تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەجلىسنى قانداق ئېچىش كېرەك؟

مەجلىسنى قانداق ئېچىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 1773 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەجلىسنى قانداق ئېچىش كېرەك؟        
  
     تەربىيىلەش مەقسىدى:
 تەربىيلەش ئارقىلىق يېڭىياچىلارغا مەجلىسلەرنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مەجلىسلەردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ناھايىتى تېزلىكتە ئىزىغا سېلىشقا ماھىر بولۇش ئۆگىتىلىدۇ.


    تەربىيىنىڭ  ئىشلىتىلىشى
  1. بازار ئېچىش 
 2. يېڭىياچىلارنى تەربىيلەش
 3. ئاساسىي تەربىيىدىكى دائىملىق دەرسلىك
 4. «پىلاننى قانداق سۆزلەش كېرەك؟» بىلەن بىرلىكتە دەرس قىلىنىدۇ. دەرس سائىتى بىر سائەت.
5. يەككە مەيدانلىق تەربىيلىنىشكە  يانداپ مەشىقلەندۈرۈش. دەرس سائىتى ئىككى سائەت.


    Ⅰنېمە ئۈچۈن مەجلىسلەر ئېچىلىدۇ؟ 
  1. ئۇ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى ھەمكارلىق  تىجارىتىنىڭ ئاساسى  شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مەجلىس ئېچىش − ئاچماسلىق، تىجارەتنى قىلىش − قىلماسلىق بىلەن باراۋەر.
2. بەش تۈرلۈك ماھارەتتىكى ئەڭ بەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىك رولىغا ئىگىدۇر.
  بەش تۈرلۈك ماھارەت: پىلاننى سۆزلەش، مەھسۇلات بىلىمى، مەجلىس، سەككىز قەدەم، بىرگە − بىر.
3. شەخسلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بۆشۈكى، تەربىيلەش مۇئەللىملىرىنىڭ  بىرىنچى سەھنىسى


 Ⅱ  مەجلىسلەرنىڭ تۈرى
   1. ئائىلىلەرگە يىغىلىش
2.  مەخسۇس سېتىش  دۇكانلىرىغا يىغىلىش مەجلىسى
 3. مەخسۇس تېمىدىكى مەجلىسلەر: تارماقلارنىڭ ئىش سوراش مەجلىسى، رەھبەرلەرنىڭ تەربىيىلەش مەجلىسى، مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇش.


 Ⅲ مەجلىسنىڭ ئالدىدا، مەجلىستە ۋە  مەجلىستىن كېيىن 
   1. مەجلىسنىڭ ئالدىدىكى ھازىرلىق: 
ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
 (2) مەجلىسنى تەشكىللىگۈچى  باشتا پىلان تۈزىۋېلىشى لازىم: يەنى، تىزىملىكنى تەھلىل قىلىشى، مەجلىس كۈنتەرتىپى
 (3) دۇرۇست ھالدا تەكلىپ قىلىنىش        
  (4) سەككىز تۈردىكى ئالاقىدار نەرسىلەرنى ھازىرلىۋېلىشى لازىم: 
  1 مۇۋاپىق مىقداردا مەھسۇلات تەييارلاپ كۆرسىتىش، سۆزلەش، سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىم. 
2 كۆرسىتىلىدىغان قورال ۋە مەھسۇلاتلارنى ھازىرلىۋېلىش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە سېلىشتۇرۇلىدىغان باشقا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارمۇ بولسۇن 
  3 قارا دوسكا، بۇلارنى تەق قىلىۋېلىش كېرەك  
 4 ئۈنئالغۇ، VCD دېگەندەك  ماتېرىياللارنى ھازىرلاش لازىم.  
 5 يېتەرلىك ئورۇندۇق تەييارلاش كېرەك. ئەمما ئىشتىن بۇرۇن زىيادە تىزىۋالماسلىق لازىم.  
 6 ياندىلىدىغان ماتېرىياللارنى تارقىتىشقا ھازىرلىۋېلىش كېرەك. 
  7 چاي قۇيۇش ھازىرلىقىنى پۈتكۈزۈپ قۇيۇش لازىم. چاي ئەڭ ياخشىسى يىغىندىن كېيىن قۇيۇلسۇن، ھەرگىز ھاراق قۇيۇلمىسۇن.   8 خېرىدارلارنى  تەكشۈرۈش جەدۋىلى، مەھسۇلات سېتىۋېلىش تالۇنى  
 9 باشقا  


   (5) سىرتنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىش:
· مەجلىس مەزگىلىدە تېلېفۇنلار ئېتىۋېتىلىشى كېرەك.
· بالىلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش لازىم.
 (6) مەجلىستىكى  خادىملار مۇۋاپىق ئىدارە قىلىنىشى كېرەك.
· ئادەتتە 15 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى  كېرەك.      
· ئورتاق رەھبەرنىڭ ئىجازىتى بولماي تارماق بۆلۈملەردىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
(7) يىغىننىڭ دەل ۋاقتىدا ئېچىلىشىنى  قولغا كەلتۈرۈش، يىغىنغا كەلمىگەنلەرنى تىلغا ئالماسلىق،   كەلگەن كىشى ئۆزىنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر  ئادەم دەپ قېلىشى لازىم. ۋاقتىنچە كىشىلەرنى قايتا  تەكلىپ قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
 (8) يىغىننىڭ ئالدىدا ئاساسى  سۆزگە  چىقىدىغان كىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆككە كۆتۈرۈش لازىم. سىز يېڭىياچى خېرىدارنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرىشىڭىز لازىم. 
 (9) مەركىزىي مەجلىسلەر بىلەن سىستېما مەجلىسلىرىنىڭ ۋاقتى توقۇنۇشۇپ قالماسلىق كېرەك.
 (10) مەجلىسلەر قەرەللىك ۋە ۋاقىتلىق ئېچىلىپ تۇرۇشى، ھەرگىز ئۆز مەيلىچە بىكار قىلىۋەتمەسلىك لازىم. 
(11)  كەيپىيات  زىيادە قىزغىنمۇ  بولۇپ كەتمەسلىكى  ھەم ئۆلۈمتۈكمۇ بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
· ئۆيگە  كىرگەندە ياكى چىققاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىنچلىقنى ساقلاش، بولۇپمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تېخىمۇ شۇنداق. 
· مەجلىس ۋاقتى  2 - 25 سائەتكىچە بولسا تازا مۇۋاپىق بولىدۇ.   قىشتا سائەت 22:00دىن، يازدا سائەت 32:00تىن بۇرۇن يىغىن چوقۇم تۈگىشى  لازىم.
(12) مەجلىستىن بۇرۇن ئالاقىدار مەلۇماتلار تارقىتىلماسلىقى، مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنماسلىقى لازىم (مەھسۇلاتنىڭ تۇنۇشتۇرۇلمىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).
    2. مەجلىسنىڭ كۈنتەرتىپى:
   (1) ئالاھىدە ئىززەتلىك مېھمان ۋە يىغىن رىياسەتچىلىرى كەسپىي پورمىلارنى كىيىش لازىم.
(2) ساھىپخان چوقۇم باشتىن − ئاخىر  سورۇندا  بولۇپ، خىىزمەتلەرگە ماسلىشىش كېرەك. 
 (3) يىغىنغا كەلگۈچىلەر ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئالغان ۋاقىتى 1 − 2 مىنۇتقىچە بولۇشى كېرەك.
 (4) رىياسەتچى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە قىلىدىغان ئىشلارنى 3 − 5 مىنۇتقىچە تۇنۇشتۇرۇپ بولۇشى كېرەك. 
(5) ئىززەتلىك مېھماننىڭ سۆزلەش ۋاقتى  60 مىنۇت بولۇشى لازىم. 
(6) مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇش 15 مىنۇت بولۇشى لازىم.


    3. مەجلىستىن كېيىنكى ئىشلار
 (1) ئىززەتلىك مېھمان ياكى رىياسەتچى ئۈلۈش ئالىدۇ؛
 (2) ABC تەرتىپىدە ماڭىدۇ؛
 (3) VCD قۇيۇلىدۇ. 
(4) گۇمانلىق نۇقتىلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ.
 (5) يېڭىياچى كىشىنىڭ  سۆزلىشى دەرھال مەشىقلەندۈرۈلۈپ ۋەھىيمىسى يوق قىلىنىدۇ.
 (6) بوسۇغىدىن  بىر قەدەم نېرىدا  بىتىمگە قول قۇيۇش ۋە مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش تەشكىللىنىدۇ.
 (7) ئىچىملىك تارقىتىلىدۇ.  يېڭىياچى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا كەلگىنىچە سۆزلەپ يۈرمەسلىكى  جېكىلىنىدۇ. 
 (8) ماتېرىيال خالتىسى بېرىلىدۇ.
 (9)  يېڭىياچى كىشىلەر كەتكەندىن  كېيىن دەرھال  يىغىننىڭ تەجرىبىسى يەكۈنلىنىدۇ. 
(10) 24 سائەتتىن 48  سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئىز بېسىپ يېقىنلىشىشقا تېگىشلىك ئوبيېكىتنىڭ كىم  ئىكەنلىكى، قانداق ئىز بېسىپ يېقىنلىشىدىغانلىقى  دوكلات قىلىنىدۇ. خوجايىنغا چوقۇم يازما خاتىرە قالدۇرغۇزۇلىدۇ.


  Ⅳ مەجلىسكە ئالاقىدار بەش مەسىلە
    1. «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش» خىزمەت ئۇسۇلى
  سىز بىر يېڭىياچى كىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، چوڭقۇرلاپ خىزمەت  ئىشلىگىنىڭىزدە  چوقۇم كۆڭلىگە بىر ئارزۇ پۈككەن، ئىرادىسى  چىڭ، ئەجىر قىلىشقا تەييار،   رەھبەرگە ماسلىشىشنى خالايدىغان  كىشىلەرنى دەرھال قوزغىتىسىز. سىز قوزغىتىش خىزمىتىنى  ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇلارغا ياردەملىشىپ مەجلىس  ئاچىسىز. ئۇدا ئىككى قېتىم يىغىن ئاچقۇزىسىز. بۇ  «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش» دېيىلىدۇ. 
    «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش»نىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى
   A. بۈگۈن ئېچىپ   ئىككىنچىسىنى ئۇلاپلا ئېچىش 
 B. ھەپتىنىڭ  5 − كۈنى ئېچىپ، كېيىنكى ھەپتىنىڭ 5 − كۈنى ئۇلاپلا ئېچىش
     «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش»نىڭ ئۈچ ئەۋزەللىكى
    A. يېڭياچى كىشىنى دەرھال قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىلھامى تۇتقان  مەزگىل قولدىن بېرىپ قويۇلمايدۇ ياكى  ئۇنىڭ زىيادە ئەگرى توقاي  كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 B. بۇ يېڭياچى كىشىگە  ياردەملىشىپ  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى  ئاچقاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ دوست،  يار − بۇرادەرلىرىگە ئۇنىڭ ئۇ تىجارەتنى باشلىغىنى ئۇقتۇرۇلىدۇ. قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت  قىلىشقا ئېغىزى بارمايدىغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ  بۇ توغرىدىكى ئۆسەك سۆزلەرنى ئۇياقتىن − بۇياققا توشۇپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 
C. سىز  يېڭىياچىغا پەقەت ئىككى قېتىملا مەجلىس ئېچىپ بېرىسىز. مۇشۇنداقتا ھەم سىزنىڭ ۋاقتىڭىز تېجىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشنى قانداق  باشلاشنى ئۆگىتىپ قويالايسىز. ئاندىن بۇ يېڭىياچى كىشىنىڭ  چۇڭقۇرلىقىدا تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش خىزمىتىنى قايتا ئېلىپ بارالايسىز.


   2. مۇئەللىمگە ئايلانغاندىن بەكەرەك  مەشقاۋۇلغا ئايلانغان ياخشى
    يېڭياچى كىشى سىزنىڭ  نېمە دېگەنلىكىڭىزگە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ قانداق قىلغانلىقىڭىزغا قارىسۇن. بۇ تىجارەتنى سىز پەقەت سەھنىدە  تۇرۇپ قانداق  قىلغانلىقىڭىزنى سۆزلىيەلەيسىز، بۇنى يېڭىياچى كىشى ناھايىتى تەستە ئىگەللىۋالىدۇ.  سىز قول تۇتۇپ ئۇنىڭغا  ئۆگىتىشىڭىز لازىم. سىز شۇ ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭغا ئۈلگە كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىز   بىلەن يېڭياچى كىشىنىڭ  چۈشەنگىنى  ئارىسىدا كۆپ ھاللاردا ناھايىتى زور پەرق بولىدۇ.
    يېڭىياچى كىشىنىڭ  خىزمەتتىكى يېڭىلىشلىرىنىڭ ئىككى سەۋەبى:
   A. يېڭياچى كىشى قانداق قىلغاندا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
B. خىزمەتنىڭ ئىنچىكە  ھاللىرىدىكى يېڭىلىش كۆپ  ھاللاردا ئومۇمىي ۋەزىيەتتىكى يېڭىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى
    A. سىز دەرھال يېڭىياچى كىشىگە  ئۈلگە كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.      
  B.  ئۇ بىرنەچچە قېتىم   كۆرگەندىن كېيىن  ئۇنى قىلغۇزۇپ كۆرۈشىڭىز لازىم. ئۇ قىلغاندا سىز  دەرھال  تۈزىتىمەن دەپ تۇرىۋالماڭ. ئۇنىڭ  بارلىق «ئەپتى − بەشىرىسى»نى  ئاشكارىلاشقا يول قۇيۇڭ. باشتا خاتىرە قالدۇرۇڭ، ئاندىن تۈزىتىڭ.
    3. قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك ھالدا مەجلىس ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى
    مەجلىس ئاچالماسلىق ياكى مەجلىسكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ بولماسلىقىنى  ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى  قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك ھالدا بۇ  يىغىننى داۋاملاشتۇرۇش. 
    قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك بولۇشنىڭ ئۈچ  ئەۋزەللىكى:
   A. پىششىقلىق ماھارەت تۇغىدۇ. سىز ئەسلىدە مەجلىس ئېچىشنى بىلمىسىڭىز بۇ تولۇقلىنىپ كامالىنى تاپىدۇ.
B.  كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەككى، پەقەت قەرەللىك ۋە سۈرۈكلۈك خۇددىي سائەتنىڭ ئىستېرىلكىلىرىغا ئوخشاش  دەل ۋاقتىدا بولغاندا ئاندىن سىزنىڭ تەسىرىڭىز كېڭىيىدۇ.  كىشىلەر ئاندىن نەدە مەجلىس بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئاندىن سىزنىڭ يېنىڭىزغا خېرىدار ئاپىرىشنى بىلىدۇ. بولمىسا، سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئادەم ئاپارمايدۇ. قانداق ۋاقىتتا مەجلىس ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
C. سىزنىڭ بىرگە − بىر ئۆتۈشۈش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىدۇ.  سىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىدۇ.


   4.  قانداق ئۈلگە ئالىمىز؟ 


     بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىتىش، بىر تەرەپتنن قىلىش.
بىر تەرەتىن ئۆگىنىش:       رەھبەرلەردىن  ئۆلاگىنىش، ئىنچىكە كۈزىتىش، ئۈنئالغۇغا ئېلىش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەجرىبە − ساۋاقلارنى يەكۈنلەش.
    بىر تەرەپتىن قىلىش:     شەخسىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۈسۇلى مۇستەقىل ئىشلەش ۋە كۆپ ئىشلەش
 بىر تەرەپتىن  ئۆگىتىش: سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ كېڭىيىشى، كىرىمىڭىزنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل تارماقتىكى ئېچىلغان مەجلىس سانى ۋە  قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكىدۇر. سىز چۇڭقۇرلاپ خىزمەت قىلىشىڭىز،   ئوتنى تېگىدىن يېقىشىڭىز، قىلغان ئىشىڭىز كۆپۈكتەك بولۇپ قالماسلىقى لازىم. سىز ۋاقىت ئەركىنلىكىگە، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىققە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، كىشىلەرگە بېلىق سوۋغا قىلىشنى ئەمەس، بەلكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىشىڭىز كېرەك. 
   5. ناتۇنۇش  ← ياخشى كۆرۈش ← ئادەت يېتىلدۈرۈش
    ھەرقانداق ئادەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا تىجارەتچى بولالمايدۇ.  ھېچكىم تۇغۇلۇپلا مەجلىس ئاچالايدىغان بولمايدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاۋامنىڭ  ئىشلىرىغا نىسبەتەن ۋەھىيمىلىك ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. شۇڭا سىلەر ئىشنى باشلاشقا جۈرئەت قىلالمايسىلەر. دېمەك، ئىشنىڭ بېشى مەجبۇرلىنىشتىن باشلىنىدۇ. سىزنىڭ قەلبىڭىزگە چۈشىۋاتقان بېسىممۇ كۆپ بولىدۇ. لېكىن سىز پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلىسىڭىز سىز شۇنداق ھېسلارنى تاپالايسىزكى، بارا − بارا مەجلىس  ئېچىشنى ياقتۇرۇپ قالىسىز. سىز تەلىم − تەربىيە رىياسەتچىسى بولىسىز. سىز ئۈزلىكسىز بۇ ئىشنى قىلسىڭىزلا،  ئۇ  ئۈزلىكسىز سىزنىڭ ئادىتىڭىز  بولۇپ قالىدۇ.
سىز مەجلىس ئېچىشتىن  باشلاپ رايوندىكى مەركىزىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا، ئاندىن كېيىن زور كۆلەمدىكى تەربىيىۋىي يىغىنلارنى ئېچىشقا بارالايسىز. ئاخىرىدا سىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ  ھۆرمىتىگە ئىگە تەلىم − تەربىيە رىياسەتچىسى بولالايسىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ تىجارەت ئىمپېرىيىسىنى قۇرالايسىز ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولالايسىز.  

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى