خىروئىن خۇمىرىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن يوقىتىشتىكى ئىزدىنىش
يانفوندا كۆرۈش
نۇرمەمەت ئابلىز تەييارلىدى
خىروئىن خۇمىرى- خىروئىننى ھەر خىل شەكىلدە تەكرار ياكى ئۇدا ئىستېمال قىلغۇچىلاردا كېلىپ چىقىدىغان خىروئىنغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كۆنۈپ قېلىش ھادىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىشنى تۇيۇقسىز توختاتقاندا بىمارلاردا بىئارام بولۇش، ئەسنەش، شۆلگەي ئېقىش، ياش ئېقىش، ئىشتىھا سىزلىنىش، قورسىقى ۋە پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، پۈتۈن بەدىنى يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىرلاشقاندا شۈك بولۇپ قالىدۇ ياكى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
خۇمارالىق ئالامەتلىرنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى خىروئىننى ئىستېمال قىلغان ۋاقتىنڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى ، قېتىم سانىنڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ .
داۋالاشتا دورابىلەن داۋالاش، روھى داۋالاش ، غىزالاربىلەن داۋالاش ، مۇۋاپىق كۈتۈش قاتارلىق بىرلەشمە تەدبىرلەر قولىنىدۇ . دورابىلەن داۋالاشتا ، ماددىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈستىقۇددۇس ، گاۋزېبان، بىستى پايەنج، بادىرەنجى بۇيا ، پىرسىياۋشان گۈل بىنەپشە ، قىزىل گۈل ، بادىيان يىلتىزى ، كاسىن يىلتىزى، بىخ سۇس، ئەپتىمۇن، شاھتەرىلەردىن 15 گىرام، چىلان، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، ھەر بىرىدىن 30 گىرام ئېلىپ بۇ دورىلارنى 2 كىلو ئەىرام ئىلمان قايناقسۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن شۇ سۇ بىلەن قاينىتىپ، 90 گىرام گۈلقەنىت قۇشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە بىر ئۆرلىتىپ، سۈزۈپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، 75-100 مىللىلىتېرغىچە كۈندە ئۈچ قېتىم، جەمىئىي 9 كۈندىن 27 كۈنگىچە ئىچكۈزۈلىدۇ. يۇقىرىقى مۇنزىچىنى بىرىش بىلەن بىللە، بىمارلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۋىتىپ، گۈل بىنەپشە، نىلوپەر، ئىت ئۈزۈمى ياپرىقى، كۆكنار شاكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 20 گىرام، ئۇسۇڭنىڭ ھۆل ياپرىقى، يۇمغاقسۇت ھۆل چۆپى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن40 گىرام ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا 12 سائەت چىلاپ، ئاندىن شۇ سۇدا قاينىتىپ، ئىلمان ھالاتكە كەلتۈرۈپ تەييارلانغان دورا سۈيى بىلەن بىمارنىڭ بېشى كۈندە 5-6 قېتىم يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىز تۇغۇپ بالا ئېمتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتىگە قاپاق ئۇرۇقى مېغىزىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، بىمارنىڭ بېشىغا چاپسىمۇ بولىدۇ.
سېرىق چىچەك ئۇرۇقى 60 گىرام، ئىكلىلمىلىك ياپرىقى 30 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بابونەلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 25 گىرام، ئەپتىمۇن، نىلوفەرلەرنىڭ ھەربىرىدىن 15 گىرام ئېلىپ، ئىلمان قايناقسۇغا 12 سائەت چىلاپ، بىر ئۆرلىتىپ، پاشويە (پۇت چىلاش سۇيۇقلۇقى) ھازىرلىنىپ، ھەر كۈنى يېرىم سائەت پۇتنى چىلاپ ئولتۇرۇش تاپلىنىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەبىبى شىپا بىرىنىچى كۈنى 11 دانىدىن ئۈچ قېتىم، ئىككىنىچى كۈنىدىن باشلاپ، ھە قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئاشۇرۇپ، تاكى 31 دانىغا يەتكۈچە كۆپەيتىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئازايتىپ، 11 دانىغا چۈشۈرۈلىدۇ. ھەمدە بەش كۈن توختۇتۇپ، يەنە قايتىدىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ماددا پىشقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاق تۇربۇت، بادام يېغى، ھەر بىرىدىن 7 گىرام، بادرەنجى بۇيا، گاۋزىبان ھىندى، ئامىلە، ئۈستىقۇددۇس ھىندى، پىستى پايەنىج، بىخ سۇس مۇقەششەر، تۇخۇمى كۇشۇش، تۇخۇمى شاھتەررە قاتارلىقلارنىڭ ھەبىرىدىن 10 گىرام، بىنەپشە، نىلوفەر، تۇخۇمى كاسىنەلەرنىڭ ھەربىرىدىن 14 گىرام، سانايى مەككى، سېرىق ھىلىلە، قارا ھىلىلە، قىزىل گۈل، ئەپتىمۇنلارنىڭ ھەربىرىدىن 21 گىرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 30 گىرام، خىيارى شەنبەر، تەرەنىجىبىنلەردىن 60 گىرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 گىرام ئىچىشكە بېرىلىپ، قان تەركىبىدىكى ئۆزگەرگەن سەۋدا ماددىسى سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتتىرپىلى ئەپتىمۇن، خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرىگاۋزىبان، مۇپەررىھى دىل كۇشاد، مەئجۇنى نۇجاھ، شەربىتى ئۈستىقۇددۇس، شەربىتى سەپەر جىل، قىزىلگۈل ئىچىملىكى، سۇمبۇل ئىچىملىكى، ئەرق سەندەل قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ۋە ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلىغۇچى مۇرەككەپ دورىلارېدىن تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. خۇمىرى تۇتقان مەزگىلدە مەئجۇنى بەرشىشا 10 گىرام ياكى تابلىتىدىن 5-7 تالغىچە بىراقلا يىگۈزۈپ خۇمارىنى پەسەيتىش كېرەك.
ئوزۇقلۇقىغا، ئېمىۋاتقان ئوغلاقنىڭ كاللا - پاقالچاق گۆشى، چۈجە گۆشى، قورۇمىغان تاماق، مېۋە-چىۋىلەر، پالەك ۋە قاپاق توغرالغان چۆپ، سۈت قاتارلىق ھۆل تەبىئەتلىك تائاملارنى بېرىش كېرەك.
كۈتۈشتە، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئازابىدىن چۇقۇم قۇتۇلۇپ كېتىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، غىزالىنىشنى چوقۇم دوختۇرلارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن ئۇرۇنلاشتۇرۇش، بىمارنى يالغۇز قالدۇرماسلىق، ھەرخىل چارىلەر ئارقىلىق بىمارنىڭ دىقىتىنى بۆلۈش، يىنىك جىسمانىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئويۇشتۇرۇش، خېروئىننى قايتا چېكىش ياكى ئۆتكۈر سىزىم يۇقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىۋېلىشىغا قەتئىي پۈرسەت بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ،بىرىنچى قېتمدىلا تولۇق ساقىيالمىسا، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئەھۋالغا قاراپ، قايتا داۋالاش كېرەك.