خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-08-18
ئاۋاتلىقى: 2063 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە
خوتەن – قەدىمكى مەدەنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدىكى نۇرغۇن ئاۋات شەھەرلەر بىلەن تۇتاش بولغان. خۇددى تەمسىلدە ئېيتىلغاندەك «خوتەن ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىدىن ماڭار بولسا پىشامشانغا (پىچانغا) يەتكىلى بولاتتى» كېيىنكى ۋاقىتتا ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان قۇملىشىش ئاقىۋىتىدە تارىم بويىدا پەقەت خوتەن قاتارلىق بىر نەچچە شەھەر ۋە بوستانلىقلار قېپقالغان.
خوتەننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 247800 كۋادرات كىلومېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يىغىن مىقدارى 30 – 25 مىللىمېتىر، قىرۇسىز مەزگىلى 210 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئومۇمەن خوتەننىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق چوڭ ئىقلىمغا كىرىدۇ. تۇپرىقى سازلىق تۇپراق بولۇپ، ئورگانىك ماددىلار 10 – 3 پىرسەنتكە يېتىدۇ. يەر ئاستى سۈيى مول، بىراق يەر ئۈستى كىلىماتى قۇرغاق ۋە بورانلىق كېلىدۇ. ھاۋانىڭ تەركىبى نىسبەتەن قۇرۇق. قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كۈنلىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. مېۋە – چېۋە كۆپ چىقىدۇ. كىشىلىرى كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق (سەۋدا خىلىتلىق) كېلىدۇ. ئالاھىدە زور ئۇستىخانلىق ئادەملەر كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ھاۋاسى نىسبەتەن ئىللىق، يېمەك – ئىچمىكى تەبىئىيرەك بولغاچقا، شىمال ئۇيغۇرلىرىغا قارىغاندا 2 يىل ئەتراپىدا بالدۇر بالاغەتكە يېتىدۇ.
مىزاجى: ئەسلى زەرەپشان، خوتەن، قاراقاش، چىرا دەريالىرىنىڭ ئېقىن مىقدارى زور بولۇپ، بۈگۈنكى ئەندىر، تەۋەككۇل، مازارتاغ، تۇڭگۈزباسىت... قاتارلىق «ياقا يۇرت»لار خېلى بۇرۇنلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلار ئىدى. خوتەن يەنە ئوتلاق چارۋىچىلىقى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئورمانلار قويۇق بولغان دەۋرىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. يېقىنقى زاماندا ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، ئانا دەريا – تارىمنىڭ قۇرۇپ مېڭىشى نەتىجىسىدە خوتەن تۇپرىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، ھاۋا تەركىبىدىكى لىپتوننىڭ مىقدارى ئازىيىشقا باشلىدى. شۇڭا ھازىرقى خوتەن كىشىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋەمىزاجىنى ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا قۇرغاقراق دەپ ئېيتىمىز.
خىلىتى: مىزاج ئۆزگىرىشى مەلۇم سانغا يەتكەندە بەدەن سۈپەت ئۆزگىرىشى – خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئايلىنىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى، مىزاج – خۇلقى، بوي – تۇرقى، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا ھەمدە پېشقەدەم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد يۇسۇفىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئېيتقاندا، خوتەنلىكلەرنىڭ خىلىت تەركىبى مۇنداق: سەۋاد،بەلغەم، سەپرا، قان.
چىراي – شەكلى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاق پىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمىلاق باش، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچىكە، لېكىن ئېگىز، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل، دولقۇنسىمان، ساقال – بۇرتلىرى قويۇق، قوي كۆز، قاش – كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ.
مېڭىش – تۇرۇشى: كۆپىنچە بىر نەرسە ئويلىغاچ يەرگە قاراپ ماڭدىۇ.كۆرۈشكەندە قولىنى كۆكسىگە ئۆلچەملىك ئېلىپ، سىپايە ۋە رەسمىي كۆرۈشىدۇ، ئۇزىغاندا يەنە شۇ تەرىزىدە خوشلىشىدۇ، قاتناش ۋاسىتىلىرى كەلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، بىر ئاز ئاستا ماڭىدۇ.
كىيىنىشى: قەدىمكى پۈتۈكلەردە، تام رەسىملەردە، جەسەت ئۈلگىلىرىگە ۋە ھازىرقى ھايات ئىزلىرىغا ئاساسلىنىپ ئېيتقاندا، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى كەڭرەك ۋە ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرگەن. مىللىي كىيىملەردىن دوپپا ( چىمەن دوپپا)، تامبال، ياقىلىق كۆينەك، ياقىسىز چاپان قاتارلىقلارنى كۆپرەك كىيىدۇ. گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە،ئېسىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر.
يېمەك – ئىچمىكى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئىي يېمەك – ئىچمەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماقنىڭ تەمى: تەبىئىتى ۋە مەنپەئىتىنى مەقسەتلىك باھالاپ، ھەر كىم مىزاجىغا، ئەھۋالىغا قاراپ، رېئال قارىشى ئاساسىدا تەييارلايدۇ. مانا بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭيېمەك – ئىچمەككە بولغان تىپىك قارىشى، خوتەن تۇپرىقى قۇمساڭغۇ ۋە ئورگانىك ماددىلارغا باي تۇپراق بولۇپ، خوتەندە يېتىشتۈرۈلگەن زىرائەت ۋە مېۋە – چېۋىلەردە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىكرو ئېلېمېنت ۋە قەنت ماددىسى يۇقىرى، ھەزىم بولۇشى تېز، مەنپەئىتى زور بولىدۇ، يەرلىك كىشىلەر بولسۇن، باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشىلەر بولسۇن خوتەننىڭ يېمەك – ئىچمەك، مېۋە – چېۋىسىگە ئامراق بولمايدىغىنى يوق، شۇڭا «خوتەننىڭ تۈزى ئېغىر» دېگەن تەمسىل پەيدا بولغان. خوتەندە بۇغداي،كۈنجۈت، قوناق، چامغۇر، سەۋزە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەت ۋە كۆكتاتلار كۆپ يېتىشتۈرۈلىدۇ، كىشىلەر يېڭى تۈردىكى كۆكتاتلارنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، مېۋىلەردىن ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئۈجمە، ئەينۇلا، شاپتۇل، ئالما، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئۈجمە، ئەينۇلا، شاپتۇل، ئالما، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى. بولۇپمۇ «راك كېسەللىكىنىڭ شىپاسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈك قېقى ۋە «مېسىلەرنىڭ شاھى» ئاتالغان ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتى دۇنياغا مەشھۇر. قىزىلگۈل كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى مانا مۇشۇ زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئاساس قىلىپ ئوزۇقلۇق تەييارلايدۇ، ئاساسلىق يېمەك – ئىچمەكلەردىن غورا ئاش، لەغمەن،دۇڭلە، گۆشگىردە، سامسا، پولو، تاۋا كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، چامغۇر ئومىچى، زاغرا نان، ھەر خىل گۈلقەنت، مۇسەللەس... قاتارلىقلار بار. يېمەك – ئىچمەكتە يۇقىرىقىدەك تەبىئىي ئوزۇقلۇقلار ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھاۋا مۇھىتى نىسبەتەن ساپ بولغاچقا، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر نىسبەتەن كۆپ. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر رايونى» دەپ نام بېرىلگەن تۆت رايوننىڭ بىرى دەل خوتەندۇر.
ئالاھىدىلىكى ۋە قىممەت قارىشى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى كىشىگە يېقىنلىق ۋە تىنچلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، سەمىمىي ۋە يۇۋاش كېلىدۇ. ئۆزى قايىل بولغان ۋە ياقتۇرغان كىشىگە سادىق بولىدۇ. سىر ساقلايدۇ،لېكىن تونۇشقان كىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ئۆز ئىشىغا پۇختا كېلىدۇ، رومانتىك بولغاچقا، خوتەندە ئەزەلدىن مۇھەببەت داستانلىرى، دىنىي رىۋايەتلەر، تەسىرلىك ۋەقەلەر كەڭ تارقالغان،كىشىلىرى سىرلىق ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە ئەقىدە قىلىدۇ، ئۆز ئىچىدە ئىتتىپاق، مۇلاىزم، كەمتەر ۋەتىرىشچان كېلىدۇ. ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئوقۇش – ئۆگىنىشكە،چىدام بىلەن ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن پەن – تېخنىكا ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتالايدۇ. ئاددىي – ساددا ياشايدۇ، تېبابەت ئىلمىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەقنى ئېنىق ئايرىيدۇ، ئىلىم – بېرىم ئىشلىرىدا قېرىنداشلىق ۋە دوست – بۇرادەرلىكنى ئەۋزەل بىلگەچكە، ئارىنى ئوچۇق قېلىۋېتىشنى تەكىتلەيدۇ. قەرزدار بولۇپ قالسا ياكى قەرز قايتۇرۇپ ئالالمىسا، زادى توختىمايدۇ. ئەمما، خوتەندە خاتا چۈشنىلىدىغان ۋە گۇمانغا ئاساسلىنىپ ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئىشلار كۆپرەك بولىدۇ.
كۈندىلىك پائالىيىتى: دېھقانچلىق ئاساسىي ۋاقىتنى ئىگىلەيدۇ. تېجارەت، خىزمەتتىن باشقا پەنني ھۈنەر ياكى دىنىي بىلىم ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمۇ گەۋدىلىك.
سالامەتلىك ئەھۋالى: تەبىئىي يېمەكلىكلەرگە يېقىن تۇرغانلىقى ئۈچۈن، خوتەندە تېز قوزغىلىپ ئاسان ساقىيىدىغان كېسەللىكلەر نىسبەتەن ئازراق كۆرۈلىدۇ. لېكىن، سەۋدا بەلغىمىنىڭ كۆيۈشىدىن بولغان ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆسمە، ئاياللار كېسەللىكىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ، نېرۋا، ئۆپكە ۋە ئىممۇنىتېتقا دائىر كېسەللىكلەر ۋە سۇنىڭ نىسبەتەن ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باشقا كېسەللىكلەر خوتەن خەلقىنىڭ جارى بولۇشىغا تېگىشلىك قابىلىيىتىنى توسۇپ تۇرىدىغان ئاساسلىق توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى«ر» ھەرپىنى ئېغىر تەلەپپۇز قىلىدۇ، بەزىدە بۇنى «ي» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ، «ي» ۋە «غ»ھەرپىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن ئەدەسسىز ( ئەدەسسىز – سان – ساناقسىز )، ھۆددەس ( پەقەتلا)، مالتىلماق ( ئاختۇرماق)، بايلى ( بارايلى)، نىمىش قىلدىڭلار (ئەھۋالىڭىز قانداق)،ھا ياقاي، بىرىغلىغ، ئېتىلگلىگ، گۇمان قىلدىم (ئويلىدىم)... قاتارلىقلار. ئومۇمەن خوتەن ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆزلەيدۇ. ۋەقە ياكى مەسىلىنى بايان قىلغاندا ھەر جۈملىدە 1 – 2 ئوخشىتىش سۆزى ئىشلىتىلىدۇ، سۆزلىگەندە قولنى شىلتىپ ياكى قول ھەرىكتى بىلەن سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ. سۆزنى تېزراق ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىدۇ، مەقسىتىنى بىر قېتىمدىلا ئېنىق ئىپادىلىمەيدۇ.