىن ئاساسى مائاش ئالمىغانلىقىنى پۈتۈنلەي پىرسەنىت پايدىسىغا تايانغانلىقىنى بارا-بارا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىگەئۆسكەنلىكىنى ئىيتتى،ئۇ مائاش ئالمايلا قالماستىن يەنە مائاش تارقىتىدىكەن،يەنەتارماق شىركەتمۇ ئىچىپتۇ. مەن ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،شىركەتكە كىرگەن تۇنجى كۈنى مەن سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتماقچى بولغان ئىدىم شىركەت كىرگەن تۇنجى كۈنى بالىلارنىڭ قامۇسىنى ئىلىپ خزمەتداشلار غەيرەت قىلىڭلار دەپ توۋلىغان ھالدا ئولتۇراق رايونغا كىرىپ بىر-بىرلەپ ئىىشك چەككەنتىم،ئىشىك چەككەندىن كىيىن بىر ئاۋازدا جاۋاب بىرەتتى،يەنى:«كىم؟»
مەن دىدىم:«مەن قامۇس ئۈن لىنتىسى ساتىمەن»
ئۇ دىدى:«لازىم ئەمەس،ئۆيدە بار.»
مەن بۇ ئۆيدە بار بولسا كىيىنكى بىر ئۆينى زىيارەت قىلاي دەپ ئويلايتتىم،ئىشىكنى چەكتىم،ئۇ سورىدى:«كىم؟»
«مەن قامۇس ئۈن لىنتىسى ساتىمەن»
ئۇ دىدى:«لازىم ئەمەس،ئۆيدە بار.»
مەن بۇ ئۆيدە بار بولسا كىيىنكى بىر ئۆينى زىيارەت قىلاي دەپ ئويلايتتىم،ئىشىكنى چەكتىم،ئۇ سورىدى:«كىم؟»
«مەن مەھسۇلات تەشۋىق قىلىمەن.»
ئۇ دىدى:«لازىم ئەمەس،ئۆيدە بار.»
مەن دىدىم:«مەن سىزگە ھىچنىمە دىمىسەم،سىز بىزنىڭ ئۆيدە بار دەيسىزغۇ؟»
ئۇ دىدى:«سىز نىمىلا سىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەممىىس ئۆيدە بار.»بۇ گەپنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن مەن ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تەشۋىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.
تۆتىنچى ئۆيگە كەلگەندە مەن ئۆزۈمنى تەشۋىقاتچى دىمەسلىكنى ئويلاپ ئىشىك چەكتىم ۋە مۇنداق دىدىم:«ھەدە،ئىشىكنى ئىچىڭ،مىنىڭ جىددىي ئىشىم بار ئىدى»ئۇ ھەقىقەتەن ئىشىكنى ئاچتى ئەمما قولۇمدىكى بىر سومكا نەرسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئىشىكن ىيىپىۋەتتى،كىشىلەر تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن مۇشۇنداق بىزار تۇرسا قانداق قىلىش كىرەك؟
كىيىنكى بىر ئۆينى زىيارەت قىلغاندا مەن مۇنداق دىدىم:« ھەدە،ئىشىكنى ئىچىڭ،مىنىڭ جىددىي ئىشىم بار ئىدى».
ئەمما بۇ قىتىم مەن نەرسىلىرىمنى سىرتقا قويۇپ قويۇپ قولۇمغا بىر يۈرۈشلا ئۈن لىنتىسىنى ئىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم ۋە ئىشىكنى ياپتىم،بۇ قىتىم مەن چوقۇم20مىنۇت مەھسۇلات تونۇشتۇرمىغۇچە ماڭماسلىقنى قارار قىلدىم،بۇ ئۆيدە تولۇق ئىككى سائەت تۇردۇم،سىزچەمەن بەك مۇنەۋۋەرمىكەنمەن؟خاتالاشتىڭىز،بۇ ئىككى سائەتتە ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى،ئۇمۇ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشقا چىقاي دەپ تۇرۇشىغا مەن كىلىپ قاپتىمەن.مەن مىڭ تەسلىكتە كىرگەندە كۆرمەمسىز بۇ ئىشنى.مەن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم،ئەتتىگەندىن باشلاپ ئالتە ئۆينى زىيارەت قىلىپ بىرمۇ مەھسۇلات ساتالمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقا بىرسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ چىقتىم.قانداق قىلىش كىرەك؟
شۇڭلاشقامەن ئىشىك چەكسە رەت قىلىنمايدىغان ماكدونالىدقا بىرىپ بىر ئىستاكان كولا ، بىرپارچە تاتلىق ياڭيو ئىلىپ چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچكىچە ئولتۇردۇم،شىركەتكەقايتقاندىن كىيىن دىرىكتورنى ئالداپ مۇنداق دىدىم:«دىرىكتور،مەن بەك تىرىشتىم،ئەمما ساتالمىدىم.»
دىرىكتورماڭا مۇنداق دىدى:«يەنە تىرىشىڭ،مۇۋەپىقىيەتچى بەل قويىۋەتمەيدۇ،بەل قويىۋەتكۈچى مۇۋەپىقىيەت قازىنالمايدۇ.ئاخىرغىچە تىرىشسىڭىز چوقۇم غەلبە قىلالايسىز.»
شۇ كۈنى ئۇ ماڭا گىپىنى دەپ بولغاندىن كىين ئەتە ئەتتىگەندە يىغىن بارلىقىنى ئەتىگەن كىلىشىمنى ئىيتتى،مەن ئەتتىگەن كىلىپ يىغىنغا قاتناشتىم ۋە يەنىلا ھىلىقى ماكدونالىدغا باردىم،چۈنكى مەندىكى ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى چوڭقۇر ئىدى.مەن يەنىلا ھىچقانداق ئائىلىنى زىيارەت قىلماي،چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچىكىچە ئولتۇرغاندىن كىيىن شىركەتكە قايتىپ يەنە دىرىكتورنى ئالدىدىم. مەن دىرىكتورنى ئىككى كۈن ئالدىدىم،بۇ بىر سىتىش خادىمى قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. بىراق نۇرغۇن ئادەممۇ شۇنداق قىلىدۇ،نىمىشقا؟ چۈنكى رەت قىلىنىشتىن قورقىدۇ،سىرتتا سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتۇش جاپالىق ئىش،ئۇ ئەمەلىيەتتە خىرىدارنى ھەقىقى زىيارەت قىلمايدۇ.ئۈچىنچى كۈنى ئەتتىگەندە شىركەتكە كىلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ بولغاندىن كىيىن،مەن كېندېجىغا بىرىپ يەنە بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ شىركەتكە كىلىپ يەنە دىرىكتورنى ئالدىدىم،دىرىكتور يەنەھىچقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئېىيتتى،ۋە ماڭا «يەنە تىرىشىڭ،مۇۋەپىقىيەتچى بەل قويىۋەتمەيدۇ،بەل قويىۋەتكۈچى مۇۋەپىقىيەت قازىنالمايدۇ.ئاخىرغىچە تىرىشسىڭىزچوقۇم غەلبە قىلالايسىز.»دىدى،مۇشۇ تەرىقىدە ئون كۈن ئۆتۈپ كەتتى،مەن يەنىلا بىر يۈرۈشمۇ ساتالمىدىم.مەن دىرىكتوردىن ئاساسى مائاش بار-يوقلىقىنى سورىدىم.
دىرىكتورماڭا 15000يۈەن بارلىقىنى ئىيتقان ئەمما مەن مەھسۇلات ساتالمىغنالىقىم ئۈچۈن بۇ پۇلغا ئىرىشەلمىگەن ئىدىم،ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بۇنى قوبۇل قىلالمىغان ئىدىم.11-كۈنىدىن20كۈنىگىچە مەن ھىچقانداق مەھسۇلات ساتمىدىم ۋە بىرمۇ خىرىدارنى زىيارەت قىلمىدىم.مەن دىدىم:«دىرىكتور،ئامال يوق،ساتالمىدىم،مەھسۇلات بەك قىممەت،تەربىيلەش ياخشى ئەمەس،بازار قوبۇل قىلالمىدى،شىركەتنىڭ تەشۋىقات كۈچى يىتەرلىك ئەمەس...»مەن بىر مۇنچە باھانە تاپتىم،دىرىكتور مەندىن مۇنداق دەپ سورىدى:«ئاۋۇ ئادەم سەن بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە كىرگەن، 30يۈرۈش مەھسۇلات ساتتى.ئاۋۇ ئادەم تېخى سەندىن كىيىن كىرگەن،20يۈرۈش مەھسۇلات ساتتى،ھەربىر ئادەم مەھسۇلات ساتتى،نىمىشقا سەن ساتالمايسەن؟ئۇلار ساتقان مەھسۇلاتنىڭ باھاسى سەن ساتقان بىلەن ئوخشامدۇ-ئوخشىمامدۇ؟»
مەن دىدىم:«ئوخشايدۇ.»
«شىركەتنىڭ تەشۋىقاتى ئوخشامدۇ-يوق؟»
«ئوخشايدۇ.»
«تەربىيلەش ئوخشامدۇ-يوق؟»
«ئوخشايدۇ.»
«ئەمىسە زادى نىمە ئوخشىمايدۇ؟»
«مەن ئوخشىمايمەن.»
ئوخشاش دۆلەت ،ئوخشاش سىياسەتتە بەزىلەر باي،بەزىلەر تىلەمچىلىك قىلىدۇ،زادى نىمەئوخشىمايدۇ؟ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىز ئوخشىمايسىز.
ئوخشاش شىركەت،ئوخشاش مۇھىت،ئوخشاش تەربىيە،ئوخشاش مەدەنىيەت،ئوخشاش باھاد شارائىتىدا بەزىلەر سىتىش چىمپىيونى بولىدۇ،بەزىلەر ھىچقانداق مەھسۇلات ساتالمايدۇ،بازاردىن شاللىنىپ كىتىدۇ،كىم ئوخشىمايدۇ؟سىز ئۆزىڭىز ئوخشىمايسىز.ئوخشاش مەكتەپ،ئوخشاش ئوقۇتقۇچى،ئوخشاش مەكتەپ مۇدىرى،ئوخشاش دەرسلىك كىتاب شارائىتىدا بەزىلەر بەزىلەر بىرىنچى بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتىدۇ،بەزىلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيدۇ، كىم ئوخشىمايدۇ؟سىز ئۆزىڭىز ئوخشىمايسىز.
ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئاغىرنىشلىرىم دىرىكتور تەرىپىدىن ھەل بولغاندىن كىيىن مىنىڭ يۈزۈم چىدىماي ئۇدا ئون كۈن ئەتتىگەندىن –كەچكىچە تەشۋىق قىلدىم،ئەمما بىرنىمۇ ساتالمىدىم،ئاخىرىدا ئانامغا بىر تال ساتتىم ،ئانام بۇنى 2000يۈەنگە سىتىۋالدى،مەن ئەسلىدە ئاساسى مائاشىمنى ئالسام بۇ 2000يۈەننى چىقىرۋەتسەم يەنە 13000قالغۇدەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە قانداقمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن؟مەن ناھايتتى ساددىلىق بىلەن ھىچنىمە ساتماي تۇرۇپ ئاساسى مائاش ئىلىشنى ئويلىغان ئىدىم،دىرىكتور ماڭا بىر ساۋاق بىرىپ قويدى.ئۇ مۇنداق دىدى:«ئىسىڭدە بولسۇن دۇنيادا سىنى شىركەت،كارخانا،دۆلەت،سىياسەت،ئاتا-ئاناڭمۇ سىنى قوغدىيالمايدۇ،پەقەت كىم سىزنى قوغدىيالايدۇ؟پەقەت خىرىدارلا سىزنى قوغدىيالايدۇ ، خىرىدار بولغاندا كاپالەت بولىدۇ،خىرىدار بولغاندا يەيدىغان تاماق،كىرىم بولىدۇ،خىرىدار بولمىسا لىدىرمۇ خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ.» بۇ بولسا تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ كارخانا دىرىكتورى،GEشىركىتىنىڭ باش لىرىدى جەك ۋىلىچىنىڭ دىگەن سۆزىدۇر.
جەك ۋىلىچ كىم؟ بىلگەيتىس مۇنداق دىگەن:ناۋادا مەن ئۆگەنسەم جەكۋىرچىدىن ئۆگىنىمەن.ۋىرچ ىۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىرىنچى كۈنى مۇنداق دىگەن:خىرىدارلا سىزگە كاپالەت بىرەلەيدۇ بۈگۈندىن باشلاپ خىرىدار بولمىغان بارلىق بۆلۈم تارقىتىلىدۇ،بارلىق ئادەم ئىشتىن بوشىتىلىدۇ،يەنە قايتا ئىشلىتىلمەيدۇ.نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئۇ ئامىرىكىدا مۇشۇ قارارنى ئىيتقان بولۇپ ،بۇ ھەقىقەتەن ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتۇر. مۇنداقچە ئىيتقاندا ناۋادا سىز سىتىشنى ياقتۇرمايسىز،چۈنكى سىز سىتىشنىڭ كاپالىتى يوق دەپ قارايسىز،ئەمەلىيەتتە سەن كاپالەت بولمىسا سىز خىرىدار تىپىشقا ماھىر بولمىغان بولىسىز،سىز خىرىدار تىپىشقاماھىر بولغاندا سىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىڭىز،بىخەتەرلىك تۇيغۇ بولىدۇ.سىتىش بولسادۇنيادىكى ئەڭ كاپالىتى بار خىزمەتتۇر. سىز مىنىڭ ماشىنامنى،ئۆيۈمنى ھەممە نەرسەمنى ئىلىپ كىتىپ مىنى پەقەت ئادەم بار يەرگە قويۇپ قويسىڭىز مەن يەنىلا ھايات قالالايمەن.پەقەت ماڭا يىرىم يىللا ۋاقىت بەرسىڭىز مەن 500تۈمەن تاپالايمەن.نىمشقا؟چۈنكى مەن سىتىشقا ماھىر. بىر قىتىم مەن سىتىشتا تەربىيلەش سىنىپى ئىچىشتىن بۇرۇن بىر ياش كىلىپ بۇ دەرسكە تىزىمغا ئالدۇردى،ئۇ ئەسلىدە بىرسىتىشنى باشقۇرغۇچى بولۇپ نەچچە مىڭ يۈەن تاپشۇرغان ئىدى،دەرس باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كىلىپ مەندىن ئوقۇش ھەققىنى قايتۇرۇپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى.مەن ئۇنىڭدىن نىمىشقا ؟دەپ سورىدىم،ئۇ ماڭا خوجايىنى بىلەن چىقىشالمىغانلىقىنى،بۇ خىزمەتنى قىلمىغانلىقتىن بۇ دەرسكە قاتنىشىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقلىقىنى ئىيتتى.ئەينى ۋاقىتتامەن ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن قاتنىشىپ بىقىشنى بۇ ئۈچ كۈندە چوقۇم ئۈنۈمگەئىرىشەلەيدىغانلىقىنى ناۋادا ئۈنۈمىنى كۆرمىسە مەن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىىدغانلىقىمنى ئىيتتىم. ئۇ قايىل بولغاندىن كىيىن ئۈچ كۈن كىلىپ دەرسكەقاتناشتى. مىنىڭ دەرسىمگە نۇرغۇن كارخانچىلار كىلىپ قاتنىشاتتى،ئۈچ كۈن چىقىپ بولغاندىن كىيىن مەن ھەربىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم.
ھىلىقى ياش ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆپچىلىككەئىيتتىم،شۇنداقلا ئۇنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى،ئەستايىدىللىقىنى،كىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر خزمەت پۇرسىتى بىرىدىغانلىقىنى سورىدىم،مەيداندىكى %70خوجايىن ئۇنىڭغا خىزمەت بىرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىيتتى شۇنداقلا دەرستىن كىيىن ئۇلار بۇ ئادەم بىلەن ئىسىم كارتىسىنى ئالماشتۇردى،ئۇنى ئۆزىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشنى ئىيتتى.سىز كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ساتقۇچى بولغاندىن كىيىن سىزنىڭ كاپالىتىڭىز بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ئىقتىساد مەمۇرچىلىق بولغاندا سىتىش خادىمىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ،مەمۇرچىلىق بولمىغاندا سىتىش خادىمىغا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق بولىدۇ. بىراق مەمۇرچىلىق بولغاندا مۇقىم مائاشى بارلار مائاشىنى ئالالايدۇ،ئەمما مەمۇرچىلىق بولمىغاندا مۇقىم مائاشى بارلار مائاشىنى ئالالمايدۇ،خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىدۇ،ھەتتا خىزمەت تاپالماسلىقىمۇ مۇمكىن.سىتىش خادىمى مەمۇرچىلىق بولماسلىقتىن،خىزمىتى يوق بولۇشتىن مەڭگۈ قورقمايدۇ،سىتىش بولسا دۇنيادا ئەڭ كاپالىتى بار بىر خىزمەتتۇر.ناۋاداسىز «سىتىش خىزمىتىنىڭ كاپالىتى يوق»دىگەن خاتا كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز،سىزسىتىش خادىمىنىڭ پوزىتسىيسىنى ئاللىقاچان ئازراق بولسىمۇ ھازىرلاپ بولغان بولىسىز.

ئىككىنچى،كىرىم مۇقىم ئەمەستەك ھىس قىلىدۇ.


ئىلگىرى مەن سىتىش بىلەن شۇغۇللانغاندادادام بىلەن پاراڭلاشقانتىم،دادام ماڭا سەن سىتىش بىلەن شۇغۇللانما،سەن ئىچ مىجەز،تارتىنچاق دىدى.مەن ياق،مەن ئىچ مىجەز،تارتىنچاق بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ مىجەزىمنى ئۆزگەرتىشىم كىرەك.سەن پۇل تاپالمايسەن،ناۋادا ئۆزەڭنى ئۆزگەرتەلمىسەڭ.بۇنى ئاز دەپ سەن پۇل تاپالمايسەن بۇ جاپالىقتۇر..مەن توغرائەمەس،باشقىلار 100تۈمەندىن ئارتۇق تاپىدىكەنغۇ دىدىم.ئۇ سەن باشقىلار ئەمەس،مەن سىنى چۈشىنىمەن،سەن مىنىڭ ئوغلۇم،سەن بۇنىڭغا ماس كەلمەيسەن دىدى.مەن دادا نىمىشقا مىنى بىر قىتىم سىناپ باققىلى قويمايسەن.ئۇ ماڭا ناۋادا كىرىم قىلدىڭ دىگەندىمۇ كىرىمىڭ مۇقىم بولمايدۇ دىدى.ئۇ ماڭا ناۋادا مۇقىم بولماي تۆۋەن بولۇپ قالسا قاندق قىلىسەن دىدى،مەن ناۋادا مۇقىم بولماي يۇقىرى بولۇپ قالسىچۇ.مۇقىم بولماسلىق دىگەن نىمە؟يۇقىرىنىڭ تۆۋەن بولىشى ياكى تۆۋەننىڭ يۇقىرى بولىشىدۇر. شۇڭائاشۇ يۇقىرى كىرىمگە ئىرىشىش ئۈچۈن تۆۋەن كىرىملىك بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقىنى قىلىپ باققىڭىز يوقمۇ؟ناۋادا خالىمىسىڭىز مەڭگۈ شۇ ئازغىنە مۇقىم مائاشنى ئىلىپ ياشايسىز.ناۋادا كۆپ پۇل تاپماقچى بولسىڭىز ،سىز سىتىشنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ،سىز يۇقىرى كىرىمگە ئىرىشەلەيسىز.


ئۈچىنچى،سىتىشنى باشقىلاردىن ئۆتۈنۈش،يۈز-ئابرۇيى بولمايدۇ دەپ قاراش.

سىز نىمىشقا سىتىشنى باشقىلاردىن ئۆتۈنۈش،يۈز-ئابرۇيى بولمايدۇ دەپ قارايسىز؟چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە تەشۋىق قىلمىغان،«سىتىش»نى ئۆزىڭىزگە ساتقان،ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىن ىئۆزىڭىزگە تەشۋىق قىلمىغان.خىرىدار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ قىممىتى بولغانلىقىنى بىلگەچكە مەھسۇلاتىڭىزنى سىتىۋىلىشنى خالايدۇ. بۈگۈن خىرىدار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى1000يۈەنگە سىتىۋالغان بولسا ئۇ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ 1000يۈەنلىك ھەتتا بىرمىليونلۇق قىممەت يارىتىپ بىرەلەيدۇ دەپ قارىغانلىقىدا.سىز باشقلارغا بىر نەرسە ساتقىنىڭىز باشقلاردىن ئۆتۈنگىنىڭىز ئەمەس بەلكى باشقىلارغا ياردەم قىلغىنىڭىزدۇر.سىز قانداقمۇ باشقىلاردىن ئۆتۈنگەن بولىسىز؟
ناۋاداسىز بۈگۈن بۇ كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئۆزىڭىز ياكى خىزمەتچىڭىز كۆرگەندىن كىيىن بىرەرنەرسە ئۆگىنىپ نەتىجىڭىز ئاشسا ،پايدىڭىز كۆپەيسە،سىز بۇ كىتاپنى سىتىۋىلىپ پۇل تاپتىڭىز دىمەك.گەرچە بىزمۇ پايدىغا ئىرىشكەن بولساقمۇ ئەمما سىز بىزدىن كۆپرەك پايدىغا ئىرىشتىڭىز،قانداقمۇ مەن سىزدىن ئۆتۈنگەن بولاي؟مەن سىزگە ياردەم قىلىپ كىرىم يارىتىپ بەرگەن تۇرسام.
ئىلگىرى ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان بىر ئايال بولۇپ مىنىڭ دەرسىمگە قاتناشقانب ولۇپ،مەندىن نىمىشقا نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سورىدى.
مەن دىدىم:«نىمىشقا كۆپ مىقداردا خىرىدارنى زىيارەت قىلمايسىز؟»
ئۇ دىدى:«چۈنكى مەن قورقىمەن،ئىشەنچىم يوق،مەن رەت قىلىنىشتىن قورقىمەن.»
«سىز كىلىڭ»
ئۇ چىققاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا 100يۈەن چىقرىشنى ئىيتتىم ۋە مۇنداق دەپ سورىدىم:«سىز بۇ 100يۈەن پۇلنى باشقىلارغا سىتىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟»
«ئەلۋەتتە بار.»
«ناۋادابىرسى بۇنى ئالمىسا بۇ كىمنىڭ زىيىنى بولىدۇ؟»
«ئەلۋەتتەسىتىۋالمىغان ھىلىقى ئادەمنىڭ.»
«باشقىلارنى10يۈەنگە 100يۈەن سىتىۋىلىشنى ئىيتسىڭىز سىتىۋالمىسا كىم ئەخمەق بولىدۇ؟»
«ئەلۋەتتەھىلىقى ئادەم.»
«ئۇنداقتاسىز نىمىدىن قورقىسىز؟»
«ھىچنىمىدىن قورقمايمەن.»

«ئۇنداقتا سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باشقىلارغا ساتالماسلىقتىن قورقسىز؟چۈنكى سىز كۆڭلىڭىزدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ نەچچە ھەسسە قىممەت پەيد اقىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيسىز،باشقىلاردىن پۇل ئىلىپ باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىڭىزنى ھىس قىلمايسىز. خۇددى بۇ مەھسۇلاتنى 100يۈەنگە ئەرزىمەيدىغاندەك ھىس قىلىسىز. ناۋادا سىز راستىنلا مەھسۇلاتىڭىزنىڭ نەچچە ھەسسە قىممەت يارىتىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى ،ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى،ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز بۇنى سىتىشقا نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايسىز،باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئىلىشقا نىمىشقا جۈرئەت قىلالمايسىز؟بۇنداق بولغاندا سىز قانداقسىگە باشقىلاردىن ئۆتۈنگەن بولىسىز؟
مەن پۈتۈن يىللىق ئورونلاشتۇرۇشۇمنى قىلىپ بولغان ئىدىم،بىرسى كىلىپ مەندىن تۆتىنچى ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ شىركىتىگە بىرىپ دەرس ئۆتۈپ بىرىشىمنى ئىيتتى،مەن قوشۇلمىدىم،چۈنكى مەن ئارام ئىلىشىم،ئۆگىنىش قىلىشىم،ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشۈم كىرەك ئىدى.كىيىن ئۇ مىنىڭ بىر يىقىن دوستۇم ئارقىلىق دەرس ئۆتۈپب ىرىشنى تەلەپ قىلدى،مەن قوشۇلدۇم ئەمما باھاسىنى ئۆستۈردۈم،ئۇ يەنىلا قوشۇلدى،چۈنكى ئۇ بۇقىتىملىق دەرس ئارقىلىق شىركەت كىرىمىنى نەچچە ھەسسەئاشۇرالايتتى،بۇ ئارقىلىق ئۇ ماڭا ئەمەس مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم.بۇنى قانداقمۇ مەن ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگەن بولاي.
مۇنەۋۋەر بىرساتقۇچىنى خىرىدار تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ،ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭ مەھسۇلاتىن ىسىتىۋالىدۇ.پەقەت ئۈچىنچى ئىقىمدىكى سىتىش خادىمىلا خىرىداردىن نەرسىسىنى سىتىۋىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،خىرىدارنىڭ ۋاقتىغا ماسلىشىدۇ،تۆۋەن ئاۋازدا باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ.سىتىش بولسا دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت،باشقىلاردىن ئۆتۈنۈش ئەمەس.


تۆتىنچى،رەت قىلىشنىشتىن قورقۇش.

سىتىشتا دائىم رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ تۇرىدىغان گەپ،مەن رەت قىلىنىشتىن قورقىمەن،ياخىش كۆرمەيمەن دىيىش بولسا سىتىشتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر.نىمىشقا؟چۈنكى رەت قىلىنىش غەلبىگە تەڭ.بىر ئادەمنىڭ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرىدىغانلارمۇ،قوللايدىغانلارمۇ بولىدۇ،بىر ئادەمنى پۈتۈن دۇنيادىكىلەر قوللايدىغان ياكى پۈتۈن دۇنيادىكىلەر قارشى تۇرىدىغان ئىش بولمايدۇ.شۇڭلاشقا سىز توختىماستىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلىڭ،قارشى تۇرىدىغانلارمۇ ،قوللايدىغانلارمۇ چىقىدۇ،قارشى تۇرىدىغانلار كۆپ بولغىنى سىزنىڭ ھەرىكەت مىقدارىڭىزنىڭ كۆپلىكىنى شۇنداقلا قوللايدىغانلارنىڭمۇ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭلاشقا سىنىڭ ياق دىيىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،سىنزىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنىڭىز ھەئە دىيش،ناۋادا 100نىڭ ئىچىدە 80ى ياق 20ىسى ھەئە دىسە سىز 20نىڭ قوللىشىغا ئىرىشتىڭىز دىگەن گەپ.ئامىرىكا زوڭتۇڭىغا51%ئادەم بىلەت تاشلىغان،ئەمما ئىسىڭىزدە بولسۇن49%پۇقرا ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان.شۇڭلاشقا بىز رەت قىلىنىشنى ياقتۇرىشىمىز،ئۇنى قارشى ئىلىشىمىز كىرەك.شۇڭلاشقا دائىم رەت قىلىنىدىغان ئادەمنىڭ كىرىمى يۇقىرى،رەت قىلىنىشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ كۆپ كىرىمى يوق.


بەشىنچى،ئۆزىنىڭ كەسپىنى سىتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ،سىتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەنمەسلىك.

نۇرغۇن ئادەملەر مەن ئارقا سەپ بۆلىمىدە،مەن يۇقىرى تېخنىكىچى،مەن باشقۇرغۇچى،مەن سىتىشقا ئىھتىياجلىق ئەمەس،سىتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشكە ئىھتىياجلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.ب ۇ چوڭ خاتالىق.ھەر بىر ئادەم ساتقۇچى،ھەرقانداق بىر ساھە سىتىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.مەيلى سىز باش دىرىكتور ،مۇئاۋىن دىرىكتور ياكى تېخنىكچى،ئارقا سەپ بۆلىمىدە ياكى خىرىدار مۇلازىمەتچىسى بولۇڭ سىتىشقا ئىھتىياجلىق بولىسىز،چۈنكى سىتىشلا كارخانىغا كىرىم ئىلىپ كىلىدۇ.بىزنىڭ شىركەتتىكى ھەر بىر خادىم ساتقۇچى بىز ھەممىسىگە ناھايتتى كۆ پپۇل بىرىمىز،چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ مائاشى ئۆزى سىتىشتىن كەلگەن،ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزنىڭ سىتىشىمىزغا ياردەم بەرگەن.
سىز مەھسۇلات تەشۋىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ سىز ئۆزىڭىزنى تەشۋىق قىلىسىز.رەھبەر بولسىڭىزئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشىڭىزنى تەشۋىق قىلسىڭىز قول ئاستىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرلىككە كىلەلەيسىز.ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بىلىمى،كۆز-قارىشى،ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇرغا ئىرىشەلەيدۇ.ئاتا-ئانا بالىسىغا،ئايال ئىرىگە مۇھەببىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ.مىنىڭ دەرىسىمگە قاتناشقان بىرسى ماڭا يولدىشىنىڭ سىرتقا قاراپ قالغانلىقىنى ئىيتتى.ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قىلىشى نىمىدىن بولىدۇ؟چۈنكى ئاياللار ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشنى بىلمەيدۇ،ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن بۇنى قىلىدۇ ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن بۇنداق قىلمايدۇ،يەنى چىرايلىق سۆزلەرنى قىلمايدۇ،چىرايلىق كىيىنمەيدۇ،كۈندە ئۇنىڭ بىلەن سوقىشىدۇ.يولدىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدۇ.

ھەر بىر ئادەم سىتىش خادىمى،ئائىلە ئايالىدىن باشلاپ ھەر بىر ساھەدىكىلەر سىتىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.شۇڭلاشقا سۆيۈملۈكئوقۇرمەن،ھازىردىن باشلاپ سىتىشقا بولغان بارلىق پاسسىپ پوزىتسىيەلرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ،سىتىشنى قارشى ئىلىشقا،سىتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلاڭ،مۇتلەق كىلىشىشتە ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىلەن كىلىشىڭ،مۇنۇ ئىككى ئىشنى قىلىڭ،بىىرنچى ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە سىتىڭ،ئىككىنچى ئۆزىڭزىنى ئۆزىڭىزگە تەشۋىق قىلىڭ.
Tags: سېتىش 
بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى