تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 1598 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
رەئىسىنىڭ پەرمانى
(6 – نومۇرلۇق)
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2014 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2013 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
(2013 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى››غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:
1. 4– ماددىنىڭ 1 –، 2 – تارمىقى قوشۇۋېتىلىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىدە، تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتى ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولماقچى بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.››
2. 6 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋارنى ئىشلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋارنى بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ.››
3. 7 – ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 1 – تارمىقى قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.››
4. 8 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ تاۋىرىنى باشقىلارنىڭ تاۋىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ھەرقانداق بەلگىنى، جۈملىدىن، خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىنى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.››
5. 10 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (1)، (2)، (3) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، شېئىرى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە گېربى، ئارمىيە مارشى، ئوردېن قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شۇنىڭدەك مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نامى، بەلگىسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇئەييەن ئورۇننىڭ نامى ياكى سىمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بەلگە؛
(2) چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(3) ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنى قايمۇقتۇرۇپ قويمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛››
1 – تارمىقىنىڭ (7) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹(7) ئالدامچىلىق تۈسىنى ئالغان، جامائەتكە تاۋارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ياكى ئىشلەنگەن جايى ھەققىدە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان بەلگىلەر؛››
6. 11 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى ‹‹پەقەت›› دېگەن سۆز ‹‹...لا›› دەپ تۈزىتىلدى.
1 – تارمىقىنىڭ (3) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹(3) باشقا روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان بەلگىلەر.››
7. 13 – ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 1 – تارمىقى قىلىنىپ، مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹جامائەتكە تونۇشلۇق تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردىن ھوقۇقۇمغا باشقىلار چېقىلدى دەپ قارىغانلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.››
8. 14 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹داڭلىق تاۋار ماركىسىنى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك دېلونى بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېكىتىلگەن پاكىت ئاساسىدا بېكىتىش كېرەك. داڭلىق تاۋار ماركىسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك:
(1) مۇناسىۋەتلىك جامائەتنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى؛
(2) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ سىجىل ئىشلىتىلگەن ۋاقتى؛
(3) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە سىجىل تەشۋىق قىلىنغان ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسى؛
(4) شۇ تاۋار ماركىسىنى داڭلىق تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە قوغداش خاتىرىسى؛
(5) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىق ماركا بولۇشىدىكى باشقا ئامىللار.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېلونى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىغا ئائىت ھەق تەلەپ دېلولىرى، مەمۇرىي دېلولارنى قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچى ‹‹داڭلىق تاۋار ماركىسى›› دېگەن سۆزنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسىغا ۋە ياكى ئېلان – تەشۋىقات، كۆرگەزمە شۇنىڭدەك باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلەتسە بولمايدۇ.››
9. 15 – ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 – تارمىقى قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان، تېخى رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شۇ كىشى بىلەن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا توختام مۇناسىۋىتى، كەسپىي مۇئامىلە مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، شۇ كىشىنىڭ تاۋار ماركىسى بارلىقىنى بىلگەن، شۇ كىشى باشقىچە پىكىردە بولغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.››
10. 18 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، ئۆزى بېجىرىشكىمۇ، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.››
11. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 19 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە بېجىرىشى كېرەك؛ ۋاكالەتلىك قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋاردا مۇشۇ قانۇندا رويخەتكە ئالسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇش ئېھتىمالى بولسا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسى ۋە 32 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا كىرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىرى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن سىرت، باشقا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.››
12. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 20 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ساھە تەلەپچانلىق قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرىنى جازالىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى ئەزا قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ۋە ئەزالىرىنى جازالاش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.››
13. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 21 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى خەلقئارالىق رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بېكىتىلگەن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.››
14. 19 – ماددا بىلەن 20 – ماددا قوشۇۋېتىلىپ، 22 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلىدىغان تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تۈرى جەدۋىلى بويىچە تولدۇرۇپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىر ئىلتىماس ئارقىلىق تۈرى ئوخشاش بولمىغان تاۋار ئۈچۈن بىر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يازما شەكىلدە ياكى مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون يوللانمىسى شەكلىدە سۇنۇشقا بولىدۇ.››
15. 21 – ماددا 23 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋاردىن باشقا تاۋار ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشقا توغرا كەلسە، رويخەتكە ئېلىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك.››
16. 23 – ماددا 41 – ماددا قىلىندى.
17. 27 – ماددا 28 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇزئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك.››
18. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 29 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تەكشۈرۈش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ مەزمۇنىنى ئىزاھلاش ياكى تۈزىتىش كېرەك دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىزاھلاشنى ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىزاھلىمىسا ياكى تۈزەتمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىۋېرىدۇ.››
19. 30 – ماددا 33 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالدىنلىق ھوقۇق ئىگىسى، پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىنىڭ 2 –تارمىقى ۋە 3 – تارمىقى، 15 – ماددىسى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 30 – ماددىسى، 31 – ماددىسى، 32 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارالسا ياكى ھەر قانداق ئادەم مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسى، 11 – ماددىسى، 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارالسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە باشقىچە پىكرىنى قويسا بولىدۇ. ئېلان مۇددىتى توشقۇچە باشقىچە پىكىر بولمىسا، رويخەتكە ئېلىنىپ، تاۋار ماركىسى رويخېتى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.››
20. 31 – ماددا 32 – ماددا قىلىندى.
21. 32 – ماددا 34 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن ئۇزارتىش زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.››
22. 33 – ماددا 35 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دەسلەپتە بېكىتىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسنى ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئېلان قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىش – ئالماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقارغان بولسا، تاۋار ماركىسى رويخېتى بېرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قايىل بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44 – ماددىسى، 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقارغاندا، باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچىگە ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇنىڭغا دائىر ئالدىنلىق ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان باشقا دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش زۆرۈر بولسا، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.››
23. 34 – ماددا 36 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ياكى قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالماي، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى چىقىرىلغىنىغا ئۈچ ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. تاۋار ماركىسى ئېلانىنىڭ مۆھلىتى توشۇپ، رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى باشقىلار بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ؛ لېكىن، شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ يامان نىيىتى سەۋەبىدىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى زىيان تارتقان بولسا، تۆلەپ بېرىش كېرەك.››
24. 4 – بابنىڭ نامى ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش›› دەپ تۈزىتىلدى.
25. 38 – ماددا 40 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئاي ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتۈشى كېرەك؛ بۇ مۇددەت ئىچىدە بېجىرىپ بولالمىسا، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ھەر قېتىملىق كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتتىكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددەت توشقۇچە ئىشلىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىگەنلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى داۋاملىق ئىشلىتىلىشى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.››
26. 39 – ماددا 42 – ماددا قىلىنىپ، ئىككى تارماق قوشۇلۇپ، 2 –، 3 – تارمىقى قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىر خىل تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.
ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ياكى باشقا ناچار تەسىرى بولغان ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.››
27. 40 – ماددا 43 – ماددا قىلىنىپ، 3 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەت بەرگۈچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3 – كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.››
28. 5 – بابنىڭ نامى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش›› دەپ تۈزىتىلدى.
29. 41 – ماددا بىلەن 43 – ماددا قوشۇۋېتىلىپ، 44 –، 45 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹44 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 –، 11 –، 12 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلايدۇ؛ باشقا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى قارار قىلغان بولسا، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.باشقا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىمىنىڭ تەرتىپى دائىرىسىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.››
‹‹45 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىنىڭ 2 – ۋە 3 – تارمىقى، 15 – ماددىسى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 30 –، 31 –، 32 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، ئالدىنلىق ھوقۇق ئىگىسى ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇۋالغان بولسا، داڭلىق تاۋار ماركىسى ئىگىسى بەش يىللىق مۆھلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىمىنىڭ تەرتىپى دائىرىسىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك ئالدىنلىق ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان يەنە بىر دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش زۆرۈر بولسا، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.››
30. 42 – ماددا چىقىرىۋېتىلدى.
31. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 46 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدىكى قارارنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارى ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، كېسىمى كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.››
32. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 47 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹مۇشۇ قانۇننىڭ 44 –، 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلىغاندا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ، شۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى باشتىلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى ئۈستىدە ھۆكۈم – كېسىم، مۇرەسسەنامە چىقارغان ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلغان ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغان ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلغان شۇنىڭدەك تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنى ئىجرا قىلغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش قارارى ياكى كېسىمىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ. لېكىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى باشقىلارغا قەستەن يامان نىيەت بىلەن زىيان سالغان بولسا، تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش تۆلەم پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش پۇلىنى قايتۇرماي، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلار ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى قايتۇرۇشى كېرەك.››
33. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 48 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسىنىڭ تاۋارغا، تاۋار ئورۇسىغا ياكى قاچىسىغا شۇنىڭدەك تاۋار سودىسى ھۆججىتىگە ئىشلىتىپ ياكى تاۋار ماركىسىنى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە شۇنىڭدەك باشقا سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىپ، تاۋار مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.››
34. 44 – ماددا 49 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرىنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.››
35. 45 – ماددا چىقىرىۋېتىلدى.
36. 46 – ماددا 50 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىمايدۇ.››
37. 47 – ماددا 51 – ماددا قىلىنىپ، ماددىدىكى ‹‹قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ›› دېگەن سۆز ‹‹قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.›› دەپ تۈزىتىلدى.
38. 48 – ماددا 52 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ كۆرسىتىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى ياكى رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.››
39. بىر ماددا قوشۇلۇپ 53 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 5 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.››
40. 49 – ماددا 54 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ياكى بىكار قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا– سانائەت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.››
41. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 55 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشسىمۇ، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسى چىقارغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارى، قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.››
42. 50 – ماددا چىقىرىۋېتىلدى.
43. 52 – ماددا 57 – ماددا قىلىنىپ، (1) تارماقچىسى (1)، (2) تارماقچە قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹(1) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش؛
(2) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولۇش؛››
بىر تارماقچە قوشۇلۇپ، (6) تارماقچىسى قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹(6) باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قەستەن چېقىلىشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىشقا ياردەملىشىش؛››
44. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 58 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى، رويخەتكە ئالدۇرمىغان داڭلىق تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىدىكى بەلگە قىلىپ ئىشلىتىپ، جامائەتنى ئازدۇرۇپ، ناتوغرا رىقابەت پەيدا قىلغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى›› بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.››
45. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 59 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپى ياكى تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، رولى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان بولسا ياكى يەر نامى بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
3 ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىل بار بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلار بىر خىل تاۋىرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تاۋىرىغا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەمدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەسلىدە ئىشلەتكەن دائىرىدىن داۋاملىق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن، پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇۋاپىق بەلگە قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.››
46. 53 – ماددا 60 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹مۇشۇ قانۇننىڭ 57 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى پۇت تىرەپ تۇرىدۇ دەپ بېكىتسە، شۇ قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا چېقىلغان تاۋارنى ۋە ھوقۇققا چېقىلىدىغان تاۋارنى ياساشقا، رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلگەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن كۆپ چېقىلغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلارنى، شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەن ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىگەنلەرنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدارلار بىر تەرەپ قىلغان سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ ئالاقىدارلار كېلىشەلمىسە ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.››
47. 55 – ماددا 62 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى ‹‹ھېسابات دەپتىرى›› دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئۆزگەرتىلدى.
بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3 – تارمىقى قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى جەھەتتە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە ياكى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق ھەققىدە دەۋا قىلسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.››
48. 56 – ماددىنىڭ 1 –، 2 – تارمىقى 63 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش تۆلەم سوممىسى ھوقۇققا چېقىلىش تۈپەيلىدىن ھوقۇق ئىگىسى تارتقان ئەمەلىي زىيانغا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ ئەمەلىي زىياننى بېكىتكىلى بولمىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدىسىغا قاراپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئېرىشكەن پايدىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا يامان نىيەت بىلەن چېقىلىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلارنىڭ تۆلەم سوممىسى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان مۇۋاپىق چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە، ھوقۇق ئىگىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسپات كۆرسەتسىمۇ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالىنى ئاساسلىقى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئىگىلەپ تۇرغان ئەھۋالدا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالنى بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالنى بەرمىسە ياكى يالغان ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۆرسەتكەن دەلىل – ئىسپاتىدىن پايدىلىنىپ، تۆلەم سوممىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ھوقۇققا چېقىلىش تۈپەيلىدىن ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تارتقان زىيىنىنى، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدىنى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قاراپ، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.››
49. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 64 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلدى دەپ ئەيىبلەنگۈچى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە رەددىيە بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ھوقۇققا چېقىلغانلىقتىن باشقا زىيانغانغا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىيالمىسا، ھوقۇققا چېقىلدى، دەپ ئەيىبلەنگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.››
56 – ماددىنىڭ 3– تارمىقى 64 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ساتقان، شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغان ۋە تەمىنلىگۈچىنى دەپ بېرەلىگەنلەر تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.››
50. 57 – ماددا 65 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلار ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتەلىسە، ۋاقتىدا توسمىغاندا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.››
51. 58 – ماددا 66 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئۇنىڭغا كېيىن ئېرىشىش تەس بولىدىغان ئەھۋالدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى پايدا– زىيان مۇناسىۋىتى بارلار دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.››
52. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 68 – ماددا قىلىنىپ مۇنداق بەلگىلەندى: ‹‹تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) تاۋار ماركىسىغا ئائىت ئىشلارنى بېجىرىش جەريانىدا، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان قانۇن ھۆججەتلىرى، تامغا، ئىمزانى ئىشلەتكەنلەر؛
(2) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتقا تۆھمەت چاپلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلار ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاۋار ماركىسى ۋاكالەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 3 –، 4 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قارار قىلسا ۋە ئېلان قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەمدە ئۇلارغا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەنبىھ بېرىدۇ.››
53. 62 – ماددا 71 – ماددا قىلىنىپ، ماددىدىكى ‹‹مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ›› دېگەن سۆز ‹‹چارە كۆرۈلىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.
بۇ قارار 2014 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەن ھەمدە ماددا، تارماقلىرىنىڭ تەرتىپى تەڭشەلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
3 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
4 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش
5 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش
6 – باب تاۋار ماركىسى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش
7 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش، ئىستېمالچىلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، ئۇ، تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش – تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
3 – ماددا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولىدۇ. ئۇ، تاۋار ماركىسى، مۇلازىمەت ماركىسى ۋە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنى قانۇن قوغدايدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى كوللېكتىپ، جەمئىيەت ياكى باشقا تەشكىلات نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات تىزگىنلەيدىغان، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ۋە شەخس ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىپ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەسلىي جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن سۈپەت دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
4 – ماددا تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىدە، تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتى ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولماقچى بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
بۇ قانۇندىكى تاۋار ماركىسىغا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇلازىمەت ماركىسىغا تەتبىقلىنىدۇ.
5 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا ۋە ئۇنى بىرلىكتە يۈرگۈزسە بولىدۇ.
6 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋارنى ئىشلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋارنى بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ.
7 – ماددا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلمىشلىرىنى توسۇشى كېرەك.
8 – ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ تاۋىرىنى باشقىلارنىڭ تاۋىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ھەرقانداق بەلگىنى، جۈملىدىن، خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىنى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.
9 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرق ئېتىشكە قولايلىق بولۇشى ھەمدە ئۇ، باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ‹‹رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى›› ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بەلگە دەپ يېزىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
10 – ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، شېئىرى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە گېربى، ئارمىيە مارشى، ئوردېن قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شۇنىڭدەك مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نامى، بەلگىسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇئەييەن ئورۇننىڭ نامى ياكى سىمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بەلگە؛
(2) چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(3) ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنى قايمۇقتۇرۇپ قويمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(4) ھۆكۈمەت كونتروللۇقى، كاپالىتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە، تەكشۈرۈش تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(5) ‹‹قىزىل كىرېست››، ‹‹قىزىل ھىلال ئاي››نىڭ نامىغا، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەر؛
(6) مىللىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بەلگىلەر؛
(7) ئالدامچىلىق تۈسىنى ئالغان، جامائەتكە تاۋارنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ياكى ئىشلەنگەن جايى ھەققىدە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان بەلگىلەر؛
(8) سوتسىيالىستىك ئەخلاق – پەزىلەتكە زىيانلىق بولغان ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان بەلگىلەر.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ يەر نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئەل يەر نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، يەر ناملىرىدىن باشقىچە مەنىسى بارلىرى ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ بولغان يەر نامى ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.
11 – ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:
(1) شۇ تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى، تىپىلا بولغان بەلگىلەر؛
(2) تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، رولى، ئىشلىتىش ئورنى، ئېغىرلىقى، مىقدارى شۇنىڭدەك باشقا ئالاھىدىلىكىنىلا بىۋاسىتە بىلدۈرىدىغان بەلگىلەر.
(3) باشقا روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان بەلگىلەر.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەر ئىشلىتىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بولسا ھەمدە پەرق ئېتىشكە قولايلىق بولسا، تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.
12 – ماددا ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنسا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلنى رويخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ.
13 – ماددا جامائەتكە تونۇشلۇق تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردىن ھوقۇقۇمغا باشقىلار چېقىلدى دەپ قارىغانلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرمىغان داڭلىق تاۋار ماركىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، تەقلىد قىلىنغىنى ياكى تەرجىمىسى بولغانلىقتىن ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرغان داڭلىق تاۋار ماركىسىدىن كۆپەيتىلگەن، تەقلىد قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جامائەتنى ئازدۇرغانلىقتىن، شۇ داڭلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
14 – ماددا داڭلىق تاۋار ماركىسىنى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك دېلونى بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېكىتىلگەن پاكىت ئاساسىدا بېكىتىش كېرەك. داڭلىق تاۋار ماركىسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك:
(1) مۇناسىۋەتلىك جامائەتنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى؛
(2) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ سىجىل ئىشلىتىلگەن ۋاقتى؛
(3) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە سىجىل تەشۋىق قىلىنغان ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسى؛
(4) شۇ تاۋار ماركىسىنى داڭلىق تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە قوغداش خاتىرىسى؛
(5) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىق ماركا بولۇشىدىكى باشقا ئامىللار.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېلونى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش– تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىغا ئائىت ھەق تەلەپ دېلولىرى، مەمۇرىي دېلولارنى قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىكەن خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچى ‹‹داڭلىق تاۋار ماركىسى›› دېگەن سۆزنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسىغا ۋە ياكى ئېلان – تەشۋىقات، كۆرگەزمە شۇنىڭدەك باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلەتسە بولمايدۇ.
15 – ماددا ۋاكالەتچى ياكى ۋەكىللىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ ئۆز نامى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى باشقىچە پىكىردە بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان، تېخى رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شۇ كىشى بىلەن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا توختام مۇناسىۋىتى، كەسپىي مۇئامىلە مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، شۇ كىشىنىڭ تاۋار ماركىسى بارلىقىنى بىلگەن، شۇ كىشى باشقىچە پىكىردە بولغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.
16 – ماددا تاۋار ماركىسىدا تاۋارنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇ تاۋار شۇ بەلگىدە كۆرسىتىلگەن جايدىن چىقمىغانلىقتىن جامائەتنى ئازدۇرىدىغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغانلىرى كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان جۇغراپىيەلىك بەلگە مەلۇم تاۋارنىڭ مەلۇم جايدىن چىققانلىقى، شۇ تاۋارنىڭ مۇئەييەن سۈپىتى، ئىناۋىتى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ تەبىئىي ياكى ئادىمىيەت ئامىلى بەلگىلىگەن بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
17 – ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ۋە ياكى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
18 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، ئۆزى بېجىرىشكىمۇ، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.
19 – ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە بېجىرىشى كېرەك؛ ۋاكالەتلىك قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋاردا مۇشۇ قانۇندا رويخەتكە ئالسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇش ئېھتىمالى بولسا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسى ۋە 32 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا كىرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىرى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن سىرت، باشقا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
20 – ماددا تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ساھە تەلەپچانلىق قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرىنى جازالىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى ئەزا قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ۋە ئەزالىرىنى جازالاش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
21 – ماددا تاۋار ماركىسىنى خەلقئارالىق رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بېكىتىلگەن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
2 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە
ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
22 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلىدىغان تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تۈرى جەدۋىلى بويىچە تولدۇرۇپ رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىر ئىلتىماس ئارقىلىق، تۈرى ئوخشاش بولمىغان تاۋار ئۈچۈن بىر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يازما شەكىلدە ياكى مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون يوللانمىسى شەكلىدە سۇنۇشقا بولىدۇ.
23 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋاردىن باشقا تاۋار ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشقا توغرا كەلسە، رويخەتكە ئېلىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
24 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قايتا ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
25 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى چەت ئەلدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىرىنچى قېتىم ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە جۇڭگودىمۇ ئوخشاش تاۋار ئۈچۈن شۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇ دۆلەت بىلەن جۇڭگو تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ۋە ياكى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
26 – ماددا تاۋار ماركىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاچقان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ تاۋار يەرمەنكىگە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە بۇ تاۋار قويۇلغان يەرمەنكىنىڭ نامى، يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دەلىل – ئىسپاتى، يەرمەنكىگە قويۇلغان ۋاقتى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
27 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىكى ئىشلار ۋە ماتېرىياللار چىن، توغرا، تولۇق بولۇشى كېرەك.
3 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
28 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
29 – ماددا تەكشۈرۈش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ مەزمۇنىنى ئىزاھلاش ياكى تۈزىتىش كېرەك دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىزاھلاشنى ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىزاھلىمىسا ياكى تۈزەتمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىۋېرىدۇ.
30 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە ياكى باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا ياكى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ، ئېلان قىلمايدۇ.
31 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىنمايدۇ.
32 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقىلارنىڭ ھازىر بار بولغان ئالدىنلىق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلار ئىشلەتكەن ھەمدە مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
33 – ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالدىنلىق ھوقۇق ئىگىسى، پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى ۋە 3 – تارمىقى، 15 – ماددىسى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 30 – ماددىسى، 31 – ماددىسى، 32 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارالسا ياكى ھەرقانداق ئادەم مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسى، 11 – ماددىسى، 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارالسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە باشقىچە پىكرىنى قويسا بولىدۇ. ئېلان مۇددىتى توشقۇچە باشقىچە پىكىر بولمىسا، رويخەتكە ئېلىنىپ، تاۋار ماركىسى رويخېتى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
34 – ماددا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن ئۇزارتىش زۆرۈر بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
35 – ماددا دەسلەپتە بېكىتىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسنى ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىش – ئالماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقارغان بولسا، تاۋار ماركىسى رويخېتى بېرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قايىل بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 44 – ماددىسى، 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقارغاندا، باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچىگە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇنىڭغا دائىر ئالدىنلىق ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان باشقا دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش زۆرۈر بولسا، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
36 – ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ياكى قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالماي، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى چىقىرىلغىنىغا ئۈچ ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. تاۋار ماركىسى ئېلانىنىڭ مۆھلىتى توشۇپ، رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى باشقىلار بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ؛ لېكىن، شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ يامان نىيىتى سەۋەبىدىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى زىيان تارتقان بولسا، تۆلەپ بېرىش كېرەك.
37 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك.
38 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى رويخەتكە ئالغۇچى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدە روشەن خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان خاتالىقنى تۈزىتىش تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلارغا چېتىلمايدۇ.
4 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش
39 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، ئۇ، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
40 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئاي ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك؛ بۇ مۇددەت ئىچىدە بېجىرىپ بولالمىسا، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ھەر قېتىملىق كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتتىكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددەت توشقۇچە ئىشلىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىگەنلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى داۋاملىق ئىشلىتىلىشى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
41 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
42 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئۆتۈنمە كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىر خىل تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.
ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ياكى باشقا ناچار تەسىرى بولغان ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
43 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى تۈزۈش ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشتە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە تاۋار ئىشلەنگەن جاينى ئېنىق ئەسكەرتىش شەرت.
ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەت بەرگۈچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3 – كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.
5 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش
44 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 –، 11 –، 12 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلايدۇ؛ باشقا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى قارار قىلغان بولسا، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
باشقا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىمىنىڭ تەرتىپى دائىرىسىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
45 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىنىڭ 2 – ۋە 3 – تارمىقى، 15 – ماددىسى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى، 30 –، 31 –، 32 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، ئالدىنلىق ھوقۇق ئىگىسى ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇۋالغان بولسا، داڭلىق تاۋار ماركىسى ئىگىسى بەش يىللىق مۆھلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىمىنىڭ تەرتىپى دائىرىسىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك ئالدىنلىق ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان يەنە بىر دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش زۆرۈر بولسا، تەكشۈرۈشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
46 – ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ھەققىدىكى قارارنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ قارارى ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى، كېسىمى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
47 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44 –، 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلىغاندا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان چىقىرىدۇ، شۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى باشتىلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى ئۈستىدە ھۆكۈم – كېسىم، مۇرەسسەنامە چىقارغان ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلغان ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارغان ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلغان شۇنىڭدەك تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنى ئىجرا قىلغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش قارارى ياكى كېسىمىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ. لېكىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى باشقىلارغا قەستەن يامان نىيەت بىلەن زىيان سالغان بولسا، تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش تۆلەم پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش پۇلىنى قايتۇرماي، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلار ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇشى كېرەك.
6 – باب تاۋار ماركىسى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش
48 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسىنىڭ تاۋارغا، تاۋار ئورۇسىغا ياكى قاچىسىغا شۇنىڭدەك تاۋار سودىسى ھۆججىتىگە ئىشلىتىپ ياكى تاۋار ماركىسىنى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە شۇنىڭدەك باشقا سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىپ، تاۋار مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
49 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرىنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
50 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، بىكار قىلىنغان، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىمايدۇ.
51 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 6 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
52 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ كۆرسىتىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى ياكى رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
53 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىنىڭ 5 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.
54 – ماددا ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ياكى بىكار قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەم ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن سودا – سانائەت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
55 – ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشسىمۇ، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسى چىقارغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارى، قايتا تەكشۈرۈش قارارى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.
7 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
56 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسى ۋە ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
57 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ:
(1) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش؛
(2) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولۇش؛
(3) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋارنى سېتىش؛
(4) باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆز مەيلىچە ياساش ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسىغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى سېتىش؛
(5) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ رويخەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھەم تاۋار ماركىسى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن شۇ تاۋارنى بازارغا سېلىش؛
(6) باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قەستەن چېقىلىشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىشقا ياردەملىشىش؛
(7) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا زىيان سېلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
58 – ماددا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى، رويخەتكە ئالدۇرمىغان داڭلىق تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىدىكى بەلگە قىلىپ ئىشلىتىپ، جامائەتنى ئازدۇرۇپ، ناتوغرا رىقابەت پەيدا قىلغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى›› بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
59 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپى ياكى تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، رولى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان بولسا ياكى يەر نامى بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىل بار بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلار بىر خىل تاۋىرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تاۋىرىغا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەم مەلۇم تەسىرگە ئىگە تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەسلىدە ئىشلەتكەن دائىرىدىن داۋاملىق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن، پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇۋاپىق بەلگە قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
60 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 57 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى پۇت تىرەپ تۇرىدۇ دەپ بېكىتسە، شۇ قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا چېقىلغان تاۋارنى ۋە ھوقۇققا چېقىلىدىغان تاۋارنى ياساشقا، رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلگەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن كۆپ چېقىلغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلارنى، شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەن ھەم تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىگەنلەرنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدارلار بىر تەرەپ قىلغان سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ ئالاقىدارلار كېلىشەلمىسە ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›› بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
61 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جىنايەتكە چېتىلغانلارنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
62 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل – ئىسپات ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىغا ئاساسەن، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
(1) ئالاقىدارلاردىن سوئال سوراش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛
(2) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلغانلىقىغا دائىر توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛
(3) ئالاقىدارلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش؛
(4) ھوقۇققا چېقىلغانلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛ باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، دەلىل – ئىسپات بولىدىغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش.
سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى جەھەتتە تالاش– تارتىش كۆرۈلسە ياكى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق ھەققىدە دەۋا قىلسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
63 – ماددا تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش تۆلەم سوممىسى ھوقۇققا چېقىلىش تۈپەيلى ھوقۇق ئىگىسى تارتقان ئەمەلىي زىيانغا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ ئەمەلىي زىياننى بېكىتكىلى بولمىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدىسىغا قاراپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئېرىشكەن پايدىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا يامان نىيەت بىلەن چېقىلىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلارنىڭ تۆلەم سوممىسى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان مۇۋاپىق چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە، ھوقۇق ئىگىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسپات كۆرسەتسىمۇ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالىنى ئاساسلىقى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئىگىلەپ تۇرغان ئەھۋالدا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالنى بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيالنى بەرمىسە ياكى يالغان ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۆرسەتكەن دەلىل– ئىسپاتىدىن پايدىلىنىپ، تۆلەم سوممىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ھوقۇققا چېقىلىش تۈپەيلى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تارتقان زىيىنىنى، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدىنى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قاراپ، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
64 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلدى دەپ ئەيىبلەنگۈچى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلەتمىگەنلىكى ھەققىدە رەددىيە بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇق ئىگىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ھوقۇققا چېقىلغانلىقتىن باشقا زىيانغانغا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىيالمىسا، ھوقۇققا چېقىلدى، دەپ ئەيىبلەنگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ساتقان، شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغان ۋە تەمىنلىگۈچىنى دەپ بېرەلىگەنلەر تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
65 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلار ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتەلىسە، ۋاقتىدا توسىمىغاندا، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
66 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئۇنىڭغا كېيىن ئېرىشىش تەس بولىدىغان ئەھۋالدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلار دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
67 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ياساپ ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىگە ياسالغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
68 – ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(4) تاۋار ماركىسىغا ئائىت ئىشلارنى بېجىرىش جەريانىدا، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان قانۇن ھۆججەتلىرى، تامغا، ئىمزانى ئىشلەتكەنلەر؛
(5) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتقا تۆھمەت چاپلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلار ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاۋار ماركىسى ۋاكالەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 3 –، 4 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىشنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قارار قىلسا ۋە ئېلان قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەم ئۇلارغا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەنبىھ بېرىدۇ.
69 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك – ئىنتىزامچان بولۇشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى شەرت.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
70 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
71 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە– كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قايتا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېجىرىپ، ئالاقىدارلاردىن پۇل – مال ئېلىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
72 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، كونكرېت ھەق ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.
73 – ماددا بۇ قانۇن 1983 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1963 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەردىن بۇ قانۇنغا زىت كېلىدىغانلىرى كۈچتىن قالىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى