ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش تەس ئەمەس
ۋاقتى: 2016-08-01
ئاۋاتلىقى: 1412 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېلاۋە : بۇ ماقالە مۇئەللىپ2007- يىللىرى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە شىئەن يېڭى شەرق مەكتىپىدە تەربىيەلىنۋاتقان مەزگىلدە شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىدىكى مىللى ئوقۇغۇچلارنى يېتەكلەش جەريانىدا مىللى ئوقۇغۇچلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى .بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىملاسىنى تۈزتىپ ئەسلدىكى تەرجمىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەيلا سۇنۇلدى.
بۇ ماقالە يېڭى شەرق مائارىپ گورۇھىنىڭ لىدىرى يۈمىنخوڭ ئەپەندىنىڭ ‹‹ ھايات خۇددى سۈپسۈزۈك سۇغا ئوخشايدۇ ›› دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمان : شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئۇنىۋېرسىتىتى ھايۋانات ئىلمى ئىنىستىتوتى جانلىقلار ئىرسىيتى ۋە كۆپەيتىش كەسپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
(2006-2008- يىللىرى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە تەربىيەلەنگەن ) نۇرمەمەت ئابلىز
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش تەس ئەمەس
ھەر قانداق بىر تىل ئاڭلاش-سۆزلەش سىستېمىسى ۋە ئوقۇش يېزىش سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سىستېمىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئاڭلاش سۆزلەش سىستېمىسىدىن قارغاندا، بۇ خىل تىلدىكى تىللارنىڭ ئاسان قىيىنلىق دەرىجىسى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت تەلەپپۇز ۋە ئىنتوناتسىيىسى ئوخشاش بولمىغان بىر يۈرۈش ئاۋازدىن ئىبارەت. بۇ ئاۋازلارنىڭ نېمە مەنە بىلدۈردىغانلىقىتىن چۈشەنگەن چېغىڭىزدا، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا؛ سۆزلىيەلىگەن چېغىڭىزدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىسىز. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئاڭلاش سۆزلەش قابىلىيىتى تۇغما بولمايدۇ. مەلۇم بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئادەمنىڭ شۇخىل تىل مۇھىتىغا نىسبەتەن ئىنكاسى ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ.
گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، سىچۈەن دىئالېكتى(تەلەپپۇزى) ئوخشاشلا خەنزۇ تىلىغا تەۋە بولسىمۇ لېكىن ئاڭلاش سۆزلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇز سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدائورتاقلىق ئىنتايىن ئاز، شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگودىكى مەلۇم بىر رايوننىڭ تەلەپپۇزىنى چۈشىنىش ھەر قانداق بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشتىن ئاسان ئەمەس. جۇڭگولۇقلارنى ھەممىسى دېگۈدەك پۇتۇڭلارنى(قېلىپلاشقان تەلەپپۇزنى) چۈشىنەلەيدۇ، ناۋادا ئەينى چاغدا ئورۇنلاشتۇرغىنى بېيجىڭ تەلەپپۇزى بولماي شاڭخەي تەلەپپۇزى بولغان بولسا، بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنى ھەممىسى شاڭخەي تەلەپپۇزىنى قوللانغان بولاتتى. جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ پۇتۇڭلارنى سۆزلىيەلمەسلىكى ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ داۋاملىق سۆزلەپ كۆنمىگەنلىكىدە.
ئوقۇش يېزىش سىستېمىسىدىن قارىغاندا، تىل يېزىق سىستېمىسى ئاسان قىيىن دەپ ئايرىلىدۇ. دۇنيادىكى كۆپ قىسىم يېزىقلارچوڭ جەھەتتىن ئېلىپبەلىك يېزىق ۋە تەسۋىرى يېزىق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئېلىپبەلىك يېزىقتا پەقەت سۆزلەشنى بىلسىلا، ئوقۇش يېزىش ئاسان ھەم ئوڭاي ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئاساسى جەھەتتىن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، ئاڭلاش سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ۋاقتىڭىزدا، ئوقۇشنىمۇ بىلەلەيسىز، يېزىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.
مەسىلەن (بۇ بىر مۈشۈك) بۇ جۈملىنى ئاڭلىيالىغان، سۆزلىيەلىگەن ۋاقتىڭىزدائوقۇيالايسىز. ھەرپلەرنى قۇراشتۇرۇش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىۋالسىڭىز يېزىپ كېتەلەيسىز.قىزىم كىچىكىدە چەتئەلدە ئىككى يىل تۇرغان بولۇپ بالىلار باغچىسىدىلا ئىنگلىزتىلى تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى، لېكىن يېزىشنى ئۇقمايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ رەسىملىك ھېكايە كىتابىنى كۆرۈۋاتقىنى كۆرۈپ، ئوقۇيالامسەن دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە(alligator) دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تىمساھ دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆز شەكلىگەقاراپ تۇرۇپ قانداق تەلەپپۇز قىلغانلىقىنى ھەم مەنىسىنىمۇ چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئەمما تەسۋىرى يېزىقتا يېزىقنىڭ شەكلى بىلەن تەلەپپۇزى پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىزبولغاچقا ئۇنى ئوقۇش يېزىشنى ئۆگىنىش ئىنتايىن تەس. خەنزۇ تىلى دەل مۇشۇئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا ئوقۇش يېزىشنى ئۆگەنمىگەن ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىتونۇيالمايلا قالماستىن ھەتتا مەنىسىنىمۇ چۈشىنەلمەيدۇ.
مەسىلەن(黔) دېگەن خەتنى مىسالغا ئالساق، بۇ خەت (hei) مۇ ئەمەس (jin) مۇ ئەمەس بەلكى(qian) دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ خەتنىڭ ئوقۇلۇشى يېزىلىشى مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلۈك يادلاشتىن باشقا چارە يوق. بالىلىق چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچىمىزبىر خەتنى 100 قېتىمدىن يازدۇراتتى، چۈنكى شۇنداق يازمىساق ئېسىمىزدە ساقلاش مۇمكىن ئەمەستى، لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا100 قېتىم يېزىپمۇ ئېسىمىزدە ساقلىيالمايتتۇق.
ئىنگلىز تىلى بىلەن خەنزۇتىلنىڭ قايسىنى ئۆگىنىش ئەڭ قىيىن دېگەن مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا نۇرغۇن كىشىلەرخەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تەس دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇشتىن سىرت جۈملە قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇش، قانۇنىيەتكە ئېنىق رىئايە قىلىش ئالدىدىكىگەئىگە. ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى تەرەققىي قىلغىنىغا 100 يىل بولمىغان يىڭى تىل بولۇپ جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان،ئادەمنى چۈشىنىش ئاسان، ئىپادىلەش قىيىن بولغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىش خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە قارىغاندا ئاسان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىپ تولۇق ئوتتۇردىن يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە بولالايدىكەنمىز يۇ، ئىنگلىزتىلىنى ئون يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل ئۆگىنىپمۇ يەنىلا تولۇقسىز سەۋىيىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيمىز.
ھەر قانداق بىر تىلىنى ئۆگىنىش ئاڭلاش ـ سۆزلەش ـ ئوقۇش ـ يېزىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. بالىلار ئىككى ياش مەزگىلىدەئاڭلاش ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان مەزگىلدە بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلەش باسقۇچىدا بولىدۇ. بەش ياشتىن كېيىن ئوقۇش ـ يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلىم دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئاڭلاش سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ماڭىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشۇپ، مەكتەپكە كىرىپ يېزىق شەكلىنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق بىر كىشى كۈندىلىك تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان سەۋىيىگە يىتىدۇ، مەكتەپتە پەقەت ئۇنى ئوقۇش يېزىشنى ئۆگىنىدۇ.خەنزۇ تىلىنى ئوقۇش يېزىشنى ئىگىلەش جەريانى نىسبەتەن جاپالىق بولسىمۇ لېكىن بىز مەكتەپكەكىرگەندىن باشلاپ تاكى 12 يىل يېزىق تەربىيىسىدىن ئايرىلمىغاچقا، ھەر كۈنى ئۇچىرىشىدىغىنىمىزخەنزۇ تىل ـ يېزىق مەدەنىيىتى بولغاچقا، بۇ مۇھىتنىڭ تەسىر تۈپەيلى بىز خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىراق خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ئاڭلاش سۆزلەش ئاساسى بىزنىڭكىدەك مۇستەھكەم بولمىغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بۇلىمىغان خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئىگىلەش ئۇلاردەك تىل سېزىمى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ تەس. بىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىمىزدەل ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە ئوخشاش. جۇڭگودىكى كۆپ سانلىق ئىنگلىزتىلى تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاڭلاش ـ سۆزلەش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا ئوقۇتۇشتا ئالدى بىلەن خام سۆز، جۈملە، گرامماتىكىدىن باشلاپ ئۆگىتىشكە ئادەتلەنگەن، ئاڭلاش سۆزلەش ئاساسى بولمىغانلىقتىن جانلىق ئىگىلىگىلى بولىدىغان ئىنگلىز تىلى ئۆلۈك يادلىمسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. نەتىجىدە تىل ئۆگىنىشتىكى مۇھىم بىر ئىقتىدار تىل سېزىمىنى يېتىلدۈرۈش بىزدە يېتەرسىز بولۇپ نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى ۋە گرامماتىكىنى ئۆلۈك يادلاپ ئىگىلىگەن بولساقمۇ ئۇ خۇددى چىقىلغان كوزىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولۇپ قالغان.
جۇڭگولۇقلار،بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن، مۇكەممەل بولغان بىر تىل مۇھىتىنى يارىتىپ، خۇددى كىچىك بالىنى تەربىيىلىگەندەك ئىككى يىل ئاڭلاشنى ئاندىن سۆزلەشنى مەشىق قىلدۇرۇپ،ئاخىرىدا ئوقۇش يېزىشنى ئۆگىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ياشلار ئۈچۈن ئۇنداق ۋاقىت يوق، بىراق قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشتە ئۆز ئالدىغا ئەۋزەللىكى بار بولۇپ ئۇلار ئۆز ئالدىغا تىل مۇھىتى يارىتالايدۇ. شۇنداقلا تىل ۋە مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشى بالىلارغا قارىغاندا تىز ھەم چوڭقۇر بولۇپ تىلنى ئۆگىنىش بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاڭلاش سۆزلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش شەرتى ئاساسىدا ئۇنۋىرىسال ئىشلىتىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
ئۇنۋىرىسال ئىشلىتىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى دېگىنىمىز باشلىنىشىدىلا ئاڭلاش سۆزلەش ئوقۇش يېزىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگەنمەكچى بولغان ماتېرىياللارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىك ئاڭلاش ماتېرىيالى بولۇشى، ھەر بىر تېكىست ۋەئابزاسنى قايتا قايتا ئاڭلاپ، ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەننى كىتابنى ئىچىپ ئوقۇش، جۈملە قۇرۇلمىسىنى ۋە سۆزلۈكلەرنى پۈتۈنلەي چۈشەنگەنگە قەدەر ئاڭلاش كېرەك؛ ئاندىن كىتابنى يېپىپ قويۇپ داۋاملىق ئاڭلاش؛ ئاندىن كېيىن ئەگىشىپ ئوقۇش، چوقۇم ئەسلىدىكىگە ئوخشاش بولغانغاقەدەر دوراپ ئوقۇش كېرەك؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئاڭلىغان مەزمۇننى ئۆزىنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ قايتا تەكرار ئىپادىلەش كېرەك. ئەگەر مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە 20 پارچە تېكىست ۋە ئابزاسنى تاماملىيالىغاندا ئاڭلاش سۆزلەش ئوقۇش سەۋىيىڭىزنىڭ بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى،تىل سىزىمىڭىزنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئەلۋەتتە مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ يېزىقچىلىق سەۋىيىڭىزمۇ تەبىئىيلا يېتىلىدۇ.
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا،ئۆگەنگۈچىدە ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغىنى ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى بولۇپ، بەزى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئېغىز تىلى ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارىدىكى ئاچقۇچلۇق بىرتەرەپ بولۇپ، تەلەپپۇز ۋە ئىنتوناتسىيە ياخشى بولسىلا ئېغىز تىلىمۇ راۋانلىشىدۇ، ئۆزىگەبولغان ئىشەنچمۇ تەدرىجىي شەكىللىنىپ ئادەم ئۆزىنى سالاپەتلىك ھېس قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا مەيلى ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىڭ ياكى ئېغىز تىلى بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەت ئىزدەڭ ۋە ياكى بولمىسا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ۋىزا بېجىرگىلى بېرىڭ. چىرايلىق ۋە راۋان سۆزلىگەن ئىنگلىز تىلىڭىز ئوبرازىڭىزنى ئۆستۈرمەي قالمايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ دوراش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، شۇڭا توغرا تەلەپپۇزقىلىشنى ئۆگىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.مېنىڭچە بۇ بىر باھانە ـ سەۋەب، سىز ئانا تىلىڭىزدا سۆزلىيەلەمسىز يوق؟ پۇتۇڭخۇاداسۆزلىيەلەمسىز يوق؟ پۇتۇڭخۇدا سۆزلىيەلمىسىڭىز ئۆزىنىڭ يەرلىك تىلىڭىزدا سۆزلىيەلەمسىزيوق؟ پەقەت مەلۇم بىر تەلەپپۇزدا سۆزلىيەلىسىڭىزلا چوقۇم ئۆگىنەلمەسلىكتىكى ھالقىلىق مەسىلە، پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر. چۈنكى پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلاسىزنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ـ ئۆگىنەلمەسلىكىزنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى كىچىك باللارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان پوزىتسىيىسى بىزگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام بېرەلەيدۇ.
ئوغلۇم ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىغان بولۇپ بىرەر خەتنىمۇ توغرا، ئېنىق تەلەپپۇز قىلالمايتتى. ئىككىمىز بىر قېتىم سىرتتا ئويناۋاتقان چېغىمىزدا ئۇ (鬼) دېگەن سۆزنى تەكرارلاۋەردى. مەن نەدىمۇ ئالۋاستى بولسۇن دەپ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدىم، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىپ كەتكەندە ئاندىن ئۇنىڭ (鬼) دېگىنىنىڭ ئەسلىدە (水)ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەسلىدە ئۇ (Sh) بىلەن (h) تاۋۇشىنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن. شۇڭائۇ (水) نى (鬼) دەپ،(喝水) نى(革鬼) دېگەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى قايتا قايتاتوغرىلىدىم، بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا (革鬼)بويىچە تەلەپپۇز قىلىپ كېتىۋەردى، بىراق بۇنىڭدىن مەن قەتئىي ئەنسىرەپ كەتمىدىم. چۈنكى كىچىك بالا بىرىنجىدىن خىجىل بولۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا قايتا-قايتادوراپ، ئاخىرىدا چوقۇم (喝水) دېگەن سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلغانغا قەدەردورايدۇ. ئىككىنچىدىن ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى زېرىكمەي-تېرىكمەيتوغرا تەلەپپۇز قىلغانغا قەدەر توغرىلايمىز. بۇ جەرياندا ھەرگىزمۇ ئۇنى دۆت دەپ قارىمايمىز. مۇشۇ ئىككى سەپ تۈپەيلى ئۇنىڭ تىلنى ياخشى ئۆگىنەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئوغلۇم(喝水) دېگەننى توغرا تەلەپپۇز قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئۇ يەنە (Sh) ۋە(h) بىلەن باشلانغان ھەر قانداق بىر تاۋۇشنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىدىغان بولدى. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر قانداق بىر تىلنى بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنگەندە، بىرىنچىدىن،خىجىل بولۇشتىن قورقماي كۆپ قېتىم دورىساق ئىككىنچىدىن، تەلەپپۇزىڭىزنى زېرىكمەي-تېرىكمەي توغرىلايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بولغاندىلا تىلنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى نەرسىگە ئېرىشىشمۇ ئىنتايىن ئاسان. ئالدىنقىسى ئۆزىمىزگەباغلىق، ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئەڭ يۇقىرى ئاۋازىمىز بىلەن دوراپ سۆزلىشىمىز كېرەك.ناۋادا ئادەم يوق يەردە سۆزلەپ ياخشى سۆزلىيەلمەي قالساقمۇ بىزنى مەسخىرەقىلىدىغان ئادەم يوق. كېيىنكىسىگە ئېرىشىش تېخىمۇ ئاسان بولۇپ (Mp3)ياكى ئاۋاز قايتىلىغۇچ(复读机) بولسىلا كۇپايە. چۈنكى بۇ نەرسىلەر بىلەن قانچەقېتىم تەكرار ئوقۇسىڭىزمۇ سىزدىن زارلانمايدۇ بۇ ئىككى تەرەپ ھازىرلىنىپ ئىنگلىزتىلىنى يەنە ياخشى ئۆگىنەلمىسىڭىز ئۇ چاغدا ئۆزىڭىزدىن ئاغرىنسىڭىز بولىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،ئۇسۇل ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا دىققەت قىلساقلا رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدىغان خىيال يوق. توغرا ئۇسۇلنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ ئۆزى ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكەباشلايدۇ.