تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خىروئىن خۇمىرىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن يوقىتىشتىكى ئىزدىنىش

خىروئىن خۇمىرىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن يوقىتىشتىكى ئىزدىنىش

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 2106 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرمەمەت ئابلىز تەييارلىدى

   خىروئىن خۇمىرى- خىروئىننى ھەر خىل شەكىلدە تەكرار ياكى ئۇدا ئىستېمال قىلغۇچىلاردا كېلىپ  چىقىدىغان خىروئىنغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كۆنۈپ قېلىش ھادىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىشنى تۇيۇقسىز توختاتقاندا بىمارلاردا بىئارام بولۇش، ئەسنەش، شۆلگەي ئېقىش، ياش ئېقىش، ئىشتىھا سىزلىنىش، قورسىقى ۋە پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، پۈتۈن بەدىنى يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىرلاشقاندا شۈك بولۇپ قالىدۇ ياكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

  خۇمارالىق ئالامەتلىرنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى خىروئىننى ئىستېمال قىلغان ۋاقتىنڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى ، قېتىم سانىنڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ .

  داۋالاشتا دورابىلەن داۋالاش، روھى داۋالاش ، غىزالاربىلەن داۋالاش ، مۇۋاپىق كۈتۈش قاتارلىق بىرلەشمە تەدبىرلەر قولىنىدۇ . دورابىلەن داۋالاشتا ، ماددىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈستىقۇددۇس ، گاۋزېبان، بىستى پايەنج، بادىرەنجى  بۇيا ، پىرسىياۋشان گۈل بىنەپشە ، قىزىل گۈل ، بادىيان يىلتىزى ، كاسىن يىلتىزى، بىخ سۇس، ئەپتىمۇن، شاھتەرىلەردىن 15 گىرام، چىلان، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، ھەر بىرىدىن 30 گىرام ئېلىپ بۇ دورىلارنى 2 كىلو ئەىرام ئىلمان قايناقسۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن شۇ سۇ بىلەن قاينىتىپ، 90 گىرام گۈلقەنىت قۇشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە بىر ئۆرلىتىپ، سۈزۈپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، 75-100 مىللىلىتېرغىچە كۈندە ئۈچ قېتىم، جەمىئىي 9 كۈندىن 27 كۈنگىچە ئىچكۈزۈلىدۇ. يۇقىرىقى مۇنزىچىنى بىرىش بىلەن بىللە، بىمارلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۋىتىپ، گۈل بىنەپشە، نىلوپەر، ئىت ئۈزۈمى ياپرىقى، كۆكنار شاكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 20 گىرام، ئۇسۇڭنىڭ ھۆل ياپرىقى، يۇمغاقسۇت ھۆل چۆپى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن40 گىرام ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى  قايناقسۇغا 12 سائەت چىلاپ، ئاندىن شۇ سۇدا قاينىتىپ، ئىلمان ھالاتكە كەلتۈرۈپ تەييارلانغان دورا سۈيى بىلەن بىمارنىڭ بېشى كۈندە 5-6 قېتىم يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىز تۇغۇپ بالا ئېمتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتىگە قاپاق ئۇرۇقى مېغىزىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، بىمارنىڭ بېشىغا چاپسىمۇ  بولىدۇ.

سېرىق چىچەك ئۇرۇقى 60 گىرام، ئىكلىلمىلىك ياپرىقى 30 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بابونەلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 25 گىرام، ئەپتىمۇن، نىلوفەرلەرنىڭ ھەربىرىدىن 15 گىرام ئېلىپ، ئىلمان قايناقسۇغا 12 سائەت چىلاپ، بىر ئۆرلىتىپ، پاشويە (پۇت چىلاش سۇيۇقلۇقى) ھازىرلىنىپ، ھەر كۈنى يېرىم سائەت پۇتنى چىلاپ ئولتۇرۇش تاپلىنىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەبىبى شىپا بىرىنىچى كۈنى 11 دانىدىن ئۈچ قېتىم، ئىككىنىچى كۈنىدىن باشلاپ، ھە قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئاشۇرۇپ، تاكى 31 دانىغا يەتكۈچە كۆپەيتىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئازايتىپ، 11 دانىغا چۈشۈرۈلىدۇ. ھەمدە بەش كۈن توختۇتۇپ، يەنە قايتىدىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ماددا پىشقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاق تۇربۇت، بادام يېغى، ھەر بىرىدىن 7 گىرام، بادرەنجى بۇيا، گاۋزىبان ھىندى، ئامىلە، ئۈستىقۇددۇس ھىندى، پىستى پايەنىج، بىخ سۇس مۇقەششەر، تۇخۇمى كۇشۇش، تۇخۇمى شاھتەررە قاتارلىقلارنىڭ ھەبىرىدىن 10 گىرام، بىنەپشە، نىلوفەر، تۇخۇمى كاسىنەلەرنىڭ ھەربىرىدىن 14 گىرام، سانايى مەككى، سېرىق ھىلىلە، قارا ھىلىلە، قىزىل گۈل، ئەپتىمۇنلارنىڭ ھەربىرىدىن 21 گىرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 30 گىرام، خىيارى شەنبەر، تەرەنىجىبىنلەردىن 60 گىرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 گىرام ئىچىشكە بېرىلىپ، قان تەركىبىدىكى ئۆزگەرگەن سەۋدا ماددىسى سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتتىرپىلى ئەپتىمۇن، خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرىگاۋزىبان، مۇپەررىھى دىل كۇشاد، مەئجۇنى نۇجاھ، شەربىتى ئۈستىقۇددۇس، شەربىتى سەپەر جىل، قىزىلگۈل ئىچىملىكى، سۇمبۇل ئىچىملىكى، ئەرق سەندەل قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ۋە ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلىغۇچى مۇرەككەپ  دورىلارېدىن تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. خۇمىرى تۇتقان مەزگىلدە مەئجۇنى بەرشىشا 10 گىرام ياكى تابلىتىدىن 5-7 تالغىچە بىراقلا يىگۈزۈپ خۇمارىنى پەسەيتىش كېرەك.

ئوزۇقلۇقىغا، ئېمىۋاتقان ئوغلاقنىڭ كاللا  - پاقالچاق گۆشى، چۈجە گۆشى، قورۇمىغان تاماق، مېۋە-چىۋىلەر، پالەك ۋە قاپاق توغرالغان چۆپ، سۈت قاتارلىق ھۆل تەبىئەتلىك تائاملارنى بېرىش كېرەك.

   كۈتۈشتە، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئازابىدىن چۇقۇم قۇتۇلۇپ كېتىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، غىزالىنىشنى چوقۇم دوختۇرلارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن ئۇرۇنلاشتۇرۇش، بىمارنى يالغۇز قالدۇرماسلىق، ھەرخىل چارىلەر ئارقىلىق بىمارنىڭ دىقىتىنى بۆلۈش، يىنىك جىسمانىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئويۇشتۇرۇش، خېروئىننى قايتا چېكىش ياكى ئۆتكۈر سىزىم يۇقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىۋېلىشىغا قەتئىي پۈرسەت بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ،بىرىنچى قېتمدىلا تولۇق ساقىيالمىسا، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئەھۋالغا قاراپ، قايتا داۋالاش كېرەك.

بايانات

ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانغا ئوخشاش ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقان . يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قورساق تويغۇزۇش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش تەرىپىگىلا ئەمەس ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سالامەتلىككە ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەكلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى ، دورىلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى ، تەمىنىڭ لەززەتلىكلىكى ، پۇرىقىنىڭ خۇش بۇيلۇقى بىلەن ئالەمدە داڭق چىقارغان . يېمەك-ئىچمەك ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ، يېمەك -ئىچمەك ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قالاق ، ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ماددىي بايلىق ۋە تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، مول خام ئەشيالارنى قىممىتى يۇقىرى پىششىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ، ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭدا يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ناھايىتى مول ، بۇ موللۇقنى " توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تېپىلىدۇ "دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ ، ئەمما خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ، ھەر خىل " سول " سىياسەتلەرنىڭ كاشىلىسى ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بەزى چەكلىمىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ، بىز يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى مول خام ئەشيا بايلىقىنى تولۇق ئاچالمىدۇق . ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنالمىدۇق . ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساسلىنىدىغان پىششىق ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرالمىدۇق . ھەددى -ھېسابسىز ئاشلىق ، گۆش ، مېۋە -چىۋە ، قوغۇن -تاۋۇز...لار بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتتى . ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ئەمدىلىكتە بىزگە بۇ بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . يېمەك -ئىچمەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ، كېرەكلىك بايلىق مەنبەلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش زۆرۈر . يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە مەشغۇلات تېخنولوگىيەسنى ئومۇملاشتۇرۇش ، كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ۋە خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش لازىم . شۇ ئارقىلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى پارلاق ئەنئەنىمىزنى زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سۈپىتى ئەلا ، بازىرى ئىتتىك ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدىغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە بازارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز كېرەك . شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ، خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ( ISO 9001 ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇرى : 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى